ئىگىر

ئىگىر بولسا چايان ئوت ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك تاش ئېگىر بولۇپ، بۇنىڭ يىلتىزسىمان غولى «ئېگىر» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.مېڭىنى تازىلاش، ھەزىمنى ياخشىلاش، يەل تارقىتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئۈچەي مەددە قۇرتنى ئۆلتۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى ئىگىر
ئىنگلىزچە Tatarinow Sweetflog Rhizome
باشقا نامى ۋەج(ئە)، ئىگىر تۈركىي (پ)، ۋەرچ (ئو)
خەنزۇچە ئاتىلىشى 水菖蒲
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق، ئۈچىنچى دەرىجىدە ئىسسىق.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئىگىرئىگىر بولسا چايان ئوت ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك تاش ئېگىر بولۇپ، بۇنىڭ يىلتىزسىمان غولى «ئېگىر» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ توم يوغان شاخچىلىرى ئاز يىلتىز بولۇپ، سىرتقى يۈزى سارغۇچ ئاق رەڭلىك، تەمى ئاچچىق، پۇراقلىق كېلىدۇ.

ياز ۋە كۈزدە كولاپ ئېلىپ قالدۇق غول ۋە يوپۇرماقلىرىنى، چاچما يىلتىزلىرىنى چىقىرىۋېتىپ يۇيۇپ قۇرۇتۇلۇپ سالقىن جايدا ساقلىنىدۇ.

ئېلىمىز ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدىن چىقىدۇ، يەنە ياۋروپا، شىمالىي ئامېرىكا، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىنمۇ چىقىدۇ.

زەھەر قايتۇرۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش، ماددىلارنى يۇمشىتىش، تېرىنى پارقىرىتىش، نېرۋىنى قۇۋۋەتلەش، مېڭىنى تازىلاش، ھەزىمنى ياخشىلاش، يەل تارقىتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئۈچەي مەددە قۇرتنى ئۆلتۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئەكىس تەسىرى

باشقا زىيان قىلىدۇ.

(1) تىنىچلاندۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش، تارتىشىشقا قارشى تەسىرى: ئىگىر يىلىتىزىنىڭ ئۇچۇچان مېيى ۋە سۇدا ئېلىنغان ماددىسى كىچىك چاشقاننىڭ ھەرىكىتىنى ئاستىلىتىدۇ. ئالدىنقىسى پېنتوباربىتال ناترىينىڭ تىنىچلاندۇرۇش ۋە ئۇيقۇ كەلتۈرۈش تەسىرىنى رېزىرننىڭ كىچىك چاشقانغا بولغان زەھىرىنى كۈچەيتىدۇ ھەمدە ئاغرىق توختىتىش ئۈنۈمى بار. α-β- ئاسارون ئېتىرى باربىتال خىلدىكىلەرنىڭ ئۇيقۇ كەلتۈرۈش رولىنى كۈچەيتىدۇ. لېكىن بۇنىڭ ئاغرىق توختىتىش رولى يوق. ئالدىنقىنىڭ مەركىزى نېرۋا سىستېمىسىنى تورمۇزلاش رولى رېزىرپىن تۈرىدىكىلەر بىلەن ئوخشاش. يىلتىزىنىڭ ئىسپىرتلىق ئېرىتمىسىمۇ يۇقىرىقىدەك تەسىرىگە ئىگە.

(2) قان ئايلىنىش سىستېمىسىغا بولغان تەسىرى: ئۇچۇچان مېيى سۇ ياكى ئىسپىرت بىلەن ئېلىنغان سۇيۇقلۇقى ناركوز قىلىنغان ھايۋانلارنىڭ قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ. ئاسارون ئېتىرى ئوتتۇرا دەرىجىلىك قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش تەسىرىگە ئىگە. بۇ ئاداشقان نېرۋا، ئادرېنالىن ئىقتىدارلىق نېرۋا ۋە نېرۋا تۈگۈنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. سۇدا ئېلىنغان ماددىسى – ئاسارون ئېتىرى يۈرەككە نىسبەتەن تورمۇزلاش رولىغا ئىگە، ئۇچۇچان مېيى ئىت، پاقىنىڭ يۈرەك رېتىمىنى تورمۇزلايدۇ.

(3) سىپازما قايتۇرۇش تەسىرى: ئۇچۇچان ماي ۋە ئاسارون ئېترىنىڭ ئورگانىزمدىن ئايرىلغان ئۈچەي، بالىياتقۇ،كانايچە، قان تومۇرلارغا نىسبەتەن بوشاشتۇرۇش رولى بار. ئاتسېتىل خولىن، ھىسنامىن قاتارلىقلار پەيدا قىلغان تارتىشىشنى توسىدۇ. بۇ كۆكنار ئىشقارى بىلەن ئوخشايدۇ. ئۇچۇچان ماي %10 لىك كۆكنار ئىشقارى ھەم ئاسارون ئېتىرىنىڭ ئۇچۇچان مېيىدىن كۈچلۈك، ھۆمىدەشنى ياخشىلاش رولىغا ئىگە.

(4) يۆتەل توختىتىش، بەلغەم چىقىرىش تەسىرى: S02 گازنى غىدىقلاش ئارقىلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان يۆتەلگە نىسبەتەن ئۇچۇچان مېيىنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يۆتەل توختىتىش ئۈنۈمى بار. ئىنچىكە نەيچە ئارقىلىق ئۆي توشقىنىنىڭ كانايچىسىنىڭ ئاجراتمىسىنى ئۆلچىگەندە بەلغەم چىقىرىش تەسىرىنىڭ بارلىقى ئىسپاتلاندى. (5) ھەزىم قىلىش سىستېمىسىغا بولغان تەسىرى: يىلتىز سۈيى ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ چىقىرىلىشىنى ئاشۇرىدۇ، بولۇپمۇ ئاشقازان كىسلاتالىق دەرىجىسى تۆۋەنلىگەندە بۇنىڭ ياسالمىسى ئىشتىھا ئاچىدۇ. ھەزىمنى ياخشىلايدۇ. ئۇچۇچان ماينىڭ كىچىك دوزىسى يەل ھەيدەش رولىغا ئىگە.

(6) قىزىتما قايتۇرۇش تەسىرى ۋە باشقىلار: ئۇچۇچان ماي، سۇ ۋە ئىسپىرت بىلەن ئېلىنغان سۇيۇقلۇقى، ئاسارون ئېترى ھايۋانلارغا نىسبەتەن تېمپېراتۇرا چۈشۈرۈش تەسىرىگە ئىگە. بەدەن سىرتىدا كۆپ خىل باكتېرىيە، مەسىلەن: ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە، زەنجىرسىمان باكتېرىيىلەرنى تورمۇزلايدۇ. ئىسپىرتلىق ئېرىتمىسى زەمبۇرۇغقا قارشى تەسىرىگە ئىگە.

ئېگىر يىلتىزىنىڭ تەركىبىدە %5 ـ 2 گىچە ئۇچۇچان ماي بار، ماي تەركىبىدە ئاساسلىقىα- ئاسارون ئىستىرى تەخمىنەن %13 ،β – ئاسارون ئېتىرى تەخمىنەن %37 نى ئىگىلەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئېگىر گلىكوزىدى (Acorin ) پالمىتىك كىسلاتا كراخماللار بار.

پالەچ، لەقۋا، ئىستىرخا، تىل ئېغىرلىقى، ئۇنۇتقاقلىق، بىھۇشلۇق، تارتىشىپ قېلىش، سەرئىي، ھىستېرىيە، ھەزىمنىڭ بۇزۇلۇشى،سۈيدۈك تۇتۇلۇش، ئىنزاللىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

ئىگىر1. ئاقىرقەرھا ۋە ئېگىردىن 5 گرامدىن ئېلىپ، سوقۇپ قاينىتىپ ئىچسە، تىل ئېغىرلىقىغا شىپا بولىدۇ.

2. جۇۋىندىن 10 گرام، ئېگىردىن 3 گرام، بەسباسە، پىننە، بەدىيان قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىدىن 5 گرامدىن ئېلىپ چايلىق تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە، ھەزىم ناچارلىقىغا شىپا بولىدۇ.

3. جوز، مەستىكى، بەللۇت، كۈندۈر، ئېگىر قاتارلىقلاردىن 10 گرامدىن، ئاقىرقەرھادىن 7 گرام ئېلىپ، سۇپۇپ قىلىپ ئىچىپ بەرسە، ئىسپېرما بۇرۇن كېتىشكە شىپا بولىدۇ.

4. ئىگىرنى تالقانلار كۆزگە تارتسا كۆز قاراڭغۇلۇشۇش ۋە كۆزگە ئاق چۈشۈشنى يوقىتىدۇ ۋە كۆزنى روشەن قىلىدۇ. سۇپۇپ قىلىپ يىگۈزۈلسە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئاشقازان ھۆللۈكىنى قۇرۇتىدۇ. يۆتەلنى پەسەيتىدۇ. سۈيدۈك تېمىپ كېلىشنى يوقىتىدۇ، سۈيدۈك ۋە ھەيىزنى راۋان قىلىدۇ. سىرتىدىن چاپسا پۇت – قول بوغۇملىرى ئاغرىقى، تارتىشىش، تالنىڭ قاتتىقلىقى قاتارلىقلارغا پايدا قىلىدۇ.

5. قاينىتىپ سۈيىدە ئولتۇرغۇزسا بالىياتقۇ ئاغرىقىنى توختىتىدۇ. سىرتىدىن چېپىلسا بەھەق، بەرەسلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

مىقدارى 

3.5 گرام

ساقلاش

ياز ۋە كۈزدە كولاپ ئېلىپ قالدۇق غول ۋە يوپۇرماقلىرىنى، چاچما يىلتىزلىرىنى چىقىرىۋېتىپ يۇيۇپ قۇرۇتۇلۇپ سالقىن جايدا ساقلىنىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

بەدىيان، سىركەنجىۋىل.

ئورۇنباسارى

رەۋەن، زىراۋەندە.

[0]

3.5 گرام
3.5 گرام
3.5 گرام

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=487

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#