بۇغىئوت

بۇغىئوت

بۇغىئوت مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، بۇغىئوتقا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، روھ ۋە قۇۋۋەتنى كۈچەيتىش، نېرۋىنى كۈچلەندۈرۈش، ئۇيقۇنى ياخشىلاش، جىسمانىي ۋە ئەقلىي كۈچنى ئۇرغۇتۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى بۇغىئوت
چىقىش ئورنى ئالتاي، تارباغاتاي
خەنزۇچە ئاتىلىشى 鹿根
تەبىئىتى ھۆل سوغۇق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇغىئوتبۇغىئوت مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، بۇغىئوتقا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى تەخمىنەن بىر مېتىر كېلىدۇ. پۈتۈن تېنىدە ئاقۇچ كۈل رەڭ يۇمشاق تۈكلىرى بولىدۇ، غولى تىك ئۆسىدۇ، شاخلىمايدۇ، ئۇزۇنىسىغا كەتكەن ئېرىقچىلىرى بولىدۇ، يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن بولۇپ، پەيسىمان يېرىلىدۇ، گىرۋىكىدە ھەرە چىشلىرى بولىدۇ. گۈل رېتى باشسىمان گۈل رېتى بولۇپ، غولىنىڭ ئۇچىدا يالغۇز ئۆسىدۇ. گۈلىنىڭ رەڭگى قىزغۇچ سۆسۈن كېلىدۇ، گۈل رېتىنىڭ سىرتىدا بىرقانچە قەۋەت تەڭگىسىمان خورما رەڭ ئورىغۇچى ياپراقچىلىرى بولىدۇ.

روھ ۋە قۇۋۋەتنى كۈچەيتىش، نېرۋىنى كۈچلەندۈرۈش، ئۇيقۇنى ياخشىلاش، جىسمانىي ۋە ئەقلىي كۈچنى ئۇرغۇتۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

دورىلىق قىسمى

دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.

تەبىئىتى

ھۆل سوغۇق.

ئىشلىتىش مىقدارى

ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ ئۆسۈملۈكنى ئەتىيازدا ۋە كۈزدە يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ئالتاي، تارباغاتاي قاتارلىق جايلىرىدىكى تاغلارنىڭ سايە ۋە نەم يەرلەردىكى ئوتلاقلاردا ئۆسىدۇ.

بۇغىئوتمۇۋاپىق مىقداردىكى بۇغىئوتنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، جىسمانىي ۋە ئەقلىي جەھەتتىن چارچاشقا مەنپەئەت قىلىپ، خىزمەت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. 

بۇغىئوت يىلتىزىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ياكى سۇيۇق چىلانما تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە، نېرۋا ئاجىزلىق، ئۇيقۇسىزلىق ۋە ئىشتىھاسىزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

بۇغىئوت يىلتىزىدىن 20 پىرسەنتلىك ئىسپىرتلىق ياسالما (تىنكتۇرا) ياساپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 4 ~ 8 گرامدىن ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئاشقازان ئاجىزلىقى، نېرۋا ئاجىزلىق ۋە ئۇيقۇسىزلىققا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#