بورتالا شەھەرلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپ
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
1951-يىلى بۆرتالا شەھىرى گولمۇتۇ يولى 53-نومۇرلۇق قورۇدا قۇرۇلغان. مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 30228 كۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 10985 كۋادرات مېتىر. بۇ مەكتەپ «ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، مەدەنىيەتلىك بولۇش، ئىتتىپاق بولۇش، يېڭىلىق يارىتىش » دېگەن مەكتەپ ئىستىلىدا چىڭ تۇرۇپ، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرغان. 1998-يىلى بۆرتالا شەھەرلىك ساپا مائارىپىدىكى سىناق نۇقتا مەكتىپى قىلىپ بېكىتىلگەن. دەرستىن سىرتقى ۋاقىتتا 27 دەرستىن سىرتقى پائالىيەت كۇرژۇكى قۇرغان. 1998-يىلى 8-ئايدا ئەخلاق تەربىيە باشقارمىسى تەسىس قىلىپ، مەخسۇس ھالدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىنى باشقۇرغان. بۇ مەكتەپ بۇرۇن ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئائىلە باشلىقى مەكتىپى بولۇپ باھالانغان. 1999-يىلدىكى ئوقۇتۇش سىنىپى 36، تەييارلىق سىنىپ بەش، ئوقۇغۇچى سانى 2251 نەپەر، رەسمىي ئوقۇتقۇچىسى 96 نەپەر.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.