مىتسۇئى خىساشى

«ۋاسكىتبول ماھىرى»دىكى ئاساسلىق پېرسۇناژلارنىڭ بىرى.  ياپونىيە كاناگاۋا ناھىيەسى شوخوكو ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تولۇق 3-يىللىق ئوقۇغۇچىسى. شوخوكو كوماندىسىنىڭ غوللۇق توپچىلىرىنىڭ بىرى .نومۇر ئالغۇچى ئارقا مۇداپىئىچى ، ئۈچ نومۇرلۇق توپ سېلىشقا ماھىر.

مىتسۇئى خىساشى بولسا بۇ ئەسەردە شانلىق ئىزنالارنى قالدۇرۇپ ، ئۈمىدسىزلىكتە ۋاز كېچىش ھەم تۈرلۈك مۈشكۈلارتلارغا يۇلۇقۇشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن پۈكۈلمەس ئىرادە ، يېڭىلگىنىگە تەن  بەرمەيدىغان جاسارەت بىلەن قايتا مۆجىزە ياراتتى . 

ئۇيغۇرچە ئىسمى مىتسۇئى خىساشى
باشقا نامى みつい ひさし、Mitsui Hisashi
يۇرتى ياپونىيە خاناگاۋا ناھىيىسى
يۇلتۇز تۈركۈمى جەۋزا يۇلتۇز تۈركۈمى
بەدەن ئېغىرلىقى 70
خەنزۇچە ئاتىلىشى 三井寿
دۆلەت تەۋەلىكى ياپونىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 5.22
بوي ئېگىزلىكى 184
قان تىپى Aتىپ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تونۇشتۇرۇش

مىتسۇئى خىساشى بولسا شوخوكو كوماندىسىنىڭ غوللۇق توپچىلىرىنىڭ بىرى .نومۇر ئالغۇچى ئارقا مۇداپىئىچى ، ئۈچ نومۇرلۇق توپ سېلىشقا ماھىر. ئۇنىڭ غالبىيەتكە بولغان كۈچلۈك ئىنتىلىشى بار .تولۇقسىز چاغلىرىدا ئوينو ئوتتۇرا مەكتەپ ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ كوزۇرى ئىدى . تولۇقسىز چاغلاردا  ناھىيىلىك مۇسابىقىنىڭ ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئارقىدا قېلىپ ، ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا پاتقاندا ، ئانزاي تېرىنىرنىڭ ئىلھاملاندۇرىشى بىلەن  غەلبە قىلغان ھەمدە MVP بولۇپ تاللانغان .

ئۇ شانلىق ئىزنالارنى قالدۇرۇپ ، ئۈمىدسىزلىكتە ۋاز كېچىش ھەم تۈرلۈك مۈشكۈلارتلارغا يۇلۇقۇشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن پۈكۈلمەس ئىرادە ، يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەيدىغان جاسارەت بىلەن قايتا مۆجىزە ياراتتى . بۇ ئەسەردىكى كىشىگە ئەڭ يېقىنىدىغان ئوبراز دەپ تەرىپلەنگەن ، ئۇنىڭ نۇرغۇن سۆز-ئىبارىلىرىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر تەرىپىدىن ئىشلىنىپ كەلمەكتە . 

«ھەپتىلىك ئۆسمۈرلەرJUMP» ژۇرنىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى قېتىملىق ئالقىشلىق پېرسۇناژلار تىزىملىكىدە ئىككىنچى بولغان (بىرىنچى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەندە  ئۇ تېخى سەھنىگە چىقمىغان ). ئىنو تاكېخىكونىڭ دېيىشىچە ئەسلىدە ئۇ مىتسۇئى خىساشىنى كېيىنكى مەزمۇن بىلەن مۇناسىۋەت بىر ئاددىي ناچار ئۆسمۈر قىلىپلا لايىھەلەپتىكەن ، كېيى تەنتەربىيە زالىدىكى ئۇرۇشۇشنىڭ ۋاقىت  مۆلچەرى ئويلىغىنىدىن ئېشىپ كەتكەچكە ، يەنە كېلىپ بۇ پېرسۇناژغا مېھرى چۈشۈپ قالغاچقا ، ئەسلى پىلاننى ئۆزگەرتىپ ئۇنى شوخوكونىڭ كوماندا ئەزاسى قىلىپ  لاھىيلىگەن .شۇڭلاشقا ئۇ مىتسۇئى خىساشىنىڭ بۇنداق ئالقىشقا ئۇچرىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىكەن . گەرچە مىتسۇئى خىساشى ساكوراگىدەك ئاساسلىق پېرسۇناژ بولمىسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ پېرسۇناژلار ئارىسىدا ئىگىلىگەن سالمىقىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ . 

تولۇققا چىقىش مەزگىلىدە ، ئۇ ئانزاي تېرنىرنىڭ شاپائىتىنى ئۇنتىماي ، رىئونان ھەم كاينان كوماندىسىنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىپ ، شوخوكودا  ئۆزىگە ئوخشاش مەملىكەتلىك چوڭ مۇسابىقىسىگە خوجا بولۇش ئارزۇسى بولغان تاكىنارونى ئۇچرىتىدۇ . لېكىن مەشىق جەريانىدا تىزى زەخىملىنىپ ، پۈتۈنلەي ساقايمايلا مەشىققە قاتنىشىپ  شۇ يىلقى مۇسابىقىگە قاتنىشالماي  قالغان . بۇ ئىشتىن كېيىن ئېغىر زەربە يەپ ، ئۆزى ئەڭ ياقتۇرىدىغان ۋاسكىتبولدىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچقان ھەمدە جەمئىيەتتىكى ناچار بالىلار  بىلەن ئارلىشىپ قالىدۇ . كېيىن دوستلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆزىنى تېپىپ ۋاسكىتبول كوماندىسىغا قايتىپ كېلىپ ، ئاساسلىق ماھىرلاردىن بولۇپ قالىدۇ.«تېرنىر ، مېنىڭ ۋاسكىتبول ئوينىغۇم بار ......» بۇ مىتسۇئى كوماندىغا قايتىپ كىرمەكچى بولغاندا ئانزاي تېرنىرغا مۇشۇ گەپنى قىلىدۇ . بۇ سۆلەر ھەم «ۋاسكىتبول ماھىرى» ئىچىدىكى ئەڭ ئېسىل سەھنە سۆزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

ئىككى يىللىق بوشلۇقنى باشتىن كەچۈرگەن مىتسۇئى ۋاسكىتبول مەيدانىغا قايتىپ كەلدى . 

شويو بىلەن چۈشكەن مۇسابىقىدە ، ئۇ ئۆزىلا 20نومۇر (15 نومۇر ئۈچ نومۇرلۇق توپ )ئېلىپ ، شوخوكونىڭ غەلبە قىلىشىغا پۇرسەت ياراتتى.

شەخىس ئارخىبى

ئۇيغۇرچە ئىسمى:مىتسۇئى خىساشى

خەنزۇچە ئاتىلىشى:三井寿

باشقا نامى:みつい ひさし、Mitsui Hisashi

دۆلەت تەۋەلىكى:ياپونىيە

يۇرتى:ياپونىيە خاناگاۋا ناھىيىسى

تۇغۇلغان ۋاقتى:5.22

يۇلتۇز تۈركۈمى:جەۋزا يۇلتۇز تۈركۈمى

بوي ئېگىزلىكى:184

بەدەن ئېغىرلىقى:70

قان تىپى:Aتىپ

كوماندىسى: شوخوكو كوماندىسى

تولۇقسىزدا

ئوينو ئوتتۇرا مەكتەپ ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ كوزۇرى ئىدى . تولۇقسىز چاغلاردا  ناھىيىلىك مۇسابىقىنىڭ ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئارقىدا قېلىپ ، ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا پاتقاندا ، ئانزاي تېرىنىرنىڭ ئىلھاملاندۇرىشى بىلەن  غەلبە قىلغان ھەمدە MVP بولۇپ تاللانغان .

تولۇقتا

شوخوكو كوماندىسىغا قوشۇلغاندىن كېيىن كۆزگە كۆرۈنگەن ماھارىتى ھەمدە تالانتى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر نەزىرىدى ئۈمىدلىك ماھىر دەپ  قارالغان . لېكىن  مەشىق جەريانىدا تىزى زەخىملىنىپ ، پۈتۈنلەي ساقايمايلا مەشىققە قاتنىشىپ ،  شۇ يىلقى مۇسابىقىگە قاتنىشالماي قالغان ،  كېيىن تاكىنارونىڭ توپ مەيدانىدىكى جانلىق ئىپادىسىنى كۆرۈپ ، چۈشكۈنلۈك ئىچىدە   قالىدۇ. بۇ ئىشتىن كېيىن ئېغىر زەربە يەپ ، ئۆزى ئەڭ ياقتۇرىدىغان ۋاسكىتبولدىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچقان ھەمدە جەمئىيەتتىكى ناچار بالىلار  بىلەن ئارلىشىپ قالىدۇ . ھەتتا «بەك شوملۇق قىلىپ كەتتى» دېگەن باھانە بىلەن ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى بولغان مىياگىنى ئەدەپلەيدۇ (ئەمەلىيەتتە مىياگىنىڭ خالىغانچە توپ ئوينىيالىغانلىقىدىن قىزغىنىپ شۇنداق قىلىدۇ ).مىياگى ئۆزىنىڭ يېڭەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ پۈتۈن كۈچى بىلەن باش بولغان مىتسۇئىنى ئۇرۇپ ئۇتتۇر چىشىنى چۈشىرۋېتىدۇ .، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىككىسىلا دوختۇرغا كىرىپ قالىدۇ .

دوختۇرخانىدىن چىققان مىتسۇئى مىياگىدىن ئۆچ ئالماقچى بولۇپ ، نائۇستا ساكۇراگى بىلەنمۇ ئۇچرىشىپ ئاداۋەتلىشىپ قېلىپ ، ۋاسكىتبول كوماندىسىغا يامان غەرەز  ساقلايدۇ . شوخوكو ۋاسكىتبول كوماندىسىنى تارقىتىۋېتىش ئۈچۈن تەنتەربىيە زالىدا زوراۋانلىق قىلمىشى سادىر قىلىدۇ . 

 كېيىن دوستلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆزىنى تېپىپ ۋاسكىتبول كوماندىسىغا قايتىپ كېلىپ ، ئاساسلىق ماھىرلاردىن بولۇپ قالىدۇ.«تېرنىر ، مېنىڭ ۋاسكىتبول ئوينىغۇم بار ......» بۇ مىتسۇئى كوماندىغا قايتىپ كىرمەكچى بولغاندا ئانزاي تېرنىرغا مۇشۇ گەپنى قىلىدۇ .  مىتسۇئى كوماندىغا قايتىپ كىرىپ كوماندىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان بىر ئايرىلماس قىسىم بولۇپ ئۆز تالانتىنى جارى قىلدۇرىدۇ . 

لېكىن ئىككى يىللىق بوشلۇق ئۇنىڭ تەن -قۇۋۋىتىنى خورىتىپ ، مەلۇم دەرىجىدە قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ . مىتسۇئى ئاستا-ئاستا  بۇ خىل قىيىنچىلىقنى يېڭىدۇ .

 مۇناسىۋىتى ئىسمى  ئەسكەرتىش
 تېرنىر  ئانزاي بۇرۇن ياپونىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئەزاسى 
 كوماندا باشلىقى  تاكىنارو ئوتتۇرا ھۇجۇمچى 4-نومۇر
 بىر كوماندىدىكى ئەزا   كوگورى  ئالدى ھۇجۇمچى 5-نومۇر
 بىر كوماندىدىكى ئەزا ساكوراگى  چوڭ  ئالدى ھۇجۇمچى 10-نومۇر
 بىر كوماندىدىكى ئەزا كاكۇتا ساتورۇ ئوتتۇرا ھۇجۇمچى 9-نومۇر
 بىر كوماندىدىكى ئەزا ئىشى كېنتارۇ ئالدى ھۇجۇمچى 12- نومۇر
 بىر كوماندىدىكى ئەزا  ساسوۋكا ساتورۇ ئالدى ھۇجۇمچى 13-نومۇر
 بىر كوماندىدىكى ئەزا كۇۋاتا توكى توپنى كونتىرول قىلغۇچى بېك 15- نومۇر
 بىر كوماندىدىكى ئەزا مىياگى توپنى كونتىرول قىلغۇچى بېك 7-نومۇر
 بىر كوماندىدىكى ئەزا ياسۇدا  توپنى كونتىرول قىلغۇچى بېك 6-نومۇر
 بىر كوماندىدىكى ئەزا شىئوزاكى  بېك 8-نومۇر
 بىر كوماندىدىكى ئەزا رۇكاۋا  كىچىك ئالدى ھۇجۇمچى 11-نومۇر

مىتسۇئى

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#