قوڭغۇراقگۈل يىلتىزى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قوڭغۇراق گۈل يىلتىزىقوڭغۇراقگۈل يىلتىزىقوڭغۇراق گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق قوڭغۇراقگۈلگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 90 ~ 30 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ يىلتىزى يوغان، ئەتلىك تۈۋرۈكسىمان؛ غولى تىك، بىر تال ياكى بىر نەچچە شاخلىق بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن بولۇپ، تۇخۇم ياكى تۇخۇمسىمان تېمىنە شەكلىدە. گىرۋىكى ھەرە چىشىسىمان كېلىدۇ، يىلتىز قىسمىغا يېقىن يوپۇرماقلىرى يوغانراق بولۇپ، ئۇدۇل ياكى ئايلانما بولۇپ ئۆسىدۇ؛ ئومۇم گۈل رېتى ئۇچىدا ئۆسىدۇ؛ گۈلى سۆسۈن رەڭدە، شەكلى قوڭغۇراققا ئوخشايدۇ؛ مېۋىسى غوزىغا ئوخشىغان شار شەكلىدە بولۇپ، ئۇرۇقى كۆپ بولىدۇ.كونا توپا ۋە قۇملۇقلاردا ئۆسىدۇ،شىنجاڭنىڭ ئىلى رايونىدىن كۆپرەك چىقىدۇ.
ئۆپكە، كاناينى تازىلاش، بەلغەم بوشىتىش، يۆتەل توختىتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، يىرىڭ تازىلاش، ئۆپكىدىكى سوغۇقلۇقنى تارقىتىش خۇسۇسىيىتى كۈچلۈك.
پلاتىكودىگېنىن (Platycodigenin)، سترول، پولىگالاسىك كىسلاتاسى (Polygalacic)، قەنتلەر ۋە ھەر خىل ئاقسىللاردىن تەركىب تاپقان.
قوڭغۇراق گۈل يىلتىزى1، قوڭغۇراقگۈل 8 گرام، مەرزەنجۇش 12 گرام، ئۆرۈك مېغىزى 8 گرام، كەرمان 6 گرامدىن، قائىدە بويىچە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر سوزۇلما خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغىغا شىپا بولىدۇ.
2. قوڭغۇراقگۈل، گۈلسامساق، بالەنگو يوپۇرمىقى، ئەينۇلا قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 20 گرام ئېلىپ ئىككى قېتىم قاينىتىپ، سوۋۇتۇپ يېرىمى قالغاندا ئۇنىڭغا 1كىلوگرام قارا شېكەر سېلىپ، ھەر قېتىمدا 15 ~ 20 مىللىلېتىرغىچە كۈنىگە ئۈچ قېتىم ئىچسە، سوزۇلما كاناي ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
3. قوڭغۇراقگۈل8 گرام، چۈچۈكبۇيا8 گرام، قېرىقىز ئۇرۇقى 12 گرام، ئوسما يىلتىزى 12 گرام، يەر توزغىقىدىن 8 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، گال ۋە تامغاقنىڭ سوزۇلما ياللۇغى ۋە بادامسىمان بەز ياللۇغىغا شىپا بولىدۇ.
4. قوڭغۇراقگۈل 12 گرام، قوچاققول 4 گرام، شاپتۇل مېغىزى 12 گرام، كۆك كاۋا ئۇرۇقى 12 گرام، سوغىگۈل 8 گرام، ئۇچقات پىلىكى ياكى گۈلى 20 گرام، تەسۋىقوناق مېغىزى 12 گرام، چۈچۈكبۇيىدىن 4 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆپكە يىرىڭلىق ئىششىقىغا شىپا بولىدۇ
قوڭغۇراقگۈل شەربىتى
كېسەللىك مىسالى
ئۆتكۈر ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغى، ئۆپكە ياللۇغى، يۆتەل، زىققا، گال ۋە تامغاقنىڭ سوزۇلما ياللۇغى، بادامسىمان بەز ياللۇغى، ئۆپكە يىرىڭلىق ئىششىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېباىتى خام دورىلار ئىلمى1 (شىنجاڭ تېببي ئۇنۋېرسېتىتى تولۇق كۇرۇس نۇسخسى).[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.