يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى

يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى
يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى 2004-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى، گوۋۇيۈەن 49-قېتىملىق دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2004-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى ئېلان قىلىنغان، 2004-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.

ئۇيغۇرچە نامى يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2004-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2004-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى
خەنزۇچە نامى 道路交通安全法实施条例
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2004-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى»غا ئاساسەن تۈزۈپ چىقىلغان، 2004-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى، گوۋۇيۈەن 49-قېتىملىق دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2004-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى ئېلان قىلىنغان، 2004-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان، جەمئىي 8 باب، 115 ماددا. 

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ نىزام «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى» (تۆۋەندە «يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى» دېيىلىدۇ)دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن چىقىرىلدى.

2-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچىلەر، پىيادىلەر، قاتناش ۋاسىتىسىگە ئولتۇرغۇچىلار، شۇنداقلا يول قاتناش پائالىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە شەخسلەر يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىغا ۋە بۇ نىزامغا رىئايە قىلىشى كېرەك.

3-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يول قاتناش بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاقىدار تارماقلارنى شەھەر قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ قاتناشقا بولغان تەسىرىنى باھالاشقا تەشكىللەپ، يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش پىلانىنى تۈزۈپ، باشقۇرۇش نىشانىنى بېكىتىپ، يولغا قويۇش لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىشى لازىم.

2-باب قاتناش ۋاسىتىسى ۋە ھەيدىگۈچىلەر

1-پاراگراف ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى

4-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملاش رويخەتكە ئېلىش، تىزىم ئۆزگەرتىش، يۆتكىلىشنى تىزىملاش، رەنە قويۇشنى تىزىملاش ۋە رويخەتتىن ئۆچۈرۈش دەپ ئايرىلىدۇ.

5-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى نومۇر تاختىسى، يول يۈرۈش كىنىشكىسى ئېلىشنى تۇنجى قېتىم ئىلتىماس قىلىشتا، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە ئىگىدارچىلىق قىلغۇچى تۇرۇشلۇق جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ.

ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى رويخەتكە ئېلىپ تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىشتا، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تەكشۈرتۈشى ھەمدە تۆۋەندىكى ئىسپات، دوكۇمېنتلارنى تاپشۇرۇشى كېرەك:

1. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىگىسىنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى؛

2. قاتناش ۋاسىتىسىنى سېتىۋالغان تالون قاتارلىق ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ كېلىش مەنبە ئىسپاتى؛

3. پۈتۈن قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش لاياقەت ئىسپاتى ياكى ئىمپورت قىلىنغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىمپورت قىلىنغانلىق دوكۇمېنتى؛

4. قاتناش ۋاسىتىسىنى سېتىۋېلىش بېجى تاپشۇرغانلىق ئىسپاتى ياكى باج كەچۈرۈم دوكۇمېنتى؛

5. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى 3-شەخس جاۋابكارلىق مەجبۇرىي سۇغۇرتىلاش دوكۇمېنتى؛

6. قانۇن، مەمۇرىي قانۇن-نىزاملاردا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى رويخەتكە ئېلىشنى تىزىملىتىشتا، تاپشۇرۇش بەلگىلەنگەن باشقا ئىسپات-دوكۇمېنتلار.

گوۋۇيۈەننىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى مەھسۇلاتلىرىنى باشقۇرغۇچى تارماق بىخەتەرلىك تېخنىكىسىنى تەكشۈرۈش كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، دەپ بەلگىلىگەن قاتناش ۋاسىتىسى تىپىغا كىرمەيدىغانلىرى يەنە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرۈش لاياقەت ئىسپاتى بىلەن تەمىن ئېتىش لازىم.

6-ماددا رويخەتكە ئېلىپ تىزىملانغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىدە تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىگىسى شۇ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملىغان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا تىزىم ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلىشى لازىم:

1. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى گەۋدىسىنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىش؛

2. ماتورنى ئالماشتۇرۇش؛

3. ئاپتوموبىل گەۋدىسى ياكى رامىنى ئالماشتۇرۇش؛

4. سۈپەتتە مەسىلە كۆرۈلۈش تۈپەيلىدىن، ياسىغۇچى زاۋۇت پۈتۈن ئاپتوموبىلنى ئالماشتۇرۇش؛

5. تىجارەت ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى غەيرىي تىجارەت ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە ياكى غەيرىي تىجارەت ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىجارەت ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە ئۆزگەرتىش؛

6. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىگىسى تۇرار جايىدىن كۆچۈپ كېتىش ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى رايونغا كۆچۈپ كېلىش.

ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى تىزىمىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، تۆۋەندىكى ئىسپات - دوكۇمېنتلارنى تاپشۇرۇشى، ئالدىنقى تارماقنىڭ 1، 2، 3، 4، 5 تارماقچىلىرىدىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بولسا، يەنە قاتناش ۋاسىتىسىنى تەكشۈرتۈشى؛ ئالدىنقى تارماقنىڭ 2.، 3. تارماقچىلىرىدىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بولسا، يەنە بىرلا ۋاقىتتا قاتناش ۋاسىتىسىنى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرۈش لاياقەت ئىسپاتىنى تاپشۇرۇشى لازىم:

1. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىگىسىنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى؛

2. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملاش گۇۋاھنامىسى؛

3. قاتناش ۋاسىتىسى يول يۈرۈش كىنىشكىسى.

ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىگىسىنىڭ تۇرار جايى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىك رايونى دائىرىسىدە يۆتكەلسە، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىگىسىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ئورۇن نامى. ياكى ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى ئۆزگەرسە، شۇ قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملىغان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇش لازىم.

7-ماددا رويخەتكە ئېلىپ تىزىملانغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى يۆتكەلسە، يۆتكىلىشنى ۋاقتىدا تىزىملىتىشى لازىم.

ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يۆتكىلىشنى تىزىملىتىشتا، ئالاقىدار كىشى شۇ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملىغان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تەكشۈرتۈشى ھەمدە تۆۋەندىكى ئىسپات-دوكۇمېنتلارنى تاپشۇرۇشى كېرەك:

1. ئالاقىدار كىشىنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى؛

2. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى يۆتكەلگەنلىك ئىسپات-دوكۇمېنتى؛

3. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملىغانلىق گۇۋاھنامىسى؛

4. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يول يۈرۈش كىنىشكىسى.

8-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە ئىگىدارچىلىق قىلغۇچى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى رەنە بۇيۇم قاتارىدا رەنە قويۇشتا، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىگىسى شۇ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملىغان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا رەنە تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

9-ماددا رويخەتكە ئېلىپ تىزىملانغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى دۆلەت بەلگىلىگەن مەجبۇرىي براك قىلىش ئۆلچىمىگە يەتسە، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى براك قىلىش قەرەلى توشۇشتىن ئىككى ئاي ئىلگىرى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىگىسىگە تىزىمدىن ئۆچۈرۈشنى تىزىملىتىشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىگىسى براك قىلىش قەرەلى توشۇشتىن بۇرۇن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى يىغىۋېلىش كارخانىسىنىڭ يىغىۋېلىشىغا سېتىپ بېرىشى، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى يىغىۋېلىش كارخانىسى براك قىلىنغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملاش گۇۋاھنامىسى، نومۇر تاختىسى، يول يۈرۈش كىنىشكىسىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى رويخەتتىن ئۆچۈرۈشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىگىسى رويخەتتىن ئۆچۈرۈشنى تىزىملاتمىسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى شۇ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملاش گۇۋاھنامىسى، نومۇر تاختىسى، يول يۈرۈش كىنىشكىسىنى ئىناۋەتسىز، دەپ ئېلان قىلىشى كېرەك.

ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يوقاپ كېتىش تۈپەيلىدىن رويخەتتىن ئۆچۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىشتا، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا ئۆزىنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملاش گۇۋاھنامىسىنى تاپشۇرۇشى كېرەك.

10-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلغۇچى تاپشۇرغان ئىسپات-دوكۇمېنتلار تولۇق، كۈچكە ئىگە بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى تىزىملاش رەسمىيىتىنى نەق مەيداندا بېجىرىپ بېرىشى لازىم.

خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، شۇنىڭدەك مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى قانۇن بويىچە پېچەتلىگەن، تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملاشنى بېجىرمەيدۇ.

11-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملاش گۇۋاھنامىسى، نومۇر تاختىسى، يول يۈرۈش كىنىشكىسى يىتىپ كېتىپ ياكى كاردىن چىقىپ، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىگىسى تولۇقلاپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا ئۆزىنىڭ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ۋە ئىلتىماس ماتېرىيالىنى تاپشۇرىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تىزىملاش ئارخىپىغا سېلىشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرگەندىن كېيىن، ئىلتىماسنى ت-اپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە تولۇقلاپ بېرىدۇ.

12-ماددا باج تارمىقى، سۇغۇرتا ئاپپاراتى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ئىش بېجىرىش سورۇنىدا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك باج تاپشۇرۇش، سۇغۇرتا توختامى تۈزۈش قاتارلىق ئىشلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ بېجىرسە بولىدۇ.

13-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ نومۇر تاختىسى قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئالدى-ئارقىسىدىكى كۆرسىتىلگەن ئورۇنغا ئېسىلىشى، پاكىز، پۈتۈن بولۇشى لازىم. ئېغىر تىپلىق، ئوتتۇرا تىپلىق يۈك ئاپتوموبىلى ۋە ئۇنىڭ پرىتسېپى، تراكتور ۋە ئۇنىڭ پرىتسېپى، كوزۇپى ياكى ۋاگوننىڭ ئارقىسىغا چوڭايتىلغان تاختا نومۇر پۈركۈشى، خەت شەكلى توغرا ھەم پاكىز بولۇشى لازىم.

ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تەكشۈرۈش لاياقەت بەلگىسى، سۇغۇرتىلاش بەلگىسى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئالدى دەرىزىسىنىڭ ئوڭ تەرەپ يۇقىرىقى بۇرجىكىگە چاپلىنىدۇ.

ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىغا پۈركۈلگەن، چاپلانغان بەلگە ياكى كوزۇپ ئېلانلىرى بىخەتەر ھەيدەشكە تەسىر يەتكۈزسە بولمايدۇ.

14-ماددا تاشيول تىجارەت ترانسپورتىغا ئىشلىنىدىغان ئاپتوبۇس، ئېغىر تىپلىق يۈك ئاپتوموبىلى، يېرىم چاتما پرىتسېپ سۆرىگۈچى ئاپتوموبىلغا دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولغان يۈرۈشنى خاتىرىلىگۈچى ئاپپارات ئورنىتىش ۋە ئىشلىتىش لازىم. قاتناش ساقچىلىرى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يۈرۈش سۈرئىتى، ئۇدا ھەيدەش ۋاقتى، شۇنىڭدەك باشقا يۈرۈش ھالىتى ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرسە بولىدۇ. يۈرۈشنى خاتىرىلىگۈچى ئاپپارات ئورنىتىشنى قەدەم باسقۇچقا بۆلۈپ يولغا قويسا بولىدۇ. يولغا قويۇش قەدەم باسقۇچىنى گوۋۇيۈەننىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى مەھسۇلاتلىرىنى باشقۇرۇش تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە بەلگىلەيدۇ.

15-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرۈشنى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرۈش ئاپپاراتى يولغا قويىدۇ. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرۈش ئاپپاراتى دۆلەتنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرۈش ئۆلچىمى بويىچە تەكشۈرۈشى، تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىتا قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

سۈپەت تېخنىكا نازارەتچىلىك تارمىقى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنىڭ سالاھىيىتىنى باشقۇرۇش، ئۆلچەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى باشقۇرۇشنى يولغا قويىدۇ، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىدۇ، دۆلەتنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرۈش ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىدۇ.

ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرۈش تۈرلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ سۈپەت تېخنىكا نازارەتچىلىكى تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بەلگىلەيدۇ.

16-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى تىزىملانغان كۈندىن باشلاپ، تۆۋەندىكى مۆھلەت بويىچە بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرتىدۇ:

1. تىجارەت ترانسپورتىدىكى ئاپتوبۇسنى 5 يىل ئىچىدە ھەر يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرتىدۇ؛ 5 يىلدىن ئاشقانلىرىنى ھەر 6 ئايدا بىر قېتىم تەكشۈرتىدۇ؛

2. يۈك ئاپتوموبىلى چوڭ، ئوتتۇرا تىپلىق غەيرىي تىجارەت ترانسپورت ئاپتوموبىلىنى 10 يىل ئىچىدە ھەر يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرتىدۇ؛ 10 يىلدىن ئاشقانلىرىنى ھەر 6 ئايدا بىر قېتىم تەكشۈرتىدۇ؛

3. كىچىك، مىكرو تىپتىكى غەيرىي تىجارەت ترانسپورت يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنى 6 يىل ئىچىدە ھەر 2 يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرتىدۇ؛ 6 يىلدىن ئاشقانلىرىنى ھەر يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرتىدۇ؛ 15 يىلدىن ئاشقانلىرىنى ھەر 6 ئايدا بىر قېتىم تەكشۈرتىدۇ؛

4. موتسىكلىتنى 4 يىل ئىچىدە ھەر 2 يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرتىدۇ؛ 4 يىلدىن ئاشقانلىرىنى ھەر يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرتىدۇ؛

5. تراكتور ۋە باشقا قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەر يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرتىدۇ.

تىجارەت ترانسپورتىدىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى مۆھلەت ئىچىدە بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغانلىرى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكرار تەكشۈرتۈلمەيدۇ.

17-ماددا تىزىملانغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرۈشتە، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يول يۈرۈش كىنىشكىسىگە خاتىرىلەنگەن تىزىملاش مەزمۇنى بىلەن شۇ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە ئالاقىدار ئەھۋال ئوخشاش چىقمىسا ياكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى 3-شەخس جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتىلاش دوكۇمېنتىنى بەلگىلىمە بويىچە تەمىن ئەتمىسە، تەكشۈرتۈش ماقۇللانمايدۇ.

18-ماددا ساقچى ئاپتوموبىلى، كېسەل قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى، قۇرۇلۇشتا خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىغا بەلگە نۇسخىسى پۈركۈش، شۇنىڭدەك سىگنال بەرگۈچ، بەلگە چىراغ ئورنىتىش، ئىشلىتىش بەلگىلىمىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى تۈزىدۇ. 

2-پاراگراف ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچى

19-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى بەلگىلىگەن ھەيدەش ئىجازەت شەرتىگە ئۇيغۇن بولغانلار جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسىنىڭ شەكلىنى بەلگىلەيدۇ ھەمدە نازارەت قىلىپ ياسىتىدۇ.

20-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەشنى ئۆگىنىشتە، ئاۋۋال يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇن-نىزاملىرى ۋە ئالاقىدار بىلىملەرنى ئۆگىنىپ، ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن، ئاندىن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش ماھارىتىنى ئۆگىنىش كېرەك.

يولدا ھەيدەشنى ئۆگىنىش جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى بېكىتكەن لىنىيە، ۋاقىت بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. يولدا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش ماھارىتىنى ئۆگىنىشتە مەشىق ئاپتوموبىلى ئىشلىتىلىپ، تەربىيىچىنىڭ ئاپتوموبىلدا يېتەكچىلىك قىلىشى ئارقىسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئوقۇتۇش بىلەن ئالاقىسى يوق خادىملار مەشىق ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ. كۇرسانت ھەيدەشنى ئۆگىنىش داۋامىدا يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىغا خىلاپ ھەرىكەت قىلسا ياكى قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلسا، جاۋابكارلىقنى تەربىيىچى ئۈستىگە ئالىدۇ.

21-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىدىن ئىمتىھان ئېلىشى، ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولغانلارغا 5 كۈن ئىچىدە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسى تارقىتىپ بېرىشى؛ ئىمتىھاندا لاياقەتسىز بولغانلارغا سەۋەبىنى يازما چۈشەندۈرۈشى لازىم.

22-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى 6 يىل بولىدۇ، بۇ نىزامدا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچى تۇنجى قېتىم ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىنكى 12 ئاي پراكتىكا مەزگىلى بولىدۇ. پراكتىكا مەزگىلىدە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەيدىغانلار، كوزۇپنىڭ ئارقا قىسمىغا بىرلىككە كەلگەن نۇسخىدىكى پراكتىكا بەلگىسىنى چاپلىشى ياكى ئېسىشى لازىم.

ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچى پراكتىكا مەزگىلىدە شەھەر ئاپتوبۇسى، تىجارەت ترانسپورت ئاپتوبۇسى ياكى ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچى ئاپتوموبىلى، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى، كېسەل قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى، قۇرۇلۇشتا خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى، شۇنىڭدەك پارتلايدىغان بۇيۇم، ئاسان ئوت ئالىدىغان ۋە پارتلايدىغان خىمىيىلىك بۇيۇم، ئۆتكۈر زەھەرلىك ياكى رادىئوئاكتىپلىق قاتارلىق خەتەرلىك بۇيۇم قاچىلانغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەشكە بولمايدۇ؛ ھەيدەيدىغان قاتناش ۋاسىتىسىغا پرىتسېپ سۆرىتىشكە بولمايدۇ.

23-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشىغا مەمۇرىي جازا بەرگەندىن سىرت، يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشىغا جۇغلانما نومۇر خاتىرىلەش تۆۋەندە قىسقارتىپ نومۇر خاتىرىلەش دېيىلىدۇ. تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. نومۇر خاتىرىلەش دەۋرلىنىش ۋاقتى 12 ئاي بولىدۇ. بىر نومۇر خاتىرىلەش دەۋرلىنىش ۋاقتى ئىچىدە خاتىرىلەنگەن نومۇر 12 گە يەتسە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ئۇنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسىنى تۇتۇپ قالىدۇ، شۇ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچى بەلگىلىمە بويىچە يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇن-نىزاملىرىنى ئۆگىنىشكە قاتنىشىشى ھەمدە ئىمتىھاننى قوبۇل قىلىشى لازىم. ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولسا، خاتىرىلەنگەن نومۇر ئۆچۈرۈۋېتىلىپ، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسى قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ؛ ئىمتىھاندا لاياقەتسىز بولسا، داۋاملىق ئۆگىنىشكە ۋە ئىمتىھانغا قاتنىشىدۇ.

نومۇر خاتىرىلىنىدىغان يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلار ۋە نومۇر قىممىتىنى گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشنىڭ زىيانلىق دەرىجىسىگە ئاساسەن بەلگىلەيدۇ.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچىلەرنىڭ سۈرۈشتە قىلىشى ئۈچۈن خاتىرىلەنگەن نومۇرنى سۈرۈشتە قىلىش ئۇسۇلى بىلەن تەمىن ئېتىشى لازىم.

24-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچىگە بىر نومۇر خاتىرىلەش دەۋرلىنىش ۋاقتى ئىچىدە خاتىرىلەنگەن نومۇر 12گە يەتمىسە، جەرىمانە پۇلىنى تاپشۇرغان بولسا، خاتىرىلەنگەن نومۇر ئۆچۈرۈۋېتىلىدۇ؛ خاتىرىلەنگەن نومۇر 12گە يەتمىگەن بولسىمۇ، جەرىمانە پۇلىنى تاپشۇرمىغان بولسا، خاتىرىلەنگەن نومۇر كېيىنكى نومۇر خاتىرىلەش دەۋرلىك ۋاقتىغا كىرگۈزۈلىدۇ.

ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچىگە خاتىرىلەنگەن نومۇر بىر نومۇر خاتىرىلەش دەۋرلىنىش ۋاقتى ئىچىدە ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق 12 نومۇرغا يەتسە، 23-ماددىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسىنى تۇتۇپ قېلىش، ئۆگىنىشكە قاتناشتۇرۇش، ئىمتىھان ئېلىشتىن سىرت، يەنە ھەيدەش ماھارىتىدىن ئىمتىھان بېرىدۇ. ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولسا، نومۇر ئۆچۈرۈۋېتىلىپ، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسى قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ؛ ئىمتىھاندا لاياقەتسىز بولسا، داۋاملىق ئۆگىنىش ۋە ئىمتىھانغا قاتنىشىدۇ.

ھەيدەش ماھارىتىدىن ئىمتىھان بېرىشتە، شۇ كىشىنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسىگە يېزىلغان ھەيدەش رۇخسەت قىلىنغان ئەڭ يۇقىرى ئاپتوموبىل تىپىدىن ئىمتىھان بېرىدۇ.

25-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچىگە خاتىرىلەنگەن نومۇر 12 گە يەتسە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ئۇقتۇرغان ئۆگىنىشكە قاتنىشىشنى رەت قىلسا ھەم ئىمتىھانغا قاتناشمىسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ئۇنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئىشلىتىشتىن توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ.

26-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسىنىڭ 6 يىللىق كۈچكە ئىگە مەزگىلىدە، ھەربىر نومۇر خاتىرىلەش دەۋرلىنىش ۋاقتىدا 12 نومۇرغا يەتمىسە، 10 يىللىق كۈچكە ئىگە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسىگە ئالماشتۇرۇپ بېرىلىدۇ؛ 10 يىللىق كۈچكە ئىگە مەزگىل ئىچىدە، ھەربىر نومۇرغا خاتىرىلەش دەۋرلىنىش ۋاقتىدا 12 نومۇرغا يەتمىسە، ئۇزاق مۇددەت كۈچكە ئىگە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسىگە ئالماشتۇرۇپ بېرىلىدۇ.

ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئالماشتۇرۇپ بېرىشتە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسىنى تەكشۈرۈشى لازىم.

27-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسى يىتىپ كېتىپ، كېرەكتىن چىقىپ، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچى تولۇقلاپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا ئۆزىنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى ۋە ئىلتىماس ماتېرىيالىنى تاپشۇرىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئارخىپقا سېلىشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرگەندىن كېيىن، ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 3 كۈن ئىچىدە تولۇقلاپ بېرىدۇ.

28-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسى يىتىپ كەتكەن، كېرەكتىن چىققان، كۈچكە ئىگە قەرەلىدىن ئېشىپ كەتكەن ياكى قانۇن بويىچە تۇتۇپ قېلىنغان، ۋاقىتلىق تۇتۇپ قېلىنغان مەزگىلدە، شۇنىڭدەك خاتىرىلەنگەن نومۇر 12 گە يەتكەندە، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەشكە بولمايدۇ.

3-باب يول يۈرۈش شەرتى

29-ماددا قاتناش بەلگە چىرىغى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى بەلگە چىرىغى، ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى بەلگە چىرىغى، پىيادىلەر توغرا يولى بەلگە چىرىغى، ئاپتوموبىل يولى بەلگە چىرىغى، يۆنىلىش كۆرسىتىش بەلگە چىرىغى، نۇر چاقنىتىپ ئاگاھلاندۇرۇش بەلگە چىرىغى، تاشيول بىلەن تۆمۈريول تەكشىلىكتە كېسىشكەن ئېغىز بەلگە چىرىغى دەپ ئايرىلىدۇ.

30-ماددا قاتناش بەلگىسى كۆرسىتىش بەلگىسى، ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى، مەنئى قىلىش بەلگىسى، يول كۆرسىتىش بەلگىسى، ساياھەت رايونى بەلگىسى، يول قۇرۇلۇشى قىلىش بىخەتەرلىك بەلگىسى ۋە قوشۇمچە بەلگە دەپ ئايرىلىدۇ.

يول قاتناش بەلگە سىزىقى كۆرسىتىش سىزىقى، ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقى، مەنئى قىلىش سىزىقى دەپ ئايرىلىدۇ.

31-ماددا قاتناش ساقچىسىنىڭ قوماندىسى قول ئىشارەت بەلگىسى ۋە ئەسۋاب ئىشلەتكەن قاتناش قوماندا بەلگىسى دەپ ئايرىلىدۇ.

32-ماددا كېسىشمە يول ئېغىزى ۋە پىيادىلەر توغرا ئۆتىدىغان يول بىرقەدەر مەركەزلەشكەن يول بۆلەكلىرىگە پىيادىلەر توغرا يولى، كوچا ئاسما كۆۋرۈكى ياكى كوچا يەر ئاستى ئۆتۈشمە يولى تەسىس قىلىش لازىم.

ئەمالارنىڭ يۈرۈشى بىرقەدەر مەركەزلىك بولغان يول بۆلەكلىرىدىكى پىيادىلەر توغرا يولى بەلگە چىرىغىغا ئاۋازلىق ئەسكەرتىش قۇرۇلمىسى ئورنىتىش لازىم.

33-ماددا شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارمىقى پىيادىلەر، قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يول يۈرۈشىگە تەسىر يەتمىگەن ئەھۋالدا، شەھەر يوللىرىدا قاتناش توختاش ئورنى تەسىس قىلسا ھەمدە قاتناش ۋاسىتىسى توختاش ئورنىنى ئىشلىتىش ۋاقتىنى بەلگىلىسە بولىدۇ.

34-ماددا ئاممىۋى ئاپتوبۇس، ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوموبىل يۈرۈش لىنىيىسى ياكى بېكەتلەرنى ئېچىش ۋە ئۇنى تەرتىپكە سېلىش قاتناش پىلانى ۋە بىخەتەر، راۋان بولۇش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم.

35-ماددا يول ئاسراش قۇرۇلۇشى قىلغۇچى ئورۇن يولنى ئاسرىغان، رېمونت قىلغاندا، بەلگىلىمە بويىچە ئۆلچەملىك بولغان بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى ۋە بىخەتەرلىك مۇھاپىزەت ئەسلىھەسى ئورنىتىشى كېرەك. يول ئاسراش قۇرۇلۇشى قىلغۇچى مەشغۇلات ئاپتوموبىلى، مېخانىزملىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش چىرىغى ئورنىتىش، كۆزگە چېلىقىدىغان بەلگە نۇسخىسى پۈركۈش، مەشغۇلات ۋاقتىدا ئاگاھلاندۇرۇش چىرىغى ۋە خەتەرلىك سىگنال نۇر چاقنىتىش چىرىغىنى ياندۇرۇش لازىم. قاتناش ئۈزۈلۈپ قالمىغان قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان يوللاردا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى قاتناش بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك. قاتناش توسۇلۇپ قالسا، ۋاقتىدا تارقاقلاشتۇرۇپ، راۋانلاشتۇرۇپ، قاتناش تەرتىپىنى قوغدىشى لازىم.

يول قۇرۇلۇشى قىلىش ئېھتىياجى بىلەن قاتناش ۋاسىتىلىرى ئايلىنىپ يۈرۈشكە توغرا كەلسە، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن ئايلىنىپ يۈرىدىغان جايغا بەلگە ئورنىتىشى؛ ئايلىنىپ يۈرۈشكە بولمىسا، ۋاقىتلىق ئۆتۈش يولى ياساپ، قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە پىيادىلەرنىڭ يول يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. يولنى قامال قىلىپ قاتناشنى ئۈزۈشكە توغرا كەلسە، جىددىي ئەھۋالدىن سىرت، 5 كۈن بۇرۇن جەمئىيەتكە ئېلان قىلىش لازىم.

36-ماددا يول ياكى قاتناش ئەسلىھەلىرىنى ئاسرىغۇچى، باشقۇرغۇچى تارماق جىددىي ئايلانما، تىك داۋان، يار لېۋى، سۇ قىرغىقى قاتارلىق خەتەرلىك يول بۆلەكلىرىگە دۆلەت ئۆلچىمى بويىچە ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى ۋە بىخەتەرلىك مۇھاپىزەت ئەسلىھەسى ئورنىتىشى لازىم.

37-ماددا يول قاتناش بەلگە، سىزىقلىرى ئۆلچەملىك بولمىغان، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچىلەر پەرقلەندۈرۈشتە ئاسانلا خاتالىق كېلىپ چىقىدىغان بولسا، يول قاتناش بەلگە، سىزىقلىرىنى باشقۇرغۇچى تارماق ۋاقتىدا ياخشىلىشى لازىم.

يولنى يورۇتۇش ئەسلىھەلىرى يول قۇرۇلۇشى تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى، يورۇتۇش ئىقتىدارى تولۇق بولۇشى لازىم.

4-باب يول يۈرۈشكە دائىر بەلگىلىمە 

1-پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە

38-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى بەلگە چىرىغى ۋە ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى بەلگە چىرىغى مۇنۇلارنى كۆرسىتىدۇ:

1. يېشىل چىراغ يانغاندا، قاتناش ۋاسىتىلىرى يۈرۈشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ، ئەمما ئايلىنىدىغان قاتناش ۋاسىتىسى ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلىنىپ ئۇدۇل يۈرۈۋاتقان قاتناش ۋاسىتىلىرى، پىيادىلەرنىڭ يۈرۈشىگە توسالغۇ بولۇشقا بولمايدۇ؛

2. سېرىق چىراغ يانغاندا، توختاش سىزىقىدىن ئۆتۈپ كەتكەن قاتناش ۋاسىتىسى داۋاملىق يۈرسە بولىدۇ؛

3. قىزىل چىراغ يانغاندا، قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يۈرۈشى مەنئى قىلىنىدۇ.

ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىلىرى بەلگە چىرىغى ۋە پىيادىلەر توغرا يولى بەلگە چىرىغى ئورنىتىلمىغان يول ئېغىزىدا، ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى ۋە پىيادىلەر ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى بەلگە چىرىغىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يۈرۈش لازىم.

قىزىل چىراغ يانغاندا، ئوڭغا ئايلىنىدىغان قاتناش ۋاسىتىسى يۈرۈش رۇخسەت قىلىنغان قاتناش ۋاسىتىسى، پىيادىلەرنىڭ يۈرۈشىگە توسقۇن بولمىغان ئەھۋالدا يۈرسە بولىدۇ.

39-ماددا پىيادىلەر توغرا يولى بەلگە چىرىغى مۇنۇلارنى كۆرسىتىدۇ:

1. يېشىل چىراغ يانغاندا، پىيادىلەرنىڭ پىيادىلەر توغرا يولىدىن ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ؛

2. قىزىل چىراغ يانغاندا، پىيادىلەرنىڭ پىيادىلەر توغرا يولىغا كىرىشى مەنئى قىلىنىدۇ، ئەمما پىيادىلەر توغرا يولىغا كىرىپ بولغانلار داۋاملىق ئۆتسە ياكى يولنىڭ مەركىزىي سىزىقىدا توختاپ كۈتۈپ تۇرسا بولىدۇ.

40-ماددا ئاپتوموبىل يولى بەلگە چىرىغى مۇنۇلارنى كۆرسىتىدۇ:

1. يېشىل ئىسترېلكا چىراغ يانغاندا، شۇ ئاپتوموبىل يولىدىكى قاتناش ۋاسىتىلىرى كۆرسىتىلگەن يۆنىلىش بويىچە يۈرۈشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ؛

2. قىزىل ئاچىسىمان چىراغ ياكى ئىسترېلكا چىراغ يانغاندا، شۇ ئاپتوموبىل يولىدا قاتناش ۋاسىتىلىرى يۈرۈش مەنئى قىلىنىدۇ.

41-ماددا يۆنىلىش كۆرسىتىش بەلگە چىرىغىنىڭ ئىسترېلكا يۆنىلىشى سولغا، يۇقىرىغا، ئوڭغا قارىتىلىشى ئايرىم - ئايرىم ھالدا سولغا بۇرۇلۇش، ئۇدۇل يۈرۈش، ئوڭغا بۇرۇلۇشنى كۆرسىتىدۇ.

42-ماددا نۇر چاقنىتىپ ئاگاھلاندۇرۇش بەلگە چىرىغى ئۇدا چاقنايدىغان سېرىق چىراغ بولۇپ، قاتناش ۋاسىتىلىرى، پىيادىلەرنى يول يۈرگەندە كۆزىتىشكە دىققەت قىلىپ، بىخەتەر دەپ قارىغاندىن كېيىن ئۆتۈشنى ئەسكەرتىدۇ.

43-ماددا يول بىلەن تۆمۈريول تەكشىلىكتە كېسىشكەن يول ئېغىزىدا ئىككى قىزىل چىراغ نۆۋەت بىلەن چاقنىسا ياكى بىر قىزىل چىراغ يانسا، قاتناش ۋاسىتىسى، پىيادىلەرنىڭ يۈرۈشى مەنئى قىلىنىدىغانلىقىنى؛ قىزىل چىراغ ئۆچسە، قاتناش ۋاسىتىلىرى، پىيادىلەرنىڭ يۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

2-پاراگراف ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى يول يۈرۈشكە دائىر بەلگىلىمە

44-ماددا بىر يۆنىلىشتىكى يولغا ئىككىدىن ئارتۇق ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يولى سىزىلغان بولسا، سول تەرەپتىكىسى تېز سۈرئەتلىك قاتناش ۋاسىتىسى يولى، ئوڭ تەرەپتىكىسى ئاستا سۈرئەتلىك قاتناش ۋاسىتىسى يولى بولىدۇ. تېز سۈرئەتلىك قاتناش ۋاسىتىسى يولىدا يۈرگەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى تېز سۈرئەتلىك قاتناش ۋاسىتىسى يولى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن سۈرئەت بويىچە يۈرۈشى، تېز سۈرئەتلىك قاتناش ۋاسىتىسى يولى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن يۈرۈش سۈرئىتىگە يەتمەيدىغانلىرى ئاستا سۈرئەتلىك قاتناش ۋاسىتىسى يولىدا يۈرۈشى لازىم. موتسىكلىت ئەڭ ئوڭ تەرىپىدىكى قاتناش ۋاسىتىسى يولىدا يۈرۈشى كېرەك. قاتناش بەلگىلىمىسىدە يۈرۈش سۈرئىتى كۆرسىتىلگەن بولسا، كۆرسىتىلگەن يۈرۈش سۈرئىتى بويىچە يۈرۈش لازىم. ئاستا سۈرئەتلىك قاتناش ۋاسىتىسى يولىدىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئالدىدىكى قاتناش ۋاسىتىسىنى يانداشتا، تېز سۈرئەتلىك قاتناش ۋاسىتىسى يولىدىن پايدىلانسا بولىدۇ.

بىر يۆنىلىشتىكى يولغا ئىككىدىن ئارتۇق ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى سىزىقى سىزىلغان بولسا، قاتناش ۋاسىتىسى يولىنى ئۆزگەرتىدىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئالاقىدار قاتناش ۋاسىتىسى يولىدا يۈرۈۋاتقان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ نورمال يۈرۈشىگە تەسىر يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ.

45-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يولىدا يۈرگەندە سۈرئەت چەكلەش بەلگە، سىزىقىدا كۆرسىتىلگەن سۈرئەتتىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ. سۈرئەت چەكلەش بەلگە، سىزىقى يوق يولدا، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ سۈرئىتىنى تۆۋەندىكى ئەڭ يۇقىرى يۈرۈش سۈرئىتىدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ:

1. يول مەركىزىي سىزىقى بولمىغان يول، شەھەر يولىدا سائىتىگە 30 كىلومېتىر، تاشيولدا 40 كىلومېتىر؛

2.بىر يۆنىلىشتە بىرلا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يولى بولغان يول، شەھەر يولىدا سائىتىگە 50 كىلومېتىر، تاشيولدا سائىتىگە 70 كىلومېتىر.

46-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يۈرۈش داۋامىدا تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرىگە يولۇقسا، ئەڭ يۇقىرى يۈرۈش سۈرئىتىنى سائىتىگە 30 كىلومېتىردىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە تراكتور، ئاككۇمولياتورلۇق ئاپتوموبىل، چاقلىق مەخسۇس مېخانىكىلىق ئاپتوموبىل سائىتىگە 15 كىلومېتىردىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ:

1. ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى يولىغا كىرىش-چىقىش، تۆمۈريول ئېغىزى، جىددىي ئايلانما يول، تار يول، تار كۆۋرۈكتىن ئۆتۈشتە؛

2. كەينىگە بۇرۇلۇش، ئايلىنىش، تىك داۋاندىن چۈشۈشتە؛

3. تۇمان، يامغۇر، قار، چاڭ-توزان، مۆلدۈر بولۇپ، كۆرۈنۈش دەرىجىسى 50 مېتىر ئىچىدە بولغاندا؛

4. قار-مۇزلۇق، پاتقاق يولدا يۈرگەندە؛

5. كاشىلا كۆرۈلگەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى سۆرىگەندە.

47-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئاپتوموبىل يانداشتا، ئالدىنئالا سولغا بۇرۇلۇش چىرىغىنى ئېچىشى، يىراق-يېقىننى يورۇتۇش چىرىغى نۇرىنى ئۆزگەرتىشى ياكى سىگنال بېرىشى لازىم. يول مەركىزىي سىزىقى يوق ياكى بىر يۆنىلىشتە بىرلا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يولى بولغان يولدا، ئالدىدىكى قاتناش ۋاسىتىسى ئارقىدىكى قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئاپتوموبىل يانداش بەلگىسىگە يولۇقسا، شارائىت يار بەرگەن ئەھۋالدا سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ، ئوڭ تەرەپكە ئۆتۈپ يول بېرىشى لازىم. ئارقىدىكى قاتناش ۋاسىتىسى يېتەرلىك بىخەتەرلىك ئارىلىق بار دەپ قارىغاندىن كېيىن، ئالدىدىكى قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ سول تەرىپىدىن يانداپ ئۆتۈپ، ياندىغان قاتناش ۋاسىتىسى بىلەن زۆرۈر بولغان بىخەتەر ئارىلىق تاشلىغاندىن كېيىن ئوڭغا بۇرۇلۇش چىرىغىنى ئېچىپ، ئەسلىدىكى قاتناش ۋاسىتىسى يولىغا كىرىشى لازىم.

48-ماددا مەركىزىي ئايرىش ئەسلىھەسى ياكى مەركىزىي سىزىق بولمىغان يولدا، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قارشى يۆنىلىشتىن كېلىۋاتقان قاتناش ۋاسىتىسىگە ئۇچرىغاندا، تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىشى كېرەك:

1. سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ ئوڭ تەرەپ بىلەن يۈرۈش ھەمدە باشقا قاتناش ۋاسىتىسى، پىيادىلەر بىلەن زۆرۈر بولغان بىخەتەر ئارىلىقنى ساقلاش؛

2. توسالغۇ بار يول بۆلىكىدە، توسالغۇ يوق تەرەپ ئاۋۋال يۈرۈش؛ توسالغۇ بار تەرەپ توسالغۇ يول بۆلىكىگە كىرىپ بولغان، توسالغۇ يوق تەرەپ تېخى كىرمىگەن بولسا، توسالغۇ بار تەرەپ ئاۋۋال يۈرۈش؛

3. تار يانتۇ يولدا، داۋانغا چىقىدىغان تەرەپ ئاۋۋال يۈرۈش؛ ئەمما داۋاندىن چۈشىدىغان تەرەپ ئوتتۇرا يولغا كېلىپ بولغان، داۋانغا چىقىدىغان تەرەپ داۋانغا چىقمىغان بولسا، داۋاندىن چۈشىدىغان تەرەپ ئاۋۋال يۈرۈش؛

4. تار تاغ يولىدا، تاغ تەرەپتە بولمىغان تەرەپ ئاۋۋال يۈرۈش؛

5. كېچىدە قاتناش ۋاسىتىسى ئۇچراشقاندا، قارشى تەرەپتىن كېلىۋاتقان قاتناش ۋاسىتىسى بىلەن 150 مېتىر ئارىلىق سىرتىدىن يېقىن نۇر چىرىغى ئىشلىتىش. تار يول، تار كۆۋرۈكتە ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى بىلەن ئۇچراشقاندا يېقىن نۇر چىرىغى ئىشلىتىش.

49-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى كەينىگە بۇراش مەنئى قىلىنىدىغان ياكى سولغا بۇرۇلۇش مەنئى قىلىنىدىغان بەلگە، سىزىق بار جايدا، شۇنىڭدەك تۆمۈريول ئېغىزى، پىيادىلەر توغرا يولى، كۆۋرۈك، جىددىي ئايلانما، تىك داۋان، تۇنېل ياكى ئاسان خەتەر يۈز بېرىدىغان يول بۆلەكلىرىدە كەينىگە بۇرۇلۇشقا بولمايدۇ.

ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى كەينىگە بۇراش مەنئى قىلىنمىغان ياكى سولغا بۇرۇلۇشنى مەنئى قىلىش بەلگىسى، سىزىقى يوق جايدا كەينىگە بۇراشقا بولىدۇ، ئەمما نورمال يۈرۈۋاتقان باشقا قاتناش ۋاسىتىسى ۋە پىيادىلەرنىڭ يول يۈرۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىشقا بولمايدۇ.

50-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ياندۇرۇشتا، قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئارقىسىدىكى ئەھۋالنى ئېنىقلاپ، بىخەتەر دەپ قارىغاندىن كېيىن ياندۇرۇش لازىم. تۆمۈريول ئېغىزى، كېسىشمە يول ئېغىزى، بىر يۆنىلىشلىك يول، كۆۋرۈك، جىددىي ئايلانما، تىك داۋان ياكى تۇنېلدا ياندۇرۇشقا بولمايدۇ.

51-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش بەلگە چىرىغى بىلەن كونترول قىلىنىدىغان كېسىشمە يول ئېغىزىدىن ئۆتۈشتە، تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە يول يۈرۈشى لازىم:

1. يۆنەلدۈرگۈچى ئاپتوموبىل يولى سىزىلغان يول ئېغىزىدا، يۈرىدىغان يۆنىلىش بويىچە يۆنەلدۈرگۈچى ئاپتوموبىل يولىغا كىرىش؛

2. ھالقىسىمان يول ئېغىزىغا كىرمەكچى بولغانلىرى يول ئېغىزى ئىچىدىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئاۋۋال يۈرۈشىگە يول بېرىش؛

3. سولغا بۇرۇلۇشتا، يول ئېغىزى مەركىزىي نۇقتىسىنىڭ سول تەرىپى بىلەن بۇرۇلۇش، بۇرۇلۇشتا بۇرۇلۇش چىرىغىنى ئېچىش، كېچىدە يۈرگەندە يېقىن نۇر چىرىغىنى ئېچىش؛

4. يۈرۈشكە رۇخسەت قىلىش سىگنالى بېرىلگەندە، رەت بويىچە ئۆتۈش؛

5. توختاش سىگنالى بېرىلگەندە، توختاش سىزىقىنىڭ سىرتىدا رەت بويىچە توختاش، توختاش سىزىقى بولمىسا، يول ئېغىزىنىڭ سىرتىدا توختاش؛

6. ئوڭغا بۇرۇلۇشتا ئوخشاش بىر ئاپتوموبىل يولىدىكى ئالدىدىكى ئاپتوموبىل يۈرۈشكە رۇخسەت قىلىش سىگنالىنى كۈتۈۋاتقاندا، رەت بويىچە توختاپ كۈتۈپ تۇرۇش؛

7. يۆنىلىش كۆرسىتىش بەلگە چىرىغى يوق كېسىشمە يول ئېغىزىدا، ئايلىنىدىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئۇدۇل يۈرۈۋاتقان قاتناش ۋاسىتىسى، پىيادىلەرنىڭ ئاۋۋال يۈرۈشىگە يول بېرىش، قارشى يۆنىلىشتە يۈرۈۋاتقان ئوڭغا ئايلىنىدىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى سولغا ئايلىنىدىغان قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئاۋۋال يۈرۈشىگە يول بېرىش.

52-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش بەلگە چىرىغى بىلەن كونترول قىلىنمىغان ھەم قاتناش ساقچىسىنىڭ قوماندىسى بولمىغان كېسىشمە يول ئېغىزىدىن ئۆتۈشتە، 51-ماددىنىڭ 2.، 3. تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە رىئايە قىلغاندىن سىرت، يەنە تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى لازىم:

1. قاتناش بەلگىسى، سىزىقى بىلەن كونترول قىلىنسا، ئاۋۋال يول يۈرگەن تەرەپنىڭ يۈرۈشىگە يول بېرىش؛

2. قاتناش بەلگىسى، سىزىقى بىلەن كونترول قىلىنمىسا، يول ئېغىزىغا كىرىشتىن بۇرۇن قاتناش ۋاسىتىسىنى توختىتىپ كۆزىتىپ، ئوڭ تەرەپتىكى يولدا كېلىۋاتقان قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئاۋۋال يۈرۈشىگە يول بېرىش؛

3. ئايلىنىدىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئۇدۇل يۈرۈۋاتقان قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئاۋۋال يۈرۈشىگە يول بېرىش؛

4. قارشى يۆنىلىشتە يۈرۈۋاتقان ئوڭغا ئايلىنىدىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى سولغا ئايلىنىدىغان قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئاۋۋال يۈرۈشىگە يول بېرىش.

53-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئالدى تەرىپىدىكى كېسىشمە يول ئېغىزىدا قاتناش توسۇلۇپ قالسا، رەت بويىچە توختاپ يول ئېغىزىنىڭ سىرتىدا كۈتۈشى كېرەك، يول ئېغىزىغا كىرىشكە بولمايدۇ.

ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئالدى تەرىپىدە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى توختاپ ئۆچىرەت كۈتۈۋاتقان ياكى ئاستا يۈرۈۋاتقاندا، رەت بويىچە ئۆچىرەتتە تۇرۇش لازىم، ئالدى تەرىپىدىكى قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىككى تەرىپىگە قىستۇرۇلۇشقا ياكى ئۇلارنى يانداپ يۈرۈشكە، پىيادىلەر توغرا يولىدا، تورسىمان سىزىقلىق رايوندا توختاپ كۈتۈشكە بولمايدۇ.

ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئاپتوموبىل يولى ئازايغان يول ئېغىزى، يول بۆلىكىدە، ئالدى تەرەپتىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى توختاپ ئۆچىرەت كۈتۈۋاتقان ياكى ئاستا يۈرۈۋاتقان بولسا، ئاپتوموبىل يولى ئازايغان يول ئېغىزى، يول بۆلىكىگە ھەربىر يولغا بىردىن قاتناش ۋاسىتىسى رەت بويىچە نۆۋەت بىلەن كىرىشى لازىم.

54-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىغا قاچىلىغان يۈك ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يۈرۈش كىنىشكىسىدىكى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن يۈك ماسسىسىدىن ئېشىپ كېتىشكە بولمايدۇ، قاچىلىغان يۈكنىڭ ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى ۋاگوندىن ئېشىپ كېتىشكە بولمايدۇ ھەمدە تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىش كېرەك:

1. ئېغىر تىپلىق، ئوتتۇرا تىپلىق يۈك ئاپتوموبىلى، يېرىم چاتما پرىتسېپقا قاچىلىغان يۈك ئېگىزلىكى يەر يۈزىدىن باشلىغاندا 4 مېتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، كونتاينېر قاچىلىغان قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ 2.4 مېتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى لازىم؛

2. باشقا يۈك ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىغا قاچىلىغان يۈكنىڭ ئېگىزلىكى يەر يۈزىدىن باشلىغاندا 5.2 مېتىردىن ئېشىپ كېتىشكە بولمايدۇ؛

3. موتسىكلىتقا قاچىلىغان يۈكنىڭ ئېگىزلىكى يەر يۈزىدىن باشلىغاندا 1.5 مېتىردىن، ئۇزۇنلۇقى كوزۇپتىن 2.0 مېتىردىن ئېشىپ كېتىشكە بولمايدۇ. ئىككى چاقلىق موتسىكلىتقا قاچىلىغان يۈكنىڭ كەڭلىكى ئوڭ-سولغا موتسىكلىت رولىدىن 0.15 مېتىردىن ئېشىپ كېتىشكە بولمايدۇ؛ ئۈچ چاقلىق موتسىكلىتقا قاچىلىغان يۈكنىڭ كەڭلىكى كوزۇپتىن ئېشىپ كېتىشكە بولمايدۇ.

ئاپتوبۇسقا كوزۇپ سىرتىدىكى يۈك-تاق جازىسى ۋە ئىچىگە ئورنىتىلغان يۈك-تاق ساندۇقىدىن سىرت، يۈك قاچىلاشقا بولمايدۇ. ئاپتوبۇسنىڭ يۈك-تاق جازىسىغا قاچىلىغان يۈكنىڭ ئېگىزلىكى ئاپتوبۇس ئۆگزىسىدىن باشلاپ 0.5 مېتىردىن، يەر يۈزىدىن باشلانغان ئېگىزلىكى 4 مېتىردىن ئېشىپ كېتىشكە بولمايدۇ.

55-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە ئادەم سېلىشتا تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىش لازىم:

1. تاشيولدا يولۇچى توشۇيدىغان ئاپتوموبىلغا بېكىتىلگەن ساندىن ئارتۇق ئادەم سېلىشقا بولمايدۇ، ئەمما بەلگىلىمە بويىچە بېلەت ئالمايدىغان بالىلار بۇنىڭ سىرتىدا. سالغان ئادەم سانى توشۇپ قالغان ئەھۋالدا، بەلگىلىمە بويىچە بېلەت ئالمايدىغان بالىلارنىڭ سانى بېكىتىلگەن يولۇچى سېلىش سانىدىن %10 تىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ؛

2. يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ ۋاگونىغا ئادەم سېلىشقا بولمايدۇ. شەھەر يولىدا يۈك توشۇيدىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى بىخەتەر ئورۇن قويغان ئەھۋالدا، ۋاگون ئىچىگە ۋاقىتلىق مەشغۇلات خادىمىدىن 5~1 ئادەمنى قوشۇپ سېلىۋالسا بولىدۇ؛ يۈكنىڭ ئېگىزلىكى ۋاگون توساق تاختىسىدىن ئېشىپ كەتسە، يۈك ئۈستىگە ئادەم سېلىشقا بولمايدۇ؛

3. موتسىكلىتنىڭ ئارقىسىغا 12 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئولتۇرغۇزۇشقا بولمايدۇ، يىنىك موتسىكلىتقا ئادەم سېلىشقا بولمايدۇ.

56-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە پرىتسېپ سۆرىتىش تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم:

1. يۈك ئاپتوموبىلى، يېرىم چاتما پرىتسېپ سۆرىگۈچى ئاپتوموبىل، تراكتورغا بىرلا پرىتسېپ چېتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. پرىتسېپنىڭ چىراغ، تورمۇز، چېتىش، بىخەتەرلىك قوغدىنىش قاتارلىق ئەسلىھەلىرى دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇش لازىم؛

2. كىچىك يولۇچى ئاپتوموبىلىغا سەپەر تۇرالغۇ پرىتسېپى ياكى ئومۇمىي ماسسىسى 700 كىلوگرامدىن تۆۋەن پرىتسېپلا سۆرىتىشكە بولىدۇ. پرىتسېپقا ئادەم سېلىشقا بولمايدۇ؛

3. يۈك ئاپتوموبىلىغا سۆرەتكەن پرىتسېپنىڭ يۈك ماسسىسى يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ ئۆزىگە يۈك قاچىلاش ماسسىسىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.

چوڭ، ئوتتۇرا تىپلىق ئاپتوبۇس، تۆۋەن سۈرئەتلىك يۈك ئاپتوموبىلى، ئۈچ چاقلىق ئاپتوموبىل، شۇنىڭدەك باشقا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىگە پرىتسېپ سۆرىتىشكە بولمايدۇ.

57-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى بۇرۇلۇش چىرىغىنى تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىشلىتىش كېرەك:

1. سولغا بۇرۇلۇش، قاتناش ۋاسىتىسى يولنى سولغا ئۆزگەرتىش، ئاپتوموبىل ياندىماقچى بولۇش، ئاپتوموبىل توختاش ئورنىدىن ئايرىلىش ياكى ياندۇرۇشتا، ئالدىنئالا سولغا بۇرۇلۇش چىرىغىنى ئېچىش؛

2. ئوڭغا بۇرۇلۇش، قاتناش ۋاسىتىسى يولىنى ئوڭغا ئۆزگەرتىش، ئاپتوموبىل يانداپ بولۇپ ئەسلىدىكى ئاپتوموبىل يولىغا قايتىش، يول ياقىسىغا ئاپتوموبىل توختىتىشتا، بۇرۇلۇش چىرىغىنى ئالدىنئالا ئېچىش.

58-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى كېچىدە يول چىرىغى بولمىغان، يورۇتۇش ياخشى بولمىغان ياكى تۇمان، يامغۇر، قار، چاڭ-توزان، مۆلدۈر قاتارلىق كۆرۈنۈش دەرىجىسى تۆۋەن بولغان ئەھۋالدا يول يۈرگەندە، ئالدى يورۇتۇش چىرىغى، دائىرە چىرىغى ۋە ئارقا ئورۇن چىرىغىنى ئېچىۋېتىشى لازىم، ئەمما بىر يۆنىلىشتە يۈرۈۋاتقان ئارقىسىدىكى قاتناش ۋاسىتىسى بىلەن ئالدىدىكى قاتناش ۋاسىتىسى يېقىن ئارىلىقتا يۈرۈۋاتقاندا، يىراق نۇر چىرىغىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى تۇمانلىق كۈنلەردە يۈرگەندە، تۇمان چىرىغى ۋە خەتەر سىگنالى نۇر چاقنىتىش چىرىغىنى ئېچىشى لازىم.

59-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى كېچىدە جىددىي ئايلانما، داۋان، ئەگمە كۆۋرۈك، پىيادىلەر توغرا يولى ياكى قاتناش بەلگە چىرىغى بىلەن كونترول قىلىنمايدىغان يول ئېغىزىدىن ئۆتۈشتە، يىراق، يېقىن نۇر چىرىغىنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ ئىشلىتىپ ئىشارەت بېرىشى كېرەك.

ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى جىددىي ئايلانما، يانتۇ يول چوققىسى قاتارلىق بىخەتەر كۆرۈش ئارىلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان يول بۆلىكىگە يېقىنلاشقان، شۇنىڭدەك ئاپتوموبىل ياندىغان ياكى جىددىي ئەھۋالغا يولۇققاندا، سۈرئەتنى ئاستىلىتىشى ھەمدە سىگنال بېرىپ ئىشارەت قىلىشى لازىم.

60-ماددا يولدا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىدە كاشىلا كۆرۈلۈپ ياكى قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، قاتناشقا توسالغۇ بولسا ھەم يۆتكەش قىيىن بولسا، بەلگىلىمە بويىچە خەتەرلىك سىگنال نۇر چاقنىتىش چىرىغىنى ئېچىپ قويۇشى ھەمدە قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئارقىسىدىكى 100~50 مېتىر جايغا ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى قويۇشى، كېچىدە يەنە بىرلا ۋاقىتتا دەھلىز كۆرسىتىش چىرىغى ۋە ئارقا چىراغنى ئېچىپ قويۇشى لازىم.

61-ماددا كاشىلا چىققان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى سۆرەشتە، تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىش لازىم:

1. سۆرەلگەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە ھەيدىگۈچىدىن باشقا ئادەم سېلىشقا بولمايدۇ، پرىتسېپ سۆرىتىشكە بولمايدۇ؛

2. سۆرەلگەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ كەڭلىكى سۆرەلگۈچى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ كەڭلىكىدىن چوڭ بولسا بولمايدۇ؛

3. يۇمشاق چاتمىلىق سۆرەش قۇرۇلمىسى ئىشلەتكەندە، سۆرىگۈچى قاتناش ۋاسىتىسى بىلەن سۆرەلگۈچى قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئارىلىقى 4 مېتىردىن چوڭ، 10 مېتىردىن كىچىك بولۇشى كېرەك؛

4. تورمۇزلاش ئىقتىدارى يوقالغان سۆرەلگۈچى قاتناش ۋاسىتىسىگە قاتتىق چاتمىلىق سۆرەش قۇرۇلمىسى ئىشلىتىپ سۆرەش كېرەك؛

5. سۆرىگۈچى ۋە سۆرەلگۈچى قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ خەتەرلىك سىگنال نۇر چاقنىتىش چىرىغىنى ئېچىۋېتىش كېرەك.

ئاپتوموبىللىق كران ۋە چاقلىق مەخسۇس مېخانىكىلىق ماشىنىغا قاتناش ۋاسىتىسىنى سۆرىتىشكە بولمايدۇ. موتسىكلىت قاتناش ۋاسىتىسىنى سۆرەشكە ياكى باشقا قاتناش ۋاسىتىسى موتسىكلىتنى سۆرەشكە بولمايدۇ.

رول، چىراغ، سىگنال قۇرۇلمىسى ئىقتىدارىنى يوقاتقان كاشىلا چىققان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى مەخسۇس توسالغۇ تازىلاش ئاپتوموبىلىغا سۆرىتىش كېرەك.

62-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەشتە، تۆۋەندىكى قىلمىشلارغا يول قويۇلمايدۇ:

1. ئاپتوموبىلنىڭ ئىشىكى، ۋاگونى چىڭ يېپىلمىغاندا يۈرۈش؛

2. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى كابىنكىسىنىڭ ئالدى-ئارقا دېرىزىسى دائىرىسىگە ھەيدىگۈچىنىڭ كۆرۈش سىزىقىغا توسقۇن بولىدىغان نەرسىلەرنى ئېسىش، قويۇش؛

3. قول تېلېفون ئۇرۇش ۋە قوبۇل قىلىش، تېلېۋىزور كۆرۈش قاتارلىق بىخەتەر ھەيدەشكە كاشىلا بولىدىغان قىلمىشلار؛

4. تىك داۋاندىن چۈشۈشتە ئوتنى ئۆچۈرۈۋېتىش ياكى خولوستۇيدا سىيرىلىپ يۈرۈش؛

5. يولغا نەرسە تاشلاش، چېچىش؛

6. موتسىكلىت ھەيدىگەندە رولنى قويۇۋېتىش ياكى رولغا نەرسە ئېسىپ قويۇش؛

7. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئۇدا 4 سائەتتىن ئارتۇق ھەيدەپمۇ توختىتىپ دەم ئالماسلىق ياكى توختاپ دەم ئالغان ۋاقتى 20 مىنۇتتىن كەم بولۇش؛

8. سىگنال بېرىش چەكلەنگەن رايون ياكى يول بۆلىكىدە سىگنال بېرىش.

63-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى يولدا ۋاقىتلىق توختىتىشتا، تۆۋەندىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىش لازىم:

1. توختىتىشنى مەنئى قىلىش بەلگە، سىزىقى بار يول بۆلىكى، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى بىلەن ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى، پىيادىلەر يولى ئارىلىقىدا ئايرىش ئەسلىھەسى بار يول بۆلىكى، شۇنىڭدەك پىيادىلەر توغرا يولى، قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان بۆلەكلەردە قاتناش ۋاسىتىسىنى توختىتىشقا بولمايدۇ؛

2. كېسىشمە يول ئېغىزى، تۆمۈريول ئېغىزى، جىددىي ئايلانما يول، كەڭلىكى 4 مېتىر كەلمەيدىغان تار يول، كۆۋرۈك، تىك داۋان، تۇنېل، شۇنىڭدەك يۇقىرىقى جايلار بىلەن بولغان ئارىلىقى 50 مېتىر ئىچىدىكى يول بۆلىكىدە قاتناش ۋاسىتىسىنى توختىتىشقا بولمايدۇ؛

3. ئاممىۋى ئاپتوبۇس بېكىتى، جىددىي قۇتقۇزۇش پونكىتى، ماي قاچىلاش پونكىتى، ئوت ئۆچۈرۈش جۈمىكى ياكى ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى پونكىتى.نىڭ دەرۋازىسى ئالدى، شۇنىڭدەك يۇقىرىقى جايلارغا 30 مېتىر كەلمەيدىغان يول بۆلىكىدە، يۇقىرىقى ئەسلىھەلەرنى ئىشلىتىشتىن سىرت، قاتناش ۋاسىتىسى توختىتىشقا بولمايدۇ؛

4. قاتناش ۋاسىتىسى مەزمۇت توختاشتىن بۇرۇن ئىشىكنى ئېچىش ۋە چىقىپ-چۈشۈشكە، ئىشىكنى ئېچىپ-يېپىپ باشقا قاتناش ۋاسىتىسى ۋە پىيادىلەرنىڭ يول يۈرۈشىگە دەخلى يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ؛

5. قاتناش ۋاسىتىسىنى يولنىڭ ئوڭ تەرىپىگە يېقىن توختىتىش لازىم، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچى قاتناش ۋاسىتىسىدىن ئايرىلماي، خادىملار چىقىپ-چۈشۈپ بولغان ياكى يۈكنى قاچىلاپ-چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن دەرھال ھەيدەپ كېتىش لازىم؛

6. شەھەر ئاممىۋى ئاپتوبۇسى بېكەت سىرتىدىكى يول بۆلىكىدە توختاپ يولۇچى چۈشۈرۈش ۋە سېلىشقا بولمايدۇ.

64-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى سۇ يامراپ كەتكەن يول ياكى كۆۋرۈكتىن ئۆتۈشتە، توختاپ سۇ ئەھۋالىنى ئېنىقلاپ، بىخەتەر دەپ قارىغاندىن كېيىن، ئاستا سۈرئەتتە ئۆتۈشى لازىم.

65-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى چەكتىن ئېشىپ كەتكەن بۇيۇمنى توشۇپ تۆمۈريول ئېغىزىدىن ئۆتۈشتە، شۇ جايدىكى تۆمۈريول تارمىقى بەلگىلىگەن تۆمۈريول ئېغىزى، ۋاقتى بويىچە ئۆتۈش كېرەك.

ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى كېچىكتىن ئۆتۈشتە، كېچىك باشقۇرغۇچى خادىمنىڭ قوماندىسىغا بويسۇنۇشى، كۆرسىتىلگەن جايدا رەت بويىچە ئۆتۈشنى كۈتۈشى، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى كېچىك كېمىسىگە چىقىش - چۈشۈشتە تۆۋەن سۈرئەتتە ئاستا يۈرۈشى لازىم.

66-ماددا ساقچى ئاپتوموبىلى، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى، قۇرۇلۇشتا خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى جىددىي ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقاندا قاتناش توسۇلۇپ قالسا، سىگنال بەرگۈچنى ئۈزۈپ - ئۈزۈپ ئىشلەتسە بولىدۇ ھەمدە تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى لازىم:

1. سىگنال بەرگۈچ ئىشلىتىش مەنئى قىلىنغان رايون ۋە يول بۆلىكىدە سىگنال بەرگۈچ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ؛

2. كېچىدە شەھەر رايونىدا سىگنال بەرگۈچ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ؛

3. سەپ تۈزۈپ يۈرگەندە، ئالدىدىكى ئاپتوموبىل سىگنال بەرگۈچ ئىشلەتكەن بولسا، ئارقىسىدىكى ئاپتوموبىل سىگنال بەرگۈچ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

67-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئورۇن قورۇسىدا، ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى ئىچىدە تۆۋەن سۈرئەتتە يۈرۈشى، پىيادىلەرگە يول بېرىشى لازىم؛ سۈرئەت چەكلىمىسى بولسا، سۈرئەت چەكلەش بەلگىسى بويىچە يۈرۈشى لازىم.

3-پاراگراف ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىلىرى يول يۈرۈشكە دائىر بەلگىلىمە

68-ماددا ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش بەلگە چىرىغى بىلەن كونترول قىلىنىدىغان كېسىشمە يول ئېغىزىدىن ئۆتۈشتە، تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە يول يۈرۈشى كېرەك:

1. ئايلىنىدىغان ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى ئۇدۇل يۈرۈۋاتقان قاتناش ۋاسىتىسى، پىيادىلەرنىڭ ئاۋۋال يۈرۈشىگە يول بېرىش؛

2. ئالدى تەرەپتىكى يول ئېغىزىدا قاتناش توسۇلۇپ قالغاندا، يول ئېغىزىغا كىرمەسلىك؛

3. سولغا بۇرۇلۇشتا، يول ئېغىزى مەركىزىي نۇقتىسىنىڭ ئوڭ تەرىپى بىلەن ئايلىنىش؛

4. توختاش سىگنالى بېرىلگەندە، رەت بويىچە يول ئېغىزىدىكى توختاش سىزىقىنىڭ سىرتىدا توختاش؛

5. ئوڭغا بۇرۇلۇشتا بىر يۆنىلىشتىكى ئالدىدىكى قاتناش ۋاسىتىسى يۈرۈشكە رۇخسەت قىلىش سىگنالىنى كۈتۈۋاتقاندا، شۇ قاتناش ۋاسىتىسى يولى ئىچىدە ئايلانغىلى بولسا، ئۆتسە بولىدۇ؛ ئايلانغىلى بولمىسا، رەت بويىچە كۈتۈپ تۇرۇش كېرەك.

69-ماددا ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش بەلگە چىرىغى بىلەن كونترول قىلىنمىغان ھەم قاتناش ساقچىسىنىڭ قوماندانلىقى بولمىغان كېسىشمە يول ئېغىزىدىن ئۆتۈشتە، 68-ماددىنىڭ 1، 2 ۋە 3 تارمىقىدىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلغاندىن سىرت، يەنە تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىشى كېرەك:

1. قاتناش بەلگە، سىزىقى بىلەن كونترول قىلىنغان بولسا، ئالدىن يول يۈرگەن تەرەپنىڭ ئاۋۋال يۈرۈشىگە يول بېرىش؛

2. قاتناش بەلگە، سىزىقى بىلەن كونترول قىلىنمىغان بولسا، يول ئېغىزى سىرتىدا ئاستا يۈرۈپ ياكى قاتناش ۋاسىتىسىنى توختىتىپ كۆزىتىپ، ئوڭ تەرىپىدىكى يولدىن كېلىۋاتقان قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئاۋۋال يۈرۈشىگە يول بېرىش؛

3. قارىمۇقارشى يۆنىلىشتە يۈرۈپ ئوڭغا ئايلىنىدىغان ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى سولغا ئايلىنىدىغان قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئاۋۋال يۈرۈشىگە يول بېرىش.

70-ماددا ۋېلىسىپىت، ئېلېكترلىك ۋېلىسىپىت، ئۈچ چاقلىق ھارۋا يول بۆلىكىدە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يولدىن توغرا ئۆتۈشتە، چۈشۈپ ئىتتىرىپ يۈرۈش، پىيادىلەر توغرا يولى ياكى پىيادىلەر كوچىدىن ئۆتۈش ئەسلىھەسىدىن ئۆتۈش؛ پىيادىلەر توغرا يولى، پىيادىلەر كوچىدىن ئۆتۈش ئەسلىھەسى بولمىسا ياكى پىيادىلەر كوچىدىن ئۆتۈش ئەسلىھەسىدىن ئۆتۈش ئەپسىز بولسا، بىخەتەر دەپ قارىغاندىن كېيىن ئۇدۇل يۈرۈپ ئۆتۈش لازىم.

ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى يولى ئىگىلىۋېلىنغانلىقتىن شۇ يولدا يۈرۈشكە بولمىغان ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى توسۇلۇپ قالغان يول بۆلىكىدىكى قوشنا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يولىدىن پايدىلىنىپ يۈرسە بولىدۇ ھەمدە ئىگىلىۋېلىنغان يول بۆلىكىدىن ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن تېزلىكتە ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى يولىغا قايتىپ يۈرۈشى لازىم. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى بۇنداق ئەھۋالغا يولۇقسا سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ يول بېرىشى كېرەك.

71-ماددا ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىغا نەرسە قاچىلاشتا، تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىش كېرەك:

1. ۋېلىسىپىت، ئېلېكترلىك ۋېلىسىپىت، مېيىپلار مېخانىكىلىق چاقلىق ھارۋىسىغا قاچىلىغان نەرسىنىڭ ئېگىزلىكى يەر يۈزىدىن باشلاپ 1.5 مېتىردىن، كەڭلىكى رولدىن ھېسابلىغاندا ئوڭ-سولغا 0.15 مېتىردىن، ئۇزۇنلۇقى ئالدى ئۇچى چاقتىن، كەينى ئۇچى كوزۇپتىن 0.30 مېتىردىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ؛

2. ئۈچ چاقلىق ھارۋا، قول ھارۋىسىغا قاچىلىغان يۈكنىڭ ئېگىزلىكى يەر يۈزىدىن باشلاپ 2 مېتىردىن ئېشىپ كەتسە، كەڭلىكى ئوڭ- سولغا كوزۇپتىن 0.2 مېتىردىن چىقىپ كەتسە، ئۇزۇنلۇقى كوزۇپتىن 1 مېتىردىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ؛

3. ئۇلاغ ھارۋىسىغا قاچىلىغان يۈكنىڭ ئېگىزلىكى يەر يۈزىدىن باشلاپ 2.5 مېتىردىن ئېشىپ كەتسە، كەڭلىكى ئوڭ-سولغا كوزۇپتىن 0.2 مېتىر چىقىپ كەتسە، ئۇزۇنلۇقى ئالدى ئۇچى ھارۋا شوتىسىدىن، ئارقا ئۇچى كوزۇپتىن 1 مېتىردىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.

ۋېلىسىپىتقا ئادەم سېلىش بەلگىلىمىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن تۈزىدۇ.

72-ماددا يولدا ۋېلىسىپىت، ئۈچ چاقلىق ھارۋا، ئېلېكترلىق ۋېلىسىپىت، مېيىپلار مېخانىكىلىق چاقلىق ھارۋىسى ھەيدەشتە، تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىش كېرەك:

1. ۋېلىسىپىت، ئۈچ چاقلىق ھارۋا ھەيدەيدىغانلار 12 ياشقا توشقان بولۇشى شەرت؛

2. ئېلېكترلىق ۋېلىسىپىت ۋە مېيىپلار مېخانىكىلىق چاقلىق ھارۋىسى ھەيدەيدىغانلار 16 ياشقا توشقان بولۇشى شەرت؛

3. ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ ھەيدەشكە بولمايدۇ؛

4. ئايلىنىشتىن بۇرۇن سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ يۈرۈش، قول ئىشارىتى قىلىش لازىم، تۇيۇقسىز تېز بۇرۇلۇشقا بولمايدۇ. ئالدىدىكى قاتناش ۋاسىتىسىنى يانداشتا ياندىلىدىغان قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يۈرۈشىگە دەخلى يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ؛

5. قاتناش ۋاسىتىسىنى سۆرەش، قاتناش ۋاسىتىسىگە ئېسىلىۋېلىشقا ياكى باشقا قاتناش ۋاسىتىسىگە سۆرىتىشكە بولمايدۇ، ئىككى قولىنى قويۇۋېتىش ياكى قولىغا نەرسە ئېلىۋېلىشقا بولمايدۇ؛

6. يۆلىنىپ ياندىشىپ يۈرۈش، بىر-بىرىنى قوغلىشىش ياكى ئەگرى-بۈگرى بەسلىشىپ ھەيدەشكە بولمايدۇ؛

7. يولدا بىر چاقلىق ۋېلىسىپىت ياكى 2 دىن ئارتۇق ئادەم مىنىدىغان ۋېلىسىپىت مىنىشكە بولمايدۇ؛

8. ئىككى پۇتى مېيىپ ئەمەس كىشى مېيىپلار مېخانىكىلىق چاقلىق ھارۋىسى ھەيدەشكە بولمايدۇ؛

9. ۋېلىسىپىت، ئۈچ چاقلىق ھارۋىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قۇرۇلمىسى ئورنىتىشقا بولمايدۇ؛

10. يولدا ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەشنى ئۆگىنىشكە بولمايدۇ.

73-ماددا يولدا ئۇلاغ ھارۋىسى ھەيدەيدىغانلار 16 ياشقا توشقان بولۇش ھەمدە تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىش كېرەك:

1. ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ ھەيدەشكە بولمايدۇ؛

2. ياندىشىپ يۈرۈشكە، ھەيدىگۈچى ھارۋىدىن ئايرىلىشقا بولمايدۇ؛

3. ئاۋات يول بۆلىكى، كېسىشمە يول ئېغىزى، تۆمۈريول ئېغىزى، پىيادىلەر توغرا يولى، جىددىي ئايلانما يول، كەڭلىكى 4 مېتىر كەلمەيدىغان تار يول ياكى تار كۆۋرۈك، تىك داۋان، تۇنېل ياكى ئاسان خەتەر يۈز بېرىدىغان يول بۆلەكلىرىدە قاتناش ۋاسىتىسىنى يانداشقا بولمايدۇ. ئىككى چاقلىق ئۇلاغ ھارۋىسى ھەيدىگەندە ھارۋىدىن چۈشۈپ ئۇلاغنى يېتىلىۋېلىش لازىم؛

4. ھارۋىغا كۆندۈرمىگەن ئۇلاغنى قاتسا بولمايدۇ، ئەگەشتۈرۈۋالغان ئۇلاغنى باغلاش كېرەك؛

5. ھارۋىنى توختىتىپ قويۇشتا تورمۇزنى چىڭ تارتىش، ئۇلاغنى باغلاش كېرەك.

4-پاراگراف پىيادىلەر ۋە قاتناش ۋاسىتىسىگە ئولتۇرغۇچىلار يول يۈرۈشكە دائىر بەلگىلىمە

74-ماددا پىيادىلەرنىڭ تۆۋەندىكى قىلمىشىغا يول قويۇلمايدۇ:

1. يولدا غالتەكلىك تاختا، غالتەكلىك كانكى ئايىغى قاتارلىق سىيرىلىپ يۈرۈش سايمانلىرىنى ئىشلىتىش؛

2. ئاپتوموبىل يۈرۈش يولىدا ئولتۇرۇش، يېتىش، توختاش، ئويۇن، چاقچاق قىلىش؛

3. قاتناش ۋاسىتىسىنى قوغلاش، قاتناش ۋاسىتىسىگە نەرسە ئېتىشتەك يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە كاشىلا قىلىدىغان قىلمىشلار.

75-ماددا پىيادىلەر ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يولىدىن توغرىسىغا ئۆتۈشتە، پىيادىلەر كوچىدىن ئۆتۈش ئەسلىھەسىدىن ئۆتۈشى كېرەك؛ پىيادىلەر كوچىدىن ئۆتۈش ئەسلىھەسى بولمىسا، پىيادىلەر توغرا يولىدىن ئۆتۈشى كېرەك؛ پىيادىلەر توغرا يولى بولمىسا، كېلىپ-كېتىۋاتقان قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى كۆزىتىپ، بىخەتەر دەپ قارىغاندىن كېيىن ئۇدۇل ئۆتسە بولىدۇ، قاتناش ۋاسىتىسى يېقىنلىشىپ قالغاندا تۇيۇقسىز توغرا كېسىپ ئۆتۈشكە ياكى ئوتتۇرا يولدىن چېكىنىشكە، ئارقىغا قايرىلىشقا بولمايدۇ.

76-ماددا پىيادىلەر سەپ بولۇپ يول يۈرۈشتە، ھەربىر توغرا سەپ ئىككى كىشىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ، ئەمما قاتناش ئىدارە قىلىنغان يول بۆلىكىدە بۇ چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ.

77-ماددا قاتناش ۋاسىتىسىگە ئولتۇرغۇچىلار تۆۋەندىكى بەلگىلىمىگە رىئايە قىلىشى كېرەك:

1. ماتورلۇق قاتناش يولىدا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى توسۇپ ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ؛

2. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يولىدا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ سول تەرىپىدىن چۈشۈشكە بولمايدۇ؛

3. قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىش-يېپىشتا، باشقا قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يول يۈرۈشىگە دەخلى قىلىشقا بولمايدۇ؛

4. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يۈرۈۋاتقاندا ھەيدەشكە دەخلى قىلىشقا بولمايدۇ، بەدىنىنىڭ ھەرقانداق قىسمىنى قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ سىرتىغا چىقىرىشىغا، قاتناش ۋاسىتىسىدىن سەكرەشكە بولمايدۇ؛

5. ئىككى چاقلىق موتسىكلىتقا ئۇدۇل مىنىپ ئولتۇرۇش كېرەك.

5-پاراگراف يۇقىرى سۈرئەتلىك يولغا دائىر ئالاھىدە بەلگىلىمە

78-ماددا يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ئاپتوموبىل يولىنىڭ يۈرۈش سۈرئىتى كۆرسىتىلىشى لازىم، ئاپتوموبىلنىڭ ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك سۈرئىتىنى 120 كىلومېتىردىن ئاشۇرۇۋېتىشكە، ئەڭ تۆۋەن سائەتلىك سۈرئىتى 60 كىلومېتىردىن تۆۋەن بولۇشقا بولمايدۇ.

يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا يۈرگەن كىچىك يولۇچى ئاپتوموبىلىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك سۈرئىتىنى 120 كىلومېتىردىن، باشقا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ سائەتلىك سۈرئىتىنى 100 كىلومېتىردىن، موتسىكلىتنىڭ سائەتلىك سۈرئىتىنى 80 كىلومېتىردىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ.

بىر يۆنىلىشتە 2 ئاپتوموبىل يولى بولسا، سول تەرىپىدىكى ئاپتوموبىل يولىنىڭ ئەڭ تۆۋەن سائەتلىك سۈرئىتى 100 كىلومېتىر بولىدۇ؛ بىر يۆنىلىشتە 3 تىن ئارتۇق ئاپتوموبىل يولى بولسا، ئەڭ سول تەرىپىدىكى ئاپتوموبىل يولىنىڭ ئەڭ تۆۋەن سائەتلىك سۈرئىتى 110 كىلومېتىر، ئوتتۇرىدىكى ئاپتوموبىل يولىنىڭ ئەڭ تۆۋەن سائەتلىك سۈرئىتى بولىدۇ. يولدىكى سۈرئەتكە چەك قويۇش بەلگىسى كۆرسەتكەن ئاپتوموبىل سۈرئىتى بىلەن يۇقىرىدىكى ئاپتوموبىل يولىدا يۈرۈش بەلگىلىمىسى ئوخشاش بولمىسا، يولدىكى سۈرئەتكە چەك قويۇش بەلگىسىدە كۆرسەتكەن ئاپتوموبىل سۈرئىتى بويىچە يۈرىدۇ.

79-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى باغلىما يولدىن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولغا كىرىشتە، سولغا بۇرۇلۇش چىرىغىنى ئېچىشى، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ نورمال يۈرۈشىگە دەخلى قىلمىغان ئەھۋالدا ئاپتوموبىل يولىغا كىرىشى لازىم.

ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدىن ئايرىلىشتا، ئوڭغا بۇرۇلۇش چىرىغىنى ئېچىپ، سۈرئەت كېمەيتىش يولىغا كىرىپ، سۈرئەت كېمەيگەندىن كېيىن ئايرىلىشى لازىم.

80-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا يۈرۈپ، سائەتلىك سۈرئىتى 100 كىلومېتىردىن ئېشىپ كەتكەندە، بىر ئاپتوموبىل يولىدىكى ئالدىدىكى ئاپتوموبىل بىلەن 100 مېتىردىن يۇقىرى ئارىلىقنى ساقلىشى لازىم؛ ئاپتوموبىلنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 100 كىلومېتىردىن تۆۋەن بولغاندا، بىر ئاپتوموبىل يولىدىكى ئالدىدىكى ئاپتوموبىل بىلەن بولغان ئارىلىقىنى مۇۋاپىق قىسقارتسا بولىدۇ، ئەمما ئەڭ قىسقا ئارىلىقى 50 كىلومېتىردىن كەم بولسا بولمايدۇ.

81-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا يۈرگەندە، تۇمان، يامغۇر، قار، چاڭ-توزان، مۆلدۈر قاتارلىق كۆرۈنۈش دەرىجىسى تۆۋەن ھاۋا رايى شارائىتىغا دۇچ كەلسە، تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى لازىم:

1. كۆرۈنۈش دەرىجىسى 200 مېتىردىن تۆۋەن بولسا، تۇمان چىرىغى، يېقىن نۇر چىرىغى، دەھلىز كۆرسىتىش چىرىغى ۋە ئالدى-ئارقا ئورۇن چىرىغىنى ئېچىۋېتىشى، ئاپتوموبىلنىڭ سائەتلىك سۈرئىتىنى 60 كىلومېتىردىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكى، بىر ئاپتوموبىل يولىدىكى ئالدىدىكى ئاپتوموبىل بىلەن 100 مېتىردىن ئارتۇق ئارىلىقنى ساقلىشى كېرەك:

2. كۆرۈنۈش دەرىجىسى 100 مېتىردىن تۆۋەن بولسا، تۇمان چىرىغى، يېقىن نۇر چىرىغى، دەھلىز كۆرسىتىش چىرىغى، ئالدى-ئارقا ئورۇن چىرىغى ۋە خەتەرلىك سىگنال نۇر چاقنىتىش چىرىغىنى ئېچىۋېتىشى، ئاپتوموبىلنىڭ سائەتلىك سۈرئىتىنى 40 كىلومېتىردىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكى، بىر ئاپتوموبىل يولىدىكى ئالدىدىكى ئاپتوموبىل بىلەن 50 مېتىردىن يۇقىرى ئارىلىقنى ساقلىشى لازىم.

3. كۆرۈنۈش دەرىجىسى 50 مېتىردىن تۆۋەن بولسا، تۇمان چىرىغى، يېقىن نۇر چىرىغى، دەھلىز كۆرسىتىش چىرىغى، ئالدى-ئارقا ئورۇن چىرىغى ۋە خەتەرلىك سىگنال نۇر چاقنىتىش چىرىغىنى ئېچىۋېتىشى، ئاپتوموبىلنىڭ سائەتلىك سۈرئىتىنى 20 كىلومېتىردىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكى ھەمدە ئەڭ يېقىن چىقىش ئېغىزىدىن تېزلىكتە يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدىن ئايرىلىشى لازىم.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئەھۋال كۆرۈلسە، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول باشقۇرۇش تارمىقى كۆرسىتىش ئېكرانى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق سۈرئەتكە چەك قويۇش، ئاپتوموبىل ئارىلىقىنى ساقلاش قاتارلىق ئەسكەرتىش ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىشى كېرەك.

82-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا يۈرگەندە، تۆۋەندىكىدەك قىلمىش كۆرۈلسە بولمايدۇ:

1. ئاپتوموبىلنى ياندۇرۇش، تەتۈر يۈرۈش، مەركىزىي ئايرىش بەلۋېغىدىن ئۆتۈپ كەينىگە بۇرۇلۇش ياكى ئاپتوموبىل يولىدا ئاپتوموبىل توختىتىش؛

2. باغلىما يول، تېزلىتىش يولى ياكى ئاستىلىتىش يولىدا ئاپتوموبىل يانداش؛

3. ئاپتوموبىل يۈرۈش يولى پاسىل ئايرىش سىزىقىنى مىنىپ، باسۇرۇپ ياكى يول يەلكىسىدە يۈرۈش؛

4. جىددىي ئەھۋال بولمىغاندا جىددىي ئىشلىتىدىغان يولدا يۈرۈش ياكى ئاپتوموبىل توختىتىش؛

5. ئاپتوموبىل سىناش ياكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەشنى ئۆگىنىش.

83-ماددا يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا يۈرىدىغان يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ ۋاگونىغا ئادەم سېلىشقا بولمايدۇ. ئىككى چاقلىق موتسىكلىت يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا يۈرگەندە ئادەم مىنگەشتۈرۈشكە بولمايدۇ.

84-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان يول بۆلىكىدىن ئۆتۈشتە ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسىگە دىققەت قىلىپ، سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ يۈرۈش كېرەك.

85-ماددا شەھەر تېز سۈرئەتلىك يولىنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشتا، مۇشۇ پاراگرافتىكى بەلگىلىمىلەردىن پايدىلىنىپ ئىجرا قىلىنىدۇ.

يۇقىرى سۈرئەتلىك يول، شەھەر تېز سۈرئەتلىك يولىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى رايون تەسىس قىلىنغان شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ياكى تەڭ دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ ئۈستىگە ئېلىشىنى بەلگىلىسە بولىدۇ.

5-باب قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش

86-ماددا يولدا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئارا، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى بىلەن ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى ئارا تالاپەت كۆرۈلمىگەن قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن، ئالاقىدار پاكىت ۋە ھادىسە سەۋەبى ئۈستىدە تالاش-تارتىش قىلمىغان بولسا، قاتناش ھادىسىسىنى ۋاقتى، ئورنى، قارشى تەرەپ ئالاقىدار كىشىنىڭ ئىسىم-فامىلسى ۋە ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ تاختا نومۇرى، ھەيدەش كىنىشكىسى نومۇرى، سۇغۇرتا دوكۇمېنت نومۇرى، سوقۇلغان ئورنىنى خاتىرىلىۋالغان ھەم بىرلىكتە ئىمزا قويغاندىن كېيىن، نەق مەيداندىن ئايرىلسا، زىياننى تۆلەشنى ئۆزلىرى كېڭىشىۋالسا بولىدۇ. ئالاقىدارلارنىڭ ھادىسە پاكىتى ۋە سەۋەبى ئۈستىدە تالاش-تارتىشى بولسا، دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىشى لازىم.

87-ماددا يولدا ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى بىلەن ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى ياكى پىيادىلەر ئارا قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، تالاپەت كۆرۈلمىگەن بولسا، ئاساسىي پاكىتى ۋە سەۋەبى ئېنىق بولسا، ئالاقىدارلار ئاۋۋال نەق مەيداندىن ئايرىلىپ، ئاندىن زىياننى تۆلەش ئىشىنى ئۆزلىرى كېڭىشىپ بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ. ئالاقىدارلارنىڭ قاتناش ھادىسىسىنىڭ پاكىتى ۋە سەۋەبى ئۈستىدە تالاش - تارتىشى بولسا دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىش لازىم.

88-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلىپ، يول، توك بىلەن تەمىنلەش، خەۋەرلىشىش قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى ۋەيران قىلسا، ھەيدىگۈچى ساقچىغا مەلۇم قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشنى كۈتۈشى لازىم، قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ كېتىشكە بولمايدۇ. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى يۆتكەشكە بولسا، قاتناشقا دەخلى قىلمايدىغان جايغا يۆتكىۋېتىش كېرەك. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ھادىسىگە ئالاقىدار ئەھۋالنى مۇناسىۋەتلىك تارماققا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى لازىم.

89-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ياكى قاتناش ساقچىسى قاتناش ھادىسە مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن نەق مەيدانغا ۋاقتىدا يېتىپ بېرىشى، تالاپەت كۆرۈلمىگەن، پاكىتى ئېنىق ھەم ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى يۆتكىگىلى بولىدىغان بولسا، ھادىسە ئەھۋالىدىن خاتىرە قالدۇرغاندىن كېيىن ئالاقىدارلارنى نەق مەيداندىن ئايرىلىپ، قاتناشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇشى كېرەك. نەق مەيداندىن ئايرىلىشنى رەت قىلغانلار مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە ياتىدىغان ئەھۋال بولغان يول قاتناش ھادىسىسىنى قاتناش ساقچىسى ئاددىي تەرتىپنى تەتبىقلاپ بىر تەرەپ قىلسا ھەمدە نەق مەيداندا ھادىسە ئېتىراپنامىسى يېزىپ بەرسە بولىدۇ. ئالاقىدارلار مۇرەسسە قىلىشنى بىرلىكتە تەلەپ قىلسا، قاتناش ساقچىسى زىياننى تۆلەش تالاش-تارتىشىنى نەق مەيداندا مۇرەسسە قىلسا بولىدۇ.

يول قاتناش ھادىسىسىدە تالاپەت ۋە مال-مۈلۈك زىيىنى كۆرۈلۈپ نەق مەيداننى ئېنىقلاش، تەكشۈرۈشكە توغرا كەلسە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى نەق مەيداننى ئېنىقلاش قائىدىسى بويىچە ئېلىپ بېرىشى لازىم. نەق مەيدان ئېنىقلىنىپ بولغاندا، نەق مەيداننى تازىلاشقا تەشكىللەپ قاتناشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.

90-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى 3-شەخس جاۋابكارلىقى سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىدە قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرسە، زەخىملەنگەنلەرنى جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈچۈن سۇغۇرتا شىركىتى جىددىي قۇتقۇزۇش خىراجىتىنى تۆلەپ بېرىشكە توغرا كەلسە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى سۇغۇرتا شىركىتىگە ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ.

زەخىملەنگەنلەرنى جىددىي قۇتقۇزۇشتا يول قاتناش ھادىسىسى قۇتۇلدۇرۇش ۋە ياردەم بېرىش فوندىدىن خىراجەتنى چىقىم قىلىپ تۇرۇشقا توغرا كەلسە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى يول قاتناش ھادىسىسى ئىجتىمائىي قۇتۇلدۇرۇش ۋە ياردەم بېرىش فوندىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ.

91-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى قاتناش ھادىسىسىدىكى ئالاقىدارلارنىڭ قىلمىشىنىڭ قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىشتە ئوينىغان رولى، شۇنىڭدەك سەۋەنلىكىنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىگە ئاساسەن، ئالاقىدارلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى بېكىتىشى لازىم.

92-ماددا قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ئالاقىدار قېچىپ كەتسە، قېچىپ كەتكەن ئالاقىدار بارلىق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئەمما قارشى تەرەپ ئالاقىدارىنىڭمۇ سەۋەنلىكى بارلىقىنى ئىسپاتلىيالىسا، جاۋابكارلىقىنى يېنىكلىتىشكە بولىدۇ.

ئالاقىدار نەق مەيداننى قەستەن بۇزغان، يالغاندىن ياسىغان، دەلىل-ئىسپاتلارنى يوق قىلىۋەتكەن بولسا، بارلىق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

93-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى نەق مەيداننى ئېنىقلاپ-تەكشۈرگەن قاتناش ھادىسىسىگە قارىتا، نەق مەيدان ئېنىقلانغان كۈندىن باشلاپ 10 كۈن ئىچىدە قاتناش ھادىسە ئېتىراپنامىسى يېزىشى لازىم. تەجرىبە قىلىپ تەكشۈرۈش، باھالاشقا تېگىشلىك بولسا، تەجرىبە قىلىپ تەكشۈرۈش، باھالاش نەتىجىسى بېكىتىلگەن كۈندىن باشلاپ 5 كۈن ئىچىدە قاتناش ھادىسە ئېتىراپنامىسى يېزىشى كېرەك.

94-ماددا ئالاقىدارلارنىڭ قاتناش ھادىسىسى زىيىنىنى تۆلەش ئۈستىدە تالاش-تارتىش بولۇپ، ھەرقايسى تەرەپ ئالاقىدارلىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى مۇرەسسە قىلىشنى بىردەك تەلەپ قىلسا، قاتناش ھادىسە ئېتىراپنامىسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 10 كۈن ئىچىدە، مۇرەسسە قىلىشنى يازما ئىلتىماس قىلىشى لازىم.

قاتناش ھادىسىسى ئۆلۈشكە سەۋەبچى بولغان بولسا، مۇرەسسە دەپنە ئىشلىرى ئاخىرلاشقان كۈندىن باشلىنىدۇ؛ قاتناش ھادىسىسى زەخىملىنىشكە سەۋەبچى بولغان بولسا، مۇرەسسە داۋالاش ئاخىرلاشقان ياكى مىيىپلىك بېكىتىلگەن كۈندىن باشلىنىدۇ؛ قاتناش ھادىسىسىدە مال-مۈلۈك زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، مۇرەسسە زىيان مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن كۈندىن باشلىنىدۇ.

95-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى قاتناش ھادىسىسىدىكى زىياننى تۆلەش تالاش - تارتىشىنى مۇرەسسە قىلىش قەرەلى 10 كۈن بولىدۇ. مۇرەسسەدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى مۇرەسسەنامە يېزىپ ھەرقايسى تەرەپ ئالاقىدارلىرىغا يەتكۈزىدۇ، مۇرەسسەنامىگە ھەرقايسى تەرەپ ئالاقىدارلىرى بىرلىكتە ئىمزا قويغاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ؛ مۇرەسسەدە كېلىشىم ھاسىل قىلالمىسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى مۇرەسسەنى ئاخىرلاشتۇرۇشنامىسى يېزىپ ھەرقايسى تەرەپ ئالاقىدارلىرىغا يەتكۈزىدۇ.

قاتناش ھادىسىسىدىكى زىياننى تۆلەش تۈرلىرى ۋە ئۆلچىمى ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

96-ماددا ئالاقىدارلار قاتناش ھادىسىسىدىكى زىياننى تۆلەش تالاش-تارتىشى ئۈستىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ھەق تەلەپ ئەرزى سۇنغان بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى مۇرەسسە قىلىش ئىلتىماسىنى قايتا قوبۇل قىلمايدۇ.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى مۇرەسسە قىلىۋاتقان مەزگىلدە، ئالاقىدارلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە ھەق تەلەپ ئەرزى قىلسا، مۇرەسسە ئاخىرلاشقان بولىدۇ.

97-ماددا قاتناش ۋاسىتىسى يول سىرتىدا قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلغان، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى دېلو مەلۇماتى تاپشۇرۇۋالغان بولسا، يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى ۋە مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

قاتناش ۋاسىتىسى، پىيادىلەر بىلەن پويىزدا ياكى كېچىكتە قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرسە، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

6-باب قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش

98-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ئىش بېجىرىش تۈزۈمى، ئىش بېجىرىش تەرتىپىنى ئاشكارىلىشى، ساقچىلار ئىستىلى ۋە ئىنتىزامىنى نازارەت قىلغۇچىلار تۈزۈمىنى ئورنىتىشى، جەمئىيەتنىڭ ۋە ئاممىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى كېرەك.

99-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ۋە ئۇلارنىڭ قاتناش ساقچىلىرى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملاش، نومۇر تاختىسى تارقىتىش، ھەيدىگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش، كىنىشكا تارقىتىش، يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش، يول قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق رىئايە قىلىشى لازىم، ھوقۇقىدىن ھالقىپ قانۇن ئىجرا قىلىشقا، بۇرچىنى ئادا قىلىشنى كېچىكتۈرۈشكە، جازا تۈرىنى ۋە دائىرىسىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

100-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى پاش قىلىش تېلېفونىنى ئېلان قىلىپ، ئاممىنىڭ پاش قىلىش ئەرز-تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلىشى ھەمدە ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئىنكاس قايتۇرۇشى لازىم.

101-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى قانۇن ئىجرا قىلىش سۈپىتىنى سىناش، باھالاش، قانۇن ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش سەۋەنلىكىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى ئورنىتىپ، يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىنى ئىجرا قىلىش داۋامىدىكى خاتالىق ۋە ناتوغرا قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى تۈزىتىشى كېرەك.

7-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

102-ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى ۋە بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

103-ماددا ئالدامچىلىق، پارا بېرىشتەك ناتوغرا ۋاسىتىلەر بىلەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملاش ياكى ھەيدەش ئىجازىتىگە ئېرىشىۋالغانلارنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملىغانلىق گۇۋاھنامىسى، نومۇر تاختىسى، يۈرۈش كىنىشكىسى ياكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسى يىغىۋېلىنىدۇ، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملاش ياكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش ئىجازىتى بىكار قىلىنىدۇ؛ ئىلتىماس قىلغۇچى 3 يىل ئىچىدە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملاشنى ياكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەشكە ئىجازەت قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشقا بولمايدۇ.

104-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچىدە تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرى بولسا ھەم شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئورنىدا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ تۇرىدىغان باشقا ئادەم بولمىسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى قانۇن بويىچە جازا بەرگەندىن سىرت، ئۇ ھەيدىگەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى قاتناشقا دەخلى قىلمايدىغان جايغا ياكى ئالاقىدار تارماق كۆرسەتكەن جايغا يۆتكەپ توختىتىپ قويىدۇ:

1. ئۆزىنىڭ كۈچكە ئىگە ھەيدەش كىنىشكىسىنى كۆرسىتەلمىسە؛

2. ھەيدىگەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى بىلەن ھەيدەش كىنىشكىسىگە يېزىلغان ھەيدەش رۇخسەت قىلىنغان قاتناش ۋاسىتىسى تىپى ئوخشاش بولمىسا؛

3. ھاراق ئىچىپ، دۆلەت باشقۇرىدىغان روھلاندۇرۇش دورىسى ياكى ناركوز قىلىش دورىسى ئىچىپ، بىخەتەر ھەيدەشكە توسقۇن بولىدىغان كېسىلى تۇرۇپ ياكى زىيادە چارچاپ تۇرۇپمۇ داۋاملىق ھەيدىسە؛

4. ھەيدەشنى ئۆگەنگۈچى تەربىيىچى ئاپتوموبىلدا يېتەكچىلىك قىلمىسىمۇ ئۆز ئالدىغا ھەيدىسە.

105-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچى ھاراق ئىچكەن، ھاراق ئىچىپ مەست بولغان، دۆلەت باشقۇرىدىغان روھلاندۇرۇش دورىسى ياكى ناركوز قىلىش دورىسى ئىچكەن دەپ گۇمان قىلىنسا، سىناش، تەجرىبە قىلىپ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشى لازىم.

106-ماددا تاشيول يولۇچى ترانسپورت ئاپتوبۇسقا بېكىتىلگەن ساندىن ئارتۇق يولۇچى سالسا، يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ يۈكىنى بېكىتىلگەن يۈك ماسسىسىدىن ئاشۇرۇۋەتسە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى قانۇن بويىچە تۇتۇپ قالغاندىن كېيىن ھەيدىگۈچى ئارتۇق سالغان يولۇچىنى يۆتكەپ توشۇشى، ئارتۇق قاچىلىغان يۈكنى چۈشۈرۈۋېتىشى لازىم، خىراجەتنى ئارتۇق قاچىلىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچى ياكى ئىگىدارچىلىق قىلغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ.

107-ماددا يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىنىڭ 92-، 95-، 96-، 98-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تۇتۇپ قېلىنغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچى ياكى ئىگىدارلىق قىلغۇچى، باشقۇرغۇچى 30 كۈن ئىچىدە تۇتۇپ قېلىنغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ قانۇنلۇق ئىسپاتى بىلەن تەمىن ئەتمىسە، مۇناسىپ رەسمىيەتنى تولۇقلاپ بېجىرمىسە ياكى بىر تەرەپ قىلىشقا كەلمىسە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ئۇقتۇرۇش قىلىپ ھەمدە ئېلان چىقىرىپمۇ 3 ئايغىچە يەنىلا بىر تەرەپ قىلىشقا كەلمىسە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى شۇ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى سالاھىيىتى بار كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئورگىنىنىڭ كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ؛ كىرىم پۇل دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ؛ قانۇنسىز قۇراشتۇرۇلغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى چۇۋۇۋېتىلىدۇ؛ براك قىلىش ئۆلچىمىگە توشسا براك قىلىۋېتىلىدۇ؛ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قانۇنغا خىلاپ باشقا جىنايى قىلمىشقا چېتىشلىق بولسا، ئالاقىدار تارماقنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.

108-ماددا قاتناش ساقچىسى ئاددىي تەرتىپ بويىچە نەق مەيداندا مەمۇرىي جازا بەرگەن بولسا، ئالاقىدارغا يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشنىڭ پاكىتى، جازالاش سەۋەبى ۋە ئاساسىنى بىلدۈرۈپ قويۇشى ھەمدە مەمۇرىي جازا قارارنامىسىنى جازالانغۇچىغا شۇ مەيداندا تاپشۇرۇپ بېرىشى لازىم.

109-ماددا يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغۇچىغا جەرىمانە قويۇش ياكى ھەيدەش كىنىشكىسىنى تۇتۇپ قېلىش جازاسى بېرىشنى قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر بولغان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ياكى تەڭ دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى قارار قىلىدۇ؛ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسىنى كۈچىدىن قالدۇرۇش جازاسى بېرىشنى رايون تەسىس قىلىنغان شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ياكى تەڭ دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى قارار قىلىدۇ.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ئۆزىگە قاراشلىق رايونغا تەۋە بولمىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشىغا شۇ مەيداندا جازا بەرمىسە، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملىغان جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى جازالىسا بولىدۇ.

110-ماددا ئالاقىدار جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ۋە ئۇنىڭ قاتناش ساقچىسى بەرگەن جازاغا قارىتا بايان قىلىش ۋە ئۆزىنى ئاقلاش ھوقۇقىغا ئىگە، ئالاقىدار بايان قىلىش، ئۆزىنى ئاقلاش تۈپەيلىدىن جازانى ئېغىرلىتىشقا بولمايدۇ.

8-باب قوشۇمچە پرىنسىپ

111-ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان يولغا چىقىپ يۈرىدىغان تراكتور — قول تراكتور قاتارلىق لايىھىلەنگەن ئەڭ يۇقىرى يۈرۈش سۈرئىتى سائىتىگە 20 كىلومېتىردىن ئاشمايدىغان چاقلىق تراكتور ۋە لايىھىلەنگەن ئەڭ يۇقىرى يۈرۈش سۈرئىتى سائىتىگە 40 كىلومېتىردىن ئاشمايدىغان پرىتسېپ سۆرەيدىغان يول ترانسپورتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا رۇخسەت قىلىنغان چاقلىق تراكتورنى كۆرسىتىدۇ.

112-ماددا يېزا ئىگىلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى. مەسئۇل تارمىقى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىنى تراكتورنى تىزىملاش، بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرۈش، شۇنىڭدەك تراكتور ھەيدەش كىنىشكىسى تارقىتىش ماتېرىيالى، سانلىق مەلۇماتلىرى بىلەن قەرەللىك تەمىن ئېتىشى لازىم. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى تراكتور ھەيدىگۈچىلەرگە ھەيدەش كىنىشكىسىنى ۋاقىتلىق تۇتۇپ قېلىش، كۈچتىن قالدۇرۇش جازاسى بەرسە ياكى نومۇر خاتىرىلەپ بىر تەرەپ قىلسا، جازا قارارنامىسى ۋە نومۇر خاتىرىلەش ئەھۋالىنى ئالاقىدار يېزا ئىگىلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى. مەسئۇل تارمىقىغا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشى لازىم. ھەيدەش كىنىشكىسىنى كۈچتىن قالدۇرسا، يەنە ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئالاقىدار يېزا ئىگىلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى. مەسئۇل تارمىقىغا يەتكۈزۈپ بېرىشى لازىم.

113-ماددا چېگرا سىرتىنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى چېگرادىن كىرىپ يۈرۈشتە، چېگرادىن كىرگەن جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا ۋاقىتلىق يول يۈرۈش نومۇر تاختىسى، يۈرۈش كىنىشكىسى ئىلتىماس قىلىشى لازىم. ۋاقىتلىق يول يۈرۈش نومۇر تاختىسى، يۈرۈش كىنىشكىسىگە يۈرۈش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، كۈچكە ئىگە ۋاقتى ۋە يۈرۈشكە رۇخسەت قىلىنغان رايون ئېنىق يېزىلىشى كېرەك.

چېگرىدىن كىرگەن چېگرا سىرتىنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ۋاقىتلىق يول يۈرۈش نومۇر تاختىسى، يۈرۈش كىنىشكىسى ئىلتىماس قىلىش، شۇنىڭدەك چېگرا سىرتىنىڭ خادىمى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەشكە ئىجازەت قىلىشنى ئىلتىماس قىلىش شەرتى، ئىمتىھان ئېلىش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى بەلگىلەيدۇ.

114-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش ئىجازەت ئىمتىھانىنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەيدۇ.

115-ماددا بۇ نىزام 2004- يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 1960-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان، قاتناش مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان «ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى»، 1988-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول قاتنىشىنى باشقۇرۇش نىزامى»، 1991-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان «يول قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى» بىرلا ۋاقىتتا بىكار قىلىنىدۇ.[0]

 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/20045.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#