ئىسكەندەر زۇلقەرنەين

ئىسكەندەر زۇلقەرنەين

قەدىمكى زاماندىكى ئىستىلاتچىلار ئىچىدە ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ئەڭ مەشھۇر ھېسابلىنىدۇ. ئۇ مىلادىدىن بۇرۇن 356-يىلى گرېتسىيە تەۋەسىدىكى ماكېدونىيىنىڭ پايتەختى پىرادا تۇغۇلغان. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئىسكەندەر زۇلقەرنەين
باشقا نامى Alexander،Alexander the Great
تۇغۇلغان ۋاقتى مىلادىدىن بۇرۇن 356-يىلى
كەسپى پادىشاھ، سىياسىيون، ھەربىي ئالىم
خەنزۇچە ئىسمى 亚历山大大帝
دۆلەت تەۋەلىكى گرېتسىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى مىلادىدىن بۇرۇن 323-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئىسكەندەر زۇلقەرنەينقەدىمكى زاماندىكى ئىستىلاتچىلار ئىچىدە ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ئەڭ مەشھۇر ھېسابلىنىدۇ. ئۇ مىلادىدىن بۇرۇن 356-يىلى گرېتسىيە تەۋەسىدىكى ماكېدونىيىنىڭ پايتەختى پىرادا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتىسى ماكېدۇنىيە پادىشاھى فىلىپ Ⅱ ناھايىتى قابىلىيەتلىك، يىراقنى كۆرەر ئادەم ئىدى. فىلىپ  Ⅱ ماكېدونىيە قوشۇنىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرەتتى، ئۇ بۇ قۇشۇننى غايەت زور كۈچلۈك قوراللىق كۈچ قىلىپ چىققانىدى. بۇ قوشۇن بىلەن ھەممىدىن ئاۋۋال شىمالىي گرىتسىيىدىكى بەزى جايلارنى قورشىۋېلىپ، ئاندىن جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ، گرېتسىيىنىڭ زور قىسىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان گرېتسىيە شەھەر دۆلىتى قۇرۇپ چىقىپ، ئۆزى ھۆكۈمرانلىق قىلغانىدى. دەل ئۇ پېرىتسىيە ئىمپېرىيىسىگە ھۇجۇم قىلماقچى بولۇپ تۇرغاندا، بەختكە قارشى قەستلەپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇ 46 ياشتا ئىدى.

ئاتىسى قازا تاپقاندا، ئىسكەندەر زۇلقەرنەين ئەمدى 20 ياشقا كىرگەنىدى، بىراق، ئۇ ھېچقانداق توسالغۇسىزلا پادىشاھلىق تەختىگە چىقتى. چۈنكى، ئۇنىڭ ئاتىسى ئالدىن ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئورۇننى تەييارلاپ قويغانىدى. ئىسكەندەر زۇلقەرنەين مەلۇم ئۇرۇش تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ چىقتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇنىڭ ئاتىسى ئادەتتە ئۇنىڭغا مەدەنىيەت تەربىيىسى بېرىشكە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرەتتى. ئۇ ئالەمشۇمۇل ئابرويغا ئىگە پەيلاسوپ ئارېستوتىلنى ئۇنىڭغا ئۇستازلىققا تەكىلىپ قىلغانىدى.

ئىسكەندەر زۇلقەرنەين گرېتسىيە ۋە ئىستىلا قىلىنغان ئەللەردىكى خەلقلەر فىلىپ Ⅱ نىڭ ئۆلۈمدىن پايدىلىنىپ، ماكېدونىيىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلماقچى بولىدۇ. بىراق ئىسكەندەر زۇلقەرنەين تەختكە چىقىپ، ئىككى يىل ئىچىدىلا بارلىق رەقىبلىرىنى مەغلۇپ قىلىدۇ، ئاندىن پېرسىيگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق كۆرىدۇ.  

پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ تېررىتورىيىسى ناھايىتى زور ئىدى. غەربتە ئوتتۇرا يەر دېڭىزىغىچە، شەرقتىن ھىندىستانغىچە باراتتى؛ گەرچە ئۇنىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك دەۋرى ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، يەنىلا ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننىڭ كۈچلۈك دۈشمىنى ئىدى. 

مىلادىدىن بۇرۇن 334-يىلى، ئىسكەندەر زۇلقەرنەين ئەسكەر تارتىپ پېرسىيىگە ھۇجۇم قىلىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ياۋرۇپادىكى دەپنە-دۇنياسىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بىر قىسىم قوشۇنىنى دۆلىتىدە قالدۇرۇپ قويدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ 35 مىڭ ئەسكەر تارتىپ ئۇرۇشقا ئاتلاندى؛ پارس قوشۇنلىرىغا سېلىشتۇرغاندا ئۇنىڭ قوشونى خېلى بەك ئاجىز ئىدى. گەرچە ئۇنىڭ قوشۇنى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلمىسىمۇ، بىراق غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرەلىشىدە مۇنداق كەلتۈرگەنىدى. ئۇنىڭ بۇنداق غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرەلىشىدە مۇنداق ئۈچ سەۋەب بار ئىدى: بىرى، ئاتىسىدىن ئۇنىڭغا قالغان بۇ قۇشۇن سۈپىتى يۇقىرى، تەشكىل ئىنتىزامى چىڭ، پارس قوشۇنىدىن خىل قوشۇن ئىدى. ئىككىنچىسى، ئىسكەندەر زۇلقەرنەين تالانتلىق، تەڭداشسىز قوماندان ئىدى؛ ئۈچىنچىسى، ئىسكەندەر زۇلقەرنەين باھادىر ئادەم ئىدى. ئۇ باش قوماندان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئارقا سەپتە تۇرۇپ قوماندانلىق قىلسا تامامەن مۇمكىن ئىدى، بىراق، ئۇ ئۆلۈم خەۋپىگە قارىماي ئەسكەرلەردەك ھۇجۇم قىلىپ ماڭاتتى. بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ناھايىتى خەتەرلىك ئىدى، شۇڭلاشقا ئۇ كۆپ قېتىم يارىلانغانىدى. جەڭچىلەر قومانداننىڭ ئۆزلىرى بىلەن خېيىم-خەتەردە بىللە بولغانلىقىنى كۆرۈپ، غەيرىتى ھەسسىلەپ ئاشاتتى-دە، باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قلىشاتتى. ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننىڭ قولغا كەلتۈرگەن غەلبىلىرى دەل ئۇنىڭ مۇشۇنداق پەزىلىتىنىڭ مېۋىسى ئىدى. 

ئىسكەندەر زۇلقەرنەين ئەسكەر تارتىپ، ئالدى بىلەن كىچىك ئاسىياغا كىرىپ، ئۇ يەردىكى بىر بۆلەك قوشۇننى مەغلۇپ قىلىدۇ، ئاندىن سۈرىيىگە يۈرۈش قىلىپ، ئىسۇستا پېرسىيىنىڭ چوڭ قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىدۇ، كەينىدىنلا جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ، فىنكىيىدىكى ئارال شەھىرى تىرنى يەتتە ئايدىن ئارتۇق قورشىۋىلىپ، ئاخىر بۇ شەھەرنى ئىشغال قىلىدۇ. ئىسكەندەر زۇلقەرنەين تىر شەھىرىنى قورشىۋالغاندا، ئۇ پېرسىيە پادىشاھىنىڭ بىر پارچە مەكتۇپىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. مەكتۇپتا پارس شاھى ئىمپېرىيىنىڭ يېرىم تېررىتورىيىسىنى بېرىش بەدىلىگە ئۇنىڭ بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى تۈزىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننىڭ بارمىنو ئىسملىك بىر گېنېرالى بۇ شەرتنى مۇۋاپىق كۆرۈپ «ئەگەر مەن ئىسكەندەر زۇلقەرنەين بولىدىغان بولسام، بۇ شەرتكە قوشۇلغان بولاتتىم» دەيدۇ. ئىسكەندەر زۇلقەرنەين ئۇنىڭغا «ئەگەر مەن بارمىنو بولغان بولسام، مەنمۇ بۇ شەرتنى قوبۇل قىلغان بولاتتىم» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. 

تىر شەھىرىنى ئالغاندىن كېيىن، ئىسكەندەر زۇلقەرنەين گازاغا ئەسكەر تارتىدۇ، بۇ شەھەرنى ئىككى ئاي قورشىۋالغاندىن كېيىن، بۇ شەھەرنى تارتىۋالىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، مىسىر ئۆزلۈكىدىن تەسلىم بولىدۇ. ئىسكەندەر زۇلقەرنەين مىسردا بىر مەزگىل قوشۇنىنى دەم ئالدۇرغاچ رەتكە سالىدۇ. بۇ چاغدا ئۇ گەرچە 24 ياشتا بولسىمۇ، مىسىرلىقلار ئۇنى فىرئەۋىنلىككە كۆرسىتىپ، ئۇنى ئىلاھ دەپ جاكارلايدۇ. ئىسكەندەر زۇلقەرنەين قوشۇنىنى باشلاپ، ئاسىياغا قايتىدۇ. مىلادىدىن بۇرۇنقى 313-يىلى ئىربىل ئۇرۇشىدا ئۇ پېرسىيە قوشۇنىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىدۇ. ئۇنىڭ قوشۇنى بابلونىيىگە بېسىپ كىرگەندە، ئىسكەندەر زۇلقەرنەينگە تەسلىم بولۇشتىن توسۇش ئۈچۈن، پېرسىيە شاھى دارا Ⅲ نىڭ بىر گېنېرال تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئاڭلايدۇ. بىراق، ئىسكەندەر زۇلقەرنەين بۇ ئىش تۈپەيلىدىن خۇشال بولۇپ كەتمىدى، ئۇ يەنە دارا Ⅲ  نىڭ ۋارىسلىرىنى ئۆلتۈرۋەتتى. ئۈچ يىل ئىچىدە، ئىسكەندەر زۇلقەرنەين ئىراننىڭ شەرق قىسىمىنى ئىستىلا قىلدى، كېيىن ئوتتۇرا ئاسىياغا ھۇجۇم قىلىپ، ھەر جەڭدە غەلبە قىلىپ ماڭدى. ھالبۇكى، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش قىلىش بىلەن ئۇنىڭ قوشۇنى چارچاپ كەتكەنىدى. ئىسكەندەر زۇلقەرنەين قوشۇنىنى باشلاپ پېرسىيىگە قايتىشقا مەجبۇر بولدى. 

ئىسكەندەر زۇلقەرنەينئىسكەندەر زۇلقەرنەين بىر يىلدىن كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىمپېرىيىسىنى رەتكە سالدى. بۇ جەرياندا، ئۇ ئەينى زاماندا بىردىنبىر دەۋرگە ماس كېلىدىغان گرېك مەدەنىيىتىگە تايانغانىدى؛ بۇنىڭدىن باشقا پەقەت باربارى مەدەنىيىتىلا بار ئىدى. بىراق ئۇ پارسلارنىڭ ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتى بار، پارسلارنى ھۈرمەتلەشكە ئەرزىيدۇ دەپ قارايتتى. شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى پارس، پارس-گرېك مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىپ چىقىشنى تەكلىپ قىلدى. 

مىلادىدىن 323 يىل بۇرۇن، ئىسكەندەر زۇلقەرنەين كېزىك بىلەن ئۆلۈپ كېتىدۇ. بۇ چاغدا ئۇ ئاران 33 ياش ئىدى. ئۆزىنىڭ ۋارىسىنى بەلگىلەپ قويۇشقا تېخى ئۈلگۈرەلمىگەنىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇنىڭ گېنېراللىرى ۋارسلىق ھوقۇقىنى تالىشىپ ئۇرۇشۇپ ئىمپېرىيىنى ئۈچ بۆلەككە پارچىلاپ تاشلايدۇ. 

ئىسكەندەر زۇلقەرنەين تارىختىكى كومېدىيىلىك ئۇلۇغ شەخس دەپ قارىلىدۇ. گرېك مەدەنىيىتى بىلەن شەرق مەدەنىيىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، بۇ ئىككى خىل مەدەنىيەتنى بېيىتىش ئۇ ئېلىپ بارغان ئۇرۇشلارنىڭ ئەڭ زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ بىرى ئىدى. گرېك مەدەنىيىتى شۇ سەۋەبتىن ئىران ۋە مېسوپوتامىيەدە، سۈرىيە، مىسرلاردا تېز تارقالدى.

ئىسكەندەر زۇلقەرنەين 20 دىن ئارتۇق شەھەر بەرپا قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى مىسىردىكى ئىسكەندەر شەھىرى ئىدى. بۇ شەھەر دۇنيادىكى ئىلغار شەھەرلەردىن بولۇپ قالدى ۋە شۇنىڭدەك ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بولۇپ قالدى. 

ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننىڭ دۇنيادىكى تەسىرى ناپولېئون، گىتلېرلارغا سېلىشتۇرغاندا زور، شۇڭلاشقا مېنىڭچە بۇ 100 شەخس ئىچىدە ئۇنى كېيىنكى ئىككىسىنىڭ ئالدىغا قويۇشقا تامامەن ھەقلىقمىز. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (11 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    81.8%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    9.1%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    9.1%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#