ئېغىرلىق ئۆلچىگۈچ

كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئېغىرلىق ئۆلچىگۈچلەر
ئېغىرلىق ئۆلچىگۈچ بولسا جىسىملارغا تەسىر قىلغان ئېغىرلىق كۈچى قاتارلىق ئۆلچەش پىرىنسىپلىرىدىن پايدىلىنىپ، جىسىملارنىڭ ماسسىسىنى ياكى ماسسا فۇنكىسىيىسى بولغان باشقا ئۆلچەش قىممىتى، سانلىق قىممىتى،پارامېتىرلىرى ياكى ئالاھىدىلىكىنى بېكىتىدىغان بىر خىل ئۆلچەم ئەسۋابى، ئۇ يەنە ئېغىرلىق ئۆلچەش ئەسۋابى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ئېغىرلىق ئۆلچىگۈچ
ئىشلىتىلىشى سودا، پەن تەتقىقات، داۋالاش، قۇرۇلۇش....
خەنزۇچە نامى 衡器

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئېغىرلىق ئۆلچىگۈچئېغىرلىق ئۆلچىگۈچ بولسا جىسىملارغا تەسىر قىلغان ئېغىرلىق كۈچى قاتارلىق ئۆلچەش پىرىنسىپلىرىدىن پايدىلىنىپ، جىسىملارنىڭ ماسسىسىنى ياكى ماسسا فۇنكىسىيىسى بولغان باشقا ئۆلچەش قىممىتى، سانلىق قىممىتى،پارامېتىرلىرى ياكى ئالاھىدىلىكىنى بېكىتىدىغان بىر خىل ئۆلچەم ئەسۋابى، ئۇ يەنە ئېغىرلىق ئۆلچەش ئەسۋابى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئېغىرلىق ئۆلچىگۈچ سودا راسچوتى،بىخەتەرلىك مۇداپىئەلىنىش، مۇھىت تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ۋە سەھىيە داۋالاش قاتارلىق ساھەلەردە ئىشلىتىلگەندە، دۆلىتىمىزدە مەجبۇرىي تەكشۈرتىلىدىغان ئۆلچەم قورالى قاتارىغا كىرىدۇ.

تۈزۈلۈشى

ئادەتتە ئېغىرلىق ئۆلچىگۈچ تۆۋەندىكى ئۈچ قىسىمدىن تۈزۈلىدۇ دەپ قارىلىدۇ: 1. يۈك كۆتۈرگۈچ،مەسىلەن، تەخسىلىك جىڭنىڭ تەخسىسى، قوش پەللىلىك تارازىنىڭ تەخسىسى قاتارلىقلار ؛ 2.يۈك كەلتۈرۈپ چىقارغان كۈچلەرنى تەڭ مىقداردا ياكى مەلۇم نىسبەتتە تەڭپۇڭقۇرۇلمىغا يەتكۈزىدىغان يەتكۈزۈش قۇرۇلمىسى،مەسىلەن، جىڭنىڭ ئىچكى قىسىمىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان پىشاڭ، پۇرژىنا قاتارلىقلار؛ 3. تەڭپۇڭ قۇرۇلما، كۆرسىتىش قۇرۇلمىسى ياكى پرېنتېرلاش ئەسۋابىنىڭ ياردىمىدە يۈكنىڭ ئۆلچەش قىممىتىنى كۆرستىدىغان قۇرۇلما، مەسىلەن، ئېلىكتىرونلۇق جىڭنىڭ ئېكىرانى، ئۆزى ھەركەتلەنمەيدىغان جىڭنىڭ شىكالىلىق سىزغۇچى قاتارلىقلار.

قىممەتكە ئېرىشىش

ئۆلچەش ئەسۋابى ئۆلچەپ چىققان ئۆلچەش قىممىتگە تۆۋەندىكى بىر خىل ياكى بىر قانچە خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئېرىشىش مۇمكىن:

 1. يۈك بىلەن تەڭ مىقداردىكى ئۆلچەملىك گىر تېشى ياكى ئالدىن بېكىتىلگەن يۈك بىلەن ئۆلچەملىك گىر تېشىنىنىڭ قىممىتى نىسبەتلەشتۈرۈلگەندىن كېيىنكى قىممەت، مەسىلەن، قوش پەللىلىك تارازىنىڭ بىر پەللىسىگە ئۆلچىنىدىغان يۈك قويۇلسا يەنە بىر پەللىسىگە ئۆلچەملىك گىر تېشى قويۇلىدۇ، قوش پەللىلىك تارازاتەڭپۇڭلاشقان چاغدا ئۆلچەملىك گىر تېشى قويۇلغان پەللىدىكى ئۆلچەملىك گىر تېشىنىڭ قىممىتى يۈكنىڭ قىممىتىگە تەڭ بولىدۇ؛

 2.كۆرسىتىش قۇرۇلمىسى كۆرسەتكەن قىممەت، مەسىلەن، ئېلىكتۇرۇنلۇق جىڭنىڭ ئېكرانىداكۆرۈنگەن سانلىق قىممەت؛

 3. پرېنتىرلاش قۇرۇلمىسى چىقىرىپ بەرگەن تالون.

تۈرگە بۆلۈنىشى

ئېغىرلىق ئۆلچىگۈچ ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكى ياكى ئىقتىدارىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئادەتتە بىر قانچەتۈرلەرگە بۆلىنىدۇ. مەسىلەن: ئېنىقلىق دەرىجىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، تارازاۋە جىڭ (گىر) قاتارلىقلارغا بۆلىنىدۇ؛ ئېغىرلىق ئۆلچىگۈچ ئېغىرلىق ئۆلچەش جەريانىدا مەشخۇلاتچى كېرەك بولۇش بولماسلىقىغا ئاساسەن ئاپتوماتىك ئېغىرلىق ئۆلچىگۈچ ۋە ئاپتوماتسىز ئېغىرلىق ئۆلچىگۈچ قاتارلىقلارغا بۆلىنىدۇ؛ ئېغىرلىق ئۆلچىگۈچكە ئېغىرلىق ئۆلچەش سېنزورى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ياكى ئورۇنلاشتۇرۇلمىغانلىقىغا ئاساسەن مىخانىك ئېغىرلىق ئۆلچىگۈچ، ئېلىكتىرۇنلۇق ئېغىرلىق ئۆلچىگۈچ، يېرىم مىخانىك، يېرىم ئېلىكتىرۇنلۇق ئۆلچىگۈچ قاتارلىقلارغابۆلىنىدۇ؛ 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#