گىپىنوز

گېپنوز بولسا ھەرخىل تېخنىكىلار سەۋەبىدىن پەيدا بولىدىغان بىر خىل ئاڭنىڭ ئالمىشىش ھالىتى .

گېپنوز سۆزى ئەسلىدە لاتىن تىلىدىكى «Hypnosis» دىگەن سۆزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى ئارقىلىق ئۇيغۇرچىغا«گېپنوز»دەپ ئۆزلەشتۈرۈلگەن.

  ئادەتتە«گېپنوز ھالىتى» ئادەمنىڭ بىر خىل روھى ھالىتى ،ئالاھىدىلىكى بولسا ئادەتتىكىدەك ئاڭ ئاساسىي ئورۇندا تۇرماستىن بەلكى يوشۇرۇن ئاڭ ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى گېپنوز
مەنىسى ئۇيقۇ ھالىتىگە ئوخشاپ كېتىدىغان گاراڭ ھالەت
خەنزۇچە نامى 催眠状态
رولى ئۇيقىغا ياردەم بېرىدۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 

   گېپنوز دېگىنىمىز ئىما –ئىشارەتلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان قارىماققا ئۇيقىغائوخشىشىپ كېتىدىغان گاراڭ ھالەت ،گېپنوز قىلىنغان ئادەم ئىنتايىن ئاسانلا ئىما-ئىشارەتلەرنى قۇبۇل قىلدۇ ھەمدە گېپنوز قىلغۇچىنىڭ تەسىرىگە نىسبەتەن ئىنكاس پەيدابولىدۇ ،لېكىن ئاللىبۇرۇن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن ئىشلارنى ئەسلىيەلەيدۇ ،ھەمدە پىسخىكىلىك كېسەل ئالامەتلىرىنى يوقىتىدۇ .

    گېپنوز بولسا ھەرخىل تېخنىكىلار سەۋەبىدىن پەيدا بولىدىغان بىر خىل ئاڭنىڭ ئالمىشىش ھالىتى ،گېپنوز قىلنىغان ئادەم باشقىلارنىڭ ئىما - ئىشارەتلىرىگە نىسبەتەن ئىنتايىن كۈچلۈك ئىنكاسچانلىققا ئىگە بولىدۇ ،ئىنتايىن يۇقىرى ھالدىكى ئىما -–ئىشارەتلەرگە ئۇچراش ھالىتى .ھەمدە تۇيغۇ ،خاتىرە ،كونتىروللۇق ئىچىدىكى  چىقارغان ئىنكاس . گېپنوز گەرچە ئۇيقىغا ئوخشىشىپ كەتسىمۇ ،بىراق ئۇيقۇ ئىچىدە گېپنوز ھېچقانداق رول ئوينىيالمايدۇ ،چۈنكى ئادەم راستىنلا ئۇيقىغا كەتكەن بولسا ھەرقانداق ئىما –ئىشارەتلەرگە نىسبەتەن ھېچقانداق ئىنكاس بولمايدۇ .«گېپنوز » دېگەن بۇ ئىسىم ئۆزىلا بىر خىل ئازدۇرۇشچانلىققا ئىگە .

گېپنوز ئىما -–ئىشارەتلىرى سىزنىڭ بىر ئېنىق ،كونكىرىت ،ئەمەلىي بولغان  ،ئۆزىڭىزگە  نىسبەتەن پائال ئەھمىيەتكە ئىگە ،مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان نىشانىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرىشىڭىزغا ئۈنۈملۈك ياردىمى بار .سەزگۈ ئەزالار سېستىمىسى ،نەپەسلىنىش ،خىيال دىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ يولنى قوزغىتىش ئارقىلىق ، سىزنى دېققەتنى يىغالايدىغان ،ئەركىن ئازادە ھالەتكە كىرگۈزىدۇ .

[0]

  گېپنوزنىڭ ئۇزۇن تارىخى جەريانىدا گېپنوزنىڭ ماھىتىگە بولغان چۈشەنچە ھەققىدە ۋە ئۇنىڭ تەرەققىي قىلىپ ،بىر پەن سۈپىتىدە ئېتراپ قىلنىشغا نۇرغۇن كىشلەر ئۆز قان-تەرىنى بۇنىڭغا سىڭدۈردى .تۆۋەندە بىز بۇ كىشلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى تونۇش ۋە تەتقىقاتى ھەققىدە سۆزلەيمىز

  نۇرغۇن كىشلەر گېپنوزدىن ئېبارەت بۇ ھادىسە قەدىمكى دەۋىرلەردىلا بارلىققا كەلگەن دەپ بىلىدۇ،بىراق گېپنوز تېخنىكىسى ۋە ئۇسۇلىغا قارىتا 18 –ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرى ۋە 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئېنىق بولغان ئۇقۇم شەكىللىنىشكە باشلىدى .

دوختۇر مەسمىر ۋە  مەسمىرسىزىم  ئۇقۇمى

تىببىي ئىلىم ھازىرقىدەك تەرەققىي قىلمىغان چاغدا،ئاۋستىرىيە پايتەختى ۋېنادا دوختۇر فرەنز.ئانتون.مەسمىر(Franz Anton Mesmer 1734-1815)مۇۋاپپقىيەتلىك ھالدا ئۆزگىچە ئۇسۇل بىلەن كېسەل داۋالىغان.

  كېسەل داۋالاش جەريانىدا،مەسمىر پەقەت قولنى كېسەلنىڭ بېشىغا قويغان چېغىدا ،كېسەل بىردىنلا جىمجىت ھالەتكە ئۆتكەن(ھازىرقى گېپنوز ھالىتىگە ئۆتكەن) ،بۇنداق ھالەتكە ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن كېسەلنىڭ ئاغرىق ئازابى يېنكلىگەن ھەم بەزىلىرى پۈتۈنلەي ساقىيىپ كەتكەن.

  بۇ ئىش تارقالغاندىن كېيىن،نۇرغۇن كىشلەر كەينى-كەينىدىن مەسمىرنىڭ داۋالاش ئورنىغا يىغىلغان ۋە مەسمىرنىڭ قولىنى بېشىغا تەگكۈزۈپ ئۆزنى داۋالاپ قويۇشىنى ئۆتۈنگەن ،ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بىر كۈندە 3000 ئادەم كەلگەن،ئەگەر كېسلەللەر بۇنداق كۆپلەپ كېلۋەرسە ،مەسمىر ھەممىسىنىڭ بېشىغا قولىنى قويوپ بولغىچە ئۇ چارچاپ ھالىدىن كېتەتتى ،ئاخىردا ئۇ باشقىچە ئۇسۇل قوللىنىش ئارقىلىق بۇنى ھەل قىلغان .

مەسمىرنىڭ ئۆزنىڭ بۇ ئۇسۇلىغا نىسبەتەن ،بىر يېڭى كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان ؛

  كائىنات جانلىقلار ماگىنت كۈچى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل دولقۇنغا تولغان ،بۇ خىل جانلىقلار ماگىنت كۈچى ئالاھىدە ئىقتىدارنى ھازىرلىغان يەتكۈزگۈچى ئادەملەرنىڭ قولىدا،ئەگەر يەتكۈزگۈچى بۇ جانلىق ماگنىت كۈچىنى كېسەل ئادەمگە يەتكۈزۈپ بەرگەندە كېسەل ساقىيىدۇ دەپ شەرھىلىگەن .بىراق مەيلى جانلىقلار ماگىنت كۈچى كېسەللەرنى ساقايتىدۇ دەپ قارىسۇن ياكى يەتكۈزگۈچى كېسلەللەرگە تەسىر قىلغان دىگەن قاراش بولسۇن بۇنىڭ ئىلمى ئاساسىنى ھېچكىم چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىگەن .

  ئەمەلىيەتتە بۇ كېسەللەرنىڭ ئۆزى ھازىرلىغان «ئىشەنچ»تۈپەيلىدىن بولغان،يەنى ئۆزىدىكى كېسەلگەن بولغان ئىچكى ئىشەنچى ئۇلارنىڭ كېسىلىنىڭ ساقىيىشىغا تۈرتكە بولغان.ئەگەر كېسەلدە ئۆزنىڭ كېسلىگە بولغان ساقىيىش ئىشەنچى بولمايدىكەن .بۇ ئۇسۇلنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى بولمايدۇ .ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئۇسۇل مەسمىرنىڭ نامى بويىچە «مەسىمىرىزىم »(Mesmerism) دەپ ئاتالغان.

يودۇفنىڭ 1981 –يىلى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا ،ئەينى چاغدا فرانسيە ھۆكۈمىتى نۇرغۇن پۇلغا مەسمىرنىڭ مەخپىيىتىنى ئالماشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغاندا مەسمىر رەت قىلغان ،چۈنكى ئۇ ھېچقانداق مەخپىيەت ئىشلەتمىدىم دەپ قارايتتى .ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي پادىشاھ لۇئىس 16 خان جەمەتى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ مەسمىرنىڭ بۇ ئۇسۇلىنى تەكشۈرۈپ كېلىشكە ئەۋەتكەن ،بۇ خىزمەت 1784-يىلى پارىژ پەنلەر ئاكادىميىسىدە ئېلىپ بېرىلغان.

  ۋەكىللەر ئۆمىكىدە ئەينى چاغدىكى داڭلىق ئالمىلاردىن ئامىرىكىلىق بىنجامىن.فىرانكىلىن (ئۇ بۇ چاغدا دەل ئامىركىنىڭ فرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولغان).خېمىيە ئالىمى ھۇيىس،ئۆسۈملۈكشۇناس جۇسىيۇ،ئاسترونوم بېلى قاتارلىقلار بار ئېدى.

  تەكشۈرۈش جەريانىدا ،مەسىمىر بۇ تەكشۈرۈشكە ماسلاشمىغان .

  تەكشۈرۈش ئىككى تەرەپتنى ئېلىپ بېرىلغان ،بىرى مەسمىرنىڭ ئۆتمۈشتىكى خىزمەتلىرى .يەنە بىرى ماگىنىت تاش (بۇنى ماگىنت تاشىنى ئەينى چاغدىكى ۋىنا خىرىستئان دىننى جەميىتنىڭ بىر روھانىيسى بەرگەن ) ۋە مەسمىرنىڭ كېسەل داۋالاش ئۇسۇلى .

ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى خۇلاسە چىقىرىپ مەسمىرنىڭ ئۇسۇلىنىڭ ھېچقانداق ئىلمىيلىكى يوق دەپ ئېيتقان.دوكلاتتا مەسمىرنىڭ مەغلۇپ بولغان بىرنەچچە مىسالى كۆرسىتىلگەن ،ئەمما ۋەكىللەر ئۆمىكنىڭ بىرتەرەپلىمە بولغان چەتكە قېقىش پوزىتسىيدە ئۇنىڭ مۇۋاپپىقىيەتلىك بولغان كۆپ مساللىرىنى دوكلادتا تىلغا ئالمىغان .

  شۇنىڭ بۇ ئەينى چاغدىكى نۇرغۇن ئالىملارنىڭ چىقارغان بۇ دوكلاتى ئۇنىڭ دوختۇرلۇق ئىجازەتنامىسنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرىلىشغا سەۋەب بولغان .مەسىمىر شىۋتسيىنىڭ Frauenfeld دىگەن يېرىگە قايتىپ كەتكەن .1815-يىلى3-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۇ مىربۇرگ(Meerburg) دا جان ئۈزگەن .

  ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن ئاز بىر قىسىم كىشلەر مەسمىرنىڭ خىزمىتنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىپ ،باشقىلارنىڭ قانداق قارىشى بىلەن كارى بولماي ئۆز خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا .بىراق ئۇلارنىڭ ھېچقانداق نامى چىقمىدى .

  مەسمىر گېپنوز تەرەققىياتىغا چوڭ بىر تۆھپە قوشتى دەپ قاراشقا بولىدۇ،كېيىن نۇرغۇن گېپنوز قىلغۇچىلار ئۇنىڭ قاراشىلرى ۋە ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلدى.بىراق ئۇنىڭ تېزلا نام چىقىرىشى ۋە تېزلا مەغلۇپ بولۇشى تۈپەيلى گېپنوز خېلى بىر مەزگىل كىشلەر ئارسىدا سوغۇق مۇئامىلگە ئۇچىرىدى .

  جەيمىس.برايد –تىكىلىپ قاراشنىڭ ئىجادچىسى

  كېيىن مەسمىرنىڭ جانلىقلار ماگىنىت كۈچى داۋالاش ئۇسۇلىغا ۋارسىلىق قىلغان پىيۇسىگىر(M de Puysgur    ) داۋالاش جەريانىدا ،كېسەلدە يەنە ئۇيقۇغا ئوخشايدىغان ھالەتنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى بايقىغان .

  بۇ ھادىسگە دىققەت قىلغان پىيۇسىگىرلا بولۇپ قالماي يەنە ئەنگىليە مانچىستىر  تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى جەيمىس.برايد(James Braid)مۇ بۇ ھەقتە داۋاملىق تەتقىقات ئېلىپ بېرۋاتاتتى .

  ئۇ ئۇخلاش بىلەن گېپنوزنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى يېقىن دەپ قارىغان ،بىراق پەرقى بار دەپ تونۇغان.ئۇ نېرۋا گېپنوز ئىلمى (Neurophnology)  دىگەن ئۇقۇمنى بارلىققا كەلتۈردى ،كېيىن بۇ ئۇقۇم گېپنوز (Hypnosis) دەپ قىسقارتىلدى.ئۇ برايدىزىم (Braidism) ئۇسۇلىنى بارلىققا كەلتۈردى ،بۇ ئۇسۇلدا كېسەل ئۇزۇن ۋاقىت لوڭقىغا تىكىلىپ قارايدۇ ،ئاندىن ئۇنىڭغا تۆۋەن ئاۋاز بىلەن «سىز چارچاپ كەتتىڭىز ،شۇنداق ئۇخلىۋالغۇڭىز بار»دەيدۇ.بۇنىڭ بىلەن قارشى تەرەپ گېپنوز ھالىتىگە ئۆتىدۇ.

  ئۇنىڭ بۇ ئۇسۇلىدا كۆزىنى چارچىتىش ئەمەس ،بەلكى نېرۋىلارنى چارچىتىش ۋە مۇۋاپىق بولغان بېشارەت بىلەن مەقسەتكە يەتكەن .

  برايد بۇ ئۇسۇل بىلەن مەسمىرنىڭ ئۇسۇلىدىكى جانلىقلار ماگىنت كۈچى بىلەن مۇناسۋەتسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ .

  شۇنىڭدىن كۆرۋىلشقا بولىدۇكى برايىد گېپنوز تارىخىدىكى مۇھىم شەخسلەرنىڭ بىرى ،گەرچە ئۇ قوللانغان ئۇسۇل تېببىي داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىكى نۇرغۇن كىشلەرنىڭ ئەيىبلەشلىرىگە ئۇچىرىغان بولسمۇ ،بىراق ئۇنىڭ ئىشلەتكەن ئۇسۇلى بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخمۇ كونكىرىت بولغاچقا ،كېينكلەرنىڭ ھۆرمەت قىلشغا ئېرىشتى ،شۇنداقلا تىببى ساھەنىڭ گېپنوزنى قوبۇل قىلىشنى تېزلەشتۈردى .

نەنسى تەرەپدارلىرى – تىل بىشارىتى قارىشى

  بىرايدنىڭ نېرۋا چارچاش قارىشىغا قارىتا نەنسى تەرەپدارلىرى(Nancy School) دىن لېبيۇلت(Ambrose August Liebeault)  ۋە بىرنيىم (Hippolyte Bernherim) بېمارنى تىل بىلەن يېتەكلەشكە بولغان ئېنكاسنىڭ ناھايىتى چوڭ بولىدىغانلىقىنى بايقاپ «تىل بېشارەت قارىشى »ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قويدى ،بۇ ھازىرقى بېشارەتنىڭ باشلىنىشى ئېدى .

  كېيىن ساپليتېر (Salpetriere) تەرەپدارلىردىن چاركوت (Jean Martin Charcot ) بەزى بېمارلارنىڭ گېپنوز جەريانىدا «گەپ قىلالمايۋاتىسىز» ياكى «قولىڭىز قېتىپ قالدى ،يۆتكىيەلمەيسىز دېگەن بېشارەت بىلەن پەيدا بولغان ئېنكاسقا نىسبەتەن نەنسى تەرەپدارلىرنىڭ قارىشىغا بولغان خاتا چۈشىنش پەيدا بولۇپ قالدى.

  1889-يىلى پارىژدا ئېچلىغان خەلىقئارالىق يىغندا نەنسى تەرەپدارلىرى غەلبە قىلدى .

  ھەقىقەتەن گېپنوزدا بېشارەت تىلغا تايىنپلا غەلبىلىك بولمايدۇ،بىراق كۆپ ھاللاردا تىل ئارقىلىق ئېپادىلەنگەن بېشارەت گېپنوزنىڭ ئاساسىلق ئامىلى .18-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پورتۇگاليىلىىك روھانىي فارىيا    (Jose Custodio di Faria) تىل بېشارىتى بىلەن گېپنوز ھالىتىگە يېتەكلەپ مۇۋاپپىقيەت قازانغان،بۇ تىل بېشارىتنىڭ گېپنوزغا بولغان مۇھىملىقىنى تونۇتقان .

  ئېمىل كوۋ –ئۆزلۈك بېشارىتى قارىشى

  يېڭى نەنسى تەرەپدارلىرىدى ،ھېچقانداق گېپنوز يوق

،بار بولغىنى  ئۆزلۈك بېشارەتتىن ئېبارەت دەپ قارىغان .يېڭى نەنسى تەرەپدارى دەپ قارالغان ئېمىل .كوۋ (Emile Coue) ؛ھېچقانداق بېشارەت يوق ،بار بولغنىنى ئۆزلۈك بېشارىتى دەپ ئېيتقان .داڭلىق بولغان «كۈنلەر قانداق ئۆتسۇن ،مەن دائىم ئەڭ ياخشى ھالەتكە ئۆتىمەن »بېشارەتنى ئېمل ئوتتۇرىغا چىقارغان .

  ئېمىل كۆرسىتىپ ،مەسىلە شۇكى ،بېشارەتنى بەرگەن ئادەم نېمىنى بېشارەت بەردى ئەمەس بەلكى،بېشارەتنى قوبۇل قىلغۇچى قانداق ئۇسۇل بىلەن بېشارەتنى قوبۇل قىلدى. دەپ كۆرسەتكەن ،يەنى ئۇ بېشارەتنى قوبۇل قىلغۇزۇشتا گېپنوز قىلغۇچى ئالدى بىلەن گېپنوز قىلنغۇچىنى بىرنچى ئامىل دەپ قاراشنىڭ مۇھىملىقىنى ،مەسلەن ،بىر گېپنوز قوللانمىسدا ،گەرچە ئۇ قوللانما دۇنياغا داڭلىق گېپنوز ئۇستىسىنىڭ گېپنوز قىلىش قوللانمىسى بولسمۇ ،ئەگەر ئۇنى ئۆلۈك ھالدا ئىشلەتسە ،بۇنىڭ ئۈنۈمى بولمايدۇ .قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ،گېپنوز قىلنغۇچى بىلەن بىردەكلىك ھاسىل قىلدىغان بېشارەت بىلەن ئۇنى بىرنچى ئامىل دەپ قارىغاندا بېشارەت ئۈنۈملۈك قوبۇل قىلىندۇ دەپ قارىغان .

گەرچە بۇ ئۇسۇل ئاددى ھالدا قولىنى كېسەلنىڭ بېشىغا قويۇش بولسىمۇ ،كېسەلنىڭ ساقىيىشىدا ئۇنىڭ ئۆزى ھازىرلىغان كېسەلنىڭ ساقىيىشىغا بولغان ئىشەنچ ،ئەگەر بۇ ئىشەنچ بولمايدىكەن بۇنىڭ ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمايدۇ .

  لېبىنفىرىت –مېڭىگە قان كەمچىل بولۇش قارىشى

  گېپنوز ھالىتنىڭ چوڭقۇرلىشغا ئەگىشىپ،تەپەككۇر چەكلىمىگە ئۇچىرايدۇ،بۇنىڭ بىلەن قالايمىقان خىياللارمۇ ئازلايدۇ .چوڭ مېڭىنىڭ گېپنوزغا كېرەكلىك بولغان قىسىمى خىزمەت قىلىپ ،قالغان قىسمى ئارام ئالىدۇ.چوڭ مېڭە ئارام ئالغان چاغدا ،سەرپ قىلىدىغان ئېنرگيە ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشىدۇ.

  چوڭ مېڭىگە كېرەكلىك بولغان ئېنرگىينى قان  ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ.شۇڭلاشقا توشۇلىدىغان قاننىڭ مىقىدارىمۇ ئازلايدۇ.ھەم بەدەندىكى قاننىڭ مىقىدارى ئۆزگەرمەيدۇ ،بۇنىڭى بىلەن قان تۆۋەنگە قاراپ ئاقىدۇ،بۇنىڭ بىلەن باش سوغۇق پۇت ئىللىق ساغلام ھالەتكە كېلىدۇ.

  بۇ قائىدىنى تونۇپ يەتكەن لېبىنفىرىت گېپنوزغا نىسبەتەن «مېڭىدە قان كەمچىل »بولۇش ھادىسىسى دەپ قارىدى.

  كۇلىز –ئۆزىنى گېپنوز قىلشنىڭ باشلامچىسى  

  بېرلىن ئۇنىۋرىستىدىكى كۇلىز (J.H.Schulz) ئۆز-ئۆزىگە بېشارەت بېرىپ ،ئۆزىنى مۇۋاپپىقيەتلىك گېپنوز قىلغان.ھەم گېپنوز دۇنياسىدا ئۆزنىڭ ئىسمىنى قالدۇرغان .

  ئۇنىڭ قوللانغان «ئۆزىنى گېپنوز قىلىش ساغلاملىق ئۇسۇلى» پۈتۈن دۇنيادا كەڭ دائىرىدە ئىشلتىلمەكتە .

  ئۇ گېپنوز ئۇستىسىنىڭ ياردىمىگە تايانماي تۇرۇپمۇ گېپنوز بولغىلى بولامدۇ ؟دىگەن قاراش بىلەن ،گېپنوز سىناق قىلنغۇچىلاردىن ماتىرىيال توپلاپ بىر پروگىراممىنى شەكللەندۈردى .

  بۇ پروگىرامما ئالتە ھالقىدىن  تەركىب تاپىدۇ : پۇت-قولنىڭ ئېغىرلىشىشى ،پۇت-قولنىڭ ئىللىشى،يۈرەكنىڭ رېتىملىق سوقۇشى،نەپەسنىڭ راۋانلىشىشى ،قورساق قىسمنىڭ ئىللىشى،پېشانىنىڭ سالقىن بولۇشى .

  ئېرىكسون

دوكتور مېلتون ئېرىكسون(Milton H.Erickson) 1901-يىلى12ئاينىڭ 5-كۈنى ئامىرىكىنىڭ نېۋادا ئىشتاتنىڭ ئائۇرۇم (Aurum) دىگەن يېرىدە تۇغۇلغان ،ۋسىكانسىن ئۇنىۋىرستىدا تىببى ئىلىم بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان . گېپنوز تارىخدا كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئادەم ،بولۇپمۇ كېلىنكىلق گېپنوزدا نەتىجىسى ناھايىتى كۆرۈنەرلىك بولغان ،ئۇنىڭ ئۇسۇلىنى بىر ئومومىي ئۇسۇلغا يىغنچاقلاشقا بولمايدۇ ،چۈنكى ئۇنىڭ ھەربىر ئادەمگە قىلغان گېپنوزى ئاشۇ ئادەمگە قارىتا بولغان .ئۇ يەنە ۋاستىلىك ھالدا بېشارەت بېرىپ ،ئۆزگىچە ئۇسۇل بىلەن قارشى تەرەپنى گېپنوز قىلغان .

  مەسلەن ،گېپنوز قىلنغۇچىنىڭ ماسلىشىشىنى قولغا كەلتۈرگەن چاغدا ،ھازىرمۇ نۇرغۇنلىغان گېپنوز قىلغۇچىلار «گېپنوز ئورتاق ئېلىپ بېرىلىدىغان جەريان ،سىزنىڭ ماسلىشىڭىزمۇ مۇھىم »دەپ ئېيتىدۇ ،بۇ ئاڭلىق ھالەتتىكى ماسلىشىش .بۇ چاغدا ئېرىكسون تۆۋەندىكى ئۇسۇل بىلەن يېتەكلەش ئېلىپ بارغان :

-گېپنوز قىلغاننى كۆرۈپ باققانمۇ ؟

-ياق.

-سىز گېپنوز بولغاندىن كېيىن قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز ؟

-بىلمەيمەن.

-گېپنوزنى سىز مۇستەقىل تاماملايسىز ،مەن پەقەت ياندا تۇرۇپ سىزنىڭ تاماملىغانلىقىڭىزنى كۆرۈپ تۇرىمەن خالاس..

ئېرىكسوننىڭ سوئالىغا گېپنوز قىلىنغۇچى ئېنكار قىلىش جاۋابىنى بېرىدۇ.بىر نەچچە ئېنكار قىلىش جاۋابى بېرىلىدىغان سوئاللار ئارقىلىق ،گېپنوز قىلنغۇچدا شەرتلىك رىفىلىكس يۈز بېرىدۇ.ئاخىردىكى سوئالغىمۇ ئېنكار قىلىش بولىدۇ،يەنى ؛«سىزنىڭ يېتەكلىشىڭىز بولمىسا ،گېپنوز ھالىتىگە ئۆتمەيمەن ».

بۇ خۇددى كىشلەرگە «قىزىل پىل»نى ئويلىماڭ دېسە ،ھەممە ئادەم قىزىل پىلنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىدۇ ،گېپنوزنىڭ ماھىيىتى ئاڭلىق ئېنكاس ئەمەس بەلكى يوشۇرۇن ئاڭ ئېنكاسنىڭ ھاسىل قىلغان مەھسۇلاتى .ئېرىكسوننىڭ بۇ خىل ۋاستىلىك ھالدا بېشارەت بېرىشى بىلەن قارشى تەرەپ گېپنوز ھالىتگە ئۆتىدۇ.

  ئېرىكسون گېپنوز قىلنغۇچىنىڭ ئاڭ توسقۇنلۇقىنى بۇزۇپ تاشلىغان ئادەم .گەرچە گېپنوز قىلىش ناھايىتى تەس بولغان ئادەمنىمۇ ئۇ گېپنوز قىلۋەتكەن،ھەتتا بۇ جەھەتتە ئاخىرقى چەككە يەتكەن .دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە؛مەيلى قانداق ئادەم بولسۇن ،مېلتون.ئېرىكسون تەرىپىدىن گېپنوز بولۇپ كېتىدۇ دىگەن يۈكسەك ئېتراپ قىلىش باھاسىنى بەرگەن .ھەم نۇرغۇن كىشلەر تەرىپىدىن «ھازىرقى زامان گېپنوز»ى دەپ ئېتراپ قىلنغان.

  ھازىر نۇرغۇن گېپنوز قىلغۇچىلارنىڭ تەشۋىقاتىدا مۇنداق گەپلەر كۆپ ئۇچىرايدۇ؛ «چارچاپ قالدىڭىز ياكى كۆز قاپىقىڭىز ئېغىرلاپ كەتتى دەيدىغان گېپنوز يېتەكلىشنىڭ ۋاقتى ئۆتتى .ھازىرقى زامان گېپنوزدا ،قارشى تەرەپ بىلەن ئاددى بولغان سۆھبەت ئارقىلقمۇ قارشى تەرەپنى گېپنوز قىلۋەتكىلى بولىدۇ».بۇ خىل گېپنوزدا يۇقىرىقىدەك يوشۇرۇن سەھنە سۆزلىرى بار .بۇ سۆزلەر ئارقىلىق گەرچە ئادەتتىكى سۆھبەت بولسمۇ ،قارشى تەرەپكە نىسبەتەن  ھېچقانداق تەييارلىقسىز ھالەتتە گېپنوز يېتەكلىشى ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ.

  نۇرغۇن كىشلەر بۇنداق تەشۋىقات ئالدىدا قايمۇقۇپ قالىدۇ،بۇنداق ئاتالمىش ئاددى سۆھبەت ئارقىلىق گېپنوز قىلىشنىڭ ماھىيتى يەنە گېپنوز قىلىش ياكى گېپنوز مەسلھەت بېرىش ۋە ياكى باشقا گېپنوزغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ .قارشى تەرەپ بۇ سۆھبەتنىڭ ئالدىدا قارشى تەرەپنىڭ گېپنوز ئۇستىسى ئېكەنلىكىنى بىلىدۇ .[1]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.
1.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/1459785.htm

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#