شۇمبۇيا
شۇمبۇيا شۇمبۇيا ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، شۇمبۇيىغا ئۇرۇقداش تەييارتاپ ئۆسۈملۈك بولۇپ، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، بەدەننى قىزىتىش، پەي ۋە مۇسكۇللارنى چىڭىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز كۈنلىرى قېزىۋېلىپ، تازىلاپ، توغراپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قۇملۇق توپا، چاتقاللىقلاردىكى سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر، قوغۇنلۇق ۋە ھەرخىل ئەمەنلەرنىڭ يىلتىزلىرىدا تەييارتاپ بولۇپ ئۆسىدۇ.
قۇرۇق ئىسسىق.
بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، بەدەننى قىزىتىش، پەي ۋە مۇسكۇللارنى چىڭىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 8 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
شۇمبۇيا، سېرىق يۆگەي، جۇسەي ئۇرۇقى قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 20 گرامدىن ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئومۇمىي بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش ۋە ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
15 گرام شۇمبۇيىنى 12 گرام كەندىر بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئومۇمىي بەدەن ئاجىزلىقى ۋە قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ. 70 گرام شۇمبۇيىنى قاينىتىپ، بالىنىڭ پۇتىنى چىلاپ يۇيۇپ بەرسە، بالىلاردىكى ھەزىم ناچارلىقى ۋە ئىچ سۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى شۇمبۇيىنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، نېرۋا ئاجىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.