كۇئالالۇمپۇر

كۇئالالۇمپۇر

كۇئالالۇمپۇر مالايسىيانىڭ  پايتەختى،  ئەڭ چوڭ سانائەت مەركىزى .

نامى كۇئالالۇمپۇر
دۆلىتى مالايسىيا
تەۋە رايون مالايسىيا
باشقا نامى دۇنيا موزىيى
خەنزۇچە نامى 吉隆坡
مەمۇرىي رايون شەكلى پايتەخت
كىلىماتى تروپىك بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمان كىلىماتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كۇئالالۇمپۇركۇئالالۇمپۇر مالايسىيانىڭ  پايتەختى،  ئەڭ چوڭ سانائەت مەركىزى ، شەھەرنىڭ يەر مەيدانى 243 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى بىر مىليوندىن ئاشىدۇ(1980) . ئۇلارنىڭ 2/3 قىسمىنى جۇڭگو قان سىستېمىسىدىكى مالايشىيالىقلار، جۇڭگو مۇھاجىرلىرى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ شەھەر مالايشيانىڭ غەربىدىكى كىلاڭ ۋە گامباك دەريالىرىنىڭ قوشۇلغان يېرىگە جايلاشقان. ئەتراپىنى ئېگىز-پەس تاغلىقلار قورشاپ تۇرغان بولۇپ، مەنزىرىسى ناھايىتى گۈزەل. بۇ جاي ئەسلىدە ئىسسىق بەلباغ قەدىمىي ئورمانلىقلىرى بىلەن قاپلانغان ئورمانلىق بولۇپ، ئورمانلىقلاردا ياۋايى ھايۋانلار، ئىسسىق بەلباغ ھاشاراتلىرى بەك كۆپ بولغان، 1857-يىلى جۇڭگولۇق 87 نەپە ئىشچى بۇ جايدا قەلەي رۇدىسىنى ئۇچرىتىپ، ئۇنى پالما يوپۇرمىقى بىلەن ياسالغان ئۆي ئىچىگە يوشۇرۇپ ساقلىغان. كېيىنكى ۋاقىتلاردا قەلەي رۇدىسىنىڭ كۆپلەپ قېزىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ جاينىڭ قۇرۇلۇشى تېز كېڭىيىشكە باشلىغان. شۇنىڭدىن تارتىپ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ، ھازىرقى زامانىۋى شەھەرلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. 

كۇئالالۇمپۇركۇئالا لۇمپۇر شەھىرىدە كاچۇك سانائىتى، ياغاچ مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش سانائىتى، ماشىنىسازلىق، پولات پروكاتلاش، ئاپتوموبىل، سېمونت، خىمىيە قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار، كۇئالالۇمپۇر شەھىرىدە كاۋچۇك سانائىتى، ماشىنىسازلىق، پولات پروكاتلاش، ئاپتوموبىل، سېمونت، خىمىيە قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. 

كۇئالالۇمپۇر شەھىرىنىڭ قاتناش-ترانسپورتى تەرەققىي قىلغان، ئۇ تۆمۈر يول، تاشيوللار ئارقىلىق دۆلەتتىكى ھەرقايسى چوڭ شەھەرلەر بىلەن باغلىنىپ تۇرىدۇ. شەھەرنىڭ يېنىدىكى خەلقئارا ئايرودرومى ئارقىلىق شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بېرىش-كېلىش قىلىدۇ. شەھەرنىڭ قۇرۇلۇشى رەتلىك، ئۇ جايدا 400 مىڭدىن ئارتۇق ھەرخىل ماشىنا قاتنايدۇ.

 شەھەرگە ھەر يىلى چەت ئەللەردىن كېلىپ ساياھەت قىلىدىغان كىشىلەرمۇ بىر مىليون 280 مىڭدىن ئاشىدۇ. شەھەردە مالايشىيا داشۆسى قاتارلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، دۆلەتلىك پارلامېنت بىناسى، چوڭ ماگزىنلار، مېھمانخانىلار، چوڭ بانكىلار، ھەرخىل ساياھەت ئورۇنلىرى بار.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#