بېنگاللار

بېنگاللار

بېنگاللار جەنۇبىي ئاسىيا ئىككىنچى چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ شىمالىدىكىبېنگال ۋە ھىندىستاندا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت. 138 مىليون نوپۇسى بار، ئاساسەن بىنگال دۆلىتىدە ياشايدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى بىنگاللار
ئىنگلىزچە نامى bangladesh
تىلى بىنگال تىلى
تارقىلىشى بىنگال، ھىندىستان، پاكىستان
خەنزۇچە نامى 孟加拉人
دىنىي ئىتىقادى ئىسلام دىنى سۇننى مەزھىپى
نوپۇسى 138 مىليۇن
ئىرقى ياۋرۇپا ئىرقى ھىندى تىپى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بىنگالبېنگاللار جەنۇبىي ئاسىيا ئىككىنچى چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ شىمالىدىكىبېنگال ۋە ھىندىستاندا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، ھىندىستان دىنى ئېتىقادقا ئاساسەن ئىككىگە بۆلۈنگەندە بېنگال مىللىتىمۇ دىنى ئېتىقادقا قاراپ پاكىستان ۋە ھىندىستانغا بۆلۈنگەن. پاكىستانغا بۆلۈنگەن قىسمى پاكىستاننىڭ پارچىلىنىش ۋەقەسىدە مۇستەقىل بېنگال دۆلىتى بولۇپ قۇرۇلغان، ھىندىستاندىكى بېنگال بولسا بۈگۈنگە قەدەر ھىندىستاننىڭ شىتاتى بولۇپ تۇرماقتا.  بۈگۈنكى كۈندە بېنگاللار بېنگال دۆلىتىدە بىر يۈز قىرىق مىلىيۇن، ھىندىستاننىڭ غەربى بېنگال شىتاتىدا ئاھالىنىڭ %90 نى ئىگەللەپ 80 مىلىيۇن، ئاسسام شىتاتى ۋە ئارۇناچال شىتاتىدا ئاھالىنىڭ %11 نى ئىگەللەپ 3 مىلىيۇن،  تىراپۇرا شىتاتىدا ئاھالىنىڭ %70 تىن كۆپرەكىنى ئىگەللەپ 2مىليۇن،  ئاندامان نىكوبار شىتاتىدا ئاھالىنىڭ 25%نى ئىگەللەپ يۈزمىڭ نوپۇسنى ئىگەللەيدۇ ، بېنگاللارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 165 مىليون 800 مىڭ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەرەب ئەللىرى، ئەنگىلىيە ۋە ئافرىقىدىكى ئىلگىرى ئەنگىلىيە مۇستەملىكىسى بولغان ماۋرتىئۇس، كېنىيە، جەنۇبى ئافرىقا قاتارلىق ئەللەرنىڭ ھەر بىرىدە  بېنگاللىقلار جەمىيىتى تەشكىللەنگەن بولۇپ جەمى ئۈچ مىليۇندىن ئارتۇق بېنگاللىقلار ياشايدۇ.

 بېنگاللار ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى ھىندى تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە بېنگال تىلىنى قوللىنىدۇ، سانسىرىت ئىلپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار. بېنگاللار ئۇزۇن مەزگىل ئەنگىلىزلارنىڭ مۇستەملىكە قىلىشىغا ئۇچرىغانلىقتىن تىلىدا ئەنگىلىز تىلىدىن كىرگەن ئاتالغۇلار ناھايىتى كۆپ. بېنگاللارنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىن يۇقىرى مائارىپى ئاساسەن دىگۈدەك ئەنگىلىز تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.  بېنگال تىلى دۇنيادىكى ئىشلەتكۈچىلەر سانى جەھەتتە 7-ئورۇندا تۇرىدىغان مۇھىم تىل.

 بېنگاللارغا 3-ئەسىردە بۇددا دىنى،  5-ئەسىردە ھىندى دىنى،   12-ئەسىردە ئىسلام دىنى، 18-ئەسىردە خىرىستان دىنى تارقالغان بولۇپ، بېنگالدا ئولتۇراقلاشقان ئاھالىلىرىنىڭ %80 تىن كۆپرەكى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى ھېسابلىنىدۇ. ھىندىستاندا ئولتۇراقلاشقان ئاھالىسىنىڭ %69 ھىندى دىنىغا، %30 ئىسلام دىنىغا، %1 بۇددا دىنى ۋە خىرىستان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. بېنگاللارنىڭ 70 پىرسەنتى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئاساسەن شال، سېرىق كەندىر، ئەنبەر قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرىلىدۇ، بېنگاللارنىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىكى، سودا ئىشلىرىمۇ بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان.

   بېنگاللار جەنۇبى ئاسىيا ئىرقىدىكى ئاق تەنلىك ھىساپلانسىمۇ ئەجدادلىرىنى مەلۇم بىر ياكى ئىككى مەنبە دەپ ئېيتىش قىيىن. ئومۇمەن ھازىر بېنگاللار ئولتۇراقلاشقان زېمىن ئەسلىدە جەنۇبى ئاسىيا تىل سېستىمىسىدىكى مون-كىخمىر تىلىدا سۆزلەيدىغان ئاھالىنىڭ زىمىنى بولۇپ، نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان غەربى شىمالدىن كەلگەن ئارىيانلار ۋە شىمالدىن كەلگەن سېرىق تەنلىكلەر بىلەن جەنۇپتىن كەلگەن قارا تەنلىكلەرنىڭ ئۇزاق ۋاقىت بىرگە ياشاپ، ئۆزئارا قوشۇلۇشى نەتىجىسىدە  پەيدىنپەي ھازىرقى بېنگال مىللىتى بولۇپ شەكىللەنگەن، 

ئۆرۈپ ئادىتى  شەھەردە ئولتۇراقلاشقان بېنگاللار ياقىسىز كەڭ يەكتەك كېيىپ، ئەن رەخت ياكى يىپەك چايشاپ ئارتىۋېلىشنى ئاياللىرى ئۇچىسىغا سارى ئارتىپ، چېچىنى بانتىلاپ گۈل قىسىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بېنگاللار نىلۇپەر گۈلىنى ساپلىق - دىيانەت ۋە گۈزەللىكنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ، شۇڭا يىگىتلەر قىزلارغا نىلۇپەر گۈل دەستىسى تەقدىم قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىدۇ. ئىسلام دىنىدىكى بېنگاللار مېيتنى ئىسلام دىنى قائىدىسى بويىچە يەرگە كۆمۈپ دەپنە قىلىدۇ.  ھىندى دىندىكىلىرى كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىدۇ. 

    ھىندى دىنىنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن بېنگاللاردا قىزلار يىگىتلەرگە تويلۇق ئېلىپ يىگىت - قىزنىڭ توي مەرىكىسى قىز تەرەپتە ئۆتكۈزىلىدۇ. 

بېنگاللار نابارشا بايرىمى، يېڭى گۈرۈچ بايرىمى ۋە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلىرى روزى ھېيىت، قۇربان ھېيىت قاتارلىق ئەنئەنىۋى دىنىي بايراملىرىنى بىر قەدەر داغدۇغىلىق ئۆتكۈزىدۇ. بېنگاللار چوڭلار، مويسىپىت كىشلەر ئالدىدا ئەسنىمەيدۇ، چۈشكۈرمەيدۇ ھەم يەرگە تۈكۈرمەيدۇ، تاماكا چەكمەيدۇ.باشقىلارنىڭ سۆزىنى بۆلىۋەتمەيدۇ، قاقاقلاپ كۈلمەيدۇ، ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن سۆزلىمەيدۇ.

   بېنگاللار تاماق ئۈستىدە پاراڭلاشمايدۇ، ئۆيگە كەلگەن مېھماننى ساھىپخان ئىشىك ئالدىغا چىقىپ كۈتىۋالىدۇھەم ئۇزۇتۇپ قويىدۇ.

تارىخىبېنگاللارنىڭ تارىخى ئۇزۇن، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرى خېلىلا تەرەققىي تاپقان، بېنگال تىلىمۇ دۇنيادىكى تىل بايلىقى ئىنتايىن مول گۈزەل تىللارنىڭ بىرى بولۇپ تىل مىراسلىرى مىلادىنىڭ ئالدى كەينىدىلا شەكىللىنىشكە باشلىغان. يېقىنقى زامان يازما ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرى مالىك مۇھەممەد جاياسى (1493 - 1542)،يېقىنقى زامان بېنگال ئەدەبىياتىنىڭ پېشۋاسى بانكىم چاندرا چاتتېرجيې (1828 - 1894) بىلەن سارادچاندرا چاتتېرجيې (1876 - 1938) دىراماتۇرگ دىناباندخومتىرا(1829 - 1874) بىلەن چاندرا (1850 - 1885)، شائىر نەزرۇل ئىسلام (1899 - 1976) قاتارلىق كىشلەردۇر. ئاسىيادىن تۇنجى بولۇپ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن دۇنياغا داڭلىق شائىر رابىندىرات تاگور دەل بېنگال مىللىتىدىن.

بېنگاللاردا مائارىپ ئانچە تەرەققىي قىلمىغان بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 52 پىرسەنتىنى ساۋاتسىزلار ئىگەللەيدۇ.

بېنگاللارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ئوخشاش بولمىغانلىقى تۈپەيلىدىن، كىشلەرنىڭ ئىسىم فامىلىسى ئوخشاش بولمايدۇ. ئومومەن ھىندىلىرى ھىندىچە،  مۇسۇلمانلىرى ئەرەبچە ياكى پارىسچە ئىسىم - فامىلە قوللىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىسىم - فامىلىسى ئۈچ بۆلەكتىن تەركىب تاپىدۇ، مەسلەن: سابىق بېنگال پىرىزدېنتى ھۈسەيىن مۇھەممەد ئېرشادنىڭ ئىسمىدىكى ھۈسەيىن ئۆزىنىڭ ئىسمى، مۇھەممەد ئاتىسىنىڭ ئىسمى، ئېرشاد بولسا فامىلىسى ھىساپلىنىدۇ.[1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

2.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/702043.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#