پىچان يېزىسى

پىچان يېزىسى

پىچان يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىدىكى تۇرپان شەھىرىنىڭ شەھەر ئەتراپى يېزىسىغا تەۋە.

ئۇيغۇرچە نامى پىچان يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 2400 كىۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 辟展乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى
تەۋە رايون تۇرپان شەھىرى
نوپۇسى 27552 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پىچان يېزىسىغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرپىچان يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىدىكى تۇرپان شەھىرىنىڭ شەھەر ئەتراپى يېزىسىغا تەۋە، جەنۇبىي تەرىپى دۆلەت تۆت A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى قۇمتاغ قۇملۇقى بىلەن، شىمالدا تەڭرىتېغى بىلەن، شەرقىي چىقتىم بازىرى بىلەن، غەربىي داڭلىق يالقۇنتاغ بىلەن چېگرالىنىدۇ.

پىچان يېزىسى تىپىك يېزا ئىگىلىك چوڭ يېزىسى، كېۋەز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات كۆلىمى 16792 مو، ياڭاق كۆلىمى 690 مو، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك كۆلىمى 677 مىڭ موغا يەتكەن. پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 2400 كۋادرات كىلومېتىر.

پىچان يېزىسىدىكى ئومۇمى نوپۇس 27552 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 20597 ئادەم، خەنزۇلار 3864 ئادەم، خۇيزۇلار 1107 ئادەم، باشقا مىللەتلەر 270 ئادەم. تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولغۇچىلار 139 كىشى، سايلىغۇچىلار ئومۇمىي سانى 15239 ئادەم. ھەر قايسى ئاساسىي قاتلام پارتىيە ياچېيكىسى 30 ، بۇنىڭ ئىچىدە مەمۇرىي كەنت پارتىيە ياچېيكىسى 11، چارۋىچىلىق ئەترىتى پارتىيە ياچېيكىسى بىر، پونكىت، مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسى 17، دەم ئېلىشقا، پېنسىيىگە چىققان پارتىيە ياچېيكا ئەزاسى بىر، پارتىيە ئەزاسى 973 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە دېھقان پارتىيە ئەزالىرى 630 نەپەر، ئورگان پارتىيە ئەزاسى 56 ئادەم، پونكىت پارتىيە ئەزالىرى 73 ئادەم، ئوقۇتۇش رايونى پارتىيە ئەزالىرى 179 ئادەم، دەم ئېلىشقا، پېنسىيىگە چىققان پارتىيە ئەزاسى 35 ئادەم، ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزاسى 812 نەپەر، خەنزۇ پارتىيە ئەزاسى 161 كىشى. يېزا ئورگاندىكى خادىملار ئومۇمىي سانى 103 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە بۆلۈم دەرىجىلىك كادىرلار 14 نەپەر، ئورگان، ئوتتۇرا قاتلام كادىرلىرى 14 نەپەر، ئادەتتىكى كادىر 75 نەپەر. يېزا بويىچە « ئۈچ پېشقەدەم » خادىملار 104 كە يەتكەن، ئىتتىپاق ئەزالىرى 1200 ئادەم، « بەشتە ياخشى » پارتىيە ياچېيكىسى توققۇز، ئۆلچەمگە يېتىش نىسبىتى % 82 كە يەتكەن، « تۆت ياخشى، ئامما رازى پونكىت» بەش، ئۆلچەمگە يېتىش نىسبىتى % 75 بولغان، «بەشتە ياخشى مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسى» بەش، ئۆلچەمگە يېتىش نىسبىتى 45.5 پىرسەنتكە يەتكەن.

يېزىلىق پارتكوم 2004 - يىلى ۋىلايەتلىك پارتكوم تەرىپىدىن « بەشتە ياخشى » يېزىلىق پارتكوم دەپ نام ئالغان. 49 مەسچىت، 47 نەپەر دىنىي زات بار.

پىچان يېزىسى قارىمىقىدا دۇڭخۇ كەنتى، كىچىك ھوڭ كەنتى، ماچاڭ كەنتى، چوققا تام كەنتى، كىچىك كەنتى، شۇگە كەنتى، لەڭگەر كەنتى، يېڭى يەر كەنتى، كۆكيار كەنتى، قورغان كەنتى، تورپىگۈل كەنتى قاتارلىق 11 مەمۇرىي كەنت، بىر چارۋىچىلىق ئەترەت، 40 تەبىئىي كەنت، 13 پونكىت، ئورۇن، 11 ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ بار. 

2008- يىلى، پىچان يېزىسىدىكى يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 225 مىليون يۈەن بولغان، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ساپ كىرىمى 4838 يۈەنگە يەتكەن، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 364 يۈەن ئاشقان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#