شىمالىي ئامېرىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشى

شىمالىي ئامېرىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشى
شىمالىي ئامېرىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشى 18- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئەنگلىيىگە قاراشلىق 13 مۇستەملىكە خەلقنىڭ ئەنگلىيە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇپ، مىللىي مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى ئۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.

نامى شىمالىي ئامېرىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشى
ئورنى شىمالىي ئامېرىكا، 13 مۇستەملىكە خەلىق (ئەنگلىيە)
نەتىجىسى 1783-يىلى ئەنگلىيە ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىدى
ئۇرۇشقان قاتناشقۇچىلار ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى، فرانسىيە، ئىسپانىيە، ئەنگىلىيە
ۋاقتى 1775-يىل __ 1783-يىل
خەنزۇچە نامى 美国独立战争

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىمالىي ئامېرىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشىبۇ 18- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئەنگلىيىگە قاراشلىق 13 مۇستەملىكە خەلقنىڭ ئەنگلىيە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇپ، مىللىي مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى ئۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئەنگلىيە يەتتە يىللىق ئۇرۇشتىن كېيىن شىمالىي ئامېرىكىدىكى مۇستەملىكلىرىگە قاراتقان ئىقتىسادىي ئېكىسپالاتاسىيىسى ۋە سىياسىي ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتىپ، شىمالىي ئامېرىكا سودا-سانائىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئېغىر دەرىجىدە چۈشەپ قويۇپ شۇ جايدىكى خەلقلەرنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىنى قوزغىدى. 1774- يىلى 4- ئايدا مۇستەملىكە ۋەكىللىرى فىلادېفىيىدە تۇنجى نۆۋەتلىك چوڭ قۇرۇقلۇق يىغىنىنى چاقىرىپ، ئەنگلىيىگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇش مۇزاكىرىسى ئۈستىدە كېڭەشتى. 1775- يىلى 4- ئاينىڭ 18- كۈنى كېچىدە ماسسا چۇستېس باش ۋالىيسى گېيكىي 800 كىشىلىك ئەنگلىيە قوشۇنىنى بوستون ئەتراپىدىكى كونكوردقا شۇ يەردىكى خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ ھەربىي قورال-ياراغ ئىسكىلاتىنى تىنىتىشقا ئەۋەتتى. بۇ ئەنگلىيە قوشۇنى ئەتىسى سەھەردە لېكشېندوندىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. لېكشېندوندىكى مىلتىق ئاۋازى شىمالىي ئامېرىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنىڭ پەردىسىنى ئاچتى.

شىمالىي ئامېرىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشى1775- يىلى 5- ئايدا فىلادېفىيە شەھىرىدە چاقىرىلغان ئىككىنچى قېتىملىق چوڭ قۇرۇقلۇق يىغىنىدا «چوڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى» قۇرۇش قارار قىلىندى.  گېئورگى ۋاشىنگتون باش قۇماندانلىقنى ئۈستىگە ئالدى. 1776- يىلى 3- ئايدا ۋاشىگتون باشچىلىقىدىكى چوڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ئەنگلىيە قوشۇنلىرىنى 11 ئاي قورشاۋغا ئېلىش ئارقىلىق، بوستوندىن چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر قىلدى. چوڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى 6- ئايدا چارلىستوندىمۇ ئەنگلىيە قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ جەنۇب بازىسى قۇرۇشتىن ئىبارەت ئىستىراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تارمار قىلدى. 1776- يىلى 7- ئاينىڭ 4- كۈنى ئىككىنچى نۆۋەتلىك چوڭ قۇرۇقلۇق يىغىنىدا جېففېرسون يېزىپ چىققان «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» ماقۇللىنىپ، شىمالىي ئامېرىكىدىكى 13 مۇستەملىكنىڭ ئەنگىلىيىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغانلىقى، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكى رەسمىي جاكارلاندى. ئەسلىي شىمالىي ئامېرىكىدىكى 13 مۇستەملىكە بۇ چاغدا ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئاۋۋالقى 13 شتاتى بولۇپ قالدى. شىمالىي ئامېرىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدىن ئىبارەت ھەققانىي كۈرەش خەلقئارادىكى ئىلغار كۈچلەرنىڭ كەڭ تۈردە قوللىشىغا ئېرىشتى. فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلاپچىسى رافيت، خىيالىي سوتسىيالىزىمچى ساينتسمىن، پولشا ئىنقىلاپچىسى كوشچۇشكۇ قاتارلىق كىشىلەر ئارىنى يىراق كۆرمەي، دېڭىز ئوكيانلاردىن ئۆتۈپ شىمالىي ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئەنگلىيىگە قارشى ئۇرۇشىغا قاتناشتى.

   ئەنگلىيە ئارمىيىسى 1776- يىلى 8- ئايدا ۋە ئىككىنچى يىلى 9- ئايدا ئۈستۈن ھەربىي كۈچىگە تايىنىپ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ نيۇ-يورك ۋە فىلادېفىيە شەھەرلىرىنى ئالدى. ۋاشىنگتون قوشۇنلىرىنى باشلاپ ئېۋگي جىلغىسىغا چېكىندى. بىراق، ئۇزۇن ئۆتمەي چوڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ۋە خەلق ئەسكەرلىرى قوشۇنى ھەمكارلىشىپ جەڭ قىلىپ، ساراتوۋگادا ئەنگلىيە قوشۇنىنى مەھكەم قورشىۋالدى. 1777- يىلى 10- ئاينىڭ 17- كۈنى ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ گېنېرالى بېرگاۋئىن 5000 كىشىلىك قوشۇنىنى باشلاپ، نۇرغۇن ھەربىي لاۋازىمەتلىكلىرىنى ئېلىپ كېلىپ تەسلىم بولدى.

ساراتوۋگادىكى زور غەلىبە ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئىستىراتېگىيىلىك مۇداپىئە كۆرۈش باسقۇچىدىن ئىستىراتېگىيىلىك ھۇجۇمغا ئۆتۈش باسقۇچىغا كىرىش جەريانىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ پۈتكۈل ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىۋەتتى. ۋە كېيىنكى يىلى ئىككىنچى ئايدا فېرانسىيىنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشىگە تۈرتكە بولدى. ئارقىدىنلا ئىسپانىيە، گوللاندىيىلەرمۇ كەينى-كەينىدىن ئەنگلىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلدى. روسىيە، پرۇسسىيە، شېۋىتسىيە، قاتارلىق دۆلەتلەر «قوراللىق بىتەرەپ تۇرۇش» سىياسىتىنى قوللاندى. ئەنگلىيە كۈنسايىن يېتىم قالدى. 1779- يىلىدىن 1781- يىلىغىچە ئۇرۇش مەيدانىنىڭ مەركىزى جەنۇبقا يۆتكەلدى. 1781- يىلى 7- ئايدا چوڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ، جەنۇبىي كارولىنادا ئايلىنىپ ئۇرۇش قىلىپ، ئەنگلىيە قوشۇنلىرىنى دېڭىز قىرغىقى لىنىيىسىگە چېكىنىپ بېرىشقا مەجبۇر قىلدى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي كۈچى پورك بازىرىغا چېكىندى. 9- ئايدا فرانسىيە فلوتى يورك بازىرىغا يېقىن دېڭىزدا ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ دېڭىزدىكى تەمىنات لىنىيىسىنى تامامەن ئۈزۈپ تاشلىدى. ۋاشىگتون ئۆز قوشۇنىنى باشلاپ جەنۇپقا بېرىپ، بىر قىسىم فرانسىيە قوشۇنى بىلەن بىرلىكتە يورك بازىرىنى قورشاۋغا ئالدى. 1781- يىلى 10- ئاينىڭ 19- كۈنى يورك بازىرىغا چېكىنىپ بېرىپ مۇداپىئىدە تۇرغان 8000 كىشىلىك ئەنگلىيە قوشۇنى گېنېرال كورنىۋاللىسنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئامېرىكا ئارمىيىسىگە قورال تاپشۇرۇپ تەسلىم بولدى. شىمالىي ئامېرىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشى شۇنىڭ بىلەن غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.

1781- يىلى 10- ئاينىڭ 19- كۈنى يورك بازىرىغا چېكىنىپ بېرىپ مۇداپىئىدە تۇرغان 8000 كىشىلىك ئەنگلىيە قوشۇنى گېنېرال كورنىۋاللىسنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئامېرىكا ئارمىيىسىگە قورال تاپشۇرۇپ تەسلىم بولدى. شىمالىي ئامېرىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشى شۇنىڭ بىلەن غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.

1783- يىلى 9- ئاينىڭ 3- كۈنى ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا پارىژ تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالاندى، ئەنگلىيە ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

شىمالىي ئامېرىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشىشىمالىي ئامېرىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشى دۇنيا تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق زور كۆلەمدىكى مۇستەملىكلەرنىڭ مىللىي ئازادلىغىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇرۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ شىمالىي ئامېرىكىدىكى 13 مۇستەملىكە خەلقنى ئەنگىلىيىنىڭ مۇستەملىكە  ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئامېرىكا مىللىتىنىڭ شەكىللىنىش جەريانىنى تېزلىتىپلا قالماستىن، بەلكى لاتىن ئامېرىكىسى مۇستەقىللىق ئۇرۇشى ۋە فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىنىڭ پارتلىشىغىمۇ زور تەسىر كۆرسەتتى. بۇنىڭدىن باشقا شىمالىي ئامېرىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشى ئەنگلىيىنى ئەڭ كونا، ئەڭ مۇھىم مۇستەملىكىسىدىن مەھرۇم قىلدى. شۈبھىسىزكى، بۇ ھال بىرىتانىيە ئىمپېرىيىسى ئۈچۈن قاقشاتقۇچ زەربە بولدى.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/24393.htm

2.

دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن 100 ئۇرۇش ناملىق كىتابتىن ئېلىنغان.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#