جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قانۇنى

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قانۇنى» 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21-يىغىنىدا ماقۇللانغان.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قانۇنى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国防洪法

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قانۇنى 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21-يىغىنىدا ماقۇللانغان. 

    48-نومۇرلۇق

«مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش قانۇنى> قاتارلىق ئالتە قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21-يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى.

«مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش قانۇنى> قاتارلىق ئالتە قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» دىكى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ يولى قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن مەزمۇن ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن؛ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن مەزمۇن 2016-يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

    2016-يىل 7-ئاينىڭ 2-كۈنى     

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21-يىغىنى مۇنداق قارار چىقاردى:

    .................................

3. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى

1) 17-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقى: «ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشىدا ۋە باشقا سۇ قۇرۇلۇشى، سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىدا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئالاقىدار سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئىمزالىغان كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن كېلىدىغان يىرىك پىلان ماقۇلنامىسىنى ئالماي تۇرۇپ، قۇرۇلۇشقا تۇتۇش قىلسا بولمايدۇ» دەپ تۈزىتىلدى.

2) 27-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقى: «دەريا ئاتلايدىغان، دەريا تېگىدىن، توسما ئاستىدىن ئۆتىدىغان، دەريا بويىغا جايلاشقان كۆۋرۈك، پىرېستان، يول، كېچىك، تۇرۇبا، كابېل، سۇ ئېلىش، سۇ چىقىرىۋېتىش قاتارلىق قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئۆلچىمىگە، قىرغاق يىرىك پىلانىغا، سۇ قاتنىشى تەلىپىگە ۋە باشقا تېخنىكا تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى، توسما بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزمەسلىكى، دەريانىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىكى، كەلكۈن ئاققۇزۇشنىڭ راۋانلىقىغا دەخلى يەتكۈزمەسلىكى كېرەك؛ ئۇنىڭ قۇرۇلۇش لايىھەسىگە قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئالاقىدار سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى يۇقىرىدا ئېيتىلغان كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش تەلىپىگە ئاساسەن تەكشۈرۈپ قوشۇلمىغان ئەھۋالدا، قۇرۇلۇشقا تۇتۇش قىلسا بولمايدۇ» دەپ تۈزىتىلدى.

3) 33-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقى: «كەلكۈن يامراش رايونى، كەلكۈن قاچىلاش رايونىدا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشىدىن باشقا قۇرۇلۇشلارنى قىلغاندا، كەلكۈننىڭ قۇرۇلۇشقا كۆرسىتىش ئېھتىمالى بولغان تەسىرى ۋە قۇرۇلۇشنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشكە كۆرسىتىش ئېھتىمالى بولغان تەسىرىنى باھالاپ، كەلكۈننىڭ تەسىرىنى باھالاش دوكلاتىنى تەييارلاش، مۇداپىئە تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن كەلكۈننىڭ تەسىرىنى باھالاش دوكلاتىنى سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلاتماي تۇرۇپ، قۇرۇلۇشقا تۇتۇش قىلسا بولمايدۇ» دەپ تۈزىتىلدى.

4) 58-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقى: «مۇشۇ قانۇننىڭ 33-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، كەلكۈن يامراش رايونى، كەلكۈن قاچىلاش رايونىدا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشىدىن باشقا قۇرۇلۇشلارنى قىلىپ، كەلكۈن تەسىرىنى باھالاش دوكلاتى تەييارلىماي ياكى كەلكۈن تەسىرىنى باھالاش دوكلاتىنى تەستىقلاتماي تۇرۇپ قۇرۇلۇش قىلغانلار بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرگە 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ» دەپ تۈزىتىلدى.

 ................................

بۇ قاراردىكى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ يولى قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن مەزمۇن ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ؛ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن مەزمۇن 2016-يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ يولى قانۇنى» مۇشۇ قارارغا ئاساسەن مۇناسىپ تۈزىتىلگەندىن كېيىن، قايتا ئېلان قىلىنىدۇ.

( 1997-يىل 8-ئاينىڭ 29-كۈنى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 27-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2009-يىل 8-ئاينىڭ 27-كۈنى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 10-يىغىنىنىڭ «بىر قىسىم قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن 1-قېتىم تۈزىتىلگەن، 2015-يىل 4-ئاينىڭ 24-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 14-يىغىنىنىڭ «<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پورت قانۇنى> قاتارلىق يەتتە قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن 2-قېتىم تۈزىتىلگەن، 2016-يىل 7-ئاينىڭ 2-كۈنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 21-يىغىنىنىڭ «<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش قانۇنى> قاتارلىق ئالتە قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن 3-قېتىم تۈزىتىلدى)

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

2-باب كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانى

3-باب تىزگىنلەش ۋە مۇھاپىزەت قىلىش

4-باب كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش رايونى ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرۇش

5-باب كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش

6-باب كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرى

7-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

8-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈن-ھۆلچىلىك ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى يېنىكلىتىش، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2-ماددا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىدە ئومۇميۈزلۈك پىلانلاش، بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەڭ ئېتىبار بېرىش، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ھەر تەرەپلىمە تىزگىنلەش، قىسمەن مەنپەئەتنى ئومۇمىي مەنپەئەتكە بويسۇندۇرۇش پىرىنسىپى يولغا قويۇلىدۇ.

3-ماددا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈلىدۇ.

كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىراجىتى ھۆكۈمەت چىقىرىش بىلەن مەنپەئەتلەنگۈچىلەر مۇۋاپىق ئۈستىگە ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپى بويىچە غەملىنىدۇ.

4-ماددا سۇ بايلىقىنى ئېچىپ پايدىلىنىش ۋە ئاسراشتا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنۇش، پايدىلىنىشنى كۈچەيتىش بىلەن زىياننى تۈگىتىشنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپى يولغا قويۇلىدۇ.

دەريا، كۆللەرنى تىزگىنلەش ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى ۋادى ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش، ۋادى سۇ بايلىقىنى ھەر تەرەپلىمە ئېچىش بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك.

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلان سۇ بايلىقىدىن ئېچىپ پايدىلىنىش ۋە سۇ ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانىنى كۆرسىتىدۇ.

5-ماددا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىدە ۋادى ياكى رايون بويىچە بىر تۇتاش پىلانلاش، دەرىجە بويىچە ئىشلەش، ۋادى بويىچە باشقۇرۇش بىلەن مەمۇرىي رايون بويىچە باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.

6-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى ئاسراشقا، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشقا قانۇن بويىچە قاتنىشىش مەجبۇرىيىتى بار.

7-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىگە بولغان بىر تۇتاش رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشى، ئالاقىدار تارماق، ئورۇنلارنى تەشكىللەپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئىلغار پەن-تېخنىكىغا تايىنىپ، دەريا، كۆللەرنى پىلانلىق تىزگىنلىشى، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى تەدبىر قوللىنىپ كۈچەيتىپ ۋە مۇستەھكەملەپ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالاقىدار تارماق، ئورۇنلارنى تەشكىللەپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش، كەلكۈن-ھۆلچىلىك ئاپىتىدىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى كەلكۈن قاچىلاش رايونىغا يار-يۆلەك بولۇشى؛ كەلكۈن قاچىلانغاندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تولۇقلىما ياكى ياردەم بېرىشى كېرەك.

8-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ رەھبەرلىكىدە، مەملىكەت بويىچە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشنى تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش، نازارەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق كۈندىلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى دۆلەت بېكىتكەن مۇھىم دەريا، كۆللەردە تەسىس قىلغان ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئۆزى باشقۇرىدىغان دائىرىدە قانۇن، مەمۇرىي نىزامدا بەلگىلەنگەن ۋە گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ھوقۇق بەرگەن كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشنى ماسلاشتۇرۇش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ قۇرۇلۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى گوۋۇيۈەننىڭ رەھبەرلىكىدە، مۇناسىۋەتلىك كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىگە مەسئۇلىيىتى بويىچە مەسئۇل بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشنى تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش، نازارەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق كۈندىلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قۇرۇلۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، مۇناسىۋەتلىك كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىگە مەسئۇلىيىتى بويىچە مەسئۇل بولىدۇ.

2-باب كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانى

9-ماددا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانى مەلۇم بىر ۋادى، دەريا بۆلىكى ياكى رايوننىڭ كەلكۈن-ھۆلچىلىك ئاپىتىنى تىزگىنلەش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى، جۈملىدىن دۆلەت بېكىتكەن مۇھىم دەريا، كۆل ۋادىسىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانى، باشقا دەريا، دەريا بۆلىكى، كۆللەرنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانى شۇنىڭدەك رايونلارنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانىنى كۆرسىتىدۇ.

كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانىنى شۇ ۋادى، شۇ رايوننىڭ ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانىغا بويسۇندۇرۇش؛ رايوننىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانىنى شۇ ۋادىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانىغا بويسۇندۇرۇش كېرەك.

كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانى دەريا، كۆللەرنى تىزگىنلەش ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشنىڭ تۈپ ئاساسى.

10-ماددا دۆلەت بېكىتكەن مۇھىم دەريا، كۆللەرنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانىنى گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شۇ دەريا، كۆلنىڭ ۋادى ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، ئالاقىدار تارماقلار ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈزۈپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىدۇ.

باشقا دەريا، دەريا بۆلىكى، كۆللەرنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانىنى ياكى رايونلارنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋادى ئۇنىۋېرسال پىلانى ۋە رايون ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، ئالاقىدار تارماق ۋە رايونلار بىلەن بىرلىكتە تۈزۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىدۇ ھەمدە بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ؛ ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنى كېسىپ ئۆتىدىغان دەريا، دەريا بۆلىكى، كۆللەرنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانىنى ئالاقىدار ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى دەريا، دەريا بۆلىكى، كۆل جايلاشقان ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تەييارلاپ، ئالاقىدار ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەكشۈرۈپ پىكرىنى قويغاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىدۇ.

شەھەرلەرنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانىنى شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى، قۇرۇلۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلارنى تەشكىللەپ، ۋادىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانىغا، بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رايون كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانىغا ئاساسەن تۈزۈپ، گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلەنگەن تەستىقلىتىش تەرتىپى بويىچە تەستىقلاتقاندىن كېيىن شەھەرنىڭ ئومۇمىي پىلانىغا كىرگۈزىدۇ.

كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە، ئەسلىي تەستىقلىغان ئورگانغا تەستىقلىتىش كېرەك.

11-ماددا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانىنى تۈزۈشتە، مۇھىم نۇقتىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئادەتتىكىلىرىگىمۇ ئېتىبار بېرىش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش بىلەن قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، قۇرۇلۇش تەدبىرلىرى بىلەن باشقا تەدبىرلەرنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش، كەلكۈن-ھۆلچىلىك قانۇنىيىتىنى، باش ئېقىن بىلەن ئاياغ ئېقىننىڭ، سول قىرغاق بىلەن ئوڭ قىرغاقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ۋە خەلق ئىگىلىكىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشكە قويغان تەلىپىنى تولۇق نەزەرگە ئېلىش ھەمدە ئۇنى دۆلەت زېمىنىنى پىلانلاش ۋە يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى بىلەن ماسلاشتۇرۇش كېرەك.

كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانىدا مۇھاپىزەت ئوبيېكتى، تىزگىنلەش نىشانى ۋە ۋەزىپىسى، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش تەدبىرى ۋە يولغا قويۇش لايىھەسىنى بېكىتىش، كەلكۈن يامراش رايونى، كەلكۈن قاچىلاش رايونى ۋە كەلكۈندىن قوغدىنىش رايونىنىڭ دائىرىسىنى ئايرىش، كەلكۈن قاچىلاش رايونىدىن پايدىلىنىش پىرىنسىپىنى بەلگىلەش كېرەك.

12-ماددا دېڭىز ياقىسىدىكى بورانلىق دېڭىز تاشقىنىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرايدىغان جايلاردىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بورانلىق دېڭىز تاشقىنىدىن مۇداپىئەلىنىشنى ئۆز جايىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، دېڭىز قىرى (كۆلچەك)، دېڭىز تاشقىنى توسمىسى ۋە دېڭىز بويى ئىھاتە ئورمىنى قاتارلىق بورانلىق دېڭىز تاشقىنى مۇداپىئە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، ئىمارەت، قۇرۇلمىلارنىڭ لايىھەسى ۋە سېلىنىشىنىڭ دېڭىز تاشقىنىدىن مۇداپىئەلىنىش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن بولۇشىنى نازارەت قىلىشى كېرەك.

13-ماددا قىياندىن تاغ جىنىسلىرى سىيرىلىپ چۈشۈش، غۇلاپ چۈشۈش ۋە سەل كېلىش ئېھتىمالى بار جايلار ۋە قىيان كۆپ كېلىدىغان باشقا جايلاردىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى گېئوقېزىلما باشقۇرۇش تارمىقى، سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى تەشكىللەپ، تاغ جىنىسلىرى سىيرىلىپ چۈشۈش، غۇلاپ چۈشۈش ۋە سەل كېلىش خەۋپىنى ئەتراپلىق تەكشۈرۈپ، نۇقتىلىق مۇداپىئە رايونىنى ئايرىپ، مۇداپىئە تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك.

شەھەر، يېزا-بازار ۋە باشقا ئاھالە نۇقتىلىرى، شۇنىڭدەك زاۋۇت، كان، تۆمۈريول، تاشيول غول لىنىيەسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا قىياننىڭ تەھدىتىنى نەزەرگە ئېلىش؛ قىياننىڭ تەھدىتىگە ئۇچرايدىغان جايلاردا قۇرۇلغانلىرىدا مۇداپىئە تەدبىرىنى قوللىنىش كېرەك.

14-ماددا تۈزلەڭلىك، ئويمان، سۇ تورلاشقان جاي، جىلغا، ئويمانلىق قاتارلىق ئاسان ھۆلچىلىك بولىدىغان جايلاردىكى مۇناسىۋەتلىك يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھۆلچىلىكنى تۈگىتىش-تىزگىنلەش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، مۇناسىۋەتلىك تارماق، ئورۇنلارنى تەشكىللەپ، مۇناسىپ تىزگىنلەش تەدبىرىنى قوللىنىپ، سۇ چىقىرىۋېتىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆلچىلىككە چىداملىق زىرائەت تۈرى ۋە سورتنى يېتىشتۈرۈپ، كەلكۈن-ھۆلچىلىك، قۇرغاقچىلىق، شورلىشىشنى ھەر تەرەپلىمە تىزگىنلىشى كېرەك.

شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى شەھەر رايونىدىكى توختام سۇنى چىقىرىش تۇرۇبا يوللىرى، سۇ پومپىسى پونكىتلىرى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

15-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىلەن بىرلىكتە، چاڭجياڭ، خۇاڭخې، جۇجياڭ، لياۋخې، خۇەيخې، خەيخې دەريالىرىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان ئېغىزىنى ئوڭشاش يىرىك پىلانىنى تۈزۈشى كېرەك.

ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان دەريانىڭ دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان ئېغىزىدا دېڭىزنى قاپساپ يەر بىنا قىلىش دەريا ئېغىزىنى ئوڭشاش يىرىك پىلانىغا ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

16-ماددا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانىدا بەلگىلەنگەن دەريالارنى ئوڭشاشقا ئىشلىتىلمەكچى بولغان يەر ۋە توسما قۇرۇشقا ئىشلىتىلمەكچى بولغان يەر دائىرىسىدىكى يەرنى يەر باشقۇرۇش تارمىقى بىلەن سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مۇناسىۋەتلىك جايلار بىلەن بىرلىكتە بېكىتىپ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىگە گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە تەستىقلاتقاندىن كېيىن، پىلانغا كىرگۈزۈلگەن جاي قىلىپ بېكىتسە بولىدۇ؛ پىلانغا كىرگۈزۈلگەن شۇ جاي دائىرىسىدىكى يەرنى باشقا تۈرگە ئىشلىتىشنى مۇناسىۋەتلىك يەر باشقۇرۇش تارمىقى بىلەن سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەشتە، مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىن پىكىر ئېلىشى كېرەك.

پىلانغا كىرگۈزۈلگەن جاينى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە بېكىتكەندىن كېيىن ئېلان قىلىش كېرەك.

ئالدىنقى تارماقتىكى پىلانغا كىرگۈزۈلگەن جاي دائىرىسىدە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشكە مۇناسىۋەتسىز زاۋۇت، كان ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشقا بولمايدۇ؛ ئالاھىدە ئەھۋالدا دۆلەتنىڭ زاۋۇت، كان قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن پىلانغا كىرگۈزۈلگەن جاي ئىچىدىكى يەرنى ئىگىلەشكە توغرا كەلسە، دۆلەت بەلگىلىگەن ئاساسىي قۇرۇلۇش تەرتىپى بويىچە تەسىقلىتىش ھەمدە مۇناسىۋەتلىك سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىدىن پىكىر ئېلىش كېرەك.

كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانىدا كەلكۈننى چىقىرىۋېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىش ياكى ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن يەرنى ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەر باشقۇرۇش تارمىقى ۋە سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار، جايلار بىلەن بىرلىكتە بېكىتىپ، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىگە گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە تەستىقلاتقاندىن كېيىن، پىلانغا كىرگۈزۈلگەن جاي قىلىپ بېكىتىشتە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە تەتبىقلانسا بولىدۇ.

17-ماددا دەريا، كۆللەردە قۇرۇلغان كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشى ۋە باشقا سۇ قۇرۇلۇشى، سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قاتارلىقلار كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن كېلىشى؛ سۇ ئامبارلىرىنىڭ كەلكۈن سىغدۇرۇش سىغىمى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانىدىكى تەلەپ بويىچە تولۇق قالدۇرۇلۇشى كېرەك.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشىدا ۋە باشقا سۇ قۇرۇلۇشى، سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىدا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئالاقىدار سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئىمزالىغان كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن كېلىدىغان يىرىك پىلان ماقۇلنامىسىنى ئالماي تۇرۇپ، قۇرۇلۇشقا تۇتۇش قىلسا بولمايدۇ.

3-باب تىزگىنلەش ۋە مۇھاپىزەت قىلىش

18-ماددا دەريا كەلكۈنىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە، قاچىلاش بىلەن چىقىرىشنى تەڭ تۇتۇپ، دەريانىڭ كەلكۈن ئاققۇزۇش ئىقتىدارىنى ۋە سۇ ئامبىرى، ئويمان، كۆللەرنىڭ كەلكۈن تەڭشەش-قاچىلاش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دەريا مۇھاپىزىتىنى كۈچەيتىپ، قەرەللىك تازىلاش تەدبىرلىرىنى شۇ جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ قوللىنىپ، كەلكۈننى راۋان ئاققۇزۇش كېرەك.

دەريا كەلكۈنىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە، ۋادىدىكى دەل-دەرەخ، ئوت-چۆپ يېپىنچىسىنى قوغداپ ۋە كېڭەيتىپ، سۇ مەنبەسىنى ئاسراپ، ۋادىدىكى سۇ-تۇپراقنى ساقلاش بويىچە ئۇنىۋېرسال تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش كېرەك.

19-ماددا دەريا يولىنى ئوڭشاش ۋە دەريا ئېقىنىنىڭ يۆنىلىشىنى تىزگىنلەش-توغرىلاش، قاش ئاسراش قۇرۇلۇشىدا، باش ئېقىن بىلەن ئاياغ ئېقىننىڭ، سول قىرغاق بىلەن ئوڭ قىرغاقنىڭ مۇناسىۋىتىگە تەڭ ئېتىبار بېرىش، پىلانلانغان تىزگىنلەش-توغرىلاش لىنىيەسى بويىچە ئىشلەش كېرەك، دەريا ئېقىنىنىڭ يۆنىلىشىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىۋېتىشكە بولمايدۇ.

 دۆلەت بېكىتكەن مۇھىم دەريالارنىڭ پىلانلانغان توغرىلاش-تىزگىنلەش لىنىيەسىنى ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى بېكىتىپ، گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىدۇ.

باشقا دەريا، دەريا بۆلىكىنىڭ پىلانلانغان توغرىلاش-تىزگىنلەش لىنىيەسىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بېكىتىپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىدۇ؛ ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنى كېسىپ ئۆتىدىغان دەريا، دەريا بۆلىكى ۋە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ چېگراسى بولغان دەريالارنىڭ پىلانلانغان توغرىلاش-تىزگىنلەش لىنىيەسىنى مۇناسىۋەتلىك ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى دەريا، دەريا بۆلىكى جايلاشقان جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنى تەشكىللەپ بېكىتىپ، مۇناسىۋەتلىك ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەكشۈرۈپ پىكرىنى قويغاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىدۇ.

20-ماددا دەريا، كۆللەرنى تىزگىنلەش سۇ يولىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالسا، سۇ قاتنىشىنىڭ ئېھتىياجىغىمۇ ئېتىبار بېرىش ھەمدە ئاۋۋال قاتناش مەسئۇل تارمىقىدىن پىكىر ئېلىش كېرەك. سۇ يولىنى ئوڭشاش دەريا، كۆللەرنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىك تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى ھەمدە بۇنىڭدا ئاۋۋال سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىدىن پىكىر ئېلىنىشى كېرەك.

بامبۇك-ياغاچ ئاققۇزىدىغان دەريا ۋە بېلىقچىلىق سۇ دائىرىسىنى تىزگىنلەشتە، بامبۇك-ياغاچ سۇ تىرانسپورتى ۋە بېلىقچىلىق تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغىمۇ ئېتىبار بېرىش ھەمدە ئاۋۋال ئورمانچىلىق، بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىدىن پىكىر ئېلىش كېرەك. دەريادا بامبۇك-ياغاچ ئاققۇزغاندا، كەلكۈن ئاققۇزۇش ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك كېرەك.

21-ماددا دەريا، كۆللەرنى باشقۇرۇشتا، سۇ سىستېمىسى بويىچە بىر تۇتاش باشقۇرۇش بىلەن دەرىجە بويىچە باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپى يولغا قويۇلىدۇ، مۇھاپىزەت كۈچەيتىلىپ، راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

دۆلەت بېكىتكەن مۇھىم دەريا، كۆللەرنىڭ ئاساسلىق بۆلەكلىرىنى، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنى كېسىپ ئۆتىدىغان مۇھىم دەريا بۆلىكى، كۆللەرنى، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ چېگراسى بولغان دەريا، كۆللەرنى شۇنىڭدەك دۆلەت چېگراسى بولغان دەريا، كۆللەرنى ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى بىلەن دەريا، كۆللەر جايلاشقان جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ ئايرىپ بەرگىنىگە ئاساسەن، قانۇن بويىچە باشقۇرىدۇ. باشقا دەريا، كۆللەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ھوقۇق بەرگەن ئاپپاراتنىڭ ئايرىپ بەرگىنىگە ئاساسەن، قانۇن بويىچە باشقۇرىدۇ.

 توسمىلىق دەريا، كۆللەرنى باشقۇرۇش دائىرىسى ئىككى توسما ئوتتۇرىسىدىكى سۇ دائىرىسى، قۇملۇق، سازلىق، كەلكۈن ئاققۇزۇش رايونى، توسما ۋە توسما مۇھاپىزەت يېرىدىن ئىبارەت؛ توسمىسىز دەريا، كۆللەرنى باشقۇرۇش دائىرىسى كەلكۈننىڭ تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سۇ ئورنى ياكى لايىھەدىكى سۇ ئورنى ئىچىدىكى سۇ دائىرىسى، قۇملۇق، سازلىق ۋە كەلكۈن ئاققۇزۇش رايونىدىن ئىبارەت.

  ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى بىۋاسىتە باشقۇرىدىغان دەريا، كۆللەرنى باشقۇرۇش دائىرىسىنى ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە بېكىتىدۇ؛ باشقا دەريا، كۆللەرنى باشقۇرۇش دائىرىسىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە بېكىتىدۇ.

 22-ماددا دەريا، كۆللەرنى باشقۇرۇش دائىرىسىدىكى يەر ۋە قىرغاقتىن پايدىلىنىش كەلكۈن ئاققۇزۇش، سۇ يەتكۈزۈش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

    دەريا، كۆللەرنى باشقۇرۇش دائىرىسىدە كەلكۈن ئاققۇزۇشقا توسالغۇ بولىدىغان ئىمارەت، قۇرۇلما سېلىپ، ئەخلەت-چاۋا تۆكۈپ، دەريانىڭ راۋانلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان، دەريا قېشىنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار ۋە دەريانىڭ كەلكۈن ئاققۇزۇشىغا توسالغۇ بولىدىغان باشقا پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش مەنئى قىلىنىدۇ.

    كەلكۈن ئاققۇزىدىغان دەريا يولىدا كەلكۈن ئاققۇزۇشقا توسالغۇ بولىدىغان دەل-دەرەخلەرنى تىكىش ۋە ئېگىز غوللۇق زىرائەتلەرنى تېرىش مەنئى قىلىنىدۇ.

    كېمە-پاراخوت قاتنىشىدا قاشنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان دەريا بۆلىكىدە قاتناش سۈرئىتىگە چەك قويۇش كېرەك. سۈرئەتكە چەك قويۇش بەلگىسىنى قاتناش مەسئۇل تارمىقى سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئورنىتىدۇ.

    23-ماددا كۆلنى قاپساپ يەر بىنا قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ. يەر بىنا قىلىنغان بولسا، دۆلەت بەلگىلىگەن كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئۆلچىمى بويىچە ئوڭشاپ، پىلانلىق ھالدا ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.

    دەريا يولىنى قاپساپ يەر ئۆزلەشتۈرۈش مەنئى قىلىنىدۇ. ئۆزلەشتۈرۈش زۆرۈر بولسا، ئىلمىي دەلىللەش، سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى كەلكۈن ئاققۇزۇشقا، سۇ يەتكۈزۈشكە توسالغۇ بولمايدىكەن دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىش كېرەك.

    24-ماددا كەلكۈن ئاققۇزىدىغان دەريا يولىدا ئولتۇراقلاشقان ئاھالىنى شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى باشقا جايلارغا پىلانلىق كۆچۈرىدۇ.

    25-ماددا توسما-قاش ئىھاتە ئورمىنىنى دەريا، كۆل باشقۇرۇش ئاپپاراتى بىنا قىلىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ. ئۇنى خالىغانچە كېسىشكە يول قويۇلمايدۇ. كېسىشكە توغرا كەلسە، كېسىش ئىجازەت رەسمىيىتىنى قانۇن بويىچە ئۆتەش ھەمدە بەلگىلەنگەن يېڭىلاش، تولۇقلاپ تىكىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش كېرەك.

    26-ماددا ئالاقىدار سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى سۇنى ئېغىر دەرىجىدە قايدۇرغان، توسۇۋالغان كۆۋرۈك، ئېچىق (قانال)، پىرىستان ۋە باشقا دەريا ئاتلايدىغان قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئۆلچىمىگە ئاساسەن ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن ھوقۇق دائىرىسىدە قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنلارنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئۆزگەرتىپ قۇرۇش ياكى چۇۋۇۋېتىشكە بۇيرۇشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

    27-ماددا دەريا ئاتلايدىغان، دەريا تېگىدىن، توسما ئاستىدىن ئۆتىدىغان، دەريا بويىغا جايلاشقان كۆۋرۈك، پىرىستان، يول، كېچىك، تۇرۇبا، كابىل، سۇ ئېلىش، سۇ چىقىرىۋېتىش قاتارلىق قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئۆلچىمىگە، قىرغاق يىرىك پىلانىغا، سۇ قاتنىشى تەلىپىگە ۋە باشقا تېخنىكا تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى، توسما بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزمەسلىكى، دەريانىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىكى، كەلكۈن ئاققۇزۇشنىڭ راۋانلىقىغا دەخلى يەتكۈزمەسلىكى كېرەك؛ ئۇنىڭ قۇرۇلۇش لايىھەسىگە قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئالاقىدار سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى يۇقىرىدا ئېيتىلغان كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش تەلىپىگە ئاساسەن تەكشۈرۈپ قوشۇلمىغان ئەھۋالدا، قۇرۇلۇشقا تۇتۇش قىلسا بولمايدۇ.

    ئالدىنقى تارماقتىكى قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى ياساشتا، دەريا، كۆل باشقۇرۇش دائىرىسىدىكى يەرنى ئىگىلەشكە، دەريا، كۆل ئۈستىدىن ئاتلاپ ئۆتۈشكە ياكى دەريا قېنىدىن كېسىپ ئۆتۈشكە توغرا كەلسە، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن شۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئورنى ۋە چېكىنى مۇناسىۋەتلىك سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، قانۇن بويىچە ئىش باشلاش رەسمىيىتىنى ئۆتىسە بولىدۇ. قۇرۇلۇش قىلىشنى سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغان ئورۇن ۋە چەك بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.

    28-ماددا دەريا، كۆل باشقۇرۇش دائىرىسىدە مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە قۇرۇلغان قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشكە ھوقۇقلۇق؛ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەكشۈرگەندە، تەكشۈرۈلگۈچى مۇناسىۋەتلىك ئەھۋال ۋە ماتېرىيالنى ئەينەن تەمىنلىشى كېرەك.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالىدىغان چاغدا سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قاتنىشىشى كېرەك.

4-باب كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش رايونى ۋە كەلكۈندىن  مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرۇش

    29-ماددا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش رايونى كەلكۈن يامراپ بېرىش ئېھتىمالى بولغان رايوننى كۆرسىتىدۇ. ئۇ كەلكۈن يامراش رايونى، كەلكۈن قاچىلاش رايونى ۋە كەلكۈندىن قوغدىنىش رايونىغا ئايرىلىدۇ.

    كەلكۈن يامراش رايونى مۇھاپىزەت قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى بولمىغان، كەلكۈن يامراپ بارىدىغان رايوننى كۆرسىتىدۇ.

    كەلكۈن قاچىلاش رايونى كەلكۈن بۆلۈش ئېغىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دەريا قېشى سىرتىدىكى كەلكۈننى ۋاقىتلىق ساقلاپ تۇرىدىغان ئويمان جاي ۋە كۆل قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.

    كەلكۈندىن قوغدىنىش رايونى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئۆلچىمى ئىچىدىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى بىلەن قوغدىلىدىغان رايوننى كۆرسىتىدۇ.

    كەلكۈن يامراش رايونى، كەلكۈن قاچىلاش رايونى ۋە كەلكۈندىن قوغدىنىش رايونىنىڭ دائىرىسى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانى ياكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش لايىھەسىدە بېكىتىلىدۇ ھەمدە ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىگە گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە تەستىقلىتىلغاندىن كېيىن ئېلان قىلىنىدۇ.

    30-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش رايونىدىكى يەردىن پايدىلىنىشنى رايونلارغا ئايرىپ باشقۇرىدۇ.

    31-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش رايونىدىكى بىخەتەرلىك قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىدۇ، مۇناسىۋەتلىك تارماق، ئورۇنلارنى تەشكىللەپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش رايونىدىكى ئورۇن ۋە ئاھالىگە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش تەربىيەسى بېرىدۇ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرىدۇ، سۇ ئاپىتى ئېڭىنى ئۆستۈرىدۇ؛ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانى ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش لايىھەسىگە ئاساسەن، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى ۋە ھىدرولوگىيە، مېتېئورولوگىيە، خەۋەرلىشىش، ئالدىن سىگنال بېرىش، شۇنىڭدەك كەلكۈن-ھۆلچىلىك ئاپىتىنى كۆزىتىش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ؛ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش رايونىدىكى ئورۇن ۋە ئاھالىنى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا تەشكىللەيدۇ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش-ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى ئۆز جايىنىڭ شارائىتىغا يارىشا قوللىنىدۇ.

    32-ماددا كەلكۈن يامراش رايونى، كەلكۈن قاچىلاش رايونىدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالاقىدار رايون ۋە تارماقلارنى تەشكىللەپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانىدىكى تەلەپ بويىچە، كەلكۈن يامراش رايونى، كەلكۈن قاچىلاش رايونىنىڭ بىخەتەرلىك قۇرۇلۇش پىلانىنى تۈزىدۇ، كەلكۈن قاچىلاش رايونىدىكى ئاھالىنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلەيدۇ، دائىم پايدىلىنىلىدىغان كەلكۈن قاچىلاش رايونىدا ئولتۇراقلاشقان ئاھالىنى پىلانلىق ھالدا باشقا جايغا كۆچۈرىدۇ ھەمدە باشقا زۆرۈر بىخەتەرلىك-قوغداش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدۇ.

    كەلكۈن قاچىلاش رايونىدىكى بىۋاسىتە نەپ ئالىدىغان جاي ۋە ئورۇنلار كەلكۈن قاچىلاش رايونىغا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تۆلەم بېرىش، قۇتقۇزۇش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. گوۋۇيۈەن ۋە ئالاقىدار ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى كەلكۈن قاچىلاش رايونىنى يۆلەش ۋە تۆلەم بېرىش، قۇتقۇزۇش تۈزۈملىرىنى ئورنىتىشى كېرەك.

    گوۋۇيۈەن ۋە ئالاقىدار ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى كەلكۈن يامراش رايونى، كەلكۈن قاچىلاش رايونىنىڭ بىخەتەرلىك قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش چارىسى ۋە كەلكۈن قاچىلاش رايونىنى يۆلەش ۋە تۆلەم بېرىش، قۇتقۇزۇش چارىسىنى چىقارسا بولىدۇ.

    33-ماددا كەلكۈن يامراش رايونى، كەلكۈن قاچىلاش رايونىدا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشىدىن باشقا قۇرۇلۇشلارنى قىلغاندا، كەلكۈننىڭ قۇرۇلۇشقا كۆرسىتىش ئېھتىمالى بولغان تەسىرى ۋە قۇرۇلۇشنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشكە كۆرسىتىش ئېھتىمالى بولغان تەسىرىنى باھالاپ، كەلكۈننىڭ تەسىرىنى باھالاش دوكلاتىنى تەييارلاش، مۇداپىئە تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن كەلكۈننىڭ تەسىرىنى باھالاش دوكلاتىنى سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلاتماي تۇرۇپ، قۇرۇلۇشقا تۇتۇش قىلسا بولمايدۇ.

    كەلكۈن قاچىلاش رايونىدا نېفىتلىك، تۆمۈريول، تاشيول، كان، ئېلېكتىر ئىستانسىسى، تېلېگراف ئەسلىھەلىرى ۋە تۇرۇبا يوللىرى قۇرۇلىدىغان بولسا، كەلكۈننىڭ ئۇنىڭغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى باھالاش دوكلاتى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئۆزى ئورۇنلاشتۇرغان كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش-ساقلىنىش لايىھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك. قۇرۇلۇشنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش ياكى ئىشلىتىشتە، ئۇنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇش ئەسلىھەسىنى سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالىدۇ.

    كەلكۈن قاچىلاش رايونىدا سېلىنىدىغان ئۆينىڭ ئۆگزىسى تۈز بولۇشى كېرەك.

    34-ماددا چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەر، مۇھىم تۆمۈريول، تاشيول غول لىنىيەلىرى، چوڭ تىپتىكى تايانچ كارخانىلار كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشتە مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

    كەلكۈن تەھدىتىگە ئۇچرايدىغان شەھەرلەر، ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونلىرى، سانائەت-كان رايونلىرى ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرى قاتارلىقلارنى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش زۆرۈر ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇپ نۇقتىلىق قوغداش كېرەك.

    شەھەر قۇرۇلۇشىدا ئەسلىي بار دەريا-جىلغىنى، سۇ ساقلايدىغان كۆلچەك-ئويمانلارنى خالىغانچە تىندۇرۇۋېتىشكە ۋە ئەسلىدىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش توسمىلىرىنى بۇزۇۋېتىشكە يول قويۇلمايدۇ. تىندۇرۇۋېتىش ياكى بۇزۇۋېتىش زۆرۈر بولسا، شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىش كېرەك.

    35-ماددا دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرۇش ۋە قوغداش دائىرىسىنى تەستىقلانغان لايىھە بويىچە، قۇرۇلۇش پۈتۈپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن بۇرۇن ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بېكىتىدۇ.

    كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ قوغدىلىش دائىرىسى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بېكىتىلىدۇ.

    كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى قوغدىلىدىغان دائىرىدە پارتلىتىش، قۇدۇق قېزىش، تاش كولاش، توپا ئېلىشقا ئوخشاش كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان پائالىيەتلەرنى قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

    36-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالاقىدار تارماقلارنى سۇ ئامبىرى توسمىسىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرۇش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشكە تەشكىللىشى كېرەك. لايىھەدىكى كەلكۈن ئۆلچىمىگە، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئەلىنىش تەلىپىگە يەتمىگەن ياكى سۈپەت جەھەتتە ئېغىر نۇقسان بار خەتەرلىك توسمىلارنى توسما باشقۇرغۇچى تارماق ئالاقىدار تارماقلارنى تەشكىللەپ مۇستەھكەملەش تەدبىرى قوللىنىدۇ. بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە خەتەرنى تۈگىتىدۇ ياكى قايتا قۇرىدۇ، ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمىتى كېرەكلىك مەبلەغنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. سۇ ئامبىرىنىڭ توسمىسى ئۆرۈلۈپ كېتىش ئېھتىمالى كۆرۈلگەندە، خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە ئاھالىنى ۋاقىتلىق چېكىندۈرۈش لايىھەسىنى ئالدىن تۈزۈش كېرەك.

    ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلار قۇيرۇق كان توسمىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تەدبىر قوللىنىپ، كەلكۈننىڭ توسمىنى ئۆرۈۋېتىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

    37-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ سۇ ئامبىرى توسمىسى، توغان، تاقاق، مۇھاپىزەت قېشى، سۇ تارتىش پونكىتى، سۇ چىقىرىۋېتىش ئېرىق-ئۆستەڭلىرى قاتارلىق كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشى ۋە ھىدرولوگىيە، خەۋەرلىشىش ئەسلىھەلىرى، شۇنداقلا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن ھازىرلانغان سايمان، ماتېرىياللارنى بۇزۇۋېتىشىگە، ئىگىلىۋېلىشىغا، ۋەيران قىلىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

5-باب كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش

    38-ماددا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىدە ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەمۇرىي باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى، بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىش، دەرىجە، تارماق بويىچە مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.

    39-ماددا گوۋۇيۈەن دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قوماندانلىق ئاپپاراتى قۇرىدۇ، ئۇ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ ۋە تەشكىلاتچىلىق قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئىش ئاپپاراتى گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىدا قۇرۇلىدۇ.

    دۆلەت بېكىتكەن مۇھىم دەريا، كۆللەردە ئالاقىدار ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ۋە شۇ دەريا، كۆللەر ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قوماندانلىق ئاپپاراتى قۇرۇلسا بولىدۇ، ئۇ ئۆزى باشقۇرىدىغان دائىرىدىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىگە قوماندانلىق قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئىش ئاپپاراتى ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتىدا قۇرۇلىدۇ.

    كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ۋەزىپىسى بار ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالاقىدار تارماقنىڭ، شۇ جايدا تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ، خەلق قوراللىق بۆلۈمىنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قوماندانلىق ئاپپاراتى قۇرىدۇ، ئۇ، يۇقىرى دەرىجىلىك كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قوماندانلىق ئاپپاراتى ۋە شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئۆز رايونىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىگە قوماندانلىق قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئىش ئاپپاراتى تەڭ دەرىجىلىك سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىدا قۇرۇلىدۇ؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قارار قىلىشى بىلەن، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قوماندانلىق ئاپپاراتى قۇرۇلۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىدا شەھەر رايونى ئىش ئاپپاراتى قۇرسىمۇ بولىدۇ، ئۇ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قوماندانلىق ئاپپاراتىنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە، شەھەر رايونىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشقا دائىر كۈندىلىك خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولىدۇ.

    40-ماددا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ۋەزىپىسى بار ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋادى ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانى، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە دۆلەت بەلگىلىگەن كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئۆلچىمىگە ئاساسەن، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ (ئۇ، پەۋقۇلئاددە چوڭ كەلكۈننى بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ).

    چاڭجياڭ، خۇاڭخې، خۇەيخې، خەيخې دەريالىرىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش لايىھەسىنى دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قوماندانلىق ئاپپاراتى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىدۇ؛ ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنى كېسىپ ئۆتىدىغان باشقا دەريالارنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش لايىھەسىنى ئالاقىدار ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئالاقىدار ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈزۈپ، گوۋۇيۈەن ياكى گوۋۇيۈەن ھوقۇق بەرگەن ئالاقىدار تارماققا تەستىقلىتىدۇ. كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش لايىھەسى تەستىقلانغاندىن كېيىن، ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىجرا قىلىشى شەرت.

    ھەر دەرىجىلىك كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قوماندانلىق ئاپپاراتلىرى ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان تارماق، ئورۇنلار كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش لايىھەسىگە ئاساسەن، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلىشى شەرت.

    41-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قوماندانلىق ئاپپاراتى ئۆز جايىنىڭ كەلكۈن قانۇنىيىتىگە ئاساسەن، كەلكۈن كېلىش-توختاش ۋاقتىنى بەلگىلەيدۇ.

    دەريا، كۆللەردىكى سۇ ئەھۋالى كاپالەتلىك سۇ ئورنى ياكى بىخەتەر ئېقىم مىقدارىغا يېقىنلاشقاندا، سۇ ئامبىرىدىكى سۇ ئورنى لايىھەدىكى كەلكۈن سۇ ئورنىغا يېقىنلاشقاندا ۋە ياكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىدە ئېغىر خەتەرلىك ئەھۋال يۈز بەرگەندە، ئالاقىدار ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قوماندانلىق ئاپپاراتى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش جىددىي مەزگىلىگە كىرگەنلىكىنى جاكارلىسا بولىدۇ.

    42-ماددا دەريا، كۆللەر دائىرىسىدىكى كەلكۈن ئاققۇزۇشقا توسالغۇ بولىدىغان توساقلارنى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قوماندانلىق ئاپپاراتى كىم قويغان بولسا، شۇ تازىلاش پىرىنسىپى بويىچە بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تازىلاشقا بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تازىلىمىغانلارنى، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قوماندانلىق ئاپپاراتى مەجبۇرىي تازىلاتقۇزىدۇ، خىراجىتىنى توساق قويغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ.

    كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش جىددىي مەزگىلىدە، دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قوماندانلىق ئاپپاراتى ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن ۋادى دەرىجىلىك، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قوماندانلىق ئاپپاراتى سۇنى ئېغىر دەرىجىدە قايدۇرغان، توسۇۋالغان كۆۋرۈك، ئېچىق (قانال)، پىرىستان ۋە باشقا دەريا ئاتلايدىغان قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

    43-ماددا كەلكۈن مەزگىلىدە، مېتېئورولوگىيە، ھىدرولوگىيە، دېڭىز-ئوكيان تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار ئۆز خىزمەت مەسئۇلىيىتى بويىچە، ئالاقىدار كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قوماندانلىق ئاپپاراتىغا ھاۋارايى ئۇچۇرى، ھىدرولوگىيەلىك ئۇچۇر بېرىپ تۇرۇشى ۋە بورانلىق دېڭىز تاشقىنىدىن ۋاقتىدا ئالدىن مەلۇمات بېرىشى كېرەك؛ تېلېگراف تارماقلىرى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش خەۋەرلىرىنى ئالدىن يەتكۈزۈشى كېرەك؛ تىرانسپورت، ئېلېكتىر-ئېنېرگىيە، ئەشيا-ماتېرىيال تەمىنلەش تارماقلىرى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشقا ئالدىن مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

    جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى، جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسىمى ۋە خەلق ئەسكەرلىرى دۆلەت يۈكلىگەن كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش-خەتەردىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشى كېرەك.

    44-ماددا كەلكۈن مەزگىلىدە، سۇ ئامبىرى، توغان ۋە باشقا سۇ قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىدىن پايدىلىنىشتا، ئالاقىدار كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قوماندانلىق ئاپپاراتىنىڭ قوماندانلىقى ۋە نازارەتچىلىكىگە بويسۇنۇش شەرت.

    كەلكۈن مەزگىلىدە، سۇ ئامبىرىغا چەك قويۇلغان سۇ ئورنىدىن ئاشۇرۇپ ئۆز مەيلىچە سۇ قاچىلاشقا يول قويۇلمايدۇ. سۇ ئامبىرىغا كەلكۈن مەزگىلىدە چەك قويۇلغان سۇ ئورنىدىن ئاشۇرۇپ سۇ قاچىلاشتا، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قوماندانلىق ئاپپاراتىنىڭ قوماندانلىقى ۋە نازارەتچىلىكىگە بويسۇنۇش شەرت.

    چېچەك سۈيى مەزگىلىدە، چېچەك سۈيى تاشقىنىدىن مۇداپىئە كۆرۈلىدىغان دەريالارنىڭ باش ئېقىنىدىكى سۇ ئامبىرىدىن سۇ چۈشۈرۈشتە، ئالاقىدار كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قوماندانلىق ئاپپاراتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش ھەمدە ئۇنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىش شەرت.

    45-ماددا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش جىددىي مەزگىلىدە، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قوماندانلىق ئاپپاراتى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، باشقۇرۇش دائىرىسىدە ماددىي ئەشيا، ئۈسكۈنە، قاتناش-تىرانسپورت قورالى ۋە ئادەم كۈچىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشكە، توپا ئېلىش، يەر ئىگىلەش، دەل-دەرەخ كېسىش، سۇنى توسۇۋالغان نەرسىلەرنى تازىلاش ۋە باشقا زۆرۈر جىددىي تەدبىرلەرنى قوللىنىشنى قارار قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى، قاتناش تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قوماندانلىق ئاپپاراتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، قۇرۇقلۇق ۋە سۇ قاتنىشىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىدۇ.

    كەلكۈن مەزگىلىدىن كېيىن، ئالدىنقى ماددىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، يۆتكەپ ئىشلىتىلگەن ماددىي ئەشيا، ئۈسكۈنە، قاتناش-تىرانسپورت قورالى قاتارلىقلارنى ۋاقتىدا قايتۇرۇش كېرەك؛ بۇزۇلغانلىرى ياكى قايتۇرۇپ بەرگىلى بولمايدىغانلىرى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە مۇۋاپىق تۆلەپ بېرىلىدۇ ياكى باشقىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. توپا ئېلىنغان، يەر ئىگىلەنگەن، دەل-دەرەخ كېسىلگەن بولسا، كەلكۈن مەزگىلىدىن كېيىن ئالاقىدار تارماقلارغا بېرىپ رەسمىيەتنى قانۇن بويىچە تولۇقلاپ ئۆتەش كېرەك. ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى توپىسى ئېلىنغان يەرنى قايتا ئۆزلەشتۈرۈشكە، كېسىلگەن دەرەخلەرنى تولۇقلاپ تىكىشكە تەشكىللەيدۇ.

    46-ماددا دەريا، كۆللەرنىڭ سۇ ئورنى ياكى ئېقىم مىقدارى دۆلەت بەلگىلىگەن كەلكۈن بۆلۈش ئۆلچىمىگە يېتىپ، كەلكۈن قاچىلاش رايونىدىن پايدىلىنىشقا توغرا كەلگەندە، گوۋۇيۈەن، دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قوماندانلىق ئاپپاراتى، ۋادى دەرىجىلىك كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قوماندانلىق ئاپپاراتى، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قوماندانلىق ئاپپاراتى قانۇن بويىچە تەستىقلانغان كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش لايىھەسىدە بەلگىلەنگەن ئىشلىتىش شەرتى ۋە تەستىقلاش تەرتىپى بويىچە، كەلكۈن قاچىلاش رايونىدىن پايدىلىنىشنى قارار قىلسا بولىدۇ. كەلكۈن قاچىلاش رايونىدىن قانۇن بويىچە پايدىلىنىشقا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشىغا، ئارقىغا سۆرىشىگە يول قويۇلمايدۇ؛ توسقۇنلۇق قىلغان، ئارقىغا سۆرىگەن بولسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىدۇ.

    47-ماددا كەلكۈن-ھۆلچىلىك ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇناسىۋەتلىك تارماق، ئورۇنلارنى تەشكىللەپ، ئاپەت رايونىنىڭ تۇرمۇش تەمىناتى، سەھىيە يۇقۇم مۇداپىئەسى، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئەشيالىرىنى تەمىنلەش، ئامانلىق باشقۇرۇش، مەكتەپلەردە دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە يۇرت-ماكاننى قايتا قۇرۇش قاتارلىق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى، شۇنىڭدەك ئۆز تەۋەسىدىكى كەلكۈن بۇزۇۋەتكەن قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەيدۇ. كەلكۈن بۇزۇۋەتكەن كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ يىللىق قۇرۇلۇش پىلانىغا ئالدىن كىرگۈزۈش كېرەك.

    دۆلەت كەلكۈن سۇغۇرتىسىنى يولغا قويۇشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

6-باب كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرى

    48-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش سېلىنمىسىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

    49-ماددا دەريا، كۆللەرنى تىزگىنلەش ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش ۋە ئاسراشقا كېتىدىغان مەبلەغنى ئىش ھوقۇقى بىلەن مالىيە ھوقۇقىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، دەرىجە بويىچە مەسئۇل بولۇپ، مەركەز مالىيەسى بىلەن يەرلىك مالىيە ئۈستىگە ئالىدۇ. شەھەرلەرنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش ۋە ئاسراشقا كېتىدىغان مەبلەغنى شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمىتى ئۈستىگە ئالىدۇ.

    كەلكۈن تەھدىتىگە ئۇچرايدىغان رايونلاردىكى نېفىتلىك، تۇرۇبا يولى، تۆمۈريول، تاشيول، كان، ئېلېكتىر-ئېنېرگىيە، تېلېگراف قاتارلىق كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ئۆزلىرى مەبلەغ توپلاپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش-قوغدىنىش زۆرۈر قۇرۇلۇشلىرىنى قىلىشى كېرەك.

    50-ماددا دۆلەت بېكىتكەن مۇھىم دەريا، كۆللەرنىڭ توسمىلىرى پەۋقۇلئاددا ئېغىر كەلكۈن-ھۆلچىلىك ئاپىتىگە ئۇچرىغاندا، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش-خەتەردىن قۇتقۇزۇش ۋە سۇ بۇزۇۋەتكەن كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىغان مەبلەغنى مەركەز مالىيەسى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى پەۋقۇلئاددە ئېغىر كەلكۈن-ھۆلچىلىك ئاپىتىگە ئۇچرىغان جايلارنىڭ كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش-خەتەردىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە سۇ بۇزۇۋەتكەن كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ئىشلىتىلىدىغان مەبلەغنى شۇ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىدا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

    51-ماددا دۆلەت سۇ قۇرۇلۇشى فوندى تەسىس قىلىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشى ۋە سۇ قۇرۇلۇشىنى ئاسراش ۋە ياساشقا ئىشلىتىدۇ، كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

    كەلكۈن تەھدىتىگە ئۇچرايدىغان ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، كەلكۈندىن قوغدىنىش رايونى دائىرىسىدە دەريا قۇرۇلۇشىنى ياساش، ئاسراش ۋە باشقۇرۇش ھەققى ئېلىشنى بەلگىلىسە بولىدۇ.

    52-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغى ۋە ماددىي ئەشياسىنى قىسىپ قېلىشىغا، ئىشلىتىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

    ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغىنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى تەپتىش قىلىش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

7-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

    53-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 17-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ يىرىك پىلان ماقۇلنامىسىنى ئالماي، دەريا، كۆللەردە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشى ۋە باشقا سۇ قۇرۇلۇشى، سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قىلغانلار قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا، يىرىك پىلان ماقۇلنامىسى رەسمىيىتىنى تولۇقلاپ ئۆتەشكە بۇيرۇلىدۇ؛ يىرىك پىلان ماقۇلنامىسىدىكى تەلەپكە خىلاپلىق قىلىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشكە ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەنلەر قۇرۇلۇشنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە چۇۋۇۋېتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ يىرىك پىلان ماقۇلنامىسىدىكى تەلەپكە خىلاپلىق قىلىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشكە تەسىر يەتكۈزگەن بولسىمۇ، قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىش ئىمكانىيىتى بارلار بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىشقا بۇيرۇلىدۇ، ئۇلارغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ.

    54-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 19-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دەريا يولىنى ئوڭشاش ۋە دەريا ئېقىنىنىڭ يۆنىلىشىنى تىزگىنلەش-توغرىلاش، قاش ئاسراش قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى پىلانلانغان تىزگىنلەش-توغرىلاش لىنىيەسى بويىچە قىلماي، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشكە تەسىر يەتكۈزگەنلەر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا، ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياكى باشقا قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىشقا بۇيرۇلىدۇ، ئۇلارغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ.

    55-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 22-ماددىسىنىڭ 2 –، 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلار قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا، توسالغۇنى تۈگىتىشكە ياكى باشقا قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىشقا بۇيرۇلىدۇ، ئۇلارغا 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ:

1) دەريا، كۆللەرنى باشقۇرۇش دائىرىسىدە كەلكۈن ئاققۇزۇشقا كاشىلا قىلىدىغان ئىمارەت، قۇرۇلما سېلىش؛

2) دەريا، كۆللەرنى باشقۇرۇش دائىرىسىدە ئەخلەت-چاۋا تۆكۈپ، دەريانىڭ راۋانلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان، دەريا قېشىنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەر ۋە دەريانىڭ كەلكۈن ئاققۇزۇشىغا كاشىلا قىلىدىغان باشقا ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش؛

3) كەلكۈن ئاققۇزىدىغان دەريا يولىغا كەلكۈن ئاققۇزۇشقا كاشىلا قىلىدىغان دەل-دەرەخ تىكىش ۋە ئېگىز غوللۇق زىرائەت تېرىش.

    56-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 15-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى، 23-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دېڭىزنى قاپساپ يەر بىنا قىلغان، كۆلنى قاپساپ يەر بىنا قىلغان، دەريا يولىنى قاپساپ يەر ئۆزلەشتۈرگەنلەر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا، ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياكى باشقا قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىشقا بۇيرۇلىدۇ، ئۇلارغا 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ ئەسلىگىمۇ كەلتۈرمىگەن، باشقا قۇتقۇزۇش تەدبىرىنىمۇ قوللانمىغان ئەھۋالدا، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ياكى باشقا قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىلىدۇ، خىراجىتىنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ.

    57-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 27-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇرۇلۇش لايىھەسىنى سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزمەي ياكى ئالاقىدار سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغان ئورۇن، چەك بويىچە ئىش قىلماي، دەريا، كۆللەرنى باشقۇرۇش دائىرىسىدىكى قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى قۇرغان بولسا، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا، تەكشۈرتۈش ياكى تەستىقلىتىش رەسمىيىتىنى تولۇقلاپ ئۆتەشكە بۇيرۇلىدۇ؛ قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشكە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن بولسا، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە چۇۋۇۋېتىشكە بۇيرۇلىدۇ، مۆھلەت ئۆتسىمۇ چۇۋۇۋەتمىسە، مەجبۇرىي چۇۋۇتقۇزۇلىدۇ، خىراجىتىنى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئۈستىگە ئالىدۇ؛ كەلكۈن ئاققۇزۇشقا تەسىر يەتكۈزگەن بولسىمۇ، قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىش ئىمكانىيىتى بارلار بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىشقا بۇيرۇلىدۇ، ئۇلارغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ.

    58-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 33-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، كەلكۈن يامراش رايونى، كەلكۈن قاچىلاش رايونىدا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشىدىن باشقا قۇرۇلۇشلارنى قىلىپ، كەلكۈن تەسىرىنى باھالاش دوكلاتى تەييارلىماي ياكى كەلكۈن تەسىرىنى باھالاش دوكلاتىنى تەستىقلاتماي تۇرۇپ قۇرۇلۇش قىلغانلار بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرگە 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

    مۇشۇ قانۇننىڭ 33-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزمەي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرگەن ياكى ئىشلەتكەنلەر ئىشلەپچىقىرىشنى ياكى ئىشلىتىشنى توختىتىشقا، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇش ئەسلىھەسىنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈشكە بۇيرۇلىدۇ، ئۇلارغا 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ.

    59-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 34-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، شەھەر قۇرۇلۇشى سەۋەبى بىلەن ئەسلىدىكى دەريا-ئېقىن يوللىرىنى، سۇ ساقلاش كۆلچەك-ئويمانلىرىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تىندۇرۇۋەتكەن ۋە ئەسلىدىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش توسمىلىرىنى بىكار قىلىۋەتكەنلەرنى شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياكى باشقا قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىشقا بۇيرۇيدۇ.

    60-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، توغان، تاقاق، قاش، سۇ تارتىش پونكىتى، سۇ چىقىرىۋېتىش ئېرىق-ئۆستەڭلىرى قاتارلىق كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشى ۋە ھىدرولوگىيە، خەۋەرلىشىش ئەسلىھەلىرى، شۇنىڭدەك كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن ھازىرلانغان سايمان، ماتېرىياللارنى بۇزغان، ئىگىلىۋالغان، ۋەيران قىلىۋەتكەنلەر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا، قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىشقا بۇيرۇلىدۇ، ئۇلارغا 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ بۇزۇپ قويغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازا بېرىلىدىغانلارغا ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

    61-ماددا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قوماندانلىق ئاپپاراتى، سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى خادىملىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، تەھدىت سېلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەن، لېكىن ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازا بېرىلىدىغانلىرىغا ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

    62-ماددا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغى ۋە ماددىي ئەشياسىنى قىسىپ قېلىپ، ئىشلىتىۋېلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەرگە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.

    63-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 59-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىدىن باشقا مۇشۇ بابتا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي جازا ۋە مەمۇرىي تەدبىرلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەيدۇ ياكى ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە بەلگىلەيدۇ، لېكىن، 60-، 61-ماددىدا بەلگىلەنگەن ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىشنى قارار قىلىدىغان ئورگان ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىش كۆرىدۇ.

    64-ماددا دۆلەت خادىملىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ:

1) مۇشۇ قانۇننىڭ 17-، 19-ماددىسى، 22-ماددىسىنىڭ 2-، 3-تارمىقى، 27-ماددىسى ياكى 34-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشكە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزۈش؛

2) خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىش؛

3) كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش لايىھەسى، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش-خەتەردىن قۇتقۇزۇش بۇيرۇقى ياكى كەلكۈن قاچىلاش لايىھەسى، تەدبىرى، كەلكۈن مەزگىلىدىكى يۆتكەش-ئىشلىتىش پىلانى قاتارلىق كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش-يۆتكەش لايىھەسىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلىش؛

4) مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قوشنا رايونلار ياكى باشقا ئورۇنلارنى كەلكۈن ئاپىتىدە زىيانغا ئۇچرىتىش ياكى ئۇلارنىڭ زىيىنىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىش.

8-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

    65-ماددا بۇ قانۇن 1998-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#