يەكەن پېداگوگىكا مەكتىپى

1944-يىلى 8-ئايدا يەكەن ناھىيىسىدە قۇرۇلغان.

ئۇيغۇرچە نامى يەكەن پېداگوگىكا مەكتىپى
خەنزۇچە نامى 莎车县师范学校

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش 

1944-يىلى 8-ئايدا يەكەن ناھىيىسىدە قۇرۇلغان. سابىق شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە قاراشلىق بولۇپ، دەسلەپكى مەكتەپ نامى شىنجاڭ ئۆلكىلىك يەكەن تولۇقسىز پېداگوگىكا مەكتىپى ئىدى. 1954-يىلى مەكتەپ نامى شىنجاڭ يەكەن باشلانغۇچ پېداگوگىكا مەكتىپى دەپ ئۆزگەرتىلگەن. 1957-يىلى شىنجاڭ يەكەن پېداگوگىكا مەكتىپى دەپ ئۆزگەرتىلىپ، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى ناھىيىلەردىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا يۈزلەنگەن. ئوقۇش مۇددىتى ئۈچ يىل، ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدۇ. 1988-يىلى مەملىكەتلىك مائارىپ كومىتېتى تەرىپىدىن مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر پېداگوگىكا مەكتىپى دەپ باھالانغان. پېداگوگىكا ۋە خەنزۇ تىلىدىن ئىبارەت ئىككى كەسىپ تەسىس قىلىنغان. بۇ ئورۇننىڭ شتاتى 145 نەپەر، 1999-يىلى كەسپىي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانى 98 نەپەرگە) ئالىي دەرىجىلىك لېكتور سەككىز نەپەر،لېكتور 46 نەپەر، ياردەمچى لېكتور 43 نەپەر) مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار 1435 نەپەرگە يەتكەن. مەكتەپنىڭ يەر كۆلىمى 39960 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ كۆلىمى 4160 كۋادرات مېتىر. كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتقان كىتاب 40 مىڭ پارچە بولغان. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان 13560 نەپەر باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى تەربىيىلەنگەن.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    100%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#