فۇلتون

پار پاراخۇتىنى كەشىپ قىلغۇچى فۇلتون 1765-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى  ئامېرىكىنىڭ بىر نامرات دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.

ئۇيغۇرچە ئىسمى فۇلتون
دۆلەت تەۋەلىكى ئامېرىكا
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1815-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 富尔顿
تۇغۇلغان ۋاقتى 1765-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى
كەسپى ئىنژىنىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

فۇلتونفۇلتون 1765-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ ئامېرىكىنىڭ بىر نامرات دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئائىلىسى نامرات بولغاچقا، مەكتەپتە بىر نەچچە يىل ئوقۇپلا ئۇنچە-مەرۋايىت دۇكىنىغا شاگىرتلىققا كىرگەن. ئۇ كىچىك ۋاقتىدا ناھايىتى شوخ بولۇپ، دائىم قولۋاققا ئولتۇرۇپ دەرياغا بېلىق تۇتقىلى بارىدىكەن، ئۇ بامبۇك بادرا بىلەن قولۋاقنى ھەيدەشنىڭ ناھايىتى كۈچ تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، كېيىن ئەپچىل بىر چارە تاپقان: قولۋاقنىڭ كەينىگە چۆگىلەيدىغان بىر چاق بېكىتىپ، ئۇنى قول بىلەن تولغاپ بەرسە قولۋاق ناھايىتى تېز ئالغا ئىلگىرلىگەن. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۆزىنىڭ ئىجادچانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئۇ رەسىم سىزىشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان بولغاچقا، 17 يېشىدا ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ، فلادېلفىيە شەھىرىگە مەخسۇس رەسساملىقنى ئۆگىنىشكە بارىدۇ. 22 يېشىدا ئەنگلىيىدىكى لوندونغا بېرىپ داۋاملىق ئۆگىنىدۇ.

فۇلتون 1815-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى 49 يېشىدا نيۇيوركتا ۋاپات بولغان.

ئۇ ئەنگلىيىدە ئوقۇۋاتقان ۋاقتى، ۋاتنىڭ 50 ياشقا كىرگەن ۋاقتىغا توغرا كېلىدۇ. ۋات ئۇنى تەكلىپ قىلىپ سۈرىتىنى سىزغۇزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىسى تونۇشىدۇ. ۋات دائىم ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ پار ماشىنىسىنى قانداق ياخشىلىغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىدۇ، بۇ فۇلتونغا ناھايىتى ئىلھام بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ قارارىنى ئۆزگەرتىپ رەسسام بولماي، ئىنژېنېر بولۇش قارارىغا كېلىدۇ.

شۇ چاغدا ئەنگلىيىدىكى مىنھام شەھىرىدە بىر قانال ياسىلىشقا باشلىغان ئىدى. ئۇ قۇرۇلۇش تېخنىكىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، قانال ياسىلىدىغان يەرگە بېرىپ قانال يولىنى تەتقىق قىلىدۇ، ئەمىلىي پائالىيەت داۋامىدا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە تالانتىنى زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرىدۇ. قانالدا پاراخوتلارنىڭ كۆتىرىلىشى ۋە پەسىيىشى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان بىمە تال يانتۇ تاختىنى كەشپ قىلىدۇ، شۇنداقلا ئاغامچا يۆگەش قورالىنى كەشپ قىلىدۇ.

ئىلگىرى، فۇلتون سېمنتون ياسىغان يونلون دۇنداس پاراخوتنى كۆرگەن، ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇن پار ئىشلىتىلگەن پاراخوت ئىدى، بۇ پاراخوت 70 توننىدىن مال قاچىلىغىلى بولىدىغان ئىككى كېمىنى سۆرەپ ماڭالايتتى. لېكىن بۇ پار پاراخوتى سىناق قىلىنغاندا، دەريانىڭ سۈيىنى قىرغاققا تاشتۇرىۋەتكەن، قانالنى باشقۇرغۇچىلار ئۇنى ئاجايىپ غەلىتە بىر نېمە ئىكەن دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭ قىرغاقنى بۇزۇۋېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنىڭ قاتنىشىنى قەتئىي مەنئى قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ «ئاجايىپ غەلىتە بىر نېمە» نى قىرغاققا تارتىپ چىقىرىپ، ئاپتاپتا قاغچىراپ تۇرىدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان، شۇنداق قىلىپ، ئۇلۇغ كەشپىيات ئۇجۇقتۇرۇلغان.

ئەمما فۇلتون پار پاراخوتىنى تىرىلدۈرۈشكە بەل باغلاپ، 1793-يىلدىن تارتىپ، قانداق قىلىپ پار ماشىنىسىنى پاراخوتقا ئورنىتىپ ئۇنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىشنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشىدۇ. كېيىن ئۇ پارىژغا بېرىپ ناپالىئوننىڭ قوللىشىغا ئىگە بولدى. 1803-يىل 8-ئايدا، بىر يېڭى پار پاراخوتىنى ئىجاد قىلىدۇ، بىراق فرانسىيەدىكى سىنا دەرياسىدا سىناق قىلغاندا، بەختكە قارشى مەغلۇپ بولىدۇ.

1806-يىلى فۇلتون نيۇيوركقا قايتىپ بېرىپ، ئۆزى لايىھىلىگەن چېرتيوژ بويىچە، ئىشچى قوبۇل قىلىپ شەرقىي دەريا ئەتراپىدا پاراخوت ياساش ئىشىغا كىرىشىدۇ. پاراخوتنى ياساش جەريانىدا، بىر مۇنچە كىشىلەر ئۇنىڭ پاراخوتىمۇ قىرغاققا تارتىپ چىقىرىلىش تەقدىرىدىن خالىي بولالمايدۇ، دەپ مەسخىرە قىلىدۇ، يەلكەنلىك كېمە ھەيدىگۈچىلەر ئۇنىڭغا كەينى-كەينىدىن قارشى چىقىدۇ، ھەتتا كېچىلىرى ئۇنىڭ پاراخوتىنى ئوغۇرلۇقچە بۇزۇۋېتىدۇ. بۇ چاغدا پاراخوت ياساشقا خىراجەت يەتمەي، ئەل-ئاغىينىلىرىدىن ئىنئام تەلەپ قىلىدۇ، بەزىلەر بۇنى پۇل بىلەن ئوينىشىش، ئەخمەقلىق بولارمىكىن دەپ ئويلايدۇ، شۇڭا پۇل بېرىشنى خالايدىغان بىر نەچچەيلەنمۇ باشقىلارنىڭ مەسخىرە قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ پۇل بەرگەنلىكىنى ئاشكارلاپ قويماسلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما بۇ ئوڭۇشسىزلىق ۋە قىيىنچىلىقلارنىڭ ھەممىسىنى فۇلتون قەيسەرلىك بىلەن يېڭىدۇ.

1807-يىل 8-ئاينىڭ 17-كۈنى فۇلتوننىڭ يېڭى پار پاراخوتى ئىنتايىن قىيىن شارائىتتا بارلىققا كېلىدۇ. ئۇنىڭغا «كىلېمىن» دەپ نام بېرىدۇ. پاراخوتنىڭ ئۇزۇنلۇغى 150 چى، كەڭلىكى 13 چى، سۇغا چۆكۈشى 20 چى بولۇپ، نيۇيوركتىكى ھادېسۇن دەرياسىدا سناپ كۆرۈش قارار قىلىنىدۇ، نيۇيوركتىن تارتىپ ئالبېرنى شەھىرىگىچە، جەمئىي 150 چاقىرىم ئارلىقتا بۇ قېتىمقى سىناق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ. پاراخوت سۇنىڭ ئېقىشى بويىچە ماڭغاندا 30 سائەتتە، سۇنىڭ ئېقىشىغا قارشى ماڭغاندا 32 سائەتتە يېتىپ بارالايدىغان بولۇپ چىقىدۇ. بۇ سىناقنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى فۇلتوننىڭ پەن-تېخنىكا جەھەتتىكى كەشپىياتىنىڭ غەلبىسى بولۇپ، ئىلىم-پەن يولى بەك ئەگرى-توقاي بولسىمۇ، لېكىن غەيرەتنى ئاشۇرۇپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشسىلا خەتەرلىك چوققىغا چوقۇم چىققىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.[1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#