ۋالېس چوڭ برىتانىيە ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان بىر قىسمى بولۇپ، شەرقىي تەرىپى ئەنگلىيە قىسمى بىلەن چېگرىلىنىدۇ، غەربى سانت گېئورگىيە بوغۇزى ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ. مەيدانى 20 مىڭ 700 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

نامى ۋالېس
ئىنگىلىسچە نامى Wales
كۆلىمى 20 مىڭ 779 كۋادرات كىلومېتىر
پايتەختى كاردىف
خەنزۇچە نامى 威尔士
قاراشلىق قىتئە ياۋرۇپا
نوپۇسى 3,089,311 ئادەم (2012-يىل)

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ۋالېس چوڭ برىتانىيە ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان بىر قىسمى بولۇپ، شەرقىي تەرىپى ئەنگلىيە قىسمى بىلەن چېگرىلىنىدۇ، غەربى سانت گېئورگىيە بوغۇزى ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ. مەيدانى 20 مىڭ 799 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 3,089,311 ئادەم (2012-يىل) ئاھالىنىڭ كۆپ قىسمى ۋالېسلىقلار ئىگىلەيدۇ، مەركىزى كاردىف شەھىرى. ۋالېسنىڭ كۆپ قىسمىنى تاغلىقلار ئىگىلەيدۇ، ھاۋاسى قىشتا يىللىق، يازدا سالقىن بولىدۇ. چارۋا مەيدانلىرى پۈتۈن يېرىنىڭ 4/3 قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. كۆمۈر، بېلىق بايلىقى ناھايىتى مول.

كۆمۈر، بېلىق بايلىقى ناھايىتى مول،ۋالېس ئىقتىسادتا چارۋىچىلىق بىلەن كۆمۈر ئېلىش، مېتاللۇرگىيە سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ. شىمالدا گۆشلۈك چارۋا، غەربىي جەنۇبىدا سۈتلۈك چارۋا بېقىلىدۇ، دېڭىزدىن كۆپ مىقداردا بېلىق تۇتۇلىدۇ. شەرقىي قىسمى كالا بېقىشتا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ. جەنۇبىي قىسمىدىكى جىلغا رايونلىرىدا سەي، مېۋە-چېۋە ئۆستۈرۈلىدۇ. جەنۇبىي قىسمى كۆمۈر، مېتاللۇرگىيە، ماشىنىسازلىق، نېفىت ئايرىش سانائەت رايونى ھېسابلىنىدۇ. ۋالېسنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى مىلفورد غەربىي ياۋروپا بويىچە ئەڭ چوڭ نېفىت پورتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، بۇ جايدىن سوزۇلغان نېفىت تۇرۇبىلىرى دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى ھەرقايسى نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرىغا تۇتاشتۇرۇلغان. ۋالېسنىڭ دېڭىز قىرغاق رايونلىرىدا سۇ ئۇنىسى، نيۇ پورت قاتارلىق شەھەرلەر بار.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#