ئاق خۇن كېسەللىكى

ئاق خۇن كېسەللىكى

ئاياللار جىنسىي يول ئىچىدە پات-پات گۈرۈچ چايقىغان ۋاقىتتىكى سۈيىگە ئوخشاش ياكى سۈزۈك شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئېقىپ چىقىدۇ، مىقدارى كۆپ ھەم بۇ خىل ئەھۋال توختىماي كۆرۈلگەنلەرنى ئاق خۇن كېسەللىكى دەپ ئاتىلىدۇ. ياشانغانلار ياكى ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللار كۆپ ئۇچرايدۇ. غەرب تېبابىتىنىڭ جىنسىي يول يەللىكى ياكى تۇخۇم توشۇش نەيچىسى راك كېسىلى، بالىياتقۇ ئىچكى پەردە بېزى راكى قاتارلىق كېسەل بىلەن ئوخشاش. لېكىن يەنە بەزى تېنى ئاجىزلاردىمۇ بولىدۇ. 

غەرب تېبابىتى نامى ئاق خۇن كېسەللىكى
كېسەللىك سەۋەبى جىنسىي يول ۋە بالىياتقۇنىڭ ھەرخىل يۇقۇملىنىشى ۋە جىنسىي ئەزا تازىلىقىنىڭ ياخشى بولماسلىقى
كۆپ كۆرۈلىدىغانلار ياشانغانلار ياكى ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللار
كېسەللىك ئورنى ئاياللار جىنسىي يولى
ئاساسلىق ئالامىتى ئاق ئاجرالما ماددىلارنىڭ پۇرىقى ئۆتكۈرلىشىپ سېسىق پۇراش، بەل، يوتا سىرقىراپ ئاغرىش
خەنزۇچە نامى 白崩
تەۋە بۆلۈم ئاياللاركېسەللىكلىرى بۆلۇمى
ئوخشاش كېسەللىكلەر جىنسىي يول يەللىكى ياكى تۇخۇم توشۇش نەيچىسى راك كېسىلى، بالىياتقۇ ئىچكى پەردە بېزى راكى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى، جىنسىي يول ۋە بالىياتقۇنىڭ ھەرخىل يۇقۇملىنىشلىرى، شۇنداقلا ئىچكى جەھەتتىن بەدەننىڭ ھۆللۈكى ئېشىپ كېتىش، تاشقى جەھەتتىن سىرتقى جىنسىي ئەزا تازىلىقىنىڭ ياخشى بولماسلىقى، بالىياتقۇدىكى ئىششىق ۋە داس بوشلۇقىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: ئاياللارنىڭ جىنسىي يولىدىن پۇرىقى ۋە مىقدارى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئاق ئاجرالما ماددىلار كېلىش، ئېغىرلاشقانسېرى سۇيۇقلۇقنىڭ مىقدارى كۆپىيىپ، پۇرىقى ئۆتكۈرلىشىپ سېسىق پۇراش، بەل، يوتا سىرقىراپ ئاغرىش، ئومۇمىي بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

1-رېتسېپ

تەركىبى: بۇغا مۈڭگۈزى كۈلى 80 گىرام، كەھرىۋا 20 گىرام، پىلە غوزىسى كۈلى 15 گىرام، مۇقەل 30 گىرام، موزا 30 گىرام، ئانار پوستى 80 گىرام، ئانار گۈلى 60 گىرام، قارا شېكەر 200 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، قارا شېكەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، تالقان تەييارلىنىدۇ. 

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئىككى گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ

ئاق خۇن كېسەللىكىتەركىبى: خۇنسىياۋشان، نىشاستە، گىلى ئەرمىنى، سەمىغى ئەرەبى، كەتىرا 15 گىرامدىن، ئانار گۈلى، بابۇنە، ئانار پوستى، ئىككىلىمىلىك، ئانار ئۇرۇقى، ئاقاقىيا، ئەنگۈرشىپا، ئەنجىبار، شاھتەررە، قارا كۆز بەدىيان 30 گىرامدىن.

تەييارلاش ئۇسۇلى: ئەنجىبار، شاھتەررە، قارا كۆز بەدىياندىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، سوقۇلمىغان دورىلار بىلەن بىللە بىر خالتىغا قاچىلاپ، خالتىنى سۇغا سېلىپ تەمىنى چىقىرىپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: ئۈچ كۈندە بىر قېتىم يۇيۇنىلىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى: ئاق پىدىگەن چېچىكى 15 گىرام، چۆپچىن 30 گىرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى سۇدا قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#