مۇناقى ئۈزۈم

مۇناقى ئۈزۈم

مۇناقى ئۈزۈم ئادەتتە كۆك مۇناقى، قىزىل مۇناقى دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەممە يىرىدە ئۆستۈرۈلىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭدا 9-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ 10-ئاينىڭ باشلىرىغىچە پىشىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى مۇناقى ئۈزۈم
ئىنگلىزچە نامى مۇناقى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 木纳格葡萄
تارقالغان رايونلار ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مۇناقى ئۈزۈم ئادەتتە كۆك مۇناقى ، قىزىل مۇناقى دەپ ئىككى خىل بولىدۇ .

كۆك مۇناقى ئۈزۈم

كۆك مۇناقى ئۈزۈمكۆك مۇناقى ئۈزۈمنىڭ يۇمىران يوپۇرمىقى يېشىل ، يىتىلگەن يوپۇرماقلىرى يېشىل ، قوڭۇر ، قىزىل رەڭلەردە ، تۈكسىز ، يوپۇرماق گىرۋىكى ئوتتۇراھال يىرىلغان ، بەش تال يىرىقچىسى بار . گۈلى قوش جىنىسلىق گۇل ، مېۋە ساپىقى كونۇس شەكلىدە ، ئۇزۇنلۇقى 25.4 سانتىمېتىر ، كەڭلىكى 12.5 سانتىمېتىر ، ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى 560 گرام ، چوڭراقلىرى 1020 گرام ، مېۋە دانىسى تەكشى ، شالاڭ تارقالغان ، مېۋە يۈزى سېرىق يېشىل ، پوستى قېلىن ، ئېتى يۇمشاق ، چۈرۈك شىرنىلىك ، سۇس سېرىق ، پۇراقسىز ، تەمى چۈچۈمەل ، قەنت مىقدارى %18 -17 ، سۈپىتى ئوتتۇراھال ، ھەربىر دانە ئۈزۈمدە تۆت تال ئۇرۇق بولىدۇ . 

قىزىل مۇناقى ئۈزۈم

قىزىل مۇناقى ئۈزۈمقىزىل مۇناقى ئۈزۈمنىڭ يۇمران يوپۇرمىقى سېرىق يېشىل ، يېتىلگەن يوپۇرمىقى يېشىل ، بىنەپشە ، قىزىل رەڭلەردە بولىدۇ . تۈكسىز پارقىراق ، بىر يىللىق پىشقان شاخلىرى قىزىل قوڭۇر رەڭدە ، يوپۇرمىقى چوڭ ، يۇمىلاق ، قېلىنراق ، يوپۇرماق گىرۋىكى كۆك مۇناقى بىلەن ئوخشاش . گۇلى قوش جىنىسلىق گۇل . 

بىر ساپاق ئۈزۈمنىڭ شەكلى سېلىندىرسىمان ، چوڭ ، ئۇزۇنلۇقى 23.2 سانتىمېتىر ، كەڭلىكى 12.5 سانتىمېتىر ، ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى 540 -778 گرام ، ئەڭ چوڭلىرىنىڭ ئېغىرلىقى 1350 گرام كىلىدۇ . مېۋە دانىسى شالاڭ ، تەكشى تارقالغان ، دانىسى ئۇزۇن، ئېللىپىسسىمان ، يەككە ئېغىرلىقى 8 گرام ، چوڭلىرىنىڭ 11.5 گرام كېلىدۇ ، پوستى رەڭگى سېرىق يېشىل ، قىزىل ، پوستى قېلىن ، ئېتى چۈرۈك ، شېرنىسى كۆپ ، پۇراقسىز ، تەمى چۈچۈمەل ، قەنت مىقدارى % 16.4 ، كىسلاتا مىقدارى % 0.43 ، سۈپىتى ئوتتۇراھال ، ھەر بىر دانە ئۈزۈمدە ئىككى تال ئۇرۇق بولىدۇ .

مۇناقى ئۈزۈممۇناقى ئۈزۈم چوڭ پايدىلىق ، جۇڭگونىڭ قەدىمكى كىتابى « شېن نوڭ دورا ئۆسۈملۈكلىرى دەستۇرى  » ئۈزۈم دەپ كىشىنى چىداملىق ، سەۋرچان، سوغۇققان بۇلۇپ، ئۈزۈم تەركىبىدە كۆپ خىل ئادەم بەدىنىگە كېرەكلىك تۆمۈر ، كالتىسى ، كالىي ، سىنىك قاتارلىق مىنېرال ماددىلار ۋە ۋىتامىن ، تەركىبىدە ئامىنو كىسلاتاسى ، تارترات كىسلاتا قاتارلىق كۆپ خىل ئېنزىملارمۇ بولىدۇ . 

مۇناقى ئۈزۈمنىڭ ئوزۇقلۇق دورا قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى ، ئۈزۈم شەربىتى ئالىملار تەرىپىدىن « ئۆسۈملۈك سۈتى » دەپ ئاتالغان. تېببىي تەتقىقات شۇنى ئىسپاتلىدىكى ، ئۈزۈم شىرنىسى بولسا بۆرەك ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئەڭ ياخشى يېمەكلىك ، قاندىكى ئاقسىل بولىدۇ ۋە ناترىي خلورىد مىقدارى بولۇپمۇ تېنى ئاجىز بىمارلار ، قان تومۇر قېتىشىش ۋە بۆرەك ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلارنىڭ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قوشۇمچە داۋالاش ئۈنۈمى بار . ئۇنىڭدىن باشقا ئۈزۈم شىرنىسى يەنە جىگەر ئىقتىدارى كۈچەيتىپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئۆت سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ ، يەللىك بوغۇم ئاغرىقى ، بوغۇم ياللۇغى ۋە رېماتىزم بىلەن ئاغرىغۇچىلارنىڭ قوشۇمچە ئوزۇقلۇق يېمەكلىكى. ئۈزۈم مېۋىسى تەركىبىدىكى بىرىكمە تۆمۈر ئېلېمېنتلار ئەڭ كۆپ مېۋە .

ئۈزۈم ئۆزىمۇ بىر خىل قۇۋۋەت تولۇقلايدىغان دورا ، قان قۇۋۋىتى، مۇئەننەسلىكنى قۇۋۋەتلەپ ھۆللۈك پەيدا قىلىش ، پەينى چىڭىتىپ سۆڭەكنى ساغلاملاش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بار .[2]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#