سۆگەل بۇرۇن ئاققۇ
سۆگەل بۇرۇن ئاققۇ ( ئىلمىي نامى: Cygnus olor) بىر خىل چوڭ تىپتىكى ئۈزگۈچى قۇش بۇلۇپ، ئۇزۇنلۇقى 1.25-1.5 مېتىر. خىيالىي ئىنچىكە، پېشانىسىدە بىر پارچە تۈگۈنچەك ئۆسمىسى تومپىيىپ چىقىپ تۇرىدۇ، شۇڭا سۆگەل بۇرۇن ئاققۇ دەپ ئاتالغان. پۈتۈن تېنى ئاپئاق، سۇ ئۈزگەندە بوينى ئېگىلگەندە خۇددى «S» ھەرپىنىڭ شەكلى ھاسىل بولىدۇ. ياۋروپا، شىمالىي ئافرىقا، ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي قىسمىغا تارقالغان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سۆگەل بۇرۇن ئاققۇ ئەركىكىنىڭ پۈتۈن بەدىنى ئاپئاق، بېشىدىكى گەجگە قىسمى سەل سۇس قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ. كۆز ئالدى يالىڭاچ، قارا؛ تۇمشۇقىنىڭ تۈۋى، ئېغىزىنىڭ گىرۋىكى ھەم قارا، تۇمشۇقى قىزىل، ئالدى ئۇچى سەل سۇس، دارچىن رەڭگە يېقىن، ئاغزى قوڭۇر رەڭ، پېشانىسىدە گەۋدىلىك بولغان قارا رەڭلىك سۆگەلسىمان نەرسىلەر بار؛ ئوشۇق-پەنجە، ئۈزۈش پەردىسى، تىرنىقى قارا، رەڭدار پەردە قارامتۇل قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ. ئەركەك قۇش بىلەن چىشى قۇشنىڭ پېيىنىڭ رەڭگى ئوخشاش، ئەمما تېنى بىرقەدەر كىچىك، پېشانە تەرىپىدىكى قىسقا پەيلىرى ئاق بولىدۇ. چۈجە قۇشنىڭ بېشى، بوينى سۇس قارامتۇل كۈل رەڭ، پېشانە ۋە كۆز ئالدى يالىڭاچ، قارا سۆگەلسىمان ھالەتتە ئەمەس، ئۇچۇش پەيلىرى كۈلرەڭ، قۇيرۇق پەيلىرى، ئۇزۇن ھەم ئۇچلۇق، سۇس قوڭۇر كۈلرەڭ، قۇيرۇق ئۇچى پاسكىنا ئاق رەڭلىك ئۇچىدا داغلىرى بار؛ گەۋدە ئاستى بىر قەدەر سۇس، سۇس قوڭۇر كۈلرەڭ، رەڭدار پەردىسى قوڭۇر رەڭدە؛ تۇمشۇقى قىزىل، كۈل رەڭ؛ تىرنىقى ۋە پەنجىسى، ئوشۇق-پەنجە يېشىل قوڭۇر.
بوينى ئۇزۇن، تېنى ئۇزۇن بولۇپ تېنىدىن ئۇزۇن ياكى ئېشىپ كەتكەن؛ تۇمشۇقىنىڭ تۈۋى ئېگىز ۋە ئالدى ئۇچى ياپىلاق، كۆز ئالدى يالىڭاچ؛ قۇيرۇقى قىسقا ھەم يۇمىلاق، قۇيرۇق پېيى 20 ~ 24 دانە؛ پۇتى قىسقا دەرىجىدىن ئوتتۇراھال دەرىجىگىچە ئاجرىلىغان؛ بارماق پەردىسى بار، ئۈزۈش پەردىسى كۈچلۈك، لېكىن پۇتىنىڭ كەينى بارماقلىرى ئارىسىدا ئۈزۈش پەردىسى قىسقا، بارماق يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ.
چوڭ-كىچىكلىكى
سۆگەل بۇرۇن ئاققۇنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئۆلچىمى:
ئەركەك سۆگەل بۇرۇن ئاققۇ (♂) | چىشى سۆگەل بۇرۇن ئاققۇ (♀) | |
بەدەن ئېغىرلىقى | 9650-10000 گرام | 6750-8750 گرام |
تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى | 1413-1550 مىللىمېتىر | 1300-1493 مىللىمېتىر |
تۇمشۇق ئۇچىنىڭ ئۇزۇنلۇقى | 80-86 مىللىمېتىر | 74-76 مىللىمېتىر |
قانىتى ئۇزۇنلۇقى | 600-620 مىللىمېتىر | 560-578 مىللىمېتىر |
قۇيرۇق ئۇزۇنلۇقى | 190-215 مىللىمېتىر | 190-207 مىللىمېتىر |
ئوشۇق-پەنجە ئۇزۇنلۇقى | 95-110 مىللىمېتىر | 90-101 مىللىمېتىر |
سۆگەل بۇرۇن ئاققۇ ئاساسلىقى سۇ ئوت-چۆپى مول ۋە كەڭ بولغان كۆللەر، دەريا ئەگىمى، سۇ كۆلچىكى، سۇ ئامبىرى، دېڭىز قولتۇقى، سازلىق ۋە سۇ ئېقىمى ئاستا دەريا ۋە دەريا قىرغاقلىرى قاتارلىق جايلارغا تارقالغان.
خۇسۇسىيىتى
سۆگەل بۇرۇن ئاققۇ ئاساسلىقى سۇدا ياشايدۇ، ھۇشيار، كۆزى ئۆتكۈر بولۇپ، بويۇننى ئېگىپ نەچچە چاقىرىم يىراققا نەزەر سالالايدۇ. سۇ ئۈزگەندە كۆتۈرۈلۈپ چىققان ئىككى قانىتى، بويۇن كەينى بېشى ئالدىغا ساڭگىلاپ تۇرغان ھالىتى ئىنتايىن نەپىس. سۇ ئۈزۈش سۈرئىتى ناھايىتى تېز، ھەرىكىتى ئىنتايىن ئېھتىياتچان ھەمىشە كەڭ كەتكەن كۆل، سۇ يۈزى، سۇ ئۈزۈش ۋە ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ، كەچتە كۆپ تىنچ ھەم ئاز كاشىلا ئوتتۇرسىدا ئارالدا ياكى سۇ يۈزىدە لەيلەپ يۈرگەن بىر جىسىم بىلەن قۇرۇق قومۇش دۆۋىلىرىنىڭ ئۈستىدە ياشايدۇ، خەتىرى يوقلىقىنى بىلگەندىن كىيىن ئاندىن قىرغاققا چىقىدۇ. ئۇچۇش ۋاقتىدا قاناتلىرىنى پالاقلىتىپ تەخمىنەن 50 مېتىر يۈگۈرۈپ بولۇپ ئاندىن ئاستا-ئاستا ئۇچىدۇ. ئۇچقاندا بوينىنى ئالدىغا، پۇتى ئارقىغا سوزۇلغان، ئىككى قاناتلىرى كۈچلۈك.
ئوزۇقلىنىشى
سۆگەل بۇرۇن ئاققۇ ئاساسلىقى سۇ ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ يوپۇرمىقى، ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﻯ، بىخ ۋە مېۋىلىرى بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، سۇ يۈسۈنى ۋە كىچىك سۇ ئۆسۈملۈكلىرىنى يەيدۇ؛كۈندۈزى ئوزۇق ئىزدەپ كەچتە ئارام ئالىدۇ. ئوزۇق ئىزدىگەندە بەزىدە ئوخشاش بىر قىسىم ئۆردەكسىمانلارغا ئوخشاش بېشىنى تۆۋەنگە، قۇيرۇقى يۇقىرىغا قىلىپ، بېشىنى سوزۇپ سۇ ئاستىدىكى سۇ ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ يىلتىزى بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، بەزىدە سۇ بويىغا كەلگەن يەر يۈزىدىكى ئوت-چۆپلەردىن ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ.
كۆچۈشى
9-ئاينىڭ ئاخىىرلىرى 10-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا جەنۇبقا كۆچۈپ قىشلايدۇ ئەتىيازنىڭ ئاخىرىدا شىمالغا كۆچۈپ كېلىدۇ. بەزى جايلاردا يەنى: شىمالىي ئامېرىكا، جەنۇبىي ئافرىقا، ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق جايلاردا سۆگەل بۇرۇن ئاققۇ كۆچمەس قۇشلارغا ئايلانغان؛ ئەنگلىيەدە كۆچۈش ئارىلىقى بەك قىسقا، ئەڭ يىراق بولغاندا 50 كىلومېتىر ئېشىپ كەتمەيدۇ، يەنە كېلىپ سۇ بويلاپ كۆچىدۇ. لېكىن سىبىرىيە، موڭغۇلىيە ۋە جۇڭگونىڭ شىمالىدىكى سۆگەل بۇرۇن ئاققۇ ھەر يىلى كۆپىيىش مەزگىلى، ئەتىياز، كۈز پەسلىدە بولسۇن كۆپىيىدىغان ۋە قىشلايدىغان يەر بىلەن ئوتتۇرىسى 1000 مېتىر ئىچىدىكى رايونلاردىن ئۇياق-بۇياققا كۆچۈپ كەلگەن بولىدۇ.
دۇنيادىكى تارقىلىش
سۆگەل بۇرۇن ئاققۇسۆگەل بۇرۇن ئاققۇ ئەرمېنىيە، ئافغانىستان، ئالبانىيە، ئاۋسترىيە، ئەزەربەيجان، بېلارۇسىيە، بېلگىيە، بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنا، بۇلغارىيە، جۇڭگو، كرودىيە، سىپرۇس، چېخ جۇمھۇرىيىتى، دانىيە، ئېستونىيە، فىنلاندىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، گرېتسىيە، ۋېنگرىيە، ھىندىستان، ئىران، ئىراق، ئېرلەن، ئىسرائىلىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، قازاقىستان، كورېيە، چاۋشيەن، قىرغىزىستان، لاتۋىيە، لىچتېنشتېين، لىتۋانىيە، ليۇكسېمبۇرگ، ماكېدونىيە، مولدوۋا، موڭغۇلىيە، مونتېنېگرو، گوللاندىيە، نورۋېگىيە، پاكىستان، بولان، رۇمىنىيە، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى، سېربىيە، سلوۋاكىيە، سلوۋېنىيە، ئىسپانىيە، شۋېتسىيە، شىۋېتسارىيە، رۇم (تۈركىيە)، تۈركمەنىستان، ئۇكرائىنا، ئەنگلىيە، ئۆزبېكىستان.
كىرگۈزگەن رايونلار: ئاۋسترالىيە، كانادا، فائېرو تاقىم ئاراللىرى، ئىسلاندىيە، زېللاندىيە، سىنگاپور، جەنۇبىي ئافرىقا، ئامېرىكا.
كۆچمەن قۇشلار: بەھرەين، مىسىر، ئىئوردانىيە، لىۋان، لىۋىيە، مالتا، ماراكەش، ئامان، پەلەستىن، پورتۇگالىيە، ئىسپانىيە، سۇرىيە، تاجىكىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى.
جۇڭگودىكى تارقىلىشى
ئاساسلىق كۆپىيىشى جۇڭگو شىنجاڭ ئوتتۇرا قىسمى، شىمالىي، چىڭخەي ئۆلكىسى سەيدام ئويمانلىقى، گەنسۇ غەربىي شىمال ۋە ئىچكى موڭغۇل.
قىشتىن ئۆتىدىغان جايلار: چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنى، شەرقىي جەنۇبىي دېڭىز بويى ۋە تەيۋەن.
كۆچمەن قۇشلار: شەرقىي شىمال، شىمالىي جۇڭگو، شەندۇڭ.
سۆگەل بۇرۇن ئاققۇ ئۈچ ياشلىق بولغاندا جىنسىي جەھەتتىن يېتىلىدۇ، ئاز ساندىكىلىرى ئىككى ياش بولغاندا (كۆپىنچە ئانىلىق تەنچە)، يەنە كېچىككەندىمۇ تۆت ياش بولغاندا ئاندىن كۆپىيىشكە باشلايدۇ.
كۆپىيىش مەزگىلى 3-5-ئايلار. خىلۋەت جايلارغا، ئادەم يېقىنلىشىش قىيىن بولغان كۆلچەك ۋە كۆل سۇ بويىدىكى قومۇشلۇق ياكى ئوت-چۆپلەر ئارىسىغا ئۇۋا ياسايدۇ. چىشى قوش ئۆزى ئۇۋا سالىدۇ، ئەركەك چىشىسى بىرلىكتە ئۇۋىدا ياشايدۇ. ئۇۋا غالدىراڭ قومۇش ۋە باشقا ئۆسۈملۈكلەر ئارقىلىق ياسىلىدۇ، قۇرۇلمىسى ئىنتايىن زور، شەكلى يۇملاق، سىرتقى دىئامېتىرى 128.5-194.5 سانتېمىتىر، ئوتتۇرىچە 164.0 سانتېمىتىر: ئىچكى دىئامېتىرى 48.5-56.6 سانتېمىتىر، ئوتتۇرىچە 51.0 سانتېمىتىر؛ چوڭقۇرلۇقى 12.7- 18.6 سانتېمىتىر، ئوتتۇرىچە 15.0 سانتېمىتىر؛ ئېگىزلىكى 24.5-31.0 سانتېمىتىر، ئوتتۇرىچە 27.0 سانتېمىتىر. ئاساسىي ئۇۋا ۋە قوشۇمچە ئۇۋا دەپ ئايرىلىدۇ، ئاساسىي ئۇۋىسىنى چىشى قۇش تۇخۇم بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئەركەك قۇش قوشۇمچە ئۇۋاىسىدا تۇرىدۇ، ئادەتتە ئاساسىي ئۇۋا بىلەن بولغان ئارىلىقى 04 ~ 06 مېتىر يىراقلىقتا.
سۆگەل بۇرۇن ئاققۇ ساھەلىرى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ، ھەر بىر جۈپ ئاققۇ ئادەتتە كەڭ كەتكەن ۋە كەڭرى كەتكەن كۆللەرنى ئىگىلەيدۇ. ھەربىر جۈپ ئىگىلىگەن ساھەلەردە يۈزىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ، مۇھىت-شارائىت ئاستىدا ئۇۋا ياسايدۇ. ئۇۋا ياسايدىغان ماس كېلىدىغان كەڭ كۆل رايونىنىڭ كۆلىمى بىرقەدەر چوڭ؛ ئۇۋا قوبۇل شارائىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىغان دەريا قىرغىقىدىكى رايون ۋە تۈر توپىنىڭ زىچلىقى يۇقىرى بولغان رايونلارنىڭ كۆلىمى كىچىك بولىدۇ.
سۆگەل بۇرۇن ئاققۇئۇۋىسىنى ياساپ بولغاندىن كىيىن تۇخۇم تۇغۇشقا باشلايدۇ، ھەربىر ئۇۋىغا 4-9 دانە، ئادەتتە 5-6 دانە، كۈن ئارىلاپ بىر تال تۇخۇم تۇغىدۇ. تۇخۇم بېسىشنى ئاساسلىقى چىشى قۇش ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئەركەك قۇش ئۇۋا ئەتراپىدا كۆزەتچىلىك قىلىدۇ. تۇخۇم بېسىش مەزگىلى 35-36 كۈن؛ چۆجىسى بالدۇر يېتىلىدۇ، تۇخۇمدىن چىققاندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي سۇغا چۈشۈپ سۇ ئۈزىدۇ، لېكىن ئۆسۈشى ئىنتايىن ئاستا بولۇپ، ئادەتتە 120-150 كۈندە كۈچلۈك ئۇچۇش ئىقتىدارى يىتىلىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.