ئىترىفىل ئۈستقۇددۇس
ئىترىفىل ئۈستقۇددۇس جىگەررەڭلىك مەجۇنات بولۇپ،تەمى ئاچچىق، قاڭسىق. مېڭىنى سەگەكلەشتۈرۈش، غەيرىي تەبىئىي سەپرا ۋە سەۋدانى سۈرۈپ چىقىرىش تەسىرىگە ئىگە.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئىترىفىل ئۈستقۇددۇس جىگەررەڭلىك مەجۇنات بولۇپ، تەمى ئاچچىق،قاڭسىق. مېڭىنى سەگەكلەشتۈرۈش، غەيرىي تەبىئىي سەپرا ۋە سەۋدانى سۈرۈپ چىقىرىش تەسىرىگە ئىگە. ساراڭلىق، مالىخۇلىيا (خىيالپەرەسلىك) قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ياسالما شەكلى
مەجۇن
دورىدىن g30 ئېلىپ،دىئاتومىد قوشۇپ، تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ،ئېتىل ئېفىردىن ml50 قوشۇپ ئېرىتىپ سىناق ئېرىتمىسى تەييارلىنىدۇ. قىزىلگۈل سېلىشتۇرما دورىسىدىن g2 ئېلىپ، ئېتىل ئېفىردىن ml10 قوشۇپ،30 مىنۇت چايقاپ،سۈزۈپ،سۈزۈۋېلىنغان سۇيۇقلۇق سېلىشتۇرۇلىدىغان دورا ئېرىتمىسى قىلىپ تەييارلىنىدۇ. نېپىز قەۋەتلىك رەڭ سىپېكتىر ئۇسۇلى (قوشۇمچە Ⅵ B) سىنىقى تەجرىبىسىگە ئاساسەن، سىناق قىلىنغۇچى ئېرىتمىدىن 10µl،سېلىشتۇرما دورا ئېرىتمىسىدىن 5µl شۈمۈرۈپ ئېلىپ، نېپىز قەۋەتلىك سىلىكاگىل G لىق تاختا ئۈستىدىكى ئايرىم-ئايرىم نوقتىغا تېمىتىپ، (4:2:0.1) تولۇئول- ئېتىل ئاتسىتات-فورمات كىسلاتانى يېيىلدۇرغۇچى قىلىپ يېيىلدۇرۇپ، شامالدىتىپ قۇرۇتۇپ، تاختا ئۈستىگە %5 لىك ۋانىللىن سۇلفات ئېرىتمىسىنى پۈركۈپ،℃105تا داغ توچكىلىرى ئېنىق كۆرۈنگىچە قاقلايمىز.سىناق قىلىنغۇچى دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىرىدا، سېلىشتۇرۇلىدىغان دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىرىدىكى مۇناسىپ ئورۇندا ئوخشاش رەڭلىك داغ توچكىلىرى كۆرۈنىدۇ.
بۇ دورا مەجۇن ياسالمىسىغا ئالاقىدار ھەر خىل بەلگىلىمىلەر (سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دورا ئۆلچىمى ئۇيغۇر تىبابەت دورا قىسمى،قوشۇمچە I) گە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.