مونوناترىي گلۇتامات

مونوناترىي گلۇتامات

مونوناترىي گلۇتامات (ۋېيجىڭ)، خىميىلىك نامى ناترىي گلۇتامات بولسا قوشۇمچە بىر خىل تېتىتقۇ بولۇپ، ئاساسلىق تەركىبى گلۇتامىك كىسلاتا ۋە تۇز.

 ئاساسلىق رولى يېمەكلىككە تەم كىرگۇزۇش بۇلۇپ جۇڭگو قورۇمىلىرى ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. شورپىغا تەم تەڭشىگۈچ قىلىپ ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ.  

ئۇيغۇرچە ئىسمى مونوناترىي گلۇتامات
چەتئەلچە ئىسمى Monosodium glutamate
رولى تەم تەڭشەش
خەنزۇچە ئىسمى 味精
خىمىيىلىك نامى ناترىي گلۇتامات
سىرتىقى شەكلى ئاق رەڭلىك كرىستال كۇكۇنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مونوناترىي گلۇتاماتمونوناترىي گلۇتامات  ئاق تۈۋرۈكسىمان كىرىستال جىسىم ياكى كىرىستاللىق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە پاراشوك بولۇپ،  ئۇنىڭ ئاساسلىق تەركىبى گلۇتامىك كىسلاتا ۋە تۇز. 

 ناترىي گلۇتامات مىقدارنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن  %60، %80، %90، %95 ۋە %99 قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان ئۆلچەملىرى بار، بۇنىڭ ئىچىدە %80 ۋە %99 ئىككى خىلى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلدۇ.

 1965-يىلى ئېلىمىزدە ئاشلىق خام ئەشيا قىلىنىپ ئېچىتىش، ساپلاشتۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان قەنت ماددىسى ياكى كراخمال خام ئەشيا قىلىنىپ ئىشلەنگەن گلۇتامىك كىسلاتا، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىزوئېلېكترلىك نۇقتىدا كرىستال چۆكمە، ئىئون ئالماشتۇرۇش ياكى سىنك تۇز پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق ئۇسۇللار گلۇتامىن كىسلاتاسى ئاجرىتىپ، رەڭسىزلەشتۈرۈش، تۆمۈرسىزلەشتۈرۈش، ھورغا ئايلانماق، كرىستاللىنىش قاتارلىق ئىش تەرتىپلىرىدىن ئۆتكۈزۈلگەندىن كىيىن مونو ناترىي گلۇتامات ئىشلەپچىقىرىلىندۇ.

 مونوناترىي گلۇتامات (ۋېيجىڭ) نىڭ رەڭگى ۋە  تـەمگە  غەيرىي پۇراقلىق ئارىلاشما ساختا نەرسىلەرنى ئارىلاشتۇرۇشغا يول قويۇلمايدۇ.

مونوناترىي گلۇتامات (ۋېيجىڭ)ئادەم بەدىنىدىكى نورمال ماددا ئالمىشىش، مېتابولىزم جەريانىدىكى  ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ئاقسىل، كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ ئالمىشىش ۋە  ئوكسىدلىنىش جەريانىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مېڭە توقۇلما ۋە مېڭە ھۈجەيرىلىرى پايدىلىنىدىغان  ئامىنو كىسلاتاسنى تەمنىلەش بېرىش قاتارلىق رولى بار.

مونوناترىي گلۇتامات (ۋېيجىڭ) كىسلاتالىق دەرىجىسى كۈچلۈك قورۇمىلارغا مەسىلەن : تاتلىق، چۈچۈمەل كۆكتات قاتارلىقلارغا كۆپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. چۈنكى تېتىتقۇ كىسلاتالىق مۇھىتتا ئېرىش دەرىجىسى قانچە يۇقرى بولسا  ئىرشىدىغان ئۈنۈمى شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ.

 مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلش كېرەك، ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتسە ئاسانلا سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تېتىتقۇ زىيادە كۆپ ئىستېمال پەرزەنت كۆرەلمەسلىك پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

 تۇغۇتتىن كېيىنكى ئانا ئۈچ ئاي ئىچىدە كۆپ ئىستىمال قىلماسلىق.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/21334.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    100%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#