جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى

پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى» 2002–يىلى 6–ئاينىڭ 29–كۈنى 9–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28–يىغىنىدا ماقۇللانغان.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى
ئېلان قىلغان ئورگان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2002–يىلى 6–ئاينىڭ 29–كۈنى
قوللىنىلغان ۋاقتى 2003–يىلى 1–ئاينىڭ 1–كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国清洁生产促进法
پىنيىنچە يېزىلىشى zhōng huá rén mín gòng hé guó qīng jié shēng chǎn cù jìn fǎ
تۈزۈتىلگەن ۋاقتى 2012–يىلى 2–ئاينىڭ 29–كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ قانۇن پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، بايلىقتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، بۇلغىمىنى ئازايتىش ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىش، مۇھىتنى ئاسراش ۋە ياخشىلاش، جىسمانىي ساغلاملىقنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى تېزلىتىش مەقسىتىدە چىقىرىلغان.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى (72-نۇمۇرلۇق)

«

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى

»

 2002–يىلى 6–ئاينىڭ 29–كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 9–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28–يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2003–يىل 1–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى جىياڭ زېمىن

2002–يىلى 6–ئاينىڭ 29–كۈنى

2002–يىلى 6–ئاينىڭ29–كۈنى9–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28–يىغىنىدا ماقۇللانغان.

2012–يىلى 2–ئاينىڭ 29–كۈنى 11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 25–يىغىنىنىڭ«(جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى)غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلگەن.

1–باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1–ماددا بۇ قانۇن پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، بايلىقتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، بۇلغىمىنى ئازايتىش ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىش، مۇھىتنى ئاسراش ۋە ياخشىلاش، جىسمانىي ساغلاملىقنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى تېزلىتىش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2–ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان پاكىز ئىشلەپچىقىرىش لايىھەنى ياخشىلاش، پاكىز ئېنېرگىيە ۋە خام ئەشيا ئىشلىتىش، ئىلغار ھۈنەر–تېخنىكا ۋە ئۈسكۈنە ئىشلىتىش، باشقۇرۇشنى ياخشىلاش، ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىش تەدبىرىنى ئۈزلۈكسىز قوللىنىپ، بۇلغىنىشنى مەنبەدىن ئازايتىپ، بايلىقتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، مۇلازىمەتتە ۋە مەھسۇلات ئىشلىتىشتە بۇلغىما پەيدا قىلىش ۋە چىقىرىشنى ئازايتىش ياكى ئۇنىڭدىن ساقلىنىش ئارقىلىق ئىنسانلار ساغلاملىقىغا ۋە مۇھىتقا بولغان زىيىنىنى ئازايتىش ياكى تۈگىتىشنى كۆرسىتىدۇ.

 3–ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە ئىشلەپچىقىرىش، مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇنلار ۋە ئالاقىدار باشقۇرۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تارماقلار پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە تەشكىللەيدۇ، يولغا قويىدۇ.

4–ماددا دۆلەت پاكىز ئىشلەپچىقىرىشقا ئىلھام بېرىدۇ ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. گوۋۇيۈەن ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى، يىللىق پىلانى شۇنىڭدەك مۇھىت ئاسراش، بايلىقتىن پايدىلىنىش، كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، رايونلارنى ئېچىش يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

5–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى ھەر تەرەپلىمە ماسلاشتۇرۇش تارمىقى مەملىكەت بويىچە پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش، سانائەت، پەن–تېخنىكا، مالىيە تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار خىزمەتلەرگە مەسئۇلىيىتى بويىچە مەسئۇل بولىدۇ.

 ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى ھەر تەرەپلىمە ماسلاشتۇرغۇچى تارماق شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر خىزمەتلەرگە مەسئۇلىيىتى بويىچە مەسئۇل بولىدۇ.

6–ماددا دۆلەت پاكىز ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاقىدار ئىلىم–پەننى تەتقىق قىلىش، تېخنىكا يارىتىش ۋە خەلقئارا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھام بېرىدۇ، پاكىز ئىشلەپچىقىرىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇشنى تەشكىللەيدۇ، پاكىز ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىدۇ.

دۆلەت ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە جامائەتنى پاكىز ئىشلەپچىقىرىش تەشۋىقاتى، تەربىيەسىگە ۋە ئۇنى ئومۇملاشتۇرۇش، يولغا قويۇش شۇنىڭدەك نازارەت قىلىشقا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

2–باب پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇملاشتۇرۇش

7–ماددا گوۋۇيۈەن پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى يولغا قويۇشقا پايدىلىق مالىيە، باج سىياسىتىنى چىقىرىشى كېرەك.

گوۋۇيۈەن ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى يولغا قويۇشقا پايدىلىق كەسىپ سىياسىتى، تېخنىكا يارىتىش ۋە كېڭەيتىش سىياسىتىنى چىقىرىشى كېرەك.

8–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى ھەر تەرەپلىمە ماسلاشتۇرۇش تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش، سانائەت، پەن–تېخنىكا تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى شۇنىڭدەك دۆلەتنىڭ بايلىقنى تېجەش، ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى تۆۋەنلىتىش، ئاساسلىق بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش تەلىپى بويىچە، دۆلەتنىڭ پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇملاشتۇرۇش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك.

دۆلەتنىڭ پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى يولغا قويۇش يىرىك پىلانى پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى يولغا قويۇش نىشانى، ئاساسلىق ۋەزىپىلەر ۋە كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى، پاكىز ئىشلەپچىقىرىش يولغا قويۇلىدىغان مۇھىم ساھە، مۇھىم كەسىپ ۋە مۇھىم قۇرۇلۇشلارنى بايلىق، ئېنېرگىيە سەرپىياتى، بۇلغىما چىقىرىش سەۋىيەسىگە قاراپ بېكىتىش كېرەك.

گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار ساھە مەسئۇل تارمىقى دۆلەتنىڭ پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى يولغا قويۇش يىرىك پىلانى بويىچە، شۇ ساھەنىڭ پاكىز ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم تۈرلىرىنى بېكىتىشى، ساھەنىڭ پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇملاشتۇرۇش مەخسۇس يىرىك پىلانىنى تۈزۈشى ھەمدە تەشكىللەپ يولغا قويۇشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇملاشتۇرۇش يىرىك پىلانى، ئالاقىدار ساھەنىڭ پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇملاشتۇرۇش مەخسۇس يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، شۇ رايوندا بايلىق تېجەش، ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى تۆۋەنلىتىش، ئاساسلىق بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش تەلىپى بويىچە، شۇ رايوننىڭ پاكىز ئىشلەپچىقىرىشتىكى مۇھىم تۈرلىرىنى بېكىتىشى، پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇملاشتۇرۇشقا دائىر يولغا قويۇش يىرىك پىلانىنى تۈزۈشى ھەمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

9–ماددا مەركەز خامچوتى پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى سېلىنمىسى، جۈملىدىن مەركەز مالىيەسىنىڭ پاكىز ئىشلەپچىقىرىش مەخسۇس مەبلىغى ۋە مەركەز خامچوتىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان باشقا پاكىز ئىشلەپچىقىرىش مەبلىغىنى كۆپەيتىپ، دۆلەتنىڭ پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇملاشتۇرۇش يىرىك پىلانىدا بېكىتىلگەن مۇھىم ساھە، مۇھىم كەسىپ، مۇھىم قۇرۇلۇشلاردا پاكىز ئىشلەپچىقىرىش ، تېخنىكا كېڭەيتىش خىزمىتى شۇنىڭدەك ئېكولوگىيەسى ئاجىز رايونلارنىڭ پاكىز ئىشلەپچىقىرىش تۈرلىرىنى قوللاشقا ئىشلىتىشى كېرەك. مەركەز خامچوتىدىن پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى قوللاشقا ئىشلىتىدىغان مەبلەغنى ئىشلىتىش كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى، پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى ھەر تەرەپلىمە ماسلاشتۇرۇش تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارمىقى بىلەن بىرلىكتە چىقىرىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى يەرلىك مالىيەدىن پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان مەبلەغنى بىر تۇتاش غەملەپ، جەمئىيەتتىكى مەبلەغنى يېتەكلەپ، پاكىز ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم تۈرلىرىنى قوللىشى كېرەك.

10–ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى پاكىز ئىشلەپچىقىرىش ئۇچۇر سىستېمىسى ۋە تېخنىكا مەسلىھەتچىلىك سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشقا تەشكىللەپ ۋە مەدەت بېرىپ، جەمئىيەتكە پاكىز ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى ۋە تېخنىكىسى، تەكرار پايدىلانغىلى بولىدىغان تاشلاندۇق تەلەپ – تەمىناتى ۋە پاكىز ئىشلەپچىقىرىش سىياسىتى قاتارلىق جەھەتتە ئۇچۇر يەتكۈزۈشى ۋە مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

11–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى ھەر تەرەپلىمە ماسلاشتۇرۇش تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش، سانائەت، پەن–تېخنىكا، قۇرۇلۇش، يېزا ئىگىلىكى تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە پاكىز ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى، ھۈنىرى، ئۈسكۈنىسىنىڭ ۋە مەھسۇلاتىنىڭ يېتەكچى مۇندەرىجىسىنى قەرەللىك ئېلان قىلىشى كېرەك.

گوۋۇيۈەننىڭ پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى ھەر تەرەپلىمە ماسلاشتۇرۇش تارمىقى، مۇھىت ئاسراش تارمىقى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى ھەر تەرەپلىمە ماسلاشتۇرۇش تارمىقى، مۇھىت ئاسراش تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە مۇھىم ساھە ياكى رايوننىڭ پاكىز ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتمىسىنى تۈزۈپ، پاكىز ئىشلەپچىقىرىشقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

12–ماددا دۆلەت بايلىقنى ئىسراپ قىلىدىغان ۋە مۇھىتنى ئېغىر بۇلغايدىغان قالاق ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى، ھۈنىرى، ئۈسكۈنىسى ۋە مەھسۇلاتنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە شاللىۋېتىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە شاللىۋېتىلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى، ھۈنىرى، ئۈسكۈنىسىنىڭ ۋە مەھسۇلاتىنىڭ تىزىملىكىنى مەسئۇلىيىتى بويىچە تۈزىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ.

13–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارمىقى مۇھىت ۋە بايلىق ئاسراش جەھەتتىكى ئېنېرگىيە، سۇ تېجەيدىغان، تاشلاندۇقتىن قايتا پايدىلىنىدىغان مەھسۇلات بەلگىسى ئورنىتىشنى ئېھتىياجغا قاراپ تەستىقلىسا ھەمدە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مۇناسىپ ئۆلچەم بېكىتسە بولىدۇ.

14–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەن – تېخنىكا تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى پاكىز ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى ۋە مۇھىت، بايلىق ئاسراشقا پايدىلىق مەھسۇلاتنى تەتقىق قىلىش، يارىتىشقا شۇنىڭدەك پاكىز ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى ئۈلگە قىلىش ۋە كېڭەيتىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشى، مەدەت بېرىشى كېرەك.

15–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ تارمىقى پاكىز ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى دەرسى ۋە پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش دەرسىنى ئالاقىدار ئالىي مائارىپ، كەسپىي مائارىپ ۋە تېخنىكا تەلىمى سىستېمىسىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى پاكىز ئىشلەپچىقىرىشقا ئائىت تەشۋىق، تەلىم–تەربىيەنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، دۆلەت خادىملىرى، كارخانا باشقۇرغۇچىلارنىڭ ۋە جامائەتنىڭ پاكىز ئىشلەپچىقىرىش ئېڭىنى ئۆستۈرىدۇ، پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرغۇچىلار ۋە تېخنىكا خادىملىرىنى يېتىشتۈرىدۇ.

ئاخبارات–نەشرىيات، رادىيو، كىنو–تېلېۋىزىيە، مەدەنىيەت ئورۇنلىرى ۋە ئالاقىدار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پاكىز ئىشلەپچىقىرىش تەشۋىقاتىنى ياخشى قىلىشى كېرەك.

16–ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېنېرگىيە ۋە سۇ تېجەيدىغان، تاشلاندۇقتىن قايتا پايدىلىنىدىغان مەھسۇلاتلاردىن مۇھىت ۋە بايلىق ئاسراشقا پايدىلىقلىرىنى ئالدىن سېتىۋېلىشى كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەشۋىقات، تەربىيە تەدبىرلىرى ئارقىلىق جامائەتنىڭ ئېنېرگىيە ۋە سۇ تېجەيدىغان، تاشلاندۇقتىن قايتا پايدىلىنىدىغان مەھسۇتلاردىن مۇھىت ۋە بايلىق ئاسراشقا پايدىلىقلىرىنى سېتىۋېلىشىغا ۋە ئىشلىتىشىگە ئىلھام بېرىشى كېرەك.

17–ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى ھەر تەرەپلىمە ماسلاشتۇرۇش مەسئۇل تارمىقى ۋە مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى ئېھتىياجىغا قاراپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچى، نۇقتىلىق بۇلغىما چىقىرىشنى تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچىگە يېتەلمىگەن كارخانىلارنىڭ تىزىملىكىنى شۇ جايدىكى ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىسىدە ئېلان قىلىپ، كارخانىنىڭ پاكىز ئىشلەپچىقىرىشىغا بولغان جامائەت نازارەتچىلىكىگە ئاساس يارىتىپ بېرىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن كارخانىلار گوۋۇيۈەننىڭ پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى ھەر تەرەپلىمە ماسلاشتۇرۇش تارمىقى ۋە مۇھىت ئاسراش تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، ئېنېرگىيە سەرپىياتى ياكى ئاساسلىق بۇلغىما پەيدا قىلىش، چىقىرىش ئەھۋالىنى ئېلان قىلىپ جامائەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

3–باب پاكىز ئىشلەپچىقىرىش

18–ماددا يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان، ئۆزگەرتىلىدىغان، كېڭەيتىلىدىغان تۈرلەرنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاپ، خام ئەشيا ئىشلىتىش، بايلىق سەرپ قىلىش، بايلىقتىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىش شۇنىڭدەك بۇلغىما پەيدا قىلىش ۋە بۇلغىما بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋاللىرىنى تەھلىل قىلىپ دەلىللەپ، بايلىقتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى يۇقىرى ۋە بۇلغىما مىقدارى ئاز پاكىز ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى، ھۈنىرى ۋە ئۈسكۈنىسىنى ئالدىن ئىشلىتىش كېرەك.

19–ماددا كارخانا تېخنىكا ئۆزگەرتىشتە تۆۋەندىكىدەك پاكىز ئىشلەپچىقىرىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك:

(1) زەھىرى كۈچلۈك، زىيىنى چوڭ خام ئەشيانىڭ ئورنىغا زەھەرسىز، زىيانسىز ياكى زەھىرى، زىيىنى ئاز خام ئەشيانى ئىشلىتىش؛

(2) بايلىقتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى تۆۋەن، بۇلغىمىسى كۆپ ھۈنەر ۋە ئۈسكۈنىنىڭ ئورنىغا بايلىقتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى يۇقىرى، بۇلغىمىسى ئاز ھۈنەر ۋە ئۈسكۈنىنى ئىشلىتىش؛

(3) ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا پەيدا بولغان تاشلاندۇق، كېرەكسىز سۇ ۋە ئېشىنچا ئىسسىقلىق قاتارلىقلاردىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىش ياكى ئايلانما ئىشلىتىش؛

(4) بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشتە دۆلەت ياكى جايلار بەلگىلىگەن بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمى ۋە بۇلغىما ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچىگە يەتكۈزەلەيدىغان تېخنىكىنى قوللىنىش.

20–ماددا مەھسۇلات ۋە ئورۇ لايىھەلەشتە، ئۇنىڭ ھاياتلىق دەۋرىيلىكىدىكى ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىغا ۋە مۇھىتقا بولغان تەسىرىنى ئويلىشىپ، زەھەرسىز، زىيانسىز، ئاسان پارچىلىنىدىغان ياكى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىشقا قولايلىق لايىھەنى ئاۋۋال تاللاش كېرەك.

كارخانىلار مەھسۇلاتنى مۇۋاپىق ئورىشى، ئورۇ ماتېرىيالىنىڭ سۈپىتى، قۇرۇلمىسى ۋە تەننەرخىنى ئورالغان مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتى، ئۆلچىمى ۋە تەننەرخىگە لايىقلاشتۇرۇپ، ئورۇ تاشلاندۇق پەيدا بولۇشنى ئازايتىشى، ئورۇ ماتېرىيالىنى زىيادە ئىشلەتمەسلىكى كېرەك.

21–ماددا چوڭ ماشىنا ئېلېكتىر ئۈسكۈنىسى، موتورلۇق تىرانسپورت قورالى شۇنىڭدەك گوۋۇيۈەننىڭ سانائەت تارمىقى بېكىتكەن باشقا مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلار گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش تارمىقى ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن ئاپپارات تۈزگەن تېخنىكا قائىدىسى بويىچە، مەھسۇلاتنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلمىسىغا ماتېرىيال تەركىبىنىڭ ئۆلچەملىك نومۇرىنى ئەسكەرتىپ قويۇشى كېرەك.

22–ماددا يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسى، سۇلياۋ يوپۇق ۋە يەم–خەشەك خۇرۇچى قاتارلىقلارنى ئىلمىي ئىشلىتىپ، تېرىقچىلىق ۋە باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ياخشىلاپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سۈپەتلىك، زىيانسىز قىلىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى تاشلاندۇقنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مۇھىتى بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

زەھەرلىك، زىيانلىق تاشلاندۇقنى ئوغۇت قىلىش ياكى ئېتىز بىنا قىلىشقا ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

23–ماددا يېمەك–ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى، مېھمانخانا قاتارلىق مۇلازىمەت كارخانىلىرى ئېنېرگىيە، سۇ تېجەيدىغان ۋە مۇھىت ئاسراشقا پايدىلىق باشقا تېخنىكا ۋە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىشى، بايلىقنى ئىسراپ قىلىدىغان، مۇھىتنى بۇلغايدىغان ئىستېمال بۇيۇملىرىنى ئاز ئىشلىتىشى ياكى ئىشلەتمەسلىكى كېرەك.

24–ماددا بىناكارلىق قۇرۇلۇشىدا ئېنېرگىيە، سۇ تېجەيدىغان، مۇھىتنى ۋە بايلىقنى ئاسراشقا پايدىلىق ئىمارەت لايىھەسى، بىناكارلىق قۇرۇلۇش ماتېرىيالى ۋە بېزەكچىلىك ماتېرىيالى، بىناكارلىق دېتال–سەپلىمىلىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىش كېرەك.

بىناكارلىق ۋە بېزەكچىلىك ماتېرىيالى دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى شەرت. دۆلەت ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتكەن زەھەرلىك، زىيانلىق بىناكارلىق ۋە بېزەكچىلىك ماتېرىياللىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ۋە ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

25–ماددا قېزىلما بايلىقنى چارلاش ۋە ئېچىشتا، بايلىقتىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشقا، مۇھىت ئاسراشقا ۋە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق چارلاش، ئېچىش ئۇسۇلى ۋە ھۈنەر تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، بايلىقتىن پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

26–ماددا كارخانىلار ئىقتىساد، تېخنىكا يار بەرگەن شارائىتتا، ئىشلەپچىقىرىش ۋە مۇلازىمەت جەريانىدا پەيدا بولغان تاشلاندۇق، ئېشىنچا ئىسسىقلىق قاتارلىقلارنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىشى ياكى شارائىتى بار باشقا كارخانا ۋە شەخسلەرنىڭ پايدىلىنىشىغا ئۆتۈنۈپ بېرىشى كېرەك.

27–ماددا كارخانىلار ئىشلەپچىقىرىش، مۇلازىمەتتىكى بايلىق سەرپ قىلىش ۋە تاشلاندۇق پەيدا قىلىش ئەھۋالىنى كۆزىتىشى ھەمدە ئىشلەپچىقىرىش، مۇلازىمەتتىكى پاكىز ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى ئېھتىياجغا قاراپ تەكشۈرۈشى كېرەك.

تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەن كارخانىلارنىڭ پاكىز ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى مەجبۇرىي تەكشۈرۈش كېرەك:

(1) بۇلغىمىنى دۆلەت ياكى جايلار بەلگىلىگەن چىقىرىش ئۆلچىمىدىن ئاشۇرۇۋەتكەن ياكى دۆلەت ياكى جايلار بەلگىلىگەن چىقىرىش ئۆلچىمىدىن ئاشۇرۇۋەتمىگەن بولسىمۇ، ئاساسلىق بۇلغىمىنى چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچىدىن ئاشۇرۇۋەتكەنلەر؛

(2) بىرلىك مەھسۇلات ئېنېرگىيە سەرپىيات نورمىسى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەنلەر؛

(3) ئىشلەپچىقىرىشتا زەھەرلىك، زىيانلىق خام ئەشيا ئىشلەتكەن ياكى زەھەرلىك، زىيانلىق ماددا قويۇپ بەرگەنلەر.

بۇلغىمىنى دۆلەت ياكى جايلار بەلگىلىگەن ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ چىقارغان كارخانىلار مۇھىت ئاسراشقا دائىر قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە تىزگىنلىشى كېرەك.

پاكىز ئىشلەپچىقىرىش مەجبۇرىي تەكشۈرۈلگەن كارخانىلارنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى ھەر تەرەپلىمە ماسلاشتۇرۇش تارمىقى ۋە مۇھىت ئاسراش تارمىقىغا دوكلات قىلىنىشى ھەمدە شۇ جايدىكى ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىسىدە ئېلان قىلىنىشى، جامائەتنىڭ نازارىتىدە بولۇشى كېرەك، لېكىن، سودا مەخپىيىتىگە چېتىلىدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى كارخانىنىڭ پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى مەجبۇرىي تەكشۈرتۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشى كېرەك، زۆرۈر تېپىلغاندا، كارخانىنىڭ پاكىز ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى باھالاپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنى تەشكىللىسە بولىدۇ، خىراجىتى تەڭ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈلىدۇ. باھالاپ ئۆتكۈزۈۋېلىش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان تارماق ياكى ئورۇننىڭ باھالاپ ئۆتكۈزۈۋېلىنغۇچى كارخانىدىن ھەق ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى تەكشۈرۈش كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى ھەر تەرەپلىمە ماسلاشتۇرۇش تارمىقى ۋە مۇھىت ئاسراش تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە چىقىرىدۇ.

28–ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 27–ماددىسىنىڭ 2–تارمىقىدا بەلگىلەنگەن كارخانىلاردىن باشقا كارخانىلار پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى ھەر تەرەپلىمە ماسلاشتۇرۇش تارمىقى ۋە مۇھىت ئاسراش تارمىقى بىلەن بايلىقنى تېخىمۇ تېجەش، چىقىرىدىغان بۇلغىما مىقدارىنى تېخىمۇ ئازايتىش كېلىشىمىنى ئىختىيارىي تۈزسە بولىدۇ. پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى ھەر تەرەپلىمە ماسلاشتۇرۇش تارمىقى ۋە مۇھىت ئاسراش تارمىقى شۇ كارخانىنىڭ نامى شۇنىڭدەك بايلىق تېجەش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش نەتىجىسىنى شۇ جايدىكى ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىشى كېرەك.

29–ماددا كارخانىلار ئىختىيارىيلىق پىرىنسىپىغا ئاساسەن، دۆلەتنىڭ مۇھىت باشقۇرۇش سىستېمىسى قاتارلىق سىستېمىلاردا ئىسپات بېرىشكە ئائىت بەلگىلىمىسى بويىچە، ئىسپات بېرىشنى گوۋۇيۈەننىڭ ئىسپات بېرىش، ئېتىراپ قىلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ئېتىراپ قىلغان ئىسپات بېرىش ئاپپاراتىغا ھاۋالە قىلىپ، پاكىز ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرسە بولىدۇ.

4–باب رىغبەتلەندۈرۈش تەدبىرى

30–ماددا دۆلەت پاكىز ئىشلەپچىقىرىشتا تەقدىرلەش، مۇكاپاتلاش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. پاكىز ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى خەلق ھۆكۈمىتى تەقدىرلەيدۇ ۋە مۇكاپاتلايدۇ.

31–ماددا پاكىز ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە تەتقىق قىلىش، ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە تەربىيەلەش بىلەن شۇغۇللانغانلارنى دۆلەتنىڭ پاكىز ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر مۇھىم تېخنىكا ئۆزگەرتىش تۈرى ۋە مۇشۇ قانۇننىڭ 28–ماددىسىدا بەلگىلەنگەن بايلىق تېجەش، بۇلغىما مىقدارىنى ئازايتىش ئىختىيارىي كېلىشىمىگە يېزىلغان تېخنىكا ئۆزگەرتىش تۈرىنى يولغا قويغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى مەبلەغ جەھەتتىن قوللايدۇ.

32–ماددا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تەسىس قىلىنغان ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار تەرەققىيات فوندىنىڭ مۇۋاپىق سوممىسىنى ئېھتىياجغا قاراپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ پاكىز ئىشلەپچىقىرىشىنى قوللاشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.

33–ماددا قانۇن بويىچە تاشلاندۇقتىن پايدىلانغان، تاشلاندۇقتىن خام ئەشيا يىغىۋېلىپ مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغانلار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە باج ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

34–ماددا كارخانىلارنىڭ پاكىز ئىشلەپچىقىرىشتىكى تەكشۈرۈش ۋە تەربىيەلەش خىراجىتى كارخانىنىڭ تىجارەت تەننەرخىگە كىرگۈزۈلسە بولىدۇ.

5–باب قانۇن جاۋابكارلىقى

35–ماددا پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى ھەر تەرەپلىمە ماسلاشتۇرۇش تارمىقى ياكى باشقا ئالاقىدار تارماقلاردىن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

36–ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 17–ماددىسىنىڭ 2–تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتى ياكى ئاساسلىق بۇلغىما پەيدا قىلىش، چىقىرىش ئەھۋالىنى ئېلان قىلىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى ھەر تەرەپلىمە ماسلاشتۇرۇش تارمىقى ۋە مۇھىت ئاسراش تارمىقى مەسئۇلىيىتى بويىچە ئېلان قىلىدۇ، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

37–ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 21–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مەھسۇلات ماتېرىيالىنىڭ تەركىبىنى ئەسكەرتمىگەن ياكى ئەينەن ئەسكەرتمىگەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىكى تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ تۈزەتمىگەنلىرىگە 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

38–ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 24–ماددىسىنىڭ 2–تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتكەن زىيانلىق، زەھەرلىك بىناكارلىق ۋە بېزەكچىلىك ماتېرىياللىرىنى ئىشلەپچىقارغان، ساتقانلارنىڭ مەمۇرىي، ھەق تەلەپ ۋە جىنايى ئىشلار جەھەتتىكى قانۇن جاۋابكارلىقى مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنىدىكى ۋە ھەق تەلەپكە، جىنايى ئىشلارغا ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

39–ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 27–ماددىسىنىڭ 2–ۋە 4–تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى مەجبۇرىي تەكشۈرتمىگەن ياكى پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى تەكشۈرتۈشتە ساختىپەزلىك قىلغان كارخانىلارنى ياكى پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى مەجبۇرىي تەكشۈرتكەن كارخانىلاردىن تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى دوكلات قىلمىغانلىرىنى ياكى ئەينەن دوكلات قىلمىغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى ھەر تەرەپلىمە ماسلاشتۇرۇش تارمىقى ۋە مۇھىت ئاسراش تارمىقى مەسئۇلىيىتى بويىچە بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ تۈزەتمىگەنلىرىگە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

باھالاپ ئۆتكۈزۈۋېلىش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان تارماق ياكى ئورۇن ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 27– ماددىسىنىڭ 5–تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، باھالاپ ئۆتكۈزۈۋېلىنغۇچى كارخانىدىن ھەق ئالغان، ئەينەن باھالاپ ئۆتكۈزۈۋالمىغان ياكى باھالاپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا ساختىپەزلىك قىلغان ۋە ياكى ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ نەپ ئالغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

6–باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

40–ماددا بۇ قانۇن 2003–يىلى 1–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/414735.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#