ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش

ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش

1937-يىل7-ئاينىڭ 7-كۈنى ياپونىيە لۇگۇچياۋ ۋەقەسىنى پەيدا قىلىپ، جۇڭگوغا ئومۇميۈزلۈك تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى قوزغىدى. شۇنىڭ بىلەن ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش رەسمىي پارتلىدى.

نامى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش
ئورنى جۇڭگو
نەتىجىسى ياپونىيە شەرتسىز تەسلىم بولغان
ياردەم بەرگەن دۆلەتلەر ئامېرىكا، روسىيە فىدراتسىيەسى
ئۇرۇشقان قاتناشقۇچىلار جۇڭخۇا مىنگو، ياپۇنىيە
ۋاقتى 1937-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى ___ 1945-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى
خەنزۇچە نامى 抗日战争

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش1937-يىل7-ئاينىڭ 7-كۈنى ياپونىيە لۇگۇچياۋ ۋەقەسىنى پەيدا قىلىپ، جۇڭگوغا ئومۇميۈزلۈك تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى قوزغىدى. شۇنىڭ بىلەن ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش رەسمىي پارتلىدى. 1945-يىلى 8-ئايدا ياپونىيە ئارمىيىسى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ تەسلىم بولغانغا قەدەر، جۇڭگو خەلقى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى سەككىز يىل مىسلىسىز جاپالىق ئۇرۇش ئېلىپ باردى. جۇڭگونىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى جەڭگاھى 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ شەرقتىكى فاشىزمغا قارشى جەڭگاھى بولدى. 

جۇڭگونىڭ ئەسكىرى كۈچى ئەڭ يۇقىرى بولغاندابەش مىليون 600 مىڭ.

ياپونىيەنىڭ ئەسكىرى كۈچى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تۆت مىليون 100 مىڭ. 

جۇڭگودىن قازا قىلغانلار 35 مىليون يۇقىرى ئادەم يارلانغان ۋە ئۆلگەن. ياپونىيە ئارمىيىسىدىن 130 مىڭ ئادەم يارلانغان ۋە ئۆلگەن.

ئارقا سەپ ئۇرۇش مەيدانىنى ئېچىش 

ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش1937 -يىلى7-ئايدىن 1938-يىلى 10-ئايغىچە بولغان ۋاقىت ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيىلىك مۇداپىئە باسقۇچى ھېسابلىنىدۇ. گومىنداڭ ئارمىيىسى ئالدىنقى سەپ جەڭ مەيدانىدا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، شىمالىي جۇڭگو، ئوتتۇرا جۇڭگو رايونلىرىدىكى كەڭ زېمىنلارنى قولدىن بېرىپ قويغاچقا، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى پايتەختنى چۇڭچىڭغا كۆچۈردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى8-ئارمىيە، يېڭى4-ئارمىيىگە قوماندانلىق قىلىپ دۈشمەن ئارقا سېپىگە ئىچكىرىلەپ كىرىپ، كەڭ كۆلەملىك پارتىزانلىق ئۇرۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، دۈشمەن ئارقا سېپى ئۇرۇش مەيدانىنى ئاچتى.

 ئىستراتېگىيىلىك تىركىشىش باسقۇچى

ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش 1938-يىلى 10-ئايدا ۋۇخەن بىلەن گۇاڭجۇ قولدىن كەتكەندىن كېيىن، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئىستراتېگىيىلىك تىركىشىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى. ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەسلىم بولۇشقا قىزىقتۇرۇشى نەتىجىسىدە، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىدىكى ياپونپەرەسلەرنىڭ كاتتىۋېشى ۋاڭ جىڭۋېي ياپونىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا ئوچۇق-ئاشكارا تەسلىم بولدى. 1940-يىلى3-ئايدا نەنجىڭدا قورچاق مىللىي ھۆكۈمەت قۇرۇپ، بىر قىسىم مىللىي خائىنلارنى توپلاپ، ۋەتەنگە ئوچۇق-ئاشكارا خائىنلىق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، گومىنداڭنىڭ ئىچكى قىسمىدا كوممۇنىستىك پارتىيىگە قارشى خاھىش كۈنسېرى كۈچەيدى. ياپونىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيىسى ھەربىي كۈچىنىڭ كۆپ قىسمىنى، شۇنداقلا قورچاق قوشۇنىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك يىغىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىك قىلىۋاتقان دۈشمەن ئارقا سېپىدىكى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تايانچ بازىلارغا قارىتا ۋەھشىيلەرچە «چوڭ تازىلاش» ئېلىپ باردى. دۈشمەن ئارقا سېپى تەدرىجىي ھالدا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتىكى ئاساسلىق جەڭگاھقا ئايلاندى.

ئىستراتېگىيىلىك قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈش باسقۇچى 

ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش 1944-يىلى 1-ئايدىن 1945-يىلى8-ئايغىچە بولغان ۋاقىت ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيىلىك قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈش باسقۇچى ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەزگىلدە دۈشمەن ئارقا سېپىدە، ئازاد رايونلاردىكى جەڭ مەيدانلىرى قىسمەن قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى. 1945-يىلى 8-ئايدا ئامېرىكا ئارمىيىسى تىنچ ئوكيان جېڭىدە ياپونىيىنى يېڭىپ، ياپونىيە زېمىنىغا قىستاپ كەلدى. ئامېرىكا ئارمىيىسى ياپونىيىنىڭ ناگاساكى ۋە خىروشىما ئارىلىغا ئىككى ئاتوم بومبىسى تاشلىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ ياپونىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلىپ، جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىغا ئەسكەر كىرگۈزدى. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى سەككىز يىللىق ئۇرۇشتا، جۇڭگونىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئارمىيە ۋە خەلقى ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ 300 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمىنى، قورچاق ئارمىيىنىڭ 1 مىليون 180 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمىنى يوقىتىپ، ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى. بىراق، جۇڭگو خەلقىمۇ غايەت زور بەدەل تۆلىدى. تولۇقسىز سىتاتىستكىغا ئاساسلانغاندا، ئۇرۇشتا جۇڭگو ئارمىيە-خەلقىدىن ئۆلگەن، يارىلانغانلارنىڭ سانى21 مىليونغا يەتكەن.

ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش8-ئاينىڭ 15-كۈنى ياپونىيە ھۆكۈمىتى شەرتسىز تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلاشقا مەجبۇر بولدى. 9-ئاينىڭ 2-كۈنى ياپونىيە ۋەكىلى تەسلىمنامىگە ئىمزا قويدى. شۇنىڭ بىلەن ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئاخىرلاشتى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#