ئاھۇ

ئاھۇ ئاچا تۇياقلىقلار، كالا ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئاھۇ ئۇرۇقدىشى (Gazelle) بۆكەن كەنجى ئائىلىسىنىڭ بىر ئۇرۇقدىشى. ئاھۇنىڭ ئىككى كۆزى ئالاھىدە چوڭ، كۆز ئالمىسى سىرتقا بۆرتۈپ چىققان، ئاھۇ ئىنتايىن سەزگۈر ھايۋان؛ 

ئۇيغۇرچە نامى ئاھۇ
تارقالغان رايونلار ئافرىقا قىتئەسى، ئاسىيا قىتئەسى
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
تۈركۈمى ئاچا تۇياقلىقلار تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى ئاھۇ ئۇرۇقدىشى (بۆكەن ئۇرۇقدىشى)
خەنزۇچە ئاتىلىشى 瞪羚
تەۋەلىكى ھايۋاناتلار دۇنياسى
سىنىپى ئەمگۈچىلەر سىنىپى
ئائىلىسى كالا ئائىلىسى
كەنجى تىپى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاھۇتومپسون ئاھۇسى (Gazelle thomsonii)، مۈرىسىنىڭ ئېگىزلىكى 60-80 سانتىمېتىر، رەڭگى قوڭۇر رەڭ ۋە ئاق رەڭلىك، تېنىنىڭ ئىككى يان تەرىپىدە بىر تال قارا سىزىق بار. ئەركەك ئاھۇنىڭ مۈڭگۈز بۇلۇڭى ھەم ئۇزۇن، ھەم ئەگرى. ئاھۇ چۆچۈپ كەتكەن چاغدا ئالدىغا بىمالال قېچىپ كېتەلەيدۇ، ئاندىن تۇيۇقسىز ناھايىتى ئىگىز سەكرەيدۇ. بۇ خىل ئاھۇنىڭ ھەركىتى ئامېرونگېن.زاھاۋېي تەتقىق قىلغاندا بايقىغان.

ھازىرقى ساقلىنىپ قالغان تۈرى 

ھىندىستان ئاھۇسى            (a.k.a. Indian Gazelle, G. bennettii)؛

بۆكەن                        (G. dama)؛

تاغ ئاھۇسى                   (G. gazelle)؛

ئۇششاق قىرلىق ئاھۇ           (G. leptoceros)؛

سەئۇدى ئەرەبىستانى ئاھۇسى   (G. saudiya)؛

سىبىللا ئاھۇسى                (G. spekei)؛

تومپسون ئاھۇ                 (G. thomsonii)؛

گېئورگېس سۇدىېر ئاھۇ         (G. cuvieri)؛

دوركاس ئاھۇسى              (G. dorcas)؛

گران بۆكەن                  (G. granti)؛

قىزىل ماڭلاي ئاھۇ            ( G. rufifrons)؛

ئارقان مان موگېيلارچى ئاھۇسى (G. soemmerringii)؛

ئاق بوغۇز بۆكەن             (G. subgutturosa)؛

يوقالغان تۈرى 

ئالىملار ئىلگىرى ياۋروپا-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى ۋە ئافرىقىدا بايقالغان زىيادە يۇقىرى يېڭى ئېرا يېڭىلىنىش دەۋرىدە، شۇ دەۋىردىكى ئاھۇ تاش قاتمىسى بار. بىر خىل كىچىك تىپتىكى ئاھۇ Gazelle borbonica ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئەڭ قەدىمىي ئاھۇ، ياۋروپاغا تارقالغان بولۇپ، ۋىجىك بەدىنى ۋە بىر جۈپ پۇتى قىسقا. مۇز دەۋرى ۋاقتىدا ياۋروپادىكى كۆپ ساندىكىلىرى ئاسىيا شەرقىي رايوندىكى ئاھۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتكەن، لېكىن ئۇلار ئافرىقا ۋە غەربىي ئاسىيادا ھايات قالغان.

ئۈچ خىل ئاھۇ نەسلى قۇرۇپ كىتىشى ئادەملەر تەرىپىدىن كېلىپ چىقىقان:

ئەرەبىستان ياۋايى ئاھۇسى، G.arabica؛

يەمەن ئاھۇسى، G.bilkis؛

قىزىل ئاھۇ، G.rufina؛

تومپسون ئاھۇ

تومپسون ئاھۇتومپسون ئاھۇ نۇرغۇن ئاھۇلار ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىق بىر خىلى بولۇپ، ئۇ ئېلىمىزنىڭ شىزاڭ بۆكىنى، موڭغۇلىيە موڭغۇل جەرىنى ئۇرۇقدىشىنىڭ بىرى. ئۇلارنىڭ بويى پاكار، سۇمباتلىق، ئوتلاقتا گۆشخورلارنىڭ تەشنا مەززىلىك تامىقى بولىدۇ. تومپسون ئاھۇ كۈچلۈك تاقابىل تۇرۇش چارىسى «قېچىش». ئافرىقا يايلىقىدا ئۇنىڭ تېزلىكى قاپلاندىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئىرغىپلا بىر سەكرەش ئېگىزلىكى 3 مېتىر، ئەركەك ئاھۇ ئۇرۇشقاق، بولۇپمۇ ھەمراھى بىلەن زېمىن تالىشىش جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ. كىچىك ئاھۇ تۇغۇلۇپ بەش مىنۇتتىن كېيىن ئاپىسى بىلەن يۈگۈرۈپ كېتىۋېرىدۇ، ئالتە ھەپتە ئەتراپىدا كىچىك ئاھۇ ئاللىقاچان قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈش ماھىرى بولالايدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ تۇغما ئىقتىدارى، چۈنكى ئەتراپىدىكى يىرتقۇچ ھايۋانلار بەك كۆپ بولۇپ كېتىدۇ، شۇنداق بولسا ياشاش تەس. كىچىك ئاھۇنىڭ يەنە بىر خىل ئۆزىنى قوغدايدىغان ئۇسۇلى ئاستا قېچىپ، ئوت-چۆپلەر ئارىسىغا مۆكۈنىۋېلىش، بۇ ئۇسۇل بەك ئەسقاتىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا ھەتتا كۈچلۈك قاپلانمۇ ئامالسىز قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كىچىك ئاھۇ تېخى تولۇق پىشىپ يېتىلمىگەن، بەدىنىدە بەك ئېغىر پۇراق يوق، ئانا ئاھۇ يەنە دائىم كىچىك ئاھۇنى يالاپ، ئۇنىڭ ئازراق پۇرىقى بار بولغاندىمۇ غايىب بولدۇ، شۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ ئاسان بايقىلىپ قالمايدۇ. 

تومپسون ئاھۇ قورقۇنچاق ھەم چەبدەس، خەتەر بايقالغان ھامان يۈگرەيدۇ، پۇتى ئۇزۇن تېز سۈرئەتتە يۈگۈرۈش سۈرئىتى سائىتىگە 90 كىلومېتىر بولىدۇ. بۆكەن ئۆمرى بىر قەدەر قىسقا بولۇپ، ئادەتتىكى يېشى 20 ياش.

ئاھۇئاھۇ سائىتىگە 80 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن يۈگۈرەلەيدۇ. كۆپ ساندىكى ئاھۇ ئافرىقا چوڭ يايلىقىدا ياشايدۇ، لېكىن يەنە ئاز ساندىكىلىرى ئاسىيادا (مەسىلەن پوقاق بۆكەن). كۆپ ساندىكى ئاھۇلارنىڭ ھەممىسى توپلىشىپ ياشايدىغان ھايۋان، يۇمشاق، ئاسان ھەزىم بولىدىغان ئۆسۈملۈكلەر بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. 59 كالا ئائىلىسى 49 ئۇرۇقدىشى بار. ئاھۇ ئۇرۇقدىشىنى تۈرگە ئايرىشتا نۇرغۇن تالاش-تارتىشلار بار، بەزى مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىغان: ئاھۇ ئۇرۇقدىشى پەقەت 12 خىل، يەنە بەزى مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىغان: ئاھۇ ئۇرۇقدىشى نەچچە ئون خىلغان يەتكەن. نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق قارىغان: ئاھۇ ئۇرۇقدىشىدىن 16 خىلى بار. قىزىل ئاھۇ (1894-يىلى نەسلى قۇرغان)، يەمەن ئاھۇسى (1985-يىلى نەسلى قۇرغان) ۋە ئەرەب ئاھۇسى (1993-يىلى نەسلى قۇرغان) ئاللىقاچان نەسلى قۇرۇپ كەتكەن، ھالبۇكى ئەرەبىستان ياۋايى ئاھۇسى يەنە 1993-يىلى نەسلى قۇرۇپ كەتكەن (پەقەت ئاز ساندىكى ياۋايى ئەرەبىستان ئاھۇسى ھايۋاناتلار باغچىسىدا تۇرمۇش كەچۈرىدۇ). ئەرەبىستان ياۋايى ئاھۇسى نەسلى قۇرۇپ كىتىشى بىر قەدەر كىيىن بولغاچقا، شۇڭا ئەرەبىستان ياۋايى ئاھۇسىنى توردا يەنىلا كۆرگىلى بولىدۇ. باشقا ئاھۇ ھەممىسى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈر، گران بۆكەن ۋە ئاھۇ تومپسون ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ، لېكىن تارقىلىشى بەك تار، سانى يەنىلا كۆپ ئەمەس.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    50%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    50%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#