زەيتۇن يېغى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
زەيتۇن مېۋىسىدىن ئېلىنغان يېغى.
پەي، مۇسكۇللارنى چىڭىتىش، بەدەننى قۇۋۋەتلەش، ئاغرىق پەسەيتىش، تاش پارچىلاش، ماددىلارنى تارقىتىش، ئاغرىق توختىتىش، ئوزۇق بولۇش، تېرىنىڭ قۇرغاق بولۇشىنى تۆۋەنلىتىش، يۇمشىتىش، ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنىڭ ئېچىشىشىنى ۋە قىچىشىشىنى توختىتىش، سىلىقلاشتۇرۇش، چاچنىڭ كېپىكىنى يوقىتىش، چاچنى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتى بار.
پالەچ، لەقۋا، ئەزالارنىڭ بوشىشىپ كېتىشى، بوغۇم ئاغرىقى، ئولتۇرغۇچ نېرۋا ئاغرىقى، بەدەن ئاجىزلىقى، تېرە قۇرغاقلىشىش، 12 بارماق ئۈچەي يارىسى، ئادەتلەنگەن قەۋزىيەت، باش ئاغرىقى، چاچ ئاقىرىش، چاچ چۈشۈش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
زەيتۇن مېيى1. مۇۋاپىق مىقداردىكى زەيتۇن يېغىدا يەرلىك ئورۇننى سىرتىدىن ياغلاپ، ئاپتاپقا قاقلانسا، پالەچ، لەقۋا، ئەزالارنىڭ بوشىشىپ كېتىشى، بوغۇملار ئاغرىقى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
2. تېرىلەرنى مايلاپ بەرسە، تېرىنىڭ قۇرغاقلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
3.ئۆت، بۆرەك تاش كېسەللىكلىرىگە تاش پارچىلىغۇچى دورىلارنى بەرگەندە زەيتۇن يېغىنى قايناق سۇغا تېمىتىپ، دورىدىن كېيىن ئىچىلىدۇ، ئۆت، بۆرەك يوللىرىنى سىلىقلاپ، بېسىمىنى ئازايتىدۇ.
4.زەيتۇن يېغىغا تۇخۇم يېغىنى ئارىلاشتۇرۇپ، چاچنى ياغلىسا، چاچنىڭ كېچىكىنى يوقىتىدۇ، چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئاقىرىشنى توسايدۇ، چاچنى جانلىق، تىرىك قىلىدۇ، قارايتىدۇ.
5. مۇۋاپىق مىقداردىكى زەيتۇن يېغىنى 25 مىللىلتىر قايناق سۇغا تېمىتىپ ئىچسە، ئادەتلەنگەن قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.