چايكوۋسكىي

چايكوۋسكىي

چايكوۋسكىي (1840-1893) روسىيىنىڭ ئەڭ بۈيۈك كومپوزىتورى. ئۇ رۇسىيەنىڭ ۋوتكىنسكىي ئۆلكىسىدە ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 10 يېشىدا پېتربۇرگ قانۇنچىلىق مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرىپ، پىئانىنو ۋە مۇزىكا ئىجادىيىتىنى ئۆگىنىشكە باشلىغان، 23 يېشىدا پېتربۇرگ مۇزىكا ئىنستىتۇتىغا كىرىپ مۇزىكا ئىجادىيىتى ئۆگەنگەن.

ئۇيغۇرچە ئىسمى چايكوۋسكىي
باشقا نامى Пётр Ильич Чайковский،Peter·Ilyich·Tchaikovsky
تۇغۇلغان ۋاقتى 1840-يىلى
كەسپى كومپوزىتور، مۇزىكا مائارىپشۇنىسى
خەنزۇچە ئىسمى 彼得·伊里奇·柴可夫斯基
دۆلەت تەۋەلىكى رۇسىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1893-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چايكوۋسكىيچايكوۋسكىي (1840 −1893) رۇسىيەنىڭ ئەڭ بۈيۈك كومپوزىتورى. ئۇ رۇسىيەنىڭ ۋوتكىنسكىي ئۆلكىسىدە ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 10 يېشىدا پېتربۇرگ قانۇنچىلىق مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرىپ، پىئانىنو ۋە مۇزىكا ئىجادىيىتىنى ئۆگىنىشكە باشلىغان، 23 يېشىدا پېتربۇرگ مۇزىكا ئىنستىتۇتىغا كىرىپ مۇزىكا ئىجادىيىتى ئۆگەنگەن، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن موسكۋا مۇزىكا ئىنستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1877-يىلى ئۇ مۇزىكا ئىنستىتۇتىدىكى ئوقۇتقۇچىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن ھەمدە مېك خانىمنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن كەسپىي مۇزىكا ئىجادىيىتىگە كىرىشكەن. ئۇنىڭ ناھايىتى نۇرغۇن نادىر ئەسەرلىرى مۇشۇ مەزگىلدە ئىجاد قىلىنغان. 1893-يىل 10-ئاينىڭ 28-كۈنى چايكوۋسكىي پېتربۇرگدا ئۆزىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرىگە ئىگە ئەسىرى «6-سىمفونىيە» گە دىرىژورلۇق قىلغان، ئارىدىن توققۇز كۈن ئۆتۈپ يورۇق ئالەم بىلەن خوشلاشقان. 

چايكوۋسكىيچايكوۋسكىينىڭ ئەسەرلىرى ناھايىتى كۆپ، ژانىرىمۇ كەڭ دائىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. چوڭ تىپتىكى ئەسەرلىرىلا تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: 10 ئوپېرا، بۇلارنىڭ ئىچىدە «يېۋگېني ئونېگىن» ۋە «قاغا ماتكىسى» تولىمۇ مەشھۇر؛ ئالتە سىمفونىيە، بۇلارنىڭ ئىچىدە «5-سمفونىيە» بىلەن «6-سىمفونىيە» داڭق قازانغان؛ تۆت كونسېرت، بۇلارنىڭ ئىچىدە «چۈشۈرۈلگەن b كىچىك كۈيلۈك پىئانىنو كونسېرتى»، «D چوڭ كۈيلۈك ئىسكىرىپكا كونسېرتى» ئالاھىدە شۆھرەت تاپقان؛ ئۈچ ئۇسسۇللۇق تىياتىر «ئاق قۇ كۆلى»، «ئۇيقۇدىكى ساھىبجامال»، «ياڭاق قىسقۇچ»، فانتازىيە مۇقەددىمىلىرى «رومىئو ۋە جۇلېتتا»، «1812-يىل مۇقەددىمىسى»، «ئىتالىيە كاپرىچچىيوسى»، پىئانىنو يۈرۈشلۈك مۇزىكىسى «تۆت پەسىل» ۋەھاكازالار. 

چايكوۋسكىينىڭ مۇزىكىلىرى سەمىمىي، قىزغىن، ئىنسان پسىخىكىسىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا ئىنچىكىلىك بىلەن يارىتىلغان. لىرىك ۋە تەسىرلىك بۇ مۇزىكىلار يەنە ئىنسان قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان كۈچلۈك دراماتىك خاراكتېرگە ئىگە. ئۇنىڭ مېلودىيىلىرى رۇس مىللىتى نىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبىدا يېزىلغان، گارمونىيىسى كومپوزىتورنىڭ خاراكتېرىنى ئېچىپ بېرىدىغان دەرىجىدە مول ۋە كۈچلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ ئالاھىدىلىكلەر تىل بىلەن ئىزھار قىلىپ بولمىغۇدەك دەرىجىدە سېھىرلىك ۋە جەلپكار. شۇڭا، 100 يىلدىن كۆپ ۋاقىتتىن بۇيان چايكوۋسكىينىڭ مۇزىكىلىق ئەسەرلىرى ئۆزىنىڭ ئىدىيىۋى مەزمۇنى ۋە يۈكسەك بەدىئىيلىكى بىلەن دۇنيا خەلقىنىڭ ياقتۇرۇشىغا مۇيەسسەر بولۇپ كەلدى، شۇنداقلا ئىنسانىيەت مۇزىكا خەزىنىسىدىكى قىممەتلىك بۇيۇمغا ئايلاندى. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#