تاتلىق شاپتۇل مېغىزى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
چۈشەندۈرۈشى
تاتلىق شاپتۇل مېغىزىتاتلىق شاپتۇل مېغىزى بولسا ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك يەرلىك شاپتۇلنىڭ ئۇرۇقىدىن ئىبارەت بۇلۇپ،مېغىزىنىڭ سىرتقى پوستى سېرىق قوڭۇر رەڭلىك، مايلىشاڭغۇ، تەمى تاتلىق بولىدۇ. ئۆسۈملۈكنى ياز ۋە كۈز پەسلىدە يىغىۋېلىندۇ،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن چىقىدۇ.
خۇسۇسيىتى
ئۆپكە – كاناي ۋە مېڭىنى قۇۋۋەتلەش؛ باھ ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، سۈت ۋە مەنىي كۆپەيتىش، نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇش، بەدەننى سەمرىتىش، ئۇيقۇنى ياخشىلاش.
خاس تەسىرى
ئۆپكە -كاناينى قۇۋۋەتلىگۈچى دورا
ئەكىس تەسىرى
ئاشقازانغا زىيان قىلىدۇ. تەستە سىڭىدۇ.
ئۈنۈملۈك تەركىبى
يەرلىك شاپتۇلدا ئامىگدالىن ئاساسەن يوق، بولغاندىمۇ مىقدارى ناھايىتى ئاز، تەخمىنەن %0.1 كە يېتىدۇ. ئېمولسىن ((Emulsin نىڭ مىقدارى كۆپ بولۇپ، بۇ ئاساسلىقى ئېمولسىن بىرىكمىلىرىدىن ئىبارەت.بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسلىقى ئاچچىق بادام فېرمېنتى ئامىگدالازا (Amygdalase) ۋە ئامىگىدالىناز (Amygdalinase)دىن ئىبارەت.تەركىبىدە تۇتقان ياغ %45 تىن %67 پىرسەنتنى ئىگىلەيدۇ.
تاتلىق شاپتۇل مېغىزى1.تاتلىق شاپتۇل مېغىزى، لاچىندانە، ئۆرۈك مېغىزى، چىلغۇزا مېغىزى ۋە يەرلىك بادام، پىستە مېغىزى ھەر بىرىدىن 10 گرامدىن، ناۋاتتىن 15 گرام ئلېىپ سوپۇپ تەييارلاپ ئىچسە، ئۇيقۇسىزلىق، مېڭە ۋە باھ ئاجىزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
2. شاپتۇل مېغىزى، كىرەش، قىزىل چۇغلۇق، زاراڭزا، ئاغچا قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قاينتىپ ئىچىپ بەرسە ھەيزنى رۋانلاشتۇرىدۇ.
3. تاتلىق شاپتۇل مېغىزى 30 گرام، يەرلىك بادام مېغىزى 30 گرام، چىلغۇزا مېغىزى 30 گرام، پىستە مېغىزى 30 گرام، زىغىردىن 30 گرامدىن ئېلىپ، لوئوق تەييارلاپ ئىچسە، بەلغەم بوشىتىپ، يۆتەل پەسەيتىدۇ، نەپەسنى راۋانلاشتۇرىدۇ.
4. شاپتۇل مېغىزى 30 گرام، بادام مېغىزى بىلەن بەدىياندىن 15 گرامدن ئېلىپ سوقۇپ، شېكەر بىلەن ئىچسە، مېڭىنى قۇۋۋەتلەپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ.
لوئوقى بادام، لوئوقى سەرپىستان
كېسەللىك مىسالى
مېڭە ئاجىزلىق، باھ ئاجىزلىقى، بۆرەك ئورۇقلاپ كېتىش، نەزلىلىك زۇكام، قۇرۇق يۆتەل، قەۋزىيەت، ئەستە تۇتۇشنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشى، ئۇنتۇغاقلىق، ئۇيقۇسىزلىق، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېباىتى خام دورىلار ئىلمى1 (شىنجاڭ تېببي ئۇنۋېرسېتىتى تولۇق كۇرۇس نۇسخسى). [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.