قۇرسى گۈل
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قۇرسى گۈل دورا قىزغۇچ جىگەر رەڭلىك قۇرس بولۇپ، تەمى بىراز تاتلىق.جىگەر ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش تەسىرىگە ئىگە. جىگەر ۋە ئاشقازان ئاجىزلىقى، ئۇسسۇزلۇقنىڭ كۆپ بولۇشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
ياسالما شەكلى
قۇرسى
بۇ دورىدىن تال5 ئېلىپ، ئېزىپ، 20ml ئېتىل ئېفىر قوشۇپ ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىدا 15 مىنۇت بىر تەرەپ قىلىپ،سۈزۈپ، سۈزۈلگەن ئېرىتمىنى ml2 قالغىچە پارلاندۇرۇپ،سىناق ئېرىتمىسى تەييارلىنىدۇ. قىزىل گۈل سېلىشتۇرما دورىسىدىن 2g ئېلىپ، 10ml ئېتىل ئېفىر قوشۇپ، 30مىنۇت چالغىتىپ،سۈزۈپ، سۈزۈلگەن ئېرىتمىنى سېلىشتۇرما ئېرىتمىسى تەييارلىنىدۇ. نېپىز قەۋەتلىك رەڭ سىپېكتىر ئۇسۇلى (قوشۇمچە Ⅵ B) سىنىقى بويىچە سىناق ئېرىتمىسىدىن 10µl ،سېلىشتۇرما دورا ئېرىتمىسىدىن 5µl شۈمۈرۈپ ئېلىپ، نېپىز قەۋەتلىك سىلىكاگىل G لىق تاختا ئۈستىگە ئايرىم-ئايرىم نوختا تېمىتىپ،(17∶3)سېكلو ھېكسان-ئېتىل ئاتسىتاتنى يېيىلدۇرغۇچى قىلىپ يېيىلدۇرۇپ، شامالدىتىپ قۇرۇتۇپ، تاختا ئۈستىگە %5 لىك ۋانىللىن سۇلفات كىسلاتا ئېرىتمىسى پۈركۈپ، كۈزەتكەندە سىناق قىلىنغۇچى دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىردا، سېلىشتۇرۇلغۇچى دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىردىكى مۇناسىپ ئورۇندا ئوخشاش رەڭلىك داغ توچكىلىرى كۆرۈنىدۇ.
بۇ دورا تابلىت ياسالمىسىغا ئالاقىدار ھەر خىل بەلگىلىمىلەر (جوڭگو دورا قامۇسى بىرىنچى بۆلۈم 2010-يىل،قوشۇمچە I D) گە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.