بولكا دەرىخى

بولكا دەرىخى

بولكا ھامان ئۇندىن پىشۇرۇلىدۇ، لېكىن جەنۇبىي ئوكياننىڭ بەزى ئاراللىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ يەيدىغان «بولكا» لىرى بولسا دەرەختىن ئۈزۈۋېلىنىدۇ. بۇ خىل دەرەخ «بولكا دەرىخى» دېيىلىدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بولكا دەرىخى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە كۆكىرىپ تۇرىدىغان چوڭ دەرەخ بولۇپ، ئۈجمە ئائىلىسىگە تەۋە. ئېگىزلىكى ئومۇمەن 10 نەچچە مېتىر، ئەڭ ئېگىز بولغاندا 40 ~60 مېتىرغا يېتىدۇ. دەرەخ غولى توم، مەزمۇت، شاخ-يوپۇرماقلىرى باراقسان، يوپۇرمىقى چوڭ ھەم چىرايلىق، بىر يوپۇرمىقى ئۈچ خىل رەڭلىك، يەرلىك ئاھالىلەر ئۇنىڭدىن چىرايلىق، يېنىك ھەم ئەپچىل قالپاقلارنى توقۇپ كىيىدۇ. بولكا دەرىخىنىڭ ئاتىلىق-ئانىلىقلىرى بىر تۈپتە، ئانىلىق گۈللىرى توپلىشىپ شار شەكىللىك بولىدۇ، ئاتىلىق گۈللىرى توپلىشىپ باشاقسىمان بولىدۇ. ئۇنىڭ شاخلىرى، ئاساسىي غولى، ھەتتا يىلتىزلىرىغىچە ھەممىسى مېۋىلەيدۇ. ھەربىر مېۋىسى بىر گۈل رېتىدىن شەكىللەنگەن مۇرەككەپ مېۋە، چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاشمايدۇ. چوڭلىرى پۇتبول توپىدەك، كىچىكلىرى ئاپېلسىنچىلىك. ئەڭ ئېغىرلىرى 20 كىلوگرام كېلىدۇ. بولكا دەرىخىنىڭ مېۋىلەش مەزگىلى ئالاھىدە ئۇزۇن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ نويابىر ئېيىدىن ئىككىنچى يىلىنىڭ ئىيۇل ئېيىغىچە داۋاملىشىدۇ. بىر يىلدا ئۈچ نۆۋەت ھوسۇل ئېلىشقا بولىدۇ. ئۇرۇقسىز مېۋىلىرى ئەلا سورتلىرى ھېسابلىنىدۇ. مېۋە گۆشى تولۇق، تەمى شېرىن. ھەر تۈپ دەرەخ 60 −70 يىلغىچە بولكا مېۋە بېرەلەيدۇ.

بولكا مېۋىنىڭ ئوزۇقلۇقى ناھايىتى مول، تەركىبىدە زور مىقداردا كراخمال بولىدۇ، يەنە مول ۋىتامىن A ۋە ۋىتامىن B ھەمدە ئاز مىقداردا ئاقسىل، مايلار بولىدۇ. كىشىلەر دەرەختىن پىشقان بولكا مېۋىنى ئۈزۈۋېلىپ، ئوتقا قويۇپ سارغايغىچە قىزدۇرسىلا يېگىلى بولىدۇ. بۇنداق ئوتقا قاقلاپ پىشۇرۇلغان بولكا مېۋە يۇمشاق، مەززىلىك، چۈچۈمەلرەك تاتلىق، تەمى پۇراقلىق ھەقىقىي بولكىدىن قېلىشمايدۇ. بولكا مېۋىدىن يەنە مېۋە مۇرابباسى ياساشقا، ھاراق ئېچىتىشقا بولىدۇ.

بولكا مېۋە يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ياغاچ غوللۇق ئاشلىقى بولۇپ، ھەممە ئائىلىلەرنىڭ تۇرالغۇلىرىنىڭ ئالدى-كەينىدە ئۆستۈرۈلىدۇ. بىر تۈپ دەرەخنىڭ مېۋىلىگەن بولكا مېۋىلىرى بىر-ئىككى ئادەمنى باقالايدۇ.

بولكا دەرىخىنىڭ تارقىلىشى ناھايىتى كەڭ، ھىندىستان، سرى لانكا، برازىلىيە، ئافرىقا ۋە مەملىكىتىمىزنىڭ گۇاڭدۇڭ، تەيۋەن قاتارلىق ئۆلكىلىرىدىمۇ ئۆسىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#