گۈللۈك يېزىسى

گۈللۈك يېزىسى

گۈللۈك يېزىسى پەيزىۋات ناھىيە بازىرىدىن 60 كىلومېتىر يىراقلىقتا، قەلۋەچۈكنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىغا جايلاشقان، شىمالىي تەرىپى 314-دۆلەت يولى، غەرب تەرپى ئاتۇشنىڭ كاتتايلاق يېزىسىغا تۇتىشىدۇ، پۈتۈن مەملىكەت زېمىنىنىڭ شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 60 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا بولغان كەڭلىكى 58 كىلومېتىر، يەر شەكلى غەربىي شىمالى ئېگىز، شەرقىي جەنۇبى پەس بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1200 مېتىر ئەتراپىدا. 

ئۇيغۇرچە نامى گۈللۈك يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 152 مىڭ مو
كىلىماتى قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 古勒鲁克乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قەشقەر ۋىلايىتى پەيزىۋات ناھىيەسى
نوپۇسى 20875 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

رايونغا قاراشلىق 28 مەمۇرىي كەنت، 99 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار، ئائىلىلەر ئومۇمىي سانى 4347 ئائىلە بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 20875 ئادەم، ئەمگەك كۈچى 8850 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئەر ئەمگەك كۈچى 4530 ئادەم، ئايال ئەمگەك كۈچى 4320 ئادەم.

گۈللۈك يېزىسىگۈللۈك يېزىسى ۋاكالەت نومۇرى : 653129209. قاراشلىق 28 كەنت ئاھالە كومىتېتى : گۈللۈك كەنتى، خانىقا، لەڭگەر كەنتى، يالغۇز تال كەنتى، يېڭىباغ كەنتى، بەشتام كەنتى، يۇقىرى بەشتام كەنتى، ئاياغ بەشتام كەنتى، قاراڭغۇلۇق كەنتى، ئاشىق گۈللۈك كەنتى، ئاقتىكەن كەنتى، باشكۆل كەنتى، ئالىكۇل كەنتى، قارىماقۇم كەنتى، قورۇق كەنتى، ئاچال كەنتى، تەڭلىچى كەنتى، ئاقتوقاي كەنتى، سۇ باستى كەنتى، تاتىرتاش كەنتى، يېڭى مەھەللە كەنتى، ئوتتۇرا بەشتام كەنتى، ئاياغ كۆكتال كەنتى، باش ئاچال كەنتى، كەرىمباي قۇچچى كەنتى، كۆكتوقاي ناھىيەسى، قىزىلقۇم كەنتى، ئوتتۇرا گۈللۈك كەنتى، كۆكتال كەنتى قاتارلىقلار. 

گۈللۈك يېزىسى تۈزلەڭلىك مۆتىدىل بەلباغ كىلىماتىغا تەۋە، كىلىماتى تىپىك قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق كىلىمات، تۆت پەسىل ئېنىق، ھۆل-يېغىن مىقدارى ئاز، يورۇقلۇق بايلىقى ئىنتايىن مول، ھاۋاسى قۇرغاق. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 60 مىللىمېتىر، ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃20. ئەڭ يۇقىرى تېمپېرارتۇرىسى ℃43 بولۇپ، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن ℃12، قىروسىز مەزگىلى 227 كۈن. شامال رايونى كۆپ، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە غەربىي شىمال شامىلى ۋە شىمال شامىلى بار، يېزا ئىگىلىكىدە سۇ ئىشلىتىش پەقەت ماس كەلمەيدۇ، بۇ يېزىنىڭ تەبىئىي شارائىتى ناچار، تۇپراقنىڭ شورلىشىپ كېتىشى ئېغىر بولۇپ، تەبىئىي ئاپەت كۆپ، ئاساسلىقى قۇرغاقچىلىق، كەلكۈن، مۆلدۈر، تۇلا، قۇم-بوران، كېسەللىك ۋە ھاشارەت ئاپىتى، سوغۇق ئېقىم قاتارلىقلار بار. دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن ئاساسلىقى، بۇغداي، كېۋەز، قوناق، پەيزاۋات قوغۇنى قاتارلىقلار بار.

پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 1 مىليون 520 مىڭ مو، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 48000 مو، 1410 مو مېۋىلىك باغ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 2 مو، ئاساسلىقى يېزا ئىگىلىك، چارۋىچىلىق ئاساس قىلىنىدۇ، 2006-يىلى يېزا بويىچە ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 6264.4 مىڭ يۈەن بولۇپ، %32.5 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە 1-كەسىپ 5934.4 مىڭ يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %33.7 ئاشقان؛ 2-كەسىپ 750 مىڭ يۈەن، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.4 ئاشقان؛ 3-كەسىپ 2 مىليون 550 مىڭ يۈەن، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.5 ئاشقان. دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 1863 يۈەن، 383 يۈەن ئاشقان. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#