ئىراق ئۇرۇشى

ئىراق ئۇرۇشى

ئىراق ئۇرۇشى 2003-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى باشلانغان بۇلۇپ، ئىراق، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە، پولشا، كورىيە، ئىتالىيە، گرۇزىيە، ئوكرائىنا، گوللاندىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر قاتناشقان.

نامى ئىراق ئۇرۇشى
باشقا ئاتىلىشى ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، ئاۋىسترالىيە، دانىيە، پولشا، ئىراق
ۋاقتى 2003-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 伊拉克战争
ئورنى ئىراق چېگرىسى ئىچىدە ۋە چېگرا رايون
باشلانغان ۋاقتى 2003-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئىراق ئۇرۇشىئىراق ئۇرۇشى 2003-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى باشلانغان بۇلۇپ، ئىراق، ئامېرىكا، ئەنگلىيە (11-2003)، ئاۋسترالىيە (9-2003)، پولشا (8-2003)، كورىيە (8-2003)، ئىتالىيە (06-2003)، گرۇزىيە (08-2003)، ئوكرائىنا (08-2003)، گوللاندىيە (05-2003)، ئىسپانىيە (04-2003) قاتارلىق دۆلەتلەر قاتناشقان.

قوماندان ۋە رەھبەرلىرى: سادام ھۈسەيىن (ئۆلگەن)، ئەبۇ مۇساب ئەل-زەقاۋى (ئۆلگەن)، ئەبۇ ھەمزە ئەل-ئەل مۇھاجىر (ئۆلگەن)، جورج ۋولكېر بۇش (2003-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە)، باراك ئوباما (2009-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە).

ئىراق ئۇرۇشىئىراق ئۇرۇشى 2003-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى ئامېرىكا ئارمىيەسى بىلەن ئەنگلىيە ئارمىيەسىنى ئاساس قىلغان كۆپ دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ ئىراققا رەسمىي تۈردە جەڭ ئېلان قىلىشى بىلەن باشلانغان. ئاۋسترالىيە ئارمىيەسى بىلەن پولشا ئارمىيەسىمۇ بۇ قېتىمقى بىرلەشمە ھەربىي ھەرىكەتكە قاتناشقان. بۇ قېتىمقى ھەربىي يۈرۈش ئامېرىكا پرېزدېنتى جورج ۋالكېر بۇشنىڭ ئىراقنىڭ پرېزدېنتى سادام ھۈسەيىن ۋە ئۇنىڭ ئوغلىغا بەرگەن 48 سائەت ئىچىدە ئىراقتىن ئايرىلىشتىن ئىبارەت ئەڭ ئاخىرقى دېپلوماتىك نوتىسىنىڭ ۋاقتى توشقاندىن كېيىن باشلانغان.

بىرلەشمە ئارمىيە 120 مىڭ كىشىلىك ئامېرىكا ئارمىيەسى، 45 مىڭ كىشىلىك ئەنگلىيە ئارمىيەسى، 2000 كىشىدىن كۆپ ئاۋسترالىيە ئارمىيەسى ۋە 200 كىشىلىك پولشا ئارمىيەسىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭىدىن باشقا يەنە 50 مىڭدىن كۆپرەك ئىراققا قارشى تۇرغۇچى ئارمىيە بار. ئۇلار كۇۋەيتكە جايلاشقان ئامېرىكىنىڭ ھەربىي بازىسى ئارقىلىق رەسمىي ھەربىي ھۇجۇمنى باشلىغان.

ئامېرىكا 3-پىيادە ئەسكەرلەر دىۋىزىيەسى كۇۋەيىتنىڭ غەربىي شىمالىدىكى قۇملۇقتىن باغداتقا باستۇرۇپ كىردى، ئۇلار بىلەن بىللە 101-ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغۇچى قىسىم ۋە 82-پاراشوتچى قىسىم جەڭگە قاتناشقان. يەنە بىر يۆلىنىشتە، ئىراقنىڭ شەرقىي جەنۇب قىسمىدىن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتىكى 1-يىراققا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسى بىلەن ئەنگلىيەنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇنى ئامبۇر شەكلىدە ھۇجۇم قىلىپ، ئىراقنىڭ دېڭىز يولىنى ئاچتى. ئىككى ھەپتە ئۇرۇش قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىي تاغ رايونىدىن 173-پاراشوتچى قىسىم بىلەن ئالاھىدە ھەربىي قىسىمنى كىرگۈزدى، ھەمدە بۇ يەردە ئىراققا قارشى تۇرغۇچى كۇردلار بىلەن بىرلەشتى، ئامېرىكا ئالدىن پىلانلىغان شىمالىي قىسىمدىن 4-پىيادە ئەسكەرلەر دىۋىزىيەسى كىرگۈزۈش پىلانى تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن بىكار بولغان.

ئىككى ھەپتىلىك شىددەتلىك جەڭدىن كېيىن، ئەنگلىيە ئارمىيەسى ئالدى بىلەن ئىراقنىڭ جەنۇبىدىكى مۇھىم نېفىت شەھىرى بولغان ئىراقتىكى ئىككىنچى چوڭ شەھەر بەسرەنى كونترول قىلدى. پۈتۈن ئىراق دائىرىسىدە سۇ ۋە توك ئۈزۈلۈپ قېلىش خەۋپى كۆرۈلدى، خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك جەمئىيىتى ئىراققا قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بەردى. بۇ قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرنىڭ كۆپ قىسمى بىرلەشمە ئارمىيە ئىگىلىۋالغان ئەم قەسىردىن ئىراققا توشۇلىدىغان بولۇپ، يەنە بىر قىسمى كۇۋەيىتتىن كىرگۈزۈلەتتى.

ئۇرۇش پارتىلاپ تەخمىنەن ئۈچ ھەپتىدىن كېيىن، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئوڭۇشلۇق ھالدا باغداد شەھىرىگە بېسىپ كىردى، بۇ جەرياندا ھېچقانداق كۈچلۈك قارشىلىق كۆرسىتىشكە ئۇچرىمىدى، ئىراقنىڭ ئەمەلدارلىرى تۇيۇقسىز ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن بولۇپ، زور بىر تۈركۈم ئىراق ئارمىيەسى ئامېرىكا ئارمىيەسىگە تەسلىم بولدى. ئىراقنىڭ باغداد ۋە بەسرە قاتارلىق شەھەرلىرى كەينى-كەينىدىن ھۆكۈمەتسىز ھالەتكە كىردى، باغداد شەھىرىدە ئۈزلۈكسىز بۇلاڭچىلىق ۋەقەلىرى يۈز بەردى، ئىراقنىڭ دۆلەتلىك مۇزېيى بۇلىنىپ قىممەتلىك بۇيۇملار يوقىلىپ كەتتى، ئىراق خەلقى ئامېرىكا ئارمىيەسىگە نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، باغداد شەھىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاشقا تىرىشمىدى.

ئىراق ئۇرۇشىئىراق ئارمىيەسى: 375 مىڭ ئادەمدىن كۆپرەك؛

سۈننى مەزھىپىدىكى قارشى تۇرغۇچىلار: 60 مىڭ ئادەم؛

مەھدى ئارمىيەسى: تەخمىنەن 60 مىڭ ئادەم؛

باشقىلار: 1300 ئادەم

بىرلەشمە ئارمىيە: جەڭگە كىرگەن ۋاقتىدا، 300 مىڭ ئادەم، كېيىن تەخمىنەن 153 مىڭغا چۈشتى.

ياللانغان ئەسكەرلەر: 120 مىڭ ئادەم

كوردلار: جەڭگە كىرگەن ۋاقىتتا، 50 مىڭ ئادەم، كېيىن كۆپىيىپ 175 مىڭغا يەتكەن.

يېڭى ئىراق ئارمىيەسى: 129 مىڭ 760 ئادەم

ئىراق ساقچىلىرى: 79 ~ 140 مىڭ ئادەم

ئامېرىكىنىڭ ئىراققا ئۇرۇش قوزغىشىدىكى مۇھىم سەۋەب سادام ھاكىمىيىتىنىڭ كەڭ كۆلەمدىكى قىرغۇچى قوراللارنى يوشۇرغانلىقى ۋە ئىراق ھۆكۈمىتىدىن پايدىلىنىپ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغانلىقى.

ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد ھېنرى رامسفېلد (Donald Henry Rumsfeld) نىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ بۇ ئۇرۇش ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا يەتمەكچى بولغان.

ئىراق ئۇرۇشىسادام ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ، ئىراق خەلقىنىڭ مۇستەقىل ھۆكۈمەت قۇرۇشىغا ياردەم بېرىش، ئىراقنىڭ ئىچكى قىسمىغا يوشۇرۇلغان كەڭ كۆلەمدىكى قىرغۇچى قوراللار ۋە تېرورچىلارنى ئىزدەپ تېپىپ يوقۇتۇش، جازانى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بىلەن تەمىنلەش، ئىراقنىڭ نېفىتى ۋە تەبىئىي بايلىقىنى قوغداش.

ئۇرۇشتىن ئىلگىرى ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر سادام ھاكىمىيىتىنىڭ زور بىر تۈركۈم قىرغۇچى قوراللارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەيىبلىگەنىدى، ھەمدە بۇنى ئۇرۇش قوزغاشنىڭ ئاساسلىق باھانىسى قىلغانىدى، بىراق بۈگۈنگە قەدەر ئىشەنچلىك بىرەر ئىسپات تاپالمىدى.

2007-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى گرىنسپەن (Greenspan) ئەسلىمىسى يېزىلغان كىتابتا: «ئىراققا ھۇجۇم قىلىش، ئەمەلىيەتتە نېفىت ئۈچۈن» دېدى.

2011-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى، شۇ يىلى ئامېرىكا بىلەن گېرمانىيەگە ئىراقنىڭ قىرغۇچى قوراللارنى ساقلىغانلىقىنى پاش قىلىپ، ئىراق ئۇرۇشىنىڭ پارتىلىشىغا بىۋاستە سەۋەبچى بولغان ئەرجانان: «ھەممىسى ئۆسەك گەپ-سۆزلەر» دېدى.

ھۇجۇم قوزغاش

ئىراق ئۇرۇشىئالدى بىلەن مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ئەۋەتكەن ئەترەت 2002-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى ئىراققا كىردى، كېيىنكى قەدەمدە، ئامېرىكا ھەربىي تەرەپنىڭ بىرلەشمە ئالاھىدە شتابى (JSOC) ئىراققا كىرىپ، كېيىن كېلىدىغان قىسىملار ئۈچۈن تەييارلىق قىلدى. ئەڭ مۇھىمى ئۇلار كۇردلار قوشۇنىنى تەشكىللىدى.

2003-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 5:34 دە، ئىراققا ھۇجۇم قىلىش باشلاندى، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي قوماندانى توممىي فرانكس (Tommy Franks) نىڭ باشلامچىلىقىدا، «ئىراقنى ئازاد قىلىش ھەركىتى» نى باشلىدى. بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ 248 مىڭ ئامېرىكا ئەسكىرى، 45 مىڭ ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئەسكىرى، 2 مىڭ ئاۋسترالىيە ئەسكىرى ۋە پولشا ئالاھىدە قىسمىنىڭ 194 ئەسكىرى كۇۋەيتتىن ئىراققا قاراپ يولغا چىقتى. بىرلەشمە قوشۇن كۇردلارنىڭ قوراللىق قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 70 مىڭ ئادەمدىن تەركىب تاپقانىدى.

ھۇجۇم تېز سۈرئەتتە ئېلىپ بېرىلدى، بىراق قارشىلىققا ئۇچراپ، ئەھۋال ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە باشقا قىسىملارنىڭ پەرەز قىلغىنىدەك بولماي قالدى. ئىراق ھۆكۈمىتى بىر مەيدان قائىدىگە خىلاپ ئۇرۇش قىلدى، ئىراق ئالدى بىلەن بىرلەشمە ئارمىيەگە زېمىننى ئۆتۈنۈپ بېرىپ، پۇقراچە كىيىنگەن ئەسكەرلەر ئارقىلىق كەينىدىن ھۇجۇم قىلدى. بۇ ۋاقىتتا قىسقا ۋاقىتلىق غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ، بولۇپمۇ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىقتى.

بىرلەشمە ئارمىيە ئەل-فاۋ يېرىم ئارىلىدىكى ھاۋا بوشلۇقىدىن ھۇجۇم قىلىپ، ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن ئۇرۇش قىلدى، ئەنگلىيە خان جەمەتى دېڭىز ئارمىيەسى، پولشا دېڭىز ئارمىيىسى ۋە ئاۋسترالىيە خان جەمەتى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ياردىمىدە، قەيەردە نېفىت رايونى ۋە مۇھىم پورت ئېغىزلىرىنىڭ بارلىقىنى مۇقۇملاشتۇرۇدى. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 15-دېڭىز ئارمىيە قۇرۇقلۇقتا ئۇرۇش قىلغۇچى قىسمى، ئەنگلىيەنىڭ 3-زەربىدار پاراشوتچى قىسمى ۋە پولشانىڭ ئالاھىدە ئەترىتى  ئەم قەسىر پورتىغا ھۇجۇم قىلدى. ئەنگلىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ 16-بوشلۇقتىن زەربە بەرگۈچى ئەترىتى بولسا ئىراقنىڭ جەنۇبىدىكى نېفىتلىكنى قوغدىدى. پولشانىڭ ھۇجۇمچى قوشۇنى دېڭىز ئۈستىدىكى نېفىت سۇپىسىغا يېقىن بولغان پورتنى قوغداپ، دۈشمەننىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى.

ئامېرىكا 3-پىيادە ئەسكەرلەر دىۋىزىيىسى ئاۋۋال غەربكە، ئاندىن شەرققە قاراپ ئىلگىرلەپ، باغدادنىڭ غەربىي قىسمىدىكى قۇملۇقتىن ئۆتتى، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا ئۇرۇش قىلغۇچى 1-يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى قىسمى بولسا شەرققە قاراپ بىرىنچى نومۇرلۇق تاشيولنى بويلاپ دۆلەتنىڭ مەركىزىدىن ئۆتتى، ئەنگلىيە 1-بىرون ئەترىتى شىمالغا قاراپ ئىلگىرلەپ، شەرقى قىسمىدىكى سازلىقتىن ئۆتتى. ناسىرىيەدىكى بىر قېتىملىق جەڭدە مۇھىم يول ئېغىزى ۋە يېقىن ئەتراپتىكى ھاۋا ئارمىيە بازىسى ئىشغال قىلىندى. ئۈچىنچى پىيادە ئەسكەرلەر دىۋىزىيەسى ئىراق ئارمىيەسىنى مەغلۇپ قىلىپ ئەتراپتىكى ئايرودرومنى ئىگىلىدى.

ناسىرىيە بىلەن ھاۋا ئارمىيە بازىسى بىخەتەر بولغاندىن كېيىن، 3-پىيادە ئەسكەرلەر دىۋىزىيىسى 101-پاراشۇتچى قىسىمغا ياردەم قىلىپ، شىمالىي قىسمىدىكى نەجەف ۋە كەربالاغا داۋاملىق ھۇجۇم قىلدى، بىراق شىددەتلىك قۇم-بوران ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىلگىرلەش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىۋەتتى. ئۇلار داۋاملىق ئىلگىرىلەپ كەربالا بوغۇزىغا كەلگەن چاغدا، ئېفرات دەرياسىدىكى كۆۋرۈك ئارقىلىق باغداتقا كىرىشتەك بىرلا ئامال بار ئىدى. ئىراقنىڭ مەركىزىدە، بىرىنچى قۇرۇقلۇق دىۋىزىيىسى ئۇرۇش قىلىپ باغدادنىڭ شەرقىي قىسمىغا كەلدى ھەمدە باغدادقا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلاندى.

بىرلەشمە ئارمىيە 4-ئاينىڭ 9-كۈنى باغدادنى ئىشغال قىلىپ، سادامنىڭ 24 يىللىق ھاكىمىيىتىنى ئاخىرلاشتۇردى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى گۈللىنىش پارتىيىسىنىڭ باش شتابىنى ئىشغال قىلىپ، سادامنىڭ تۆمۈر ھەيكىلىنى ئۆرۈۋەتتى. باغداد ئازاد بولغاندىن كېيىن كۆپلىگەن ئاممىنىڭ بىرلەشمە ئارمىيەگە بولغان مىننەتدارلىقىغا ئەگىشىپ، يەنە كەڭ كۆلەمدە قوزغىلاڭ يۈز بەردى.

سابىق ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىرىنى تۇتۇش

 2003-يىلى يازدا بىرلەشمە ئارمىيە ئاساسلىق دىققىتىنى سابىق ھۆكۈمەتنىڭ قالدۇق رەھبەرلىرىنى تۇتۇشقا قاراتتى. 7-ئاينىڭ 22-كۈنى، 101-پاراشوتچى دىۋىزىيە ۋە 20-ئالاھىدە قىسىمنىڭ ئەسكەرلىرى ھۇجۇمغا ئۆتتى، سادامنىڭ ئوغلى بىر نەۋرىسى بىلەن بىللە ھۇجۇم جەريانىدا ئۆلدى. سابىق ھۆكۈمەتنىڭ 300 دىن كۆپرەك رەھبىرى ۋە نۇرغۇنلىغان ھەربىي خادىملىرى ئۆلدى ياكى ئەسىرگە چۈشتى.

ئەڭ مۇھىمى سادام تۇتۇلدى. 2003-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى، بىرلەشمە ئارمىيە قىزىل شەپەق ھەركىتىنى قوزغاپ، تىكرىتقا يېقىن بىر دېھقانچىلىق مەيدانىدىن سادامنى تېپىۋالدى. ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ 4-پىيادە ئەسكەرلەر دىۋىزىيىسى ۋە 121 پارتىزان ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى بۇ قېتىمقى ھەرىكەتكە قاتناشتى.

سادامنىڭ تۇتۇلىشى ۋە قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ھۇجۇمىنىڭ ئازىيىشىغا ئەگىشىپ، بىرلەشمە ئارمىيە توپىلاڭچىلارغا زەربە بەردى. ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت دۆلەتنىڭ تەرتىپىنى ساقلاش ئۈچۈن يېڭى ئىراق ئارمىيەسىنى مەشىقلەندۈرۈشنى باشلىدى. ئامېرىكىمۇ ئىراقنىڭ كەلگۈسىدىكى نېفىت كىرىمىنى رەنىگە قويۇش شەرتى ئاستىدا ئىراقنىڭ قايتا قۇرۇش ئىشلىرىغا كرېدت شەكلىدە 2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق مەبلەغ سالىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى.

 ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئەھۋال

ئىراق ئۇرۇشىبىرلەشمە ئارمىيە ئىراقنى ئىشغال قىلىۋالغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ئىراقنىڭ دېڭىز بويى رايونى تىركىشىش باسقۇچىدا تۇردى، ئامېرىكا ئارمىيىسى باغدادقا باستۇرۇپ كىرگەندىن كېيىن، ئىراق ئارمىيىسى ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇپ بولدى.

2003-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى كەچ سائەت 8 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراقنىڭ جەنۇبىدىكى كىچىك بىر كەنىتتىكى يەر ئاستى ئۆيىدىن بىر ئەر كىشىنى قولغا ئالدى، بۇ دەل ئىراقنىڭ سابىق پرېزدېنتى بولۇپ، ئامېرىكا مېدىيەلىرى تەرىپىدىن بۇ قېتىمقى جەڭنىڭ ئەڭ چوڭ نەتىجىسى دەپ تەرىپلەندى.

ئۇرۇشتىن كېيىن ئامېرىكا ئىراقنى قايتا قۇرۇش ئۈچۈن توختىماستىن پىلان تۈزدى، ئامېرىكا مالىيە تەشكىلاتىغا كەڭ كۆلەملىك قايتا قۇرۇپ چىقىش پىلانىنى تاپشۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەرلىك خادىملارنى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەلدارلىقىغا تەيىنلىدى. بىراق يەرلىكتىكى مەزھەپلەرنىڭ كۆپلىگەن سىياسىي تەشكىلاتلىرى ئامېرىكا ھەربىي ئارمىيەسىنى قوللىمىغاچقا، تىغ ئۇچىنى ئامېرىكا-ئەنگلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىشغالىيىتىگە قاراتقان ئىراق پارتىزانلىق ئۇرۇشى كۆتۈرۈلدى. 2007-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنىگە قەدەر ئامېرىكا قوشۇنىدىكى ئۆلگەن ئەسكەرلەرنىڭ سانى 3398 دىن ئېشىپ كەتتى. ئىراقنىڭ ئىقتىسادى ئۇزۇنغىچە ئەسلىگە كەلمىدى، ئىراقنىڭ نېفىت ئەسلىھەلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقتىن، پۈتۈن دۇنيانىڭ نېفىت تەمىنلىنىشىگە تەسىر يەتكۈزدى، ئىشسىزلارنىڭ سانىمۇ تېز سۈرئەتتە كۆپەيدى، خەلقنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تۇرمۇشى ئۈنۈملۈك كاپالەتكە ئىگە بولالمىدى.

ئامېرىكا ھەربىي كەسپىي خادىملارنى ئەۋەتىپلا قالماستىن، نۇرغۇنلىغان خەلق ئامانلىقىنى ساقلىغۇچى ھۆدىگەرلەرنى ياللىدى، بولۇپمۇ يۇقىرى تېخنىكىلىق ماشىنىلاردا مەشغۇلات قىلىدىغان ئەرەبچە-ئېنگلىزچە تەرجىمانلارنى ئارقا سەپ خىزمىتىگە ئورۇنلاشتۇردى. 2011-يىلى 6-ئايغىچە، ئامېرىكا بىلەن توختام ئىمزالىغان خەلق ئامانلىقىنى ساقلىغۇچى خادىملاردىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 1487 گە يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 245 ى ئامېرىكىلىق ئىدى. ئامېرىكا مېدىيەلىرىنىڭ ئىستاتىسكا قىلىشىچە، 2008-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە، ئامېرىكىنىڭ ئاز دېگەندىمۇ 8 مەمۇرىي خىزمەتچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 4143 نەپەر ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئەسكىرى ئۆلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز بولغاندىمۇ 3368 نەپەر ئامېرىكىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئەسكىرى ئامېرىكىغا قارشى قوراللىق توقۇنۇشتا ئۆلگەن.

ئاخىرلىشىشى

ئىراق ئۇرۇشى2010-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم ئامېرىكىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق ھەربىي ئارمىيەسى ئىراق ۋە كۈۋەيت چىگرىسىدىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، ئىراق ئۇرۇشى رەسمىي ئاخىرلاشتى.

ئامېرىكا ئۇرۇشنىڭ رەسمىي ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، 2011-يىلى 10-ئايغا قەدەر ئىراقتا يەنىلا 340 مىڭ كىشىلىك ھەربىي ئارمىيەسىنى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنى قوغداش ۋە ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ بىخەتەرلىك قىسمىنى مەشىقلەندۈرۈش ئۈچۈن قالدۇرۇپ قويدى. ئامېرىكىغا قارشى ھۇجۇملار ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىپ تۇردى، 2011-يىلى 8-ئايدا ئىراق سۈننى مەزھىپىنىڭ ئىسلام ھەربىي تەشكىلاتى زەربە بېرىشنى توختىتىپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغانغا قەدەر، ھەر ئايدا ئاز دېگەندىمۇ بىر ئامېرىكا ئەسكىرى توقۇنۇشتا ئۆلدى. ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراق ھۆكۈمىتى بىلەن ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىراقتا تۇرۇش ۋاقتىنى 2012-يىلىغا قەدەر ئۇزارتىش كېلىشىمى توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەندە، ئامېرىكىنىڭ 3 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشىنى ۋە كەلگۈسىدىكى ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ قانۇن-تۈزۈملىرىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماسلىقىنى ئۈمىد قىلغانىدى، بىراق ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ ماقۇللىقىغا ئېرىشەلمىدى. شۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا پرېزدېنتى ئوباما 10-ئاينىڭ 22-كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق ھەربىي ئارمىيەسىنىڭ 2011-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئىراقتىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ چاغدا ئامېرىكىنىڭ ئىراقتا ئۆلگەن ئەسكىرىنىڭ سانى 4476 ئادەمگە يەتتى ھەمدە قىسىمنى پۈتۈنلەي چېكىندۈردىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىنمۇ ئۆلگەنلەردىن بىرى كۆپەيدى.

ئامېرىكا ھەربىي ئارمىيەسى ھەل قىلغۇچ غەلبىگە ئېرىشتى. سادام ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلۇپ، سادام ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. كېيىن ئامېرىكا ئارمىيەسى كەينى-كەينىدىن ئىراقتىكى خەلق ئەسكەرلىرى ۋە ئەل قائىد تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقتىن ئارمىيەسىنى ئىراقتىن چېكىندۈردى.

ئىراق ئۇرۇشى2011-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئامېرىكا پرېزدېنتى ئوباما ئىراقنىڭ باش مىنىستىرى مالىكىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغان چاغدا «توققۇز يىلدىن كېيىن، بىز ئىراق ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇردۇق» دېدى، ھەمدە ئامېرىكا ئىراقنىڭ «ئەڭ كۈچلۈك ۋە مەڭگۈلۈك ھەمراھى» دېدى.

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ھەربىي قىسىمنى رەسمىي چېكىندۈرگەندىن كېيىنمۇ، ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى ئەلچىخانىسىدا تەخمىنەن 10 مىڭدىن ئارتۇق خادىم بار بولۇپ، كۆپ قىسمى قوراللىق ئامانلىق ساقلىغۇچىلار ئىدى، ئامېرىكا 2012-يىلى يەنە 5000 قوراللىق ئامانلىق ساقلىغۇچىنى كۆپەيتىشنى پىلانلاپ، ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنى دۇنيادىكى ھەربىي قوراللىرى ئەڭ زور ئەلچىخانىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى.

ئىراق ئۇرۇشىئۇرۇش جەريانىدا (3-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە)، 9200 نەپەر ئىراق ئەسكىرى ۋە 7299 نەپەر ئاددىي پۇقرا ئۆلگەن بولۇپ، بۇنى ئاساسلىقى ئامېرىكىنىڭ ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بىرلەشمە ئارمىيە 139 نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرى ۋە 33 نەپەر ئەنگلىيە ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان.

ئىراق ئارمىيەسىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى: 7600~10800 ئادەم؛

پۇقرالاردىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى: ئىراقنىڭ جەسەت ئىستاتىكىسىدىن مەلۇم بولىشىچە، 2011-يىلى 12-ئايغىچە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 103160~113728 ئادەم؛

سۈننى مەزھىپىدىكى قارشى تۇرغۇچىلاردىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى: 8232 ئادەمدىن كۆپرەك؛

يارىلانغانلارنىڭ سانى ئېنىق ئەمەس.

2011-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنىگىچە، بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ ئەسكىرىدىن 4799 نەپەر ئادەم ئۆلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 3777 ئادەم قارشىلىشىش ھەرىكەتلىرىدە ئۆلگەن، يارىلانغانلار 56 مىڭ 629 ئادەم.

2011-يىلى 6-ئايدا 1487 ياللانما ئەسكەر ئۆلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 245 ى ئامېرىكىلىق.[0]



ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/7324.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#