چارەك بازىرى

چارەك بازىرى

چارەك بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسىگە جايلاشقان. تەبىئىي ئاپەت كۆپ، بوران ئاپىتى ۋە قۇرغاقچىلىق كۆپ يۈز بېرىدۇ. مەملىكەت بويىچە نامراتلارنى يۆلەش بويىچە نۇقتىلىق بازار. 

ئۇيغۇرچە نامى چارەك بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
تېلېفون رايون نومۇرى 0998
ئەسلى نامى چارەك يېزىسى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 恰热克镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسى
ماشىنا كودى يېڭى Q

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چارەك بازىرىچارەك بازىرى يەكەن ناھىيەسىگە جايلاشقان بۇلۇپ، تەبىئىي ئاپەت كۆپ، بوران ئاپىتى ۋە قۇرغاقچىلىق كۆپ يۈز بېرىدۇ. مەملىكەت بويىچە نامراتلارنى يۆلەش بويىچە نۇقتىلىق بازار. 

بازار رايونى كۆلىمى 2 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، 28514 ئادەم بار. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 27927 ئادەم، خەنزۇ مىللىتى، خۇيزۇ مىللىتى ۋە قازاق مىللىتى 587 ئادەم. بازار بويىچە ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ 167.9 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، تېرىشقا بولىدىغان يەر كۆلىمى 60 مىڭ مو، ئەمەلىي تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 54 مىڭ مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان 1.9 مو.

چارەك بازىرىچارەك بازىرى يەكەن، قەشقەرگە بارىدىغان مۇھىم يول ئېغىزى، ئەزەلدىن يولدا قاتنايدىغان سودىگەرلەر كۆپ بۇلۇپ، مۇھىم قاتناش تۈگۈنىگە ئايلانغان. ئاھالىلەر زىچ ئولتۇراقلاشقان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بۇ يەردە خوبھائېر ئاۋات راۋاج جەمەتى ياشىغان. مىنگو دەۋرىدە يېزا تەسىس قىلىنغان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، 1950-يىلى چارەك رايونى (6-رايون) قۇرۇلغان. 1954-يىلى رايون تەۋەلىكىدىكى زەرەپشات يېزىسى ئاجرىتىلىپ تاجىك مىللىي يېزىلىق ھۆكۈمەت بولغان. 1957-يىلى يەنىلا چارەك رايونى باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولغان. 1958-يىلى چارەك خەلق گۇڭشېسى قۇرۇلۇپ (6-گۇڭشې) دەپ ئاتالغان. 1984-يىلى 11-ئايدا زەرەپشاتنىڭ يەنىلا ئىزى قۇرۇپ تاجىك مىللىي يېزىسى شۇ يىلى چارەك گۇڭشې يېزىغا ئۆزگەرتىلگەن.

1986-چارەك بازىرغا ئۆزگەرتىلگەن.  

چارەك بازارلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاي چارەكبازار كەنتى، بازار رايونى ئۈچۈن كرېست شەكلىنى ھاسىل قىلىدۇ، ئاسفالت يول يۈزى، بازارلىق ئورگان ۋە كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار كرېست شەكىللىك يول بويىغا تارقالغان. 27 مەمۇرىي كەنت، 126 كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى بار.

چارەك بازىرىچارەك بازىرى يەكەن دەريا يەلپۈگۈچسىمان چۆكۈندىنىڭ ئۈستى ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى  1250____ 1800 مېتىر، شەرقىي ئۇزۇنلۇق ′36°76 ___ ′′45′3°77، شىمالىي پاراللىل ′′30′02°38 — ′′03′38°38. يەكەن بازىرىنىڭ 22 كىلومېتىر غەربى جەنۇبىدىكى يەكەن ناھىيەسى، جەنۇبتىن شىمالغا قىيسايغان، شەرقتە ئودانلىق يېزىسى، شىمالىي تەرىپى بۇغۇل قۇملۇقى، غەربىي شىمالى بىلەنقازىل چۆللۈكى، يېڭىسار ناھىيەسى، ئاقتۇ ناھىيەسى بىلەن چېگرىداش، جەنۇبىي بىلەن ياقا ئېرىق يېزىسى، زەرەپشات تاجىك يېزىسى بىر‐بىرى بىلەن باغلانغان، شەرقىي شىمال ۋە ئىشقۇل يېزىسى بىلەن قوشنا، تەبىئىي شارائىتى بىرقەدەر ناچار، تۇپراق سۈپىتى يېنىك، قۇم خاراكتېرى ئېغىر، يېرى ناھايىتى ئۈنۈمسىز، ئۈنۈملۈك تۇپراق بىر مېتىرغىمۇ يەتمەيدىغان بۇلۇپ، سۈيى-ئوغۇتى قېچىپ كېتىش، قۇرغاق، سۇ كەمچىل، تەبىئىي ئاپەت كۆپ يۈز بېرىدۇ.

چارەك بازىرى ئۇمۇمىي نوپۇسى 28 مىڭ 100 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 27472 ئادەم، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %98 نى؛ خەنزۇ مىللىتى 191 ئادەم، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %0.67 نى؛ قىرغىز مىللىتى 423 ئادەم، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %1.51 نى؛ خۇيزۇ مىللىتى 9 ئادەم، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %0.03 نى ئىگىلەيدۇ.

چارەك بازىرىچارەك بازىرى كىلىماتى تىپىك يېزا ئىگىلىك بازىرى، ئىقتىسادىي كىرىم ئاساسلىقى تېرىقچىلىق، چارۋىچىلىق، باغۋەنچىلىك ۋە ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىدىن كېلەدۇ. پاختا بولسا بۇ بازاردىكى يېتەكچى كەسىپ. 2006-يىلى ئاشلىق مەھسۇلاتى 16729.7 توننا، پاختا ئومۇمىي مەھسۇلاتى 49 مىڭ توننا پاختا؛ ئېچىتىلغان يەم-خەشەك 532 مىليون 800 مىڭ توننا، مىكرو سىلوس يەم-خەشەك مىڭ 580 توننا بولۇپ، يىلىغا گۆش مىقدارى 1932.5 توننا؛ 

قاراشلىق ئورمانچىلىق كۆلىمى 35213 مو، ئىقتىسادىي ئورمان كۆلىمى 22009 مو، بۇنىڭ ئىچىدە ئەلا سۈپەتلىك شاپتۇل كۆلىمى 5412.2 مو، بادام 3602.2 مو، 218 مىڭ مو ئانار، ياڭاق 1953.2 مو، ئۆرۈك 10713 مو، ئالما ۋە نەشپۈت 111 مىڭ مو؛ پارنىك، لاپاس 630 ى بار بۇلۇپ، ھەرخىل زىيانسىز كۆكتاتلارنى، ئۆزگىچە ئىقتىسادىي زىرائەت ئاساسلىق ئۇرۇقسىز تاۋۇز، ئارپىبەدىيان، ئېڭىز تاتلىق ئاق قوناق، ئېڭىز سېرىق تۇرۇپ قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ؛ پۈتۈن يىل تەشكىلىي دېھقانلارنىڭ ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىش 1100 ئادەم  قېتىم)، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمىنى ئاشۇرۇشى 50 يۈەن؛ پۈتۈن بازاردىكى ئومۇمىي كىرىمى 85 مىليون 320 مىڭ يۈەن، ساپ كىرىمى 42 مىليون 350 مىڭ يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 1984 يۈەن.

دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن بۇغداي، قوناق، كېۋەز قاتارلىقلار. كارخانىلاردىن ماي زاۋۇتى، ئۇن زاۋۇتى، پاختا زاۋۇتى، ئۇنىۋېرسال پىششىقلاش زاۋۇتى، سۇ، توك، كۆمۈر كانى، شور تۇز ئالاھىدە مەھسۇلاتى، تاش مۇم، قۇم قاتارلىقلار بار. يېقىن ئەتراپتا قومۇش، شىۋاق كۆپ. ئۇزۇن قەشقەر تاشيولى بۇ بازار ئىچىدە.

چارەك بازىرىسۇ بىلەن تەمىنلەش جەھەتتە: تولۇق ئاپتوماتىك ماشىنا قۇدۇقتىن جەمئىي 26 كۆز، تۆت سۇ مۇنارى، سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ 41.2 كىلومېتىر، 11944 ئادەم، 19110 تۇياق چارۋا ئىچىدىغان سۇ مەسىلىسى ھەل بولغان.

ئېلېكتر كۈچى جەھەتتە: پۈتۈن بازاردىكى چوڭ ئېلېكتىر تورى ئاساس قىلىنغان كۆپ قاتلاملىق، كۆپ خىل شەكىلدىكى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش تورى 35 كىلوۋولتلىق تراسپورماتور پونكىتىغا ئىگە، پۈتۈن بازار يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ، توك ئىشلىتىش ئېھتىياجى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.

ئالاقە جەھەتتە: چارەك بازىرى پوچتىخانىسى، تېلېگراف ئورنى بار، 2006-يىلى بازار بويىچە جەمئىي مۇقىم تېلېفون 1353، تېلېفون لىنىيەسى ئۇزۇنلۇقى 80 كىلومېتىر. كۆچمە تېلېفون ۋە ئىنتېرنېت تورى قاتارلىق زامانىۋى ئالاقە سىستېمىسى  قۇرۇلغان.

مائارىپ سەھىيە جەھەتتە: چارەك بازىرىدا بىر ئوتتۇرا مەكتەپ، 8 باشلانغۇچ مەكتەپ، بىر 9 يىللىق تۈزۈمدىكى مەكتەپ، مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %98، ئورتاق ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر 428 نەپەر؛ بىر مەدەنىيەت مەركىزى، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 280 كۋادىرات مېتىر، كۆك ۋالىبول مەيدانى بىر، بىليارت كۇلۇبى 12 سى بار. 

قاتنىشى قولاي، قەشقەرگە 183 كىلومېتىر، يەكەنگە 24 كىلومېتىر، 315-دۆلەت يولى، قەشقەر ۋە خوتەن تاشيولى بازارنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ، چارەك بازىردا ئاپتوبۇس بىلەن پىكاپ، ئۇلاغ ھارۋىسى 2909.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#