ئۈجمە يېزىسى
ئۈجمە يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقتۇ ناھىيەسىگە جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئۈجمە يېزىسىئۈجمە يېزىسى دېھقانلارنىڭ پاتقاق گازى قۇرۇلۇشىنى ۋاسىتە قىلىپ، ئۆزگىچە ئېكولوگىيە كەنتى بەرپا قىلغان. يېزا تېرىقچىلىق ۋە چارۋىچىلىقنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «كالا، قوي-پاتقاق گازى-مېۋە»، «چارۋا-پاتقاق گازى-ئاشلىق» قاتارلىق ئېكولوگىيىلىك يېزا ئىگىلىكى مودېلىنى كۈچەپ كېڭەيتكەن. كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق، ئورمان، ئېتىز مەنزىرىسى، تېرىقچىلىق، ئېكولوگىيىلىك تىپى قاتارلىق يېڭى يېزا ئەندىزىسى تەدرىجىي يېتىلدۈرگەن، بۇ يېزىنىڭ ھازىرقى پاتقاق گازى كۆلچىكى 300 نەچچىدىن ئاشىدۇ. يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش قەدىمىنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرىنى ئېتىزلارغا بېرىپ، ئەمەلىي قوللىنىدىغان تېخنىكا بويىچە تەربىيىلەشنى قانات يايدۇرۇپ ۋە دېھقانلارنى يېتەكلەپ، كېۋەز، كۆممىقوناق قاتارلىق يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىقتىسادىي زىرائەت ئۆستۈرگەن؛ دېھقانلارغا 1283 دانە چوڭ، كىچىك ئەگمە لاپاس كۆكتات پارنىكى ياساپ بەرگەن، بۇنىڭ بىلەن پەسىلسىز كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەر بۇ يېزىدا ماكانلىشىپ قالغان. يېزا دېھقانلارنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىشىغا پائال ئىلھام بەرگەن. 2007-يىلى بۇ يېزىنىڭ يېزا بويىچە سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىش كىرىمى 3 مىليون 400 مىڭ يۈەن بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ يېزىنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشى 3006 گە، قۇرۇلۇش كۆلىمى 150 مىڭ 300 كۋادرات مېتىرغا يەتكەن.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.