ئىت ئېيىق
ئىت ئېيىق، ئېيىق نىڭ بىر خىلى. قارا ئېيىق دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سۈت ئەمگۈچى، بەدىنى يوغان، سۇ ئۈزۈشكە، دەرەخكە يامىشىشقا ماھىر.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
باش، گەۋدە قىسىمى 120-180 سانتىمېتىر، قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى : 6.5-10.6 سانتىمېتىر، بەدەن ئېغىرلىقى: ئەركىكى 110-150 كىلوگرام، چىشى 65-90 كىلوگىرامغىچە.
قارا ئېيىقنىڭ بېشى كەڭ ھەم يۇمىلاق، قۇلىقى يۇمىلاق ھەم چوڭ، شەكلى خۇددى چاشقانغا ئوخشايدۇ. ئۇلارنىڭ كۆزى بىر قەدەر كىچىك، لېكىن رەڭ كۆرۈش سېزىمى بار، بۇ ئۇلارنىڭ مېۋە-چېۋە ۋە قاتتىق شاكاللىق مېۋىلەرنى پەرق ئېتەلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. قارا ئېيىقنىڭ ئېغىز بۇرنى تار ھەم ئۇزۇن، سۇس قوڭۇر، ئاق رەڭدە كۆرۈنىدۇ. قارا ئېيىقنىڭ يۇڭى بەك ئۇزۇن، بېشىنىڭ ئىككى تەرىپىدە بولسا ئۇزۇن-ئۇزۇن يۇڭلىرى بار بولۇپ، ئۇلارنى چوڭ يۈزىنى تېخىمۇ كەڭ كۆرسىتىدۇ. ئۇلار تۆت پۇتى بىلەن ماڭىدۇ. تاپان تۈرىدىكى ھايۋانغا تەۋە. ئۇلارنىڭ تۆت پۇتى توم، كۈچلۈك، پۇت ئالىقىنى چوڭ، بولۇپمۇ ئالدى پۇتىنىڭ. تاپان ئۈستىدە بەش بارمىقى ئۇزۇن، ئۇچى ئۆتكۈر تىرنىقى ئىلمەك. لىكىن ئېيىق ئائىلىسىدىكى باشقا ھايۋانلارغا ئوخشاش ئۇلارنىڭ قۇيرۇقى ناھايىتى قىسقا.
ياشاش ئادىتى
قارا ئېيىق مۇرەككەپ ئوزۇقلىنىدىغان ھايۋان، شۇڭا ئۆسۈملۈكنى ئاساسىي ئوزۇق قىلىدۇ، ھەر خىل شىرنىلىك مېۋە، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يۇمران يوپۇرمىقى، بامبۇك نوتىسى، مۇخ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلار ھەسەل يېيىشكە ئامراق، يەنە ھەر خىل ھاشارات، پاقا، بېلىق ۋە سېسىق گۆش يەيدۇ.
قارا ئېيىق كۆپىنچە ۋاقىتتا كېچىدە يول يۈرۈشىگە ئامراق، كۈندۈزى بولسا دەرەخ كامېرى ياكى تاغ ئۆڭكۈرلىرىدە دەم ئالىدۇ. كۈز كەلگەندە ئۇلار كۈندۈزى سىرتقا تېخىمۇ ئاز چىقىدۇ. ئۇنىڭ بەدەن شەكلى قوپال، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى سۇ ئۈزۈشكە ۋە دەرەخكە يامىشىشقا ماھىر. ئۇلار يەنە ئۇزاق ۋاقىتتا ئارقا پۇتى بىلەن ئۆرە بۇلۇپ، ئالدى پۇتلىرىدا پايدىلىنىپ ھۇجۇم ياكى ئوۋغا ئېرىشىدۇ.
كۆپىيىش ئادىتى
قارا ئېيىق ئاساسەن تەنھا ياشايدىغان ھايۋان، پەقەت جۈپلەشكەن ۋاقىتتا ئاندىن ئەركەك-چىشىسى كۆرۈشىدۇ، بىرگە ئوزۇقلۇق ئىزديدۇ. ئوخشاش بولمىغان رايونلاردىكى قارا ئېيىقنىڭ چېتىشىش مەزگىلى ئوخشاش بولمايدۇ، رۇسىيەنىڭ قارا ئېيىقى ھەر يىلى 6-ئايدىن 7-ئايغىچە جۈپلىشىدۇ، ئۇلارنىڭ مۇھەببەت-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى ئادەتتە 12-ئايدىن كېلەركى يىلى 3-ئايدا ئاندىن تۇغۇلىدۇ. پاكىستاندا ياشايدىغان قارا ئېيىق ئادەتتە 10-ئاي كەلگەندە ئاندىن جۈپلىشىپ، ئەۋلاد قالدۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ بالىسى بولسا ئادەتتە ئىككىنچى يىلى 2-ئايدا ئالدى-كەينىدە تۇغۇلىدۇ. ئېيىق ئانا ھامىلىدارلىق مەزگىلى 6-7 ئايغىچە بولىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.