مياۋزۇ مىللىتى

مياۋزۇ مىللىتى

چىن، خەن دەۋرلىرىدە، مياۋزۇلارنىڭ ئەجدادلىرى «بەش ئېقىن» (ھازىرقى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ غەربىي قىسمى ۋە گۈيجۇ ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي قىسىم رايونى) دا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، كېيىن توختىماي كۆچۈپ، جەنۇبتىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەرگە تارقالغان. ھازىر، مياۋزۇلار ئاساسەن گۇيجۇ، خۇنەن، يۈننەن، سىچۇەن، گۇاڭشى، خۇبېي، گۇاڭدۇڭ، خەينەن قاتارلىق ئۆلكە، رايونلارغا تارقالغان.

ئۇيغۇرچە نامى مياۋزۇ مىللىتى
تىلى مياۋزۇ تىلى
خەنزۇچە نامى 苗族

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مياۋزۇ مىللىتىچىن، خەن دەۋرلىرىدە، مياۋزۇلارنىڭ ئەجدادلىرى «بەش ئېقىن» (ھازىرقى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ غەربىي قىسمى ۋە گۈيجۇ ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي قىسىم رايونى) دا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، كېيىن توختىماي كۆچۈپ، جەنۇبتىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەرگە تارقالغان. ھازىر، مياۋزۇلار ئاساسەن گۇيجۇ، خۇنەن، يۈننەن، سىچۇەن، گۇاڭشى، خۇبېي، گۇاڭدۇڭ، خەينەن قاتارلىق ئۆلكە، رايونلارغا تارقالغان. گۇيجۇنىڭ شەرقىي جەنۇبى ۋە خۇنەن، خۇبېي، سىچۇەن، گۇيجۇ چېگرىلىنىدىغان رايونلار(خۇنەننىڭ غەربىي قىسمى ئاساس قىلىنىدۇ) دا ئاساسلىق توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، گۇاڭشىنىڭ دامياۋشەن تېغى، يۈننەن، گۇيجۇ، گۇيلىن ۋە سىچۇەن، گۇيجۇ، يۈننەن چېگرىلاشقان رايونلاردا تار دائىرىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، مياۋزۇلار تاغ باغرى، سۇ ياقىلىرىنى ماكان قىلغاچقا، ئولتۇراقلاشقان رايونلار كۆپرەك دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ۋە ئىقتىسادىي ئورمانلارنى ئۆستۈرۈشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ ھەم مول كان بايلىقى بار. 

مياۋزۇ ئەرلىرى ئادەتتە ئۇدۇل پەش ياكى ئوڭ تەرەپتىن ئىزمىلىنىدىغان كالتە چاپان، ئۇزۇن ئىشتان كىيىپ، بېلىگە چوڭ پوتا، بېشىغا يېشىل ياغلىق چىگىۋالىدۇ. ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى چوڭ ياقىلىق كالتە چاپان ۋە گارمون يوپكا كىيىدۇ. تاغلىق رايونلاردىكى مياۋزۇلار كۆپرەك» كۆتۈرمە ئۆي «لەردە ئولتۇرىدۇ، ئۇ تاغ باغرىنىڭ تەبىئىي يەر تۈزۈلۈشى بويىچە، ئاستى ۋە يۇقىرىغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۇزۇنراق ۋە قىسقىراق ياغاچ قوزۇقنى تېرەك قىلىپ ئۈستىگە تاختاي يېپىپ ياسالغان ئىمارەت. ئۈستۈنكى قەۋەتتە ئادەم ئولتۇرىدۇ، ئاستىغا پارچە-پۇرات نەرسىلەرنى قويىدۇ ياكى ئۆي ھايۋانلىرىنى باقىدۇ. 

مياۋزۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ھەممە مەۋجۇداتلارنىڭ روھى بولىدۇ دېگەنگە ياكى كۆپ ئىلاھقا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئەجدادلىرىغا نەزىر-چىراغ بېرىدۇ، تەبىئەتكە چوقۇنىدۇ. مياۋزۇ ياش ئوغۇل-قىزلىرى نىكاھتا بىرقەدەر ئەركىن. ئوغۇللار ۋە قىزلار» كېزىپ يۈرۈش «، » قىز ئولتۇرۇشى «، » قىز كۆرۈش «، » كەشتە تىكىش «قاتارلىق ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە ئەركىن ناخشا ئېيتىشىش ئارقىلىق، بىر-بىرىگە مەيلى بولسا، بىر-بىرىگە قىلغان سوۋغىسىنى مۇھەببەتنىڭ گۇۋاھچىسى قىلىدۇ، ئاندىن كېيىن مۇھەببەتلىشىپ توي قىلىدۇ. 

مياۋزۇ مىللىتىمياۋزۇلار ناخشىدىمۇ، ئۇسسۇلدىمۇ يېتىشكەن، قومۇش نەي ئۇلار ئەڭ ياقتۇرىدىغان چالغۇ ئەسۋابى. قومۇش نەي ئالتە تال بامبۇك نەيچىدىن ياسىلىدۇ، چوڭلىرى 1—2 گەز، كىچىكلىرى 8—9 سۇڭ كېلىدۇ. مياۋزۇلارنىڭ قومۇش نەي ئۇسسۇلى مەملىكەت ئىچى-سىرتىغا داڭلىق. 

مياۋزۇلار ئۇزاق مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە، كۆپلىگەن يېقىملىق شېئىر-ناخشىلار ۋە رىۋايەت، ھېكايىلەر بۈگۈنگە قەدەر تارقىلىپ كەلگەن. » ئۇچار ناخشا «(يەنى يۇقىرى ئاۋازدا ناخشا ئېيتىش) نىڭ داڭقى بار، ئۇنى دائىم ئىككى ياكى تۆت ئادەم تەڭ ئېيتىدۇ، قىزغىن، ياڭراق بولۇپ، كۈچلۈك جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە. مياۋزۇلارنىڭ چالغۇلىرى ئىچىدە قومۇش نەي، ياغاچ دۇمباق، تېرە دۇمباق، مىس دۇمباق ئەڭ داڭلىق. كەشتە تىكىش، گۈل بېسىش، رەخت توقۇش، قەغەز قىيما، زىننەت بۇيۇملىرىنى ياساش قاتارلىق ھۈنەر-سەنئىتى كۆركەم ھەم رەڭگارەڭ تۈس ئالغان. موم بىلەن گۈل بېسىش ھۈنەر-سەنئىتى 1000 يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، مەملىكەت ئىچى-سىرتىغا داڭلىق. مياۋزۇلارنىڭ ئۆز تىلى بار، ئىلگىرى بىرلىككە كەلگەن يېزىقى يوق ئىدى. 1956-يىلى ئېلىپبەلىك يېزىق ئىجاد قىلىندى.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#