ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق–مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى

ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق–مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق–مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى» 1996–يىلى 8–ئاينىڭ 29–كۈنى 8–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21–يىغىنىدا ماقۇللانغان.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق–مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 1996–يىلى 8–ئاينىڭ 29–كۈنى
قوللىنىلغان ۋاقتى 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى
ئېلان قىلغان ئورگان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国老年人权益保障法
پىنيىنچە يېزىلىشى zhōng huá rén mín gòng hé guó lǎo nián rén quán yì bǎo zhàng fǎ
تۈزۈتىلگەن ۋاقتى 2012–يىلى 12–ئاينىڭ 28–كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق–مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق–مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى» ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق–مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ياشانغانلار ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، كۈتۈش ۋە ياشانغانلارغا ياردەم بېرىش گۈزەل ئەخلاقىنى جارى قىلدۇرۇش مەقسىتىدە ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن تۈزۈلگەن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى (72–نومۇرلۇق)

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق–مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى» 2012–يىلى 12–ئاينىڭ 28–كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11– نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30–يىغىنىدا ئۆزگەرتىلىپ ماقۇللاندى، ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق–مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى» ھازىر ئېلان قىلىندى، 2013–يىلى 7–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ

2012–يىلى 12–ئاينىڭ 28–كۈنى

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق–مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى» 1996–يىلى 8–ئاينىڭ 29–كۈنى 8–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21–يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2009–يىلى 8–ئاينىڭ 27–كۈنى 11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 10–يىغىنىنىڭ «بىر قىسىم قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار»ىغا ئاساسەن تۈزىتىلگەن، 2012–يىلى 12–ئاينىڭ 28–كۈنى 11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30–يىغىنىدا ئۆزگەرتىلگەن.

2013-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلغان.

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ياشانغانلار ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، كۈتۈش ۋە ياشانغانلارغا ياردەم بېرىش گۈزەل ئەخلاقىنى جارى قىلدۇرۇش مەقسىتىدە ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.

2-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ياشانغانلار 60 ياشتىن ئاشقان پۇقرالارنى كۆرسىتىدۇ.

3-ماددا دۆلەت ياشانغانلارنىڭ قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

ياشانغانلار دۆلەت ۋە جەمئىيەتتىن ماددىي ياردەمگە ئېرىشىش ھوقۇقىغا، ئىجتىمائىي مۇلازىمەتتىن ۋە ئىجتىمائىي ئېتىباردىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىغا، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا قاتنىشىش ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىغا ئىگە.

ياشانغانلارنى كەمسىتىش، ھاقارەتلەش، خارلاش ياكى تاشلىۋېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

4-ماددا ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئاكتىپ ماسلىشىش دۆلەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسى.

دۆلەت ۋە جەمئىيەت تەدبىر قوللىنىپ، ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇشى، سالامەتلىكى، بىخەتەرلىكىنى شۇنىڭدەك ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا قاتنىشىش شارائىتىنى تەدرىجىي ياخشىلاپ، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان، داۋالىنالايدىغان، رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغان، ئۆگىنىش قىلالايدىغان، كۆڭۈل ئاچالايدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

5-ماددا دۆلەت كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ياشانغانلارنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى پەيدىنپەي ئۆستۈرىدۇ.

دۆلەت ئائىلە ئاساس، مەھەللە يۆلەك، ئاپپاراتلار تىرەك بولىدىغان ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ياشانغانلارغا ئېتىبار بېرىشى تەشەببۇس قىلىنىدۇ.

6-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ياشانغانلار ئىشلىرىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ياشانغانلار ئىشلىرى خىراجىتىنى مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈپ، مۇقىم خىراجەت كاپالەت مېخانىزمى ئورنىتىشى ھەمدە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنى مەبلەغ سېلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ياشانغانلار ئىشلىرىنى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار بىلەن ماس ھالدا راۋاجلاندۇرۇشى كېرەك.

گوۋۇيۈەن دۆلەتنىڭ ياشانغانلار ئىشلىرى تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەتنىڭ ياشانغانلار ئىشلىرى تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ياشانغانلار ئىشلىرى تەرەققىيات يىرىك پىلانى ۋە يىللىق پىلانىنى تۈزىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ياشانغانلار خىزمىتىگە مەسئۇل ئاپپاراتى ئالاقىدار تارماقلارنى ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە تەشكىللەيدۇ، ماسلاشتۇرىدۇ، ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ.

7-ماددا ياشانغانلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى.

دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا تەشكىلاتلار ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى مەسئۇلىيىتى بويىچە ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى ئاپتونوم تەشكىلاتلار ۋە قانۇن بويىچە قۇرۇلغان ياشانغانلار تەشكىلاتلىرى ياشانغانلارنىڭ تەلىپىنى ئىنكاس قىلىشى، قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدىشى ۋە ئۇلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك.

ياشانغانلارغا خالىس خىزمەت قىلىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

8-ماددا دۆلەت ياشانغانلار كۆپىيىشتەك دۆلەت ئەھۋالى تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئاكتىپ ماسلىشىش ئېڭىنى كۈچەيتىدۇ.

پۈتكۈل جەمئىيەتتە ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، ياشانغانلارنى كۈتۈش، ئۇلارغا ياردەم بېرىش تەشۋىق-تەربىيە پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ياشانغانلارغا ھۆرمەت قىلىدىغان، كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە ياردەم بېرىدىغان ئىجتىمائىي كەيپىياتنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

ياشلار، ئۆسمۈرلەر تەشكىلاتلىرى، مەكتەپلەر ۋە بالىلار باغچىلىرى ياشلار، ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلارغا ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، كۈتۈش ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىش توغرىسىدا ئەخلاق تەربىيەسى بېرىشى ۋە ياشانغانلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش توغرىسىدا قانۇنچىلىق تەربىيەسى بېرىشى كېرەك.

رادىيو، كىنو، تېلېۋىزىيە، گېزىت-ژۇرنال، تور قاتارلىقلار ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ياشانغانلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، ياشانغانلارغا خىزمەت قىلىشى كېرەك.

9-ماددا دۆلەت ياشانغانلار ئىلمىي تەتقىقاتىغا مەدەت بېرىدۇ، ياشانغانلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىستاتىستىكا قىلىپ تەكشۈرۈش ۋە ئېلان قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ.

10-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ياشانغانلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش ۋە ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، كۈتۈش ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىش جەھەتتە نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان تەشكىلات، ئائىلە ياكى شەخسلەرنى، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئىشلىرىدا تۆھپىسى گەۋدىلىك بولغان ياشانغانلارنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تەقدىرلەيدۇ ياكى مۇكاپاتلايدۇ.

11-ماددا ياشانغانلار قانۇن-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشى، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك.

12-ماددا ھەر يىلى قەمەرىيە 9-ئاينىڭ 9-كۈنى ياشانغانلار بايرىمى بولىدۇ.

2-باب ئائىلىدە قاراش ۋە كۈتۈش

13-ماددا ياشانغانلارنى كۈتۈشتە ئائىلە ئاساس قىلىنىدۇ. ئائىلە ئەزالىرى ياشانغانلارنى ھۆرمەتلىشى، ياشانغانلارغا غەمخورلۇق قىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى كېرەك.

14-ماددا قارىغۇچى ياشانغانلارنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەمىنلەش، تۇرمۇش جەھەتتىن ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋە روھىي جەھەتتە تەسەللى بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى، ياشانغانلارنىڭ ئالاھىدە ئېھتىياجىغا ئېتىبار بېرىشى كېرەك.

قارىغۇچى ياشانغان كىشىنىڭ پەرزەنتى، شۇنىڭدەك قانۇن بويىچە قاراش مەجبۇرىيىتى بار باشقا كىشىنى كۆرسىتىدۇ.

قارىغۇچىنىڭ جورىسى قارىغۇچىنىڭ قاراش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ياردەملىشىشى كېرەك.

15-ماددا ياشانغان كىشى كېسەل بولۇپ قالسا، قارىغۇچى ۋاقتىدا داۋالىتىشى ۋە قارىشى؛ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ياشانغان كىشىگە داۋالىنىش خىراجىتى بېرىشى كېرەك.

قارىغۇچى تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالمايدىغان ياشانغان كىشىگە قاراش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ ئۆزى قارىيالمايدىغان بولسا، ياشانغانلارنىڭ ئارزۇسى بويىچە باشقىلارغا قاراتسا ياكى ياشانغانلارنى كۈتۈش ئورنىغا قاراتسا بولىدۇ.

16-ماددا قارىغۇچى ياشانغان كىشىنى مۇۋاپىق ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇشى لازىم، ياشانغان كىشىنى شارائىتى ناچار ئۆيدە ئولتۇرۇشقا ياكى شۇنداق ئۆيگە كۆچۈشكە مەجبۇرلاشقا يول قويۇلمايدۇ.

ياشانغان كىشىنىڭ ئۆز ئۆيى ياكى ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرغان ئۆيىنى پەرزەنتلىرى ياكى باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئىگىلىۋالسا، مۈلۈك ھوقۇقى مۇناسىۋىتى ياكى ئىجارە مۇناسىۋىتىنى ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتىۋەتسە بولمايدۇ.

قارىغۇچىنىڭ ياشانغان كىشىنىڭ ئۆيىنى رېمونت قىلىپ بېرىش مەجبۇرىيىتى بار.

17-ماددا قارىغۇچىنىڭ ياشانغان كىشىنىڭ ھۆددە ئالغان يېرىنى تېرىپ بېرىش ياكى باشقىلارغا تېرىتىش، دەل-دەرەخلىرى ۋە چارۋىسىغا قاراش ياكى باشقىلارغا قارىتىش مەجبۇرىيىتى بار، تاپاۋىتى ياشانغان كىشىگە تەئەللۇق بولىدۇ.

18-ماددا ئائىلە ئەزالىرى ياشانغانلارنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىغا كۆڭۈل بۆلۈشى، ئۇلارغا پەرۋاسىز قارىماسلىقى كېرەك.

ياشانغانلاردىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان ئائىلە ئەزالىرى ئۇلارنى يوقلاپ تۇرۇشى ياكى ئۇلاردىن ئەھۋال سوراپ تۇرۇشى كېرەك.

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئاتا-ئانىسىغا قارىغۇچىنىڭ ئارام-ئوتپوسكا ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

19-ماددا قارىغۇچىنىڭ ۋارىسلىق ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىپ ۋە باشقا سەۋەب كۆرسىتىپ قاراش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماسلىقىغا يول قويۇلمايدۇ.

قارىغۇچى قاراش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، ياشانغانلار ئۇنىڭدىن قاراش خىراجىتى بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

قارىغۇچىنىڭ ياشانغانلارنى مادارى يەتمەيدىغان ئىشنى قىلدۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

20-ماددا ياشانغانلارنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن، قارىغۇچىلار قاراش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش كېلىشىمى تۈزۈشسە بولىدۇ. قاراش كېلىشىمىنىڭ مەزمۇنى قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ۋە ياشانغانلارنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپ بولسا بولمايدۇ.

ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى ئاپتونوم تەشكىلاتلار، ياشانغانلار تەشكىلاتلىرى ياكى قارىغۇچى ئىشلەيدىغان ئورۇن كېلىشىمنىڭ ئادا قىلىنىشىنى نازارەت قىلىدۇ.

21-ماددا ياشانغانلارنىڭ نىكاھ ئەركىنلىكىنى قانۇن قوغدايدۇ. پەرزەنتلىرى ياكى باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ياشانغانلارنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىشى، قايتا نىكاھلىنىشى ۋە نىكاھلانغاندىن كېيىنكى تۇرمۇشىغا ئارىلىشىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

قارىغۇچىنىڭ قاراش مەجبۇرىيىتى ياشانغانلارنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن تۈگەپ كەتمەيدۇ.

22-ماددا ياشانغانلار ئۆز مال-مۈلكىنى قانۇن بويىچە ئىگىلەپ تۇرۇشقا، ئىشلىتىشكە، ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىشكە ۋە ئۇنى نېرى-بېرى قىلىشقا ھوقۇقلۇق، پەرزەنتلىرى ياكى باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۇنىڭغا ئارىلىشىۋالسا بولمايدۇ، ياشانغانلارنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇق مەنپەئىتىگە ئوغرىلىۋېلىش، ئالداپ ئېلىۋېلىش، مەجبۇرىي ئېلىۋېلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن چېقىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

ياشانغانلار قانۇن بويىچە ئاتا-ئانىسى، جورىسى، پەرزەنتى ياكى باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ مىراسىغا ۋارىسلىق قىلىشقا، ھەدىيەنى قوبۇل قىلىشقا ھوقۇقلۇق. پەرزەنتلىرى ياكى باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ياشانغانلار ۋارىسلىق قىلىدىغان ياكى ياشانغانلارغا ھەدىيە قىلىنغان مال-مۈلكىنى ئىگىلىۋېلىشىغا، تارتىۋېلىشىغا، يۆتكىۋېتىشىگە، تىقىۋېلىشىغا ياكى بۇزۇۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

ياشانغانلار مال-مۈلكىنى ۋەسىيەت ئارقىلىق نېرى-بېرى قىلغاندا، جورىسىنىڭ ئۈلۈشىنى قانۇن بويىچە قالدۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

23-ماددا ياشانغانلار بىلەن جورىلىرىنىڭ بىر-بىرىنى كۈتۈش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ.

ئاكا-ئاچىسى بېقىپ چوڭ قىلغان ئۇكا-سىڭىللاردىن قۇربى يېتىدىغانلىرىنىڭ قارىغۇچىسى يوق ياشانغان ئاكا-ئاچىسىنى كۈتۈش مەجبۇرىيىتى بار.

24-ماددا قارىغۇچىلار ۋە كۈتكۈچىلەردىن قاراش، كۈتۈش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى ئاپتونوم تەشكىلاتى، ياشانغانلار تەشكىلاتى ياكى قارىغۇچى، كۈتكۈچىنىڭ ئىشلەيدىغان ئورنى ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ.

25-ماددا ياشانغانلارغا ئائىلە زۇلۇمى سېلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

26-ماددا ياشانغانلاردىن تولۇق ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى بارلىرى يېقىن ئۇرۇق-تۇغقىنى ياكى ئۆزى بىلەن مۇناسىۋىتى يېقىن بولغان، ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالايدىغان باشقا شەخسلەر ۋە تەشكىلاتلار ئىچىدىن ئۆزىگە ۋەسىي بولغۇچىنى كېلىشىپ بېكىتسە بولىدۇ. ياشانغانلار ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىدىن قالغان ياكى قىسمەن قالغاندا، ۋەسىيسى ۋەسىيلىك مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ.

ياشانغانلار ۋەسىينى ئالدىن بېكىتمىگەن بولسا، ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىدىن قالغان ياكى قىسمەن قالغاندا، ۋەسىيىسى قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە بېكىتىلىدۇ.

27-ماددا دۆلەت ئائىلىدە كۈتۈنۈشكە يۆلەك بولۇش سىياسىتىنى چىقىرىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ياشانغانلار بىلەن بىللە تۇرۇشىغا ياكى يېقىن ئەتراپتا تۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ، ياشانغان كىشىنىڭ جورىسى ياكى قارىغۇچىسى بىلەن بىللە كۆچۈشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ياشانغان كىشىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

3-باب ئىجتىمائىي كاپالەت

28-ماددا دۆلەت ياشانغانلار ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئارقىلىق ياشانغانلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

29-ماددا دۆلەت ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئارقىلىق ياشانغانلارنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ياشانغانلار ۋە تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەردىكى شەرتكە توشىدىغان ياشانغانلارنىڭ يېزىلاردىكى يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقاندا شەخسلەر تاپشۇرىدىغان قىسمى ئۈچۈن ھۆكۈمەت ياردەم پۇل بېرىدۇ.

ئالاقىدار تارماقلار داۋالىنىش سۇغۇرتىسى چارىسى چىقىرىپ، ياشانغانلارغا ئېتىبار بېرىشى كېرەك.

30-ماددا دۆلەت ئۇزاق مۇددەت پەرۋىش كاپالىتى خىزمىتىنى پەيدىنپەي يولغا قويۇپ، ياشانغانلارنىڭ پەرۋىش ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

ياشانغانلاردىن تۇرمۇشتا ئۇزاققىچە ئۆز ھاجىتىدىن چىقالمايدىغان، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بارلىرىغا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ كىشىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالماسلىق دەرىجىسىگە قاراپ پەرۋىش ياردەم پۇلى بېرىشى كېرەك.

31-ماددا دۆلەت ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلارغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى، داۋالىنىش ياردەم پۇلى، ئۆي ياردەم پۇلى ياكى باشقا قۇتقۇزۇش بېرىدۇ.

ياشانغانلار ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغان بولسا، تۇرمۇش مەنبەسى بولمىسا، قارىغۇچىسى ۋە كۈتكۈچىسى بولمىسا ياكى قارىغۇچىسى ۋە كۈتكۈچىسىنىڭ قاراش ياكى كۈتۈش ئىقتىدارى بولمىسا، شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە باقىدۇ ياكى قۇتقۇزۇش بېرىدۇ.

سەرگەردان، تىلەمچى، تاشلىۋېتىلگەن پاناھسىز ياشانغانلارغا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە قۇتقۇزۇش بېرىدۇ.

32-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي، جامائەت ئىجارە ئۆيى قاتارلىق ئۆي كاپالەت تۈزۈمىنى يولغا قويغاندا ياكى خەتەرلىك، كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتكەندە، شەرتكە توشىدىغان ياشانغانلارغا ئاۋۋال ئېتىبار بېرىشى كېرەك.

33-ماددا دۆلەت ياشانغانلار پاراۋانلىق تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيەسىگە ۋە ياشانغانلارنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ، ياشانغانلارنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق تەمىناتىنى كۆپەيتىدۇ.

دۆلەت جايلارنىڭ 80 ياشتىن ئاشقان تۆۋەن كىرىملىك ياشانغانلارغا ياشانغانلار قوشۇمچە پۇلى بېرىش تۈزۈمى ئورنىتىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

دۆلەت پىلانلىق پەرزەنت كۆرگەن ئائىلىلەردىكى ياشانغانلارغا ياردەم بېرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

يېزىلار كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى ھۆددە بېرىلمىگەن قىسمەن يەر، تاغ ئورمىنى، سۇ يۈزى، ساھىل قاتارلىقلارنى ياشانغانلارنى كۈتۈش بازىسى قىلىپ، ئۇنىڭدىن كىرگەن كىرىم بىلەن ياشانغانلارنى كۈتسە بولىدۇ.

34-ماددا ياشانغانلارنىڭ قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان كۈتۈنۈش پۇلى، داۋالىنىش تەمىناتى ۋە باشقا تەمىناتلىرىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك، ئالاقىدار ئاپپاراتلار ئۇنى ۋاقتىدا، تولۇق بېرىشى شەرت، تۇتۇپ قېلىشقا، نېسى قالدۇرۇشقا ياكى ئىشلىتىۋېلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

دۆلەت ئىقتىسادنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر مائاشىنىڭ ئېشىشى، باھانىڭ ئۆرلىشىگە قاراپ، كۈتۈنۈش كاپالىتى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈپ تۇرىدۇ.

35-ماددا دۆلەت خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى شۇنىڭدەك باشقا تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ ياشانغانلارغا ماددىي ياردەم بېرىشىگە ئىلھام بېرىدۇ.

36-ماددا ياشانغانلار كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلات، ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى ئاپتونوم تەشكىلاتى، كۈتۈنۈش ئاپپاراتى قاتارلىق تەشكىلاتلار ياكى شەخسلەر بىلەن ھەدىيەلىك كۈتۈش كېلىشىمى ياكى باشقا ياردەم بېرىش كېلىشىمى تۈزسە بولىدۇ.

كۈتۈش مەجبۇرىيىتى بار تەشكىلاتلار ياكى شەخسلەر ھەدىيەلىك كۈتۈش كېلىشىمى بويىچە، ياشانغانلارنى بېقىش، دەپنە قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ھەدىيەنى قوبۇل قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ.

4-باب ئىجتىمائىي مۇلازىمەت

37-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار تەدبىر قوللىنىپ شەھەر-يېزىلاردىكى مەھەللىلەردە كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى جانلاندۇرىدۇ، مەخسۇس مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى شۇنىڭدەك باشقا تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ ئائىلىلەردىكى ياشانغانلارغا تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىش، جىددىي ياردەم بېرىش، داۋالاش-پەرۋىش قىلىش، روھىي تەسەللى بېرىش، پىسخىكا مەسلىھەتى بېرىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدىكى مۇلازىمەتلەرنى قىلىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلارغا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدرىجىي ھالدا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت ياردەم پۇلى بېرىشى كېرەك.

38-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار، ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى ئاپتونوم تەشكىلاتلار كۈتۈنۈش مۇلازىمەت ئەسلىھەسىنى شەھەر-يېزىلاردىكى مەھەللىلەرنىڭ يانداش ئەسلىھە قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ياشانغانلارنىڭ ئېھتىياجىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان تۇرمۇش مۇلازىمىتى، مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەت مۇلازىمىتى، كۈندۈزى ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، كېسەل بولۇپ قالغانلىرىنى بېقىش ۋە سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى ۋە تور-نۇقتىلىرىنى قۇرۇپ، ياشانغانلارغا مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

قوشنىلار ئۆزئارا ياردەم بېرىش ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، قوشنىلار ئارا كۆڭۈل بۆلۈش، قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلارغا ياردەم بېرىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ.

خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى ۋە پىدائىيلارنىڭ ياشانغانلارغا مۇلازىمەت قىلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ. ياشانغانلارنىڭ بىر-بىرىگە ياردەم بېرىشى تەشەببۇس قىلىنىدۇ.

39-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسىگە ۋە ياشانغانلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئېھتىياجىغا قاراپ، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سېلىنمىسىنى پەيدىنپەي كۆپەيتىدۇ.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار مالىيە، باج-ھەق، يەر، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش جەھەتلەردە تەدبىر قوللىنىپ، كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ياكى شەخسلەرنىڭ ياشانغانلارنى كۈتۈش، كۈندۈزى ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئەسلىھەلىرى، ياشانغانلار مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيىتى ئەسلىھەلىرى تىجارىتى قىلىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

40-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ياشانغانلارنىڭ نىسبىتى ۋە جايلىشىش ئەھۋالىغا قاراپ، كۈتۈنۈش مۇلازىمەت ئەسلىھەسىنى شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى ۋە يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىغا كىرگۈزۈپ، كۈتۈنۈش مۇلازىمەت ئەسلىھەسى قۇرۇلۇش يېرى ۋە كېرەكلىك ئەشيانى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

پايدا ئالمايدىغان كۈتۈنۈش مۇلازىمەت ئەسلىھەسىگە كېرەكلىك يەرگە دۆلەت ئاجرىتىپ بەرگەن يەرنى ياكى دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرنى قانۇن بويىچە ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

كۈتۈنۈش مۇلازىمەت ئەسلىھەسى يېرىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

41-ماددا ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىپ قۇرغان ياشانغانلار ئاپپاراتى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلاردىن ئىگە-چاقىسىز قالغان، ھاجىتىدىن چىقالمايدىغان، قېرىپ كەتكەنلىرىنىڭ ھاجىتىدىن ئاۋۋال چىقىشى كېرەك.

42-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى كۈتۈنۈش مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش ئۆلچىمى، كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سۈپىتى ئۆلچىمى ۋە كۈتۈنۈش مۇلازىمەت كەسپى ئۆلچىمىنى تۈزۈشتە، كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىنى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش ۋە كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى كۈتۈنۈش مۇلازىمەت ھەققى تۈرى ۋە ئۆلچىمىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

43-ماددا كۈتۈنۈش ئاپپاراتى قۇرۇشتا تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك:

(1) ئۆزىنىڭ نامى، تۇرۇشلۇق جايى ۋە نىزامنامىسى بولۇش؛

(2) مۇلازىمەت مەزمۇنى ۋە كۆلىمىگە لايىق مەبلىغى بولۇش؛

(3) ئالاقىدار سالاھىيەت شەرتىگە توشىدىغان باشقۇرغۇچىسى، كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى ۋە مۇلازىملىرى بولۇش؛

(4) تۇرمۇشقا كېرەكلىك ئۆيى، ئەسلىھە-ئۈسكۈنىسى ۋە پائالىيەت سورۇنى بولۇش؛

(5) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر.

44-ماددا كۈتۈنۈش ئاپپاراتى قۇرۇشتا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق ئىشلىرى تارمىقىدىن مەمۇرىي ئىجازەت ئېلىش كېرەك؛ ئىجازەت بېرىلگەنلەر تىزىمغا ئالدۇرۇشقا ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى قانۇن بويىچە ئۆتىسە بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق ئىشلىرى تارمىقى كۈتۈنۈش ئاپپاراتىغا يېتەكچىلىك قىلىش، ئۇنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ، باشقا ئالاقىدار تارماقلار كۈتۈنۈش ئاپپاراتىنى مەسئۇلىيىتى بويىچە نازارەت قىلىدۇ.

45-ماددا كۈتۈنۈش ئاپپاراتىنى ئۆزگەرتىدىغان ياكى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلار ئۆزى كۈتۈۋاتقان ياشانغانلارنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە ئالاقىدار تارماقلارغا بېرىپ رەسمىيەت ئۆتىشى كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار كۈتۈنۈش ئاپپاراتىنىڭ ياشانغانلارنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.

46-ماددا دۆلەت كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش، ئىشلىتىش، باھالاش ۋە ئىلھاملاندۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئادەم ئىشلىتىشنى قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇپ، كەسىپكارلارنىڭ ئەمگەك ھەققىنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، مەخسۇس، قوشۇمچە ۋەزىپىدىكىلەر ۋە پىدائىيلار ئۆزئارا بىرلەشكەن كۈتۈنۈش مۇلازىمەت قوشۇنىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ.

دۆلەت ئالىي مەكتەپلەر، كەسپىي ئوتتۇرا تېخنىكوملار ۋە كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالاقىدار كەسىپ ياكى تەربىيەلەش تۈرلىرىنى تەسىس قىلىپ، كۈتۈنۈش مۇلازىمەت كەسپىي ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلىشىگە ئىلھام بېرىدۇ.

47-ماددا كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرى مۇلازىمەت قىلىنغۇچىلار ياكى ئۇلارنىڭ ۋاكالەتچىلىرى بىلەن مۇلازىمەت كېلىشىمى تۈزۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك.

كۈتۈنۈش ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەن زىيان يەتكۈزسە بولمايدۇ.

48-ماددا دۆلەت كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسىغا سۇغۇرتىلىتىشىغا ئىلھام بېرىدۇ، سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسىغا سۇغۇرتىلىتىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

49-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ياشانغانلار داۋالاش مۇلازىمىتىنى شەھەر-يېزا داۋالاش-ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى، ياشانغانلار ساغلاملىقىنى باشقۇرۇش ۋە دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى دۆلەتنىڭ ئاساسىي جامائەت ساغلاملىقى مۇلازىمەت تۈرىگە كىرگۈزۈشى كېرەك. ياشانغانلار ئۈچۈن ساقلىق ساقلاش، پەرۋىش قىلىش، سەكرات غەمخورلۇقى مۇلازىمىتى قىلىشقا ئىلھام بېرىلىدۇ.

دۆلەت داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ياشانغانلار كېسىلىنى داۋالايدىغان مەخسۇس بۆلۈم ياكى ئامبۇلاتورىيە قۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى ياشانغانلارغا ساغلاملىق مۇلازىمىتى قىلىش ۋە كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

50-ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، ياشانغانلار تېببىي تەتقىقاتى قىلىش ۋە تېببىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىدۇ، ياشانغانلار كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش ۋە پەن تەتقىقات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ، ياشانغانلار كېسىلىنى بالدۇر بايقاش، دىياگنوز قويۇش ۋە ئۇنى داۋالاشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

دۆلەت ۋە جەمئىيەت تەدبىر قوللىنىپ، ساغلاملىق تەربىيەسىنى ھەر خىل شەكىلدە قانات يايدۇرۇپ، ياشانغانلار سالامەتلىكىنى ئاسراش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ياشانغانلارنىڭ ئۆز سالامەتلىكىنى ئاسراش ئېڭىنى كۈچەيتىدۇ.

51-ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، ياشانغانلار كەسپىنى راۋاجلاندۇرىدۇ، ياشانغانلار كەسپىنى دۆلەت يۆلەيدىغان كەسىپلەر مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزىدۇ. كارخانىلارنىڭ ياشانغانلار ئېھتىياجىغا لايىق بۇيۇملارنى يارىتىشى، ئىشلەپچىقىرىشى، تىجارەت قىلىشىنى ۋە ئالاقىدار مۇلازىمەتنى يولغا قويۇشىنى يۆلەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

5-باب جەمئىيەت ئېتىبار بېرىش

52-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە ياشانغانلارنىڭ ئالاھىدە ئېھتىياجىغا قاراپ، ياشانغانلارغا ئېتىبار بېرىش چارىسىنى تۈزۈپ، ئېتىبار بېرىش سەۋىيەسىنى تەدرىجىي ئۆستۈرىدۇ.

سىرتتىن كېلىپ، شۇ مەمۇرىي رايوندا دائىم تۇرۇۋاتقان ياشانغانلارغا ئوخشاش ئېتىبار بېرىلىدۇ.

53-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ياشانغانلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلىنى ۋاقتىدا ئېلىشىغا، ئاسان ئېلىشىغا، داۋالىنىش خىراجىتىنى ئاتچوت قىلىشىغا ۋە باشقا ماددىي ياردەمگە ئېرىشىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

54-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئۆي مۈلۈك ھوقۇقى مۇناسىۋىتى تىزىمىنى ئۆزگەرتىش، نوپۇس يۆتكەش قاتارلىق ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ-چوڭ ئىشلارنى بېجىرىشتە، بېجىرگەن ئىشنىڭ ياشانغانلارنىڭ ھەقىقىي ئارزۇسى ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىنى سۈرۈشتۈرۈشى ھەمدە قانۇن بويىچە ئاۋۋال بېجىرىپ بېرىشى كېرەك.

55-ماددا ياشانغانلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتى دەخلى-تەرۇزگە ئۇچراپ دەۋا قىلغاندا، دەۋا ھەققىنى تاپشۇرۇشتا قىينىلىپ قالغاندا، كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇلسا، كېمەيتىپ تاپشۇرۇلسا ياكى كەچۈرۈم قىلىنسا بولىدۇ؛ ئادۋوكاتنىڭ ياردىمىگە موھتاج بولۇپ، ئادۋوكاتلىق ھەققىنى تۆلەشكە قۇربى يەتمىسە، قانۇن ياردىمىگە ئېرىشسە بولىدۇ.

ئادۋوكاتخانا، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئورنى، ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت ئورنى ۋە باشقا قانۇن مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلارغا ھەقسىز ياكى ئېتىبارلىق مۇلازىمەت قىلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

56-ماددا داۋالاش ئاپپاراتلىرى ياشانغانلارنىڭ كېسەل كۆرسىتىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىشى، ياشانغانلارنىڭ كېسىلىنى ئاۋۋال كۆرۈشى كېرەك. شارائىتى بار جايلار ياشانغانلار ئۈچۈن ئائىلە كېسەل كارىۋىتى تەسىس قىلىپ، سەييارە داۋالاش، پەرۋىش قىلىش، ساقايتىش، سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى قىلسا بولىدۇ.

ياشانغانلارنىڭ كېسىلىنى خالىس كۆرۈش تەشەببۇس قىلىنىدۇ.

57-ماددا ياشانغانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەت ساھەسىنىڭ ياشانغانلارغا ئاۋۋال، ئېتىبارلىق مۇلازىمەت قىلىشى تەشەببۇس قىلىنىدۇ.

شەھەر ئاممىۋى قاتنىشى، تاشيول، تۆمۈريول، سۇ يولى ۋە ھاۋا يولى تىرانسىپورتىدا ياشانغانلارغا ئوبدان مۇئامىلە قىلىش ۋە ئېتىبار بېرىش كېرەك.

58-ماددا مۇزېي، گۈزەل سەنئەت سارىيى، پەن-تېخنىكا سارىيى، خاتىرە ساراي، جامائەت كۇتۇپخانىسى، مەدەنىيەت يۇرتى، كىنو-تىياتىرخانا، تەنتەربىيە مەيدان-سارىيى، باغچە، ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنى ياشانغانلارغا ھەقسىز ياكى ئېتىبارلىق ئېچىۋېتىش كېرەك.

59-ماددا يېزىلاردىكى ياشانغانلار پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى مەجبۇرىيەت ئەمگىكىگە قاتناشمايدۇ.

6-باب ياشاشقا باب مۇھىت يارىتىش

60-ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، ياشاشقا باب مۇھىت يارىتىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياشانغانلارغا بىخەتەر، قولايلىق ۋە ئازادە مۇھىت يارىتىپ بېرىدۇ.

61-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى تۈزگەندە، ياشانغانلار كۆپىيىش ۋەزىيىتىگە، ياشانغانلارنىڭ تارقىلىشى ۋە ئالاھىدىلىكىگە قاراپ، ياشانغانلارغا ماس كېلىدىغان جامائەت ئۇل ئەسلىھەسى، تۇرمۇش مۇلازىمەت ئەسلىھەسى، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئەسلىھەسى ۋە مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش ئويلىشىشى كېرەك.

62-ماددا دۆلەت ياشانغانلارغا مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇش ئۆلچىمى سىستېمىسىنى تۈزۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پىلانلاش، لايىھەلەش، قۇرۇلۇش قىلىش، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، يۈرۈشتۈرۈش، ئاسراش، باشقۇرۇش ھالقىلىرىدا ئالاقىدار ئۆلچەمنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ۋە ئۇنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىدۇ.

63-ماددا دۆلەت توسالغۇسىز ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ئۆلچىمىنى بېكىتىدۇ. يېڭىدىن ياسىلىدىغان، ئۆزگەرتىلىدىغان ۋە كېڭەيتىلىدىغان يول، ئاممىۋى قاتناش ئەسلىھەسى، ئىمارەت، تۇرالغۇ رايونى قاتارلىقلار دۆلەتنىڭ توسالغۇسىز ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار دۆلەتنىڭ توسالغۇسىز ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇش ئۆلچىمى بويىچە، ياشانغانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك جامائەت ئەسلىھەلىرىنى ئاۋۋال ئۆزگەرتىپ ياسىشى كېرەك.

توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنىڭ ئىگىدارى ۋە باشقۇرغۇچىسى توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنىڭ نورمال ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

64-ماددا دۆلەت ياشانغانلارنىڭ ياشىشىغا باب مەھەللە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياشانغانلارنىڭ ياشىشىغا باب كېلىدىغان ئۆي سېلىشقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە مەدەت بېرىدۇ، ياشانغانلار ئائىلىسىدىكى توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولىدۇ ۋە ئۇنى يۆلەيدۇ، ياشانغانلارغا توسالغۇسىز تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بېرىدۇ.

7-باب ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئىشلىرىغا قاتنىشىش

65-ماددا دۆلەت ۋە جەمئىيەت ياشانغانلارنىڭ بىلىمى، ماھارىتى، تەجرىبىسى ۋە ئېسىل پەزىلىتىگە ئەھمىيەت بېرىشى ۋە ئۇنى قەدىرلىشى، ياشانغانلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە رولىنى جارى قىلدۇرۇشى، ياشانغانلارنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا قاتنىشىشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

66-ماددا ياشانغانلار ياشانغانلار تەشكىلاتى ئارقىلىق، روھىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىقىغا پايدىلىق پائالىيەتلەرنى قىلسا بولىدۇ.

67-ماددا قانۇن-نىزام، قائىدە ۋە جامائەت سىياسىتى چىقىرىشتا، ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ-چوڭ مەسىلىلەردە ياشانغانلار ۋە ياشانغانلار تەشكىلاتلىرىنىڭ پىكرىنى ئېلىش كېرەك.

ياشانغانلار ۋە ياشانغانلار تەشكىلاتى دۆلەت ئورگانلىرىغا ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ياشانغانلار ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە پىكىر ۋە تەكلىپ بېرىشكە ھوقۇقلۇق.

68-ماددا دۆلەت ياشانغانلارنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئىشلىرىغا قاتنىشىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ. جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجى ۋە ئىمكانىيەتكە قاراپ، ياشانغانلارنىڭ ئىختىيارىغا ۋە مادارىغا قاراپ تۆۋەندىكى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ئىلھام بېرىدۇ:

(1) ياشلار-ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلارغا سوتسىيالىزم، ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزم تەربىيەسى ۋە جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش تەربىيەسى قاتارلىق ئېسىل ئەنئەنە تەربىيەسى بېرىش؛

(2) مەدەنىيەت ۋە پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى ئۆگىتىش؛

(3) مەسلىھەت بېرىش؛

(4) پەن-تېخنىكا نەتىجىسىنى يارىتىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا قانۇن بويىچە قاتنىشىش؛

(5) قانۇن بويىچە تىجارەت ۋە ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش؛

(6) پىدائىي مۇلازىمەت قىلىش، جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرىنى قىلىش؛

(7) جەمئىيەت ئامانلىقىنى ساقلاشقا قاتنىشىش، ئەل ئىچى ماجىرالىرىنى مۇرەسسە قىلىشقا ھەمكارلىشىش؛

(8) باشقا ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش.

69-ماددا ياشانغانلارنىڭ قانۇنلۇق ئەمگەك كىرىمىنى قانۇن قوغدايدۇ.

ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس ياشانغانلارنى روھىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىقىغا خەۋپ يېتىدىغان ئەمگەك ياكى خەتەرلىك مەشغۇلاتقا ئورۇنلاشتۇرسا بولمايدۇ.

70-ماددا ياشانغانلار داۋاملىق تەربىيە ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

دۆلەت ياشانغانلار مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ياشانغانلار مائارىپىنى ئۆمۈرلۈك تەربىيە سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، جەمئىيەتنىڭ ياشانغانلار مەكتەپلىرىنى ياخشى ئېچىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ياشانغانلار مائارىپىغا بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئۇنى بىرتۇتاش پىلانلىشى، سېلىنمىنى كۆپەيتىشى كېرەك.

71-ماددا دۆلەت ۋە جەمئىيەت تەدبىر قوللىنىپ، ياشانغانلارغا باب كېلىدىغان ئاممىۋى مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ياشانغانلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىشى كېرەك.

8-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

72-ماددا ياشانغانلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچرىسا، زىيانلانغۇچى ياكى ئۇنىڭ ۋاكالەتچىسى ئالاقىدار تارماقنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىشقا ياكى قانۇن بويىچە خەلق سوت مەھكمىسىگە دەۋا قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ياشانغانلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە چېقىلغانلىققا ئائىت ئەرز-شىكايەتنى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا قوبۇل قىلىشى، بىر-بىرىگە ئىتتىرمەسلىكى، ئارقىغا سوزماسلىقى كېرەك.

73-ماددا ياشانغانلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان تارماققا ياكى تەشكىلگە ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارمىقى تەنقىد-تەربىيە بېرىدۇ، ئۇنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ.

دۆلەت خادىملىرىدىن قانۇنغا خىلاپ ھالدا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، ياشانغانلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىرىنى ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ياكى قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

74-ماددا ياشانغانلار ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن قاراش، كۈتۈش ياكى ئۆي، مال-مۈلۈك ئۈستىدە ماجىرالىشىپ قالسا، خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى ياكى باشقا ئالاقىدار تەشكىلاتنىڭ مۇرەسسە قىلىشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ.

خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى ياكى باشقا ئالاقىدار تەشكىلات ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان ماجىرانى مۇرەسسە قىلغاندا، قايىل قىلىش، يېتەكلەش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن زىددىيەت ۋە ماجىرانى پەسەيتىشى؛ ئائىلىسىدىكىلەردىن خاتالىقى بارلىرىغا تەنقىد-تەربىيە بېرىشى كېرەك.

خەلق سوت مەھكىمىسى ياشانغانلارنىڭ قاراش خىراجىتى ياكى كۈتۈش خىراجىتىنى ئېلىپ بېرىش ھەققىدىكى ئىلتىماسىنى قانۇن بويىچە كېسىم قىلىپ ئالدىن ئىجرا قىلسا بولىدۇ.

75-ماددا ياشانغانلارنىڭ نىكاھ ئەركىنلىكىگە ئارىلىشىۋالغان، ياشانغانلارغا قاراش ۋە ئۇلارنى كۈتۈش مەجبۇرىيىتى بار تۇرۇقلۇق قارىمىغان، كۈتمىگەن، ياشانغانلارنى خارلىغان ياكى ئۇلارغا زورلۇق ئىشلەتكەنلەرگە ئالاقىدار ئورۇن تەنقىد-تەربىيە بېرىدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەنلەرگە قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

76-ماددا ئائىلىسىدىكىلەردىن ياشانغانلارنىڭ پۇل-مېلىنى ئوغرىلاش، ئالداپ ئېلىۋېلىش، تارتىۋېلىش، ئىگىلىۋېلىش، قاقتى-سوقتى قىلىش، قەستەن ۋەيران قىلىش قىلمىشىنى سادىر قىلىپ، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەنلىرىگە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

77-ماددا ياشانغانلارغا ھاقارەت قىلىپ، تۆھمەت قىلىپ، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلارغا قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

78-ماددا ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ كۈتۈنۈش ئاپپاراتى قۇرغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق ئىشلىرى تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن كۈتۈنۈش ئاپپاراتى شەرتىگە توشىدىغانلار ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى قانۇن بويىچە تولۇقلاپ ئۆتەيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتنى ھازىرلىيالمىسا، توختىتىشقا ھەمدە ئۆزى كۈتۈۋاتقان ياشانغانلارنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ؛ زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

79-ماددا كۈتۈنۈش ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن ياشانغانلارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقىغا ۋە مال-مۈلۈك ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان سالغانلىرى ياكى پۈتۈشكىنى بويىچە مۇلازىمەت قىلمىغانلىرى قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ئالاقىدار مەسئۇل تارماق قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

80-ماددا كۈتۈنۈش ئاپپاراتىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتى بار تارماق ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

81-ماددا ياشانغانلارغا ئوبدان مۇئامىلە قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلارنى مەسئۇل تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ.

82-ماددا ياشانغانلارغا مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇش دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىدىكى ئۆلچەمگە توشمىغان بولسا ياكى توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنىڭ ئىگىسى ۋە باشقۇرغۇچىلىرى ئاسراش، باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان بولسا، ئالاقىدار مەسئۇل تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ.

9-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

83-ماددا مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلاردىكى خەلق قۇرۇلتايلىرى مۇشۇ قانۇندىكى پىرىنسىپلارغا ئاساسەن، شۇ جايدىكى مىللەتلەرنىڭ كونكرېت ئۆرپ-ئادەتلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە جانلىق ياكى قوشۇمچە بەلگىلىمە چىقارسا بولىدۇ.

84-ماددا بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى قۇرۇلغان كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىدىن مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە توشمىغانلىرى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشى كېرەك. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ خەلق ئىشلىرى تارمىقى چىقىرىدۇ.

85-ماددا بۇ قانۇن 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/20390.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#