ئۈرۈمچى شەھەرلىك 13-ئوتتۇرا مەكتەپ

ئۈرۈمچى شەھەرلىك 13-ئوتتۇرا مەكتەپ

ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر مائارىپى پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇتۇش تۈزۈمىدىكى خەنزۇ تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدىغان مەكتەپ. 1973-يىلدىن باشلاپ قۇرۇلغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا مۇكەممەل مەكتەپ ھېسابلىناتتى. 1982-يىلى تولۇق ئوتتۇرا قىسمى بالىلار پېداگوگىكا مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، مەكتەپ نامى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پېداگوگىكا كەسپىي مەكتىپىگە ئۆزگەرتىلگەن. 1999-يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 13-ئوتتۇرا مەكتەپ دەپ بېكىتىلگەن. 

مەكتەپ نامى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 13-ئوتتۇرا مەكتەپ
قۇرۇلغان ۋاقتى 1973-يىلى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 乌鲁木齐第十三中学

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۈرۈمچى شەھەرلىك 13ئوتتۇرا مەكتەپئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر مائارىپى پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇتۇش تۈزۈمىدىكى خەنزۇ تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدىغان مەكتەپ. 1973-يىلدىن باشلاپ قۇرۇلغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا مۇكەممەل مەكتەپ ھېسابلىناتتى. 1982-يىلى تولۇق ئوتتۇرا قىسمى بالىلار پېداگوگىكا مەكتىپى قىلىپئۆزگەرتىلىپ، مەكتەپ نامى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پېداگوگىكا كەسپىي مەكتىپىگە ئۆزگەرتىلگەن. 1997-يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك بالىلار پېداگوگىكا كەسپىي مەكتىپى دەپ ئۆزگەرتىلگەن. 1999-يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 13-ئوتتۇرا مەكتەپ دەپ بېكىتىلگەن. مەكتەپتە ھەم تولۇقسىز ئوتتۇراسىنىپى ھەم بالىلار مائارىپى بويىچە ئوقۇتقۇچىلار تەربىيىلەش سىنىپى بار ئىدى. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 21914 كۋادرات مېتىر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەملىكەت، ئاپتونوم رايون بويىچە ھەرقايسى پەنلەر بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەردە 247 نەپەر ئوقۇغۇچى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 1997-يىلى 12 -ئايدا مائارىپ مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن مەملىكەت بويىچە «ھازىرقى زامان مائارىپ تېخنىكىسى تەجرىبە مەكتىپى» دېگەن نام بېرىلگەن. 1999-يىلى 4-ئايدا «ساپا مائارىپىدىكى نەمۇنىلىك مەكتەپ» دېگەن نامغا ئېرىشكەن. 1999-يىلدىكى ئوقۇغۇچى سانى 1840 نەپەر بولۇپ، 24 تولۇقسىزئوتتۇرا سىنىپى، توققۇز بالىلار مائارىپى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش سىنىپىغا بۆلۈنگەن. ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىسى 175 نەپەر. بۇنىڭ ئىچىدە ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى 35 نەپەر.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#