بارسېلونا پۇتبول كوماندىسى

بارسېلونا كۇلۇبى

بارسېلونا پۇتبول كوماندىسى قىسقارتىلىپ باسا دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئىسپانىيەنىڭ بارسېلونا شەھىرىدىكى پۇتبول كوماندىسى بولۇپ، ئىسپەنىيە بىرلەشمىسىدىكى ئەنئەنىۋى كۈچلۈك، زەردار كۇلۇب ھېسابلىنىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى بارسېلونا پۇتبول كوماندىسى
خەنزۇچە نامى 巴塞罗那足球队
باشقا نامى باسا
تەنھەرىكەت تۈرى پۇتبول
رايونى ئىسپانىيە بارسېلونا
باش ترېنېرى ئېنرىك
داڭلىق ئەزاسى مېسسى، نېيمار ،سۇئارېز،شاۋى، پۇيول، ئىنىستا
شان-شەرەپلىرى ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى چېمپىيونى، ئىسپانىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونى
كوماندا باشلىقى ئاندىرىس ئىنىستا
قۇرۇلغان ۋاقتى 1899-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بارسېلونا پۇتبول كوماندىسىبارسېلونا پۇتبول كوماندىسى قىسقارتىلىپ باسا دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئىسپانىيەنىڭ بارسېلونا شەھىرىدىكى پۇتبول كوماندىسى بولۇپ، ئىسپەنىيە بىرلەشمىسىدىكى ئەنئەنىۋى كۈچلۈك، زەردار كۇلۇب ھېسابلىنىدۇ، 1899-يىلى شىۋىتسارىيەلىك خۇەن گەمبېر تەرىپىدىن قۇرۇلغان. ساھىبخان مەيدانى نو كەمپۇ مەيدانىغا 99354 ئادەم سىغىدىغان بولۇپ، ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ، دۇنيادىكى 2-چوڭ توپ مەيدانى ھېسابلىنىدۇ.

بارسېلونا كۇلۇبى117 يىل ئىلگىرىكى بۈگۈنكى كۈندە شىۋېتسارىيىلىك گامپېر بارسېلونا كۇلۇبىنى قۇرۇپ چىققان. (1899-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 2016-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە). ئۇزۇن يىللار بارسېلونانىڭ  شان-شەرەپلىك تارىخىغا گۇۋاھ بولغان.

1899-يىلى گامپېر چەتئەللىكلەرنىڭ ياردىمىدە بارسېلونادا تەنھەرىكەت كۇلۇبى قۇرۇپ چىقىشنى پىلانلىغان. 11-ئاينىڭ 29-كۈنى گامپېر ۋە باشقا 11 ئادەم بىرلىكتە بارسېلونا كۇلۇبىنى قۇرۇپ چىققان ھەمدە كۇلۇبقا شۇ شەھەرنىڭ نامىنى بەرگەن، شۇنداقلا بۇ شەھەرنىڭ بەلگىسنى كۇلۇب گېربى قىلغان. بۇ كۇلۇب كاتالونلارنىڭ خاراكتېرى، دېموكراتىيەسى، كۆپ مەنبەلىك رىقابىتىنىڭ نامايەندىسى بولۇپ قالغان. شۇ ۋاقىتتىن ھازىرغىچە گامپېرنىڭ قىممەت قارىشى بارسېلونادا بۇرۇنقىدەكلا تىرەك بولۇپ تۇرماقتا.

1944-يىلى، يوسېف سامىتېر بارسېلونا كوماندىسىغا مەشقاۋۇل بولدى. يوسېف سامىتېرنىڭ بارسېلوناغا توپچى ۋاقتىدىلا تۆھپە قوشۇپ قالماي، مەشقاۋۇل بولغان ۋاقتىدا 1944-1945-پەسىللىك ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشكەن، بۇ بارسېلونانىڭ 1929-يىلىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم بىرلەشمە چېمپىيونلىقىغا ئېرىشىشى ھېسابلىنىدۇ.

1951-1952-مۇسابىقە پەسلى، بارسېلونا ئوخشاش بولمىغان بەش تۈرلۈك مۇسابىقىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن، يەنى بىرلەشمە چېمپىيونلىقى، ئىسپانىيە لوڭقىسى چېمپىيونلىقى، لاتىن لوڭقىسى چېمپىيونلىقى، Eva Duarte لوڭقىسى چېمپىيونلىقى ۋە Martini Rossi لوڭقىسى چېمپىيونلىقى قاتارلىقلار.

1969-يىلى، مونتال سايلامدا غەلىبە قىلىپ كۇلۇب رەئىسى بولدى. ئۇ ھەممە خەلق قاتنىشىش پىلانىدا چىڭ تۇرۇپ، بارلىق كۇلۇب ئەزالىرىنىڭ سايلامدا ئۆزىگە بېلەت تاشلىشىغا ئېرىشتى. 1973-يىلى، مونتال يەنە بىر قېتىم كۇلۇب رەئىسى بولۇپ سايلاندى، ئەينى ۋاقىتتىكى سايلامدا مونتال: «بارسېلونا پەقەت بىر پۇتبول كۇلۇبىلا ئەمەس» دېگەن.

1990-يىلىدىن 1994-يىلىغىچە، بارسېلونا ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە ئۇدا تۆت يىل بىرلەشمە چېمپىيونلىقىغا ئېرىشتى. 1992-يىلى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشىپ، بارسېلونانىڭ ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشەلمەسلىكىگە خاتىمە بەردى، ئەينى ۋاقىتتىكى بارسېلونا كوماندىسىغا ھۇجۇم بىلەن كىرويىفنىڭ غەلىبە قىلىش سىڭىپ كەتكەن. ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار ياۋروپا پۇتبولىدىكى «چۈش كوماندىسى» دەپ ئاتالغان.

2009-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى، بارسېلونا بىر مەيدانمۇ مەغلۇپ بولماي ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشكەن، شۇ پەسىل يەنە ئىسپانىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونلىقى، شاھلىق لوڭقىسى چېمپىيونلىقى، ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چېمپىيونلىقى، ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چېمپىيونلىقى ۋە دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى چېمپىيونلىقىغا ئېرىشكەن.

2014-2015-مۇسابىقە بېشىدا، نېيماردىن كېيىن سۇئارېزمۇ بارسېلوناغا قوشۇلدى ھەمدە مېسسى بىلەن بىرلىكتە MSN ھۇجۇم گورۇپپىسىنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇلار شۇ پەسىل ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلىقىغا ئېرىشكەن، شۇنداقلا كۇلۇب تارىخىدا ئىككىنچى قېتىم ئۈچ شاھلىققا ئېرىشكەن.

بارسېلونا كۇلۇبى2016-يىلى 5--ئايغىچە بارسېلونا كوماندىسى 24 قېتىم ئىسپانىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونى، 28 قېتىم شاھلىق لوڭقىسى چېمپىيونى، 11 قېتىم ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چېمپىيونى، 5 قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى چېمپىيونى، 4 قېتىم ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چېمپىيونى ۋە 3 قېتىم دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى چېمپىيونى بولغان.

بۇ 117 يىل جەريانىدا بارسېلونادا كۇبالا، كىرويىف، مارادونا، رومارىئو، رىۋالدو، رونالدىنىھو ۋە مېېسىغا ئوخشاش داڭلىق چولپانلار توپ تەپتى، ئۇلار بارسېلونادا ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان توپچىلاردۇر. بۇ 117 يىل جەريانىدا بارسېلونا 24 قېتىم ئىسپانىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونلىقى، 28 قېتىم شاھلىق لوڭقىسى چېمپىيونلىقى، 12 قېتىم ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چېمپىيونلىقى ۋە بەش قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلىقىغا ئېرىشكەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    66.7%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    33.3%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#