يانار گاز تۇربىنىلىق پاراۋوز

يانار گاز تۇربىنىلىق پاراۋوز

يانار گاز تۇربىنىلىق پاراۋوزنىڭ ئۆزگىچە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قۇرۇلمىسى بار، ئۇ يېنىش كامېراسى، كومپرېسسور ۋە تۇربىنىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى يانار گاز تۇربىنىلىق پاراۋوز
خەنزۇچە نامى 燃气涡轮机车

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يانار گاز تۇربىنىلىق پاراۋوزدېڭىز يۈزىدىن 3500 مېتىر ئېگىز بولغان چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىدە پويىز ھەيدەشتە گاز تۇربىنىلىق پاراۋوز ئەڭ مۇۋاپىق. ئېگىزلىكلەر يىل بويى توڭلاش ھالىتىدە تۇرىدىغانلىقى ۋە سۇ كەمچىل بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۈنۈمى تۆۋەن ئەنئەنىۋى ھور پاراۋوزى ئېگىزلىكتە ۋاگونلارنى تارتالمايدۇ؛ ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېلنى پاراۋوز قىلسا، كۈچى ئاز، ئېگىزلىكتىكى تۆۋەن ئاتموسفېرا بېسىمىدا كۈچى تېخىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئىشلىتىشتە قىيىنچىلىق بار؛ ئېلېكتر كۈچى بىلەن ماڭىدىغان «كۈچى» زورراق بولغان ئېلېكتروۋوزنى ئىشلىتىش ئۈچۈن، ئۇ يەردە ئېلېكترلەشكەن تۆمۈريول يوق، شۇڭا بۇمۇ ئەسقاتمايدۇ. 

يانار گاز تۇربىنىلىق پاراۋوزنىڭ ئۆزگىچە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قۇرۇلمىسى بار، ئۇ يېنىش كامېراسى، كومپرېسسور ۋە تۇربىنىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ. يېقىلغۇ يېنىش كامېراسىدا كۆيۈپ ھاسىل بولغان يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق گاز كومپرېسسوردا قىسىلىپ يۇقىرى تېمېراتۇرا، يۇقىرى بېسىملىق گازغا ئايلانغاندىن كېيىن، پۈركۈش ئېغىزىدىن تۇربىنا قاناتلىرىغا پۈركىلىپ، تۇربىنىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ ئىش ئىشلەيدۇ. مۇنداق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قۇرۇلمىسىدا ھاسىل بولىدىغىنى دىزېل ماشىنىسىغا ئوخشاش قايتىلانما ھەرىكەت ئەمەس، بەلكى پۈتۈنلەي ئايلانما ھەرىكەت بولغىنى ئۈچۈن، ئىش ئىشلەش ئىقتىدارى ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېللىق پاراۋوزدىن كۆپ كۈچلۈك بولىدۇ.

يانار گاز تۇربىنىلىق پاراۋوزدۇنيادا تۇنجى يانار گاز تۇربىنىلىق پاراۋوزنى 20 ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا شۋېتسارىيىلىكلەر ياسىغان. ئەينى چاغلاردا تۇربىنا قانىتى ياسىلىدىغان ماتېرىيال يۇقىرى ھارارەتكە چىدىمايدىغانلىقى، ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن، يېتەرلىك تەرەققىي قىلالمىغانىدى. ئاۋىئاتسىيە ئىشلىرىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، قانات ياسىلىدىغان ℃1200 تىن يۇقىرى ھارارەتكە چىداملىق ماتېرىياللار بارلىققا كەلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئېلېكتر ئەسلىھەلىرىنىڭ ئېلېكتر دۋىگاتېلىدا قوللىنىلىشى بىلەن، يانار گاز تۇربىنىلىق پاراۋوز يېڭى تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. 

 چەت ئەللەردە 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىلا قۇۋۋىتى 475 62 كىلوۋاتلىق يانار گاز تۇربىنىلىق پاراۋوزلار بارلىققا كەلگەن، ھالبۇكى، ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېللىق پاراۋوزلار تەرەققىي قىلىپ 70-يىللارغا كەلگەندە، ئەڭ زور قۇۋۋىتى ئاران 2940 كىلوۋاتقا يەتكەنىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يانار گاز تۇربىنىسى «قارا ئاشلىق» تىن قاچمايدۇ، باھاسى تۆۋەن، ناچار يېقىلغۇلارنىمۇ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېلدا پەقەت دىزېلنىلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ. شۇڭا يانار گاز تۇربىنىسى ئىشلەتكەندە توشۇش تەننەرخىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، يانار گاز تۇربىنىلىق پاراۋوزغا سۇ بەك ئاز كېتىدۇ، سوغۇقتىن قورقمايدۇ، سىرت قانچە سوغۇق بولسا، ئۇنىڭ خىزمەت ئۈنۈمى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#