يەتتە قۇدۇق بازىرى

يەتتە قۇدۇق بازىرى

يەتتە قۇدۇق بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇمۇل شەھىرىگە، تەڭرىتاغنىڭ شەرقىي بۆلىكىنىڭ مارتا تېغىنىڭ جەنۇبغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى يەتتە قۇدۇق بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 10390.9 كىۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 七角井镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قۇمۇل شەھىرى
نوپۇسى 2309 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يەتتە قۇدۇق بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇمۇل شەھىرىگە، تەڭرىتاغنىڭ شەرقىي بۆلىكىنىڭ مارتا تېغىنىڭ جەنۇبغا جايلاشقان.

يەتتە قۇدۇق بازىرىشىمالىي سانجى ئوبلاستى مورى ناھىيەسى، باركۆل ناھىيەسى بىلەن قوشنا، غەربىي تۇرپان شەھىرى، پىچان ناھىيەسى بىلەن قوشنا، جەنۇب تەرىپى قۇمۇل شەھىرى قارا دۆۋە يېزىسى بىلەن قوشنا. شەرقىي قۇمۇل شەھىرى قويلۇق يېزىسى، تارانچى كان رايونى بىلەن تۇتىشىدۇ. « لەنجۇ-شىنجاڭ تۆمۈر يولى»، «لەنجۇ-شىنجاڭ تاشيولى» كېسىپ ئۆتىدۇ. يەتتە قۇدۇق بازىرى يىل بويى قۇرغاق، شىنجاڭ ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ پارغا ئايلىنىش مىقدارى ئەڭ چوڭ رايونلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا شىنجاڭ بويىچە مەشھۇر «يۈز چاقىرىم شامال رايونى»، سەنجاپار ئوتتۇرىچە شامال سۈرئىتى 9.2 مېتىر / سېكۇنت، شىنجاڭ بويىنچە ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىنى ياراتقان.

يەتتە قۇدۇق بازىرىنىڭ قەدىمىي تارىختىكى ئەسلىي ئىسمى يەتتە قۇدۇق، يىراق 7، 8 مىڭ يىل ئىلگىرى، بۇ يەردە  ئىنسانلار ياشىغان، نۇرغۇن قەدىمىي شەھىرى تا بۈگۈنگىچە يەنىلا ساقلىنىپ كەلگەن، قەدىمكى قەبرىستان، تاش قوراللار خارابىسى قاتارلىقلار بار. يەتتە قۇدۇق بازىرىنىڭ مۇھىتى ناچار بولسىمۇ، ئەمما يىپەك يولىدىكى بىر مۇھىم ئۆتەڭ. تارىختىكى، بۇ يەر ئىزچىل ناھايىتى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى ۋە مۇھىم جاي بولغان. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگوغا ياردەم قىلغان ماددىي ئەشيالارنى توشۇش ۋە كۈتۈۋېلىش بىلەن بېرىش-كېلىش ئاپتوموبىل ئەترىتى مەسئۇل بولغان بىر «ئۆتەڭ» بولغان. 1984-يىلى يەتتە قۇدۇق بازىرى قۇرۇلغان، 1993-يىلى يېزىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ بازارغا قوشۇۋىتىلگەن.

يەتتە قۇدۇق بازىرى قارىمىقىدىكى بەش مەھەللىگە، بىر كەنت ئاھالە كومىتېتى : 1-مەھەللە، 2-مەھەللە، 3-مەھەللە، 4-مەھەللە، 5- مەھەللە، يەتتە قۇدۇق كەنتى قاتارلىقلار بار.

يەتتە قۇدۇق بازىرىدا مول شور، ھاك تاش، گاۋلىڭ توپىسى، ئالتۇن، مىس، كۆمۈر، مەيفەن تېشى قاتارلىق قېزىلما بايلىقلار بار.

يەتتە قۇدۇق بازىرىدا سۆگەت چارۋىچىلىق جىلغىسى، ئاق ئاكاتسىيە جىلغىسى قاتارلىق ساياھەت مەنزىرىلىك جايلار، يەنە 20 مىڭ مو توغراق ئورمىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە يەتتە قۇدۇق ئايرودروم ۋە ھارۋا چاقى بۇلاق، لو گەپ ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە ئورنى قاتارلىقلار ساياھەت بايلىقى بار.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#