ھونولۇلۇ

ھونۇلۇلۇ
ئا ق ش نىڭ ھاۋاي شتاتىنىڭ مەركىزى، ئەڭ چوڭ پورتى. بۇ شەھەر تىنچ ئوكياننىڭ شىمالىغا جايلاشقان ھاۋاي ئاراللىرى ئىچىدىكى ۋاخو ئارىلىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىن ئورۇن ئالغان.
نامى ھونۇلۇلۇ
دۆلىتى ئامرىكا
مەمۇرىي رايون شەكلى شەھەر
يەر مەيدانى 217كىىۋادىرات كىلومىتىر
كىلىماتى ئىسسىق بەلۋاغ ھاۋا كېلىماتى
خەنزۇچە نامى 火奴鲁鲁
ئۆلكىسى ھاۋاي شىتاتى
تەۋە رايون ھاۋاي
نوپۇسى 410000

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھونۇلۇلۇئا ق ش نىڭ ھاۋاي شتاتىنىڭ مەركىزى، ئەڭ چوڭ پورتى. بۇ شەھەر تىنچ ئوكياننىڭ شىمالىغا جايلاشقان ھاۋاي ئاراللىرى ئىچىدىكى ۋاخو ئارىلىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىن ئورۇن ئالغان، ئۇنىڭ يېنىدا ئا ق ش نىڭ تىنچ ئوكياندىكى مۇھىم دېڭىز، ھاۋا ئارمىيە بازىسى پېرل خاربور پورتى بار. ھونولۇلۇ شەھىرى ئا ق ش نىڭ مۇھىم قوناندانلىق شتابى جايلاشقان ئورۇن، ئۇنىڭ قاتناش ۋە ستراتېگىيە جەھەتتىكى ئەھمىيىتى ناھايىتى مۇھىم، تارىختىن بۇيان ئا ق ش نىڭ غەربىي قىرغاقلىرى بىلەن ئاسىيانىڭ شەرقىي رايونلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم دېڭىز، ھاۋا قاتناش تۈگۈنى بولۇپ كەلمەكتە. ھونولۇلۇنىڭ ئاھالىسى 410000 مىڭ بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسىنى ياپونلۇقلار، پولېنزىيىلىكلەر، ئا ق ش لىقلار، فىلىپپىنلىقلار، خەنزۇلار تەشكىل قىلىدۇ.

مەرۋايىت ئارىلى1941-يىلى12-ئاينىڭ7-كۈنى ياپۇن فاشىسىتلىرى ئوغۇرلۇقچە ئامرىكا چىگراسىغا ئامرىكا ھەربى بازىسىغان ھوجۇم قىلغان،بۇ ھوجۇمدا 40 پاراخوتى،200دن ئارتۇق ئايروپىلانى پاچاقلانغان،4000دىن ئارتۇق ئەسكەر قازا قىلغان.

ھونۇلۇلۇ

                      ھونۇلۇلۇ بولسا ھاۋاينىڭ ئىقتىساد- سودا مەركىزى،شۇڭا ھونۇلۇلۇدىكى بىنالارنىڭ ئېگىزلىكى 137مىتىرغا يەتتى.ھونۇلۇلۇ ئۈچ رايۇنغا بۆلىنىدۇ:

 شەھەر پارلامېنتى رايونى 

 ئاساسلىق شەھەرنىڭ سودا رايونى 

Kakaʻakoرايونى 

ھونۇلۇلۇھونىلۇلۇنىڭ مەدەنىيەت-سەنئىتىمۇ ئىنتايىن گۈللەنگەن،بۇ يەردە:

 ھونۇلۇلو سىمفونىيەسى

 ھاۋاي ئوپېرا-تىياتىرخانىسى

 بلىت دال مەركىزى 

 ھاۋاي تىياتىرخانىسى 

قاتارلىق داڭلىق تىياتىرخانىلار بار......

ھونۇلۇلۇھونۇلۇلۇ ساياھەت رايۇنلىرىدىنمۇ خېلى بار مەسىلەن؛

 ئارىزونالىقلار خاتىرە سارىيى 

 ھونۇلۇلو بەدىئىي ئىلىم - پەن مۇزېيى 

 دورتماننا مېۋىلىك باغ كونسېرۋا زاۋۇتى 

ھاۋاي ئۇنۋېرستىتىئامرىكىنىڭ مائارىپى دۇنياغا داڭلىق مۇشۇ مائارىپنى بەرپا قىلىۋاتقان ئۇنۋېرستېتلارنىڭ كۆپىنچىسى مانا بۇ گۈزەل ھونۇلۇلۇغا جايلاشقان ئۇلاردىن:

ھاۋاي ئۇنۋېرستىتى،

 ھاۋاي تېنچ ئوكيان ئۇنىۋېرسىتېتى 

[0]

 سانائەتتە ئاساسەن شېكەر، كونسېرۋا، نېفىت ئايرىش، كېمىسازلىق قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار، شەھەردە چوڭ تىپتىكى خەلقئارا ئايرودرومى، ئالىي مەكتەپلەر بار. ھونولۇلۇنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل بولغانلىقتىن، ساياھەتچىلىك ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

بەيدۇ تورى قامۇسى 

http://baike.baidu.com/

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ تورى قامۇسى

http://baike.baidu.com/

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#