جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تۆلەم قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تۆلەم قانۇنى

1994-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7-يىغىنىدا ماقۇللىنىپ ئېلان قىلىنىدى .

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تۆلەم قانۇنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国国家赔偿法

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تۆلەم قانۇنى(1994-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7-يىغىنىدا ماقۇللىنىپ ئېلان قىلىنىدى)

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇن بويىچە دۆلەت تۆلىمىگە ئېرىشىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشنى كاپالەتلەندۈرۈش، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن تۈزۈلدى. 

2-ماددا دۆلەت ئورگانلىرى ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرى خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا يۈرگۈزۈپ، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىپ، ئۇلارنى زىيانغا ئۇچراتسا، زىيانغا ئۇچرىغۇچىلار مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن دۆلەتتىن تۆلەم ئېلىشقا ھوقۇقلۇق.

مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن تۆلەم مەجبۇرىيىتى بار ئورگان تۆلەم مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدۇ. 

2-باب مەمۇرىي تۆلەم 

1-پاراگراف تۆلەم دائىرىسى

3-ماددا مەمۇرىي ئورگانلار ۋە ئۇلارنىڭ خادىملىرى مەمۇرىي خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەندە، جىسمانىي ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغان تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرىنى سادىر قىلسا، زىيانغا ئۇچرىغۇچى تۆلەمگە ئېرىشىشىكە ھوقۇقلۇق:

(1) پۇقرالارنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا توختىتىپ قويغان ياكى قانۇنغا خىلاپ ھالدا پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلەيدىغان مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرىنى قوللانغان بولسا؛ 

(2) پۇقرالارنى قانۇنسىز قاماپ قويغان ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق جىسمانىي ئەركىنلىكىدىن قانۇنسىز مەھرۇم قىلغان بولسا

(3) ئۇرۇش قاتارلىق زورلۇق ھەرىكىتى ياكى باشقىلارنى كۈشكۈرتۈپ ئۇردۇرۇش قاتارلىق زورلۇق ھەرىكىتى ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ زەخمىلىنىشى ياكى ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا؛ 

(4) قورال-ياراغ، ئېھتىيات قوراللىرىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىشلىتىپ، پۇقرالارنىڭ زەخمىلىنىشى ياكى ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا؛

(5) پۇقرالارنىڭ زەخمىلىنىشى ياكى ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار بولسا. 

4-ماددا مەمۇرىي ئورگان ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى مەمۇرىي خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەندە، مال-مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرىنى سادىر قىلسا، زىيانغا ئۇچرىغۇچى تۆلەمگە ئېرىشىشكە ھوقۇقلۇق:

(1) قانۇنغا خىلاپ ھالدا مەمۇرىي جەرىمانە قويۇش، ئىجازەتنامە، گۇۋاھنامىنى ئىناۋەتسىز قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەتنى توختىتىشقا بۇيرۇش، مال-مۈلۈكنى مۇسادىرە قىلىش قاتارلىق مەمۇرىي جازا يۈرگۈزسە؛

(2) قانۇنغا خىلاپ ھالدا مال-مۈلۈكنى پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش، توڭلىتىش قاتارلىق مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللانسا؛

(3) دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ مال-مۈلۈكلەرنى يىغىۋالسا ۋە سېلىق سېلىپ ھەق ئالسا؛

(4) مال-مۈلۈككە زىيان يەتكۈزىدىغان باشقا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى سادىر قىلسا؛

5-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا، دۆلەت تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ: 

(1) مەمۇرىي ئورگان خادىملىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشكە مۇناسىۋەتسىز خۇسۇسىي ھەرىكەتلىرى؛ 

(2) پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ئۆز ھەرىكىتى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان زىيان؛ 

(3) قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

2-پارگراف تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىلار ۋە تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگانلار

6-ماددا زىيانغا ئۇچرىغۇچى پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار تۆلەم تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 

زىيانغا ئۇچرىغۇچى پۇقرا ئۆلەپ كەتكەن بولسا، ئۇنىڭ ۋارىسى ۋە باشقا بېقىش مۇناسىۋىتى بار ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تۆلەپ تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

زىيانغا ئۇچرىغۇچى قانۇنىي ئىگە ۋە باشقا تەشكىلاتلار ئەمەلدىن قالغان بولسا، ئۇنىڭ ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالغان قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار تۆلەم تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 

7-ماددا مەمۇرىي ئورگان ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى مەمۇرىي ھوقۇق يۈرگۈزگەندە، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇني ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىپ، ئۇلارنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، شۇ مەمۇرىي ئورگان تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگان ھېسابلىنىدۇ.

ئىككىدىن ئارتۇق مەمۇرىي ئورگان مەمۇرىي ھوقۇقنى ئورتاق يۈرگۈزگەندە، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىپ، ئۇلارنى زىيانغا ئۇچراتقان، بولسا، مەمۇرىي ھوقۇقنى ئورتاق يۈرگۈزگەن مەمۇرىي ئورگانلار ئورتاق تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگان ھېسابلىنىدۇ.

قانۇن-نىزاملاردا ھوقۇق بېرىلگەن تەشكىلاتلار بېرىلگەن مەمۇرىي ھوقۇقنى يۈرگۈزگەندە، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىپ، ئۇلارنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، ھوقۇق بېرىلگەن تەشكىلات تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگان ھېسابلىنىدۇ.

مەمۇرىي ئورگان ھاۋا قىلغان تەشكىلات ۋە شەخسلەر ھاۋالە قىلغان مەمۇرىي ھوقۇقنى يۈرگۈزگەندە، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىپ، ئۇلارنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، ھاۋالە قىلغان مەمۇرىي ئورگان تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگان ھېسابلىنىدۇ.

تۆلەش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالغۇچى ئورگان ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسا، ئۇنىڭ ھوقۇقىنى داۋاملىق يۈرگۈزۋاتقان مەمۇرىي ئورگان تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگان بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ھوقۇقىنى داۋاملىق يۈرگۈزىدىغان مەمۇرىي ئورگان بولمىغاندا، تۆلەش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالغۇچى ئورگاننى ئەمەلدىن قالدۇرغان مەمۇرىي ئورگان تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگان ھېسابلىنىدۇ.

8-ماددا قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان قايتا قاراپ چىققان بولسا، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش ھەرىكىتىنى باشتا كەلتۈرۈپ چىقارغان مەمۇرىي ئورگان تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگان ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگاننىڭ قايتا قاراپ چىقىش قارارى زىياننى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەن بولسا، قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان زىياننىڭ ئېغىرلىشىپ كەتكەن قىسمىنى تۆلەش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

3-پارگراف تۆلەم تەرتىپى

9-ماددا تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگانلاردىن مۇشۇ قانۇننىڭ 3-، 4-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋالنىڭ بىرى قانۇن بويىچە مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەنلىرى تۆلەم بېرىشى لازىم، تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىلار تۆلەم تەلىپىنى ئالدى بىلەن تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگانغا قويۇشى كېرەك. مەمۇرىي جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلغاندا ۋە مەمۇرىي دەۋا قىلغاندا بىرلىكتە ئوتتۇرىغا قويسىمۇ بولىدۇ.

10-ماددا تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىلار ئورتاق تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگاننىڭ قايسى بىرىدىن تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىۋېرىدۇ، تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار بۇ ئورگان ئالدى بىلەن تۆلەپ تۇرۇشى كېرەك.

11-ماددا تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىلار ئوخشاش بولمىغان زىيانغا ئاساسەن، بىرلا ۋاقىتتا بىر نەچچە خىل تۆلەم تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ.

12-ماددا تۆلەم تەلەپ قىلغاندا، ئىلتىماس سۇنۇش كېرەك. ئىلتىماسقا تۆۋەندىكى مەزمۇنلار ئېنىق يېزىلىشى كېرەك:

(1) زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، جىنسىي، يېشى، خىزمەت ئورنى ۋە ئولتۇرۇشلۇق جايى، قانۇنىي ئىگە ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ تولۇق نامى، تۇرار جايى ۋە قانۇنىي ۋەكىلى ياكى ئاساسىي مەسئۇل خادىمىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ۋەزىپىسى

(2) كونكرېت تەلەپ، پاكىت، دەلىل-ئىسپات ۋە سەۋەبلىرى؛ 

(3) ئىلتىماس قىلغان يىل، ئاي، كۈن.

تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىلار ئىلتىماس يېزىشتا قىيىنچىلىقى بولسا، باشقىلارغا يازدۇرسا بولىدۇ، ئاغزاكى ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ، تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگان بۇنىڭدىن خاتىرە قالدۇرۇشى كېرەك.

13-ماددا تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگانلار ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ئىككى ئاي ئىچىدە مۇشۇ قانۇننىڭ تۆتىنچى بابىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن تۆلەپ بېرىشى كېرەك. ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ تۆلەپ بەرمىسە ياكى تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىلار تۆلەم سوممىسىغا باشقىچە پىكىردە بولسا، ۋاقىت توشقان كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئاي ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

14-ماددا تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگانلار زىياننى تۆلەپ بولغاندىن كېيىن، قەستەنلىكى ياكى زور سەۋەنلىكى بولغان خادىملارنى ياكى ھاۋالىنى قوبۇل قىلغان تەشكىلات ياكى شەخىسلەرنى تۆلەم ھەققىنىڭ بىر قىسمىنى ياكى ھەممىسىنى ئۈستىگە ئېلىشقا بۇيرۇشى كېرەك.

قەستەنلىك ياكى زور سەۋەنلىك مەسئۇلىيىتى بار خادىملارغا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىشى كېرەك؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

3-باب جىنايى ئىشلار تۆلىمى

1-پاراگراف تۆلەم دائىرىسى

15-ماددا تەھقىقلەش، تەپتىش قىلىش، سوت قىلىش، تۈرمە باشقۇرۇش خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان ئورگانلار ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش جەريانىدا جىسمانىي ھوقۇققا دەخلى تەرۇز قىلىدىغان تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلسا، زىيانغا ئۇچرىغۇچى تۆلەمگە ئېرىشىشكە ھوقۇقلۇق:

(1) جىنايەت پاكىتى يوق ياكى جىنايەت ئۆتكۈزدى دەيدىغان زور گۇماننى ئىسپاتلايدىغان پاكىت يوق كىشىلەرنى خاتا توختىتىپ قويغان بولسا؛ 

(2) جىنايەت پاكىتى يوق كىشىلەرنى خاتا قولغا ئالغان بولسا؛

(3) سوت نازارەتچىلىكى تەرتىپىگە ئاساسەن قايتا سوت قىلىپ گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم قىلىنغان بولسىمۇ، ئەسلىدىكى ھۆكۈم بويىچە جىنايى جازا ئىجرا قىلغان بولسا؛ 

(4) قىيناپ سوراق قىلىپ، قىستاپ ئىقرار قىلدۇرۇش ياكى ئۇرۇش قاتارلىق زورلۇق قىلمىشلىرى ياكى باشقىلارنى كۈشكۈرتۈپ ئۇرغۇزۇش قاتارلىق زورلۇق قىلمىشلىرى پۇقرالارنىڭ زەخمىلىنىشى ياكى ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا.

16-ماددا تەھقىقلەش، تەپتىش قىلىش، سوت قىلىش، تۈرمە باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان ئورگانلار ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەندە، مال-مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلسا، زىيانغا ئۇچرىغۇچى تۆلەم تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق: 

(1) قانۇنغا خىلاپ ھالدا مال-مۈلۈكنى پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش، توڭلىتىش، يىغىۋېلىش قاتارلىق تەدبىر قوللانغان بولسا؛

(2) سوت نازارەتچىلىكى تەرتىپى بويىچە قايتا سوت قىلىنىپ، گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم قىلىنغان بولسىمۇ، ئەسلىي ھۆكۈمنامىدىكى جەرىمانە قويۇش، مال-مۈلۈكى مۇسادىرە قىلىش جازاسىنى ئىجرا قىلغان بولسا.

17-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلسە، دۆلەت تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ:

(1) پۇقرالار ئۆزى قەستەن يالغان ئىقرار قىلغان ياكى جىنايەتكە ياتىدىغان يالغان دەلىل-ئىسپات ياساپ چىققانلىقتىن قامالغان ياكى جىنايى جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان بولسا؛

(2) جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 14-، 15-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلمايدىغان كىشىلەر قامالغان بولسا؛ 

(3) جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ 11-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلمەيدىغان كىشىلەر قامالغان بولسا؛

(4) دۆلەتنىڭ تەھقىقلەش، تەپتىش قىلىش، سوت قىلىش، تۈرمە باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان ئورگانلاردىكى خادىملارنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشكە مۇناسىۋەتسىز بولغان خۇسۇسىي ھەرىكەتلىرى؛

(5) پۇقرالارنىڭ ئۆزىنى زەخمىلەندۈرۈش، مېيىپ قىلىۋېلىش قاتارلىق قەستەن قىلمىشى بىلەن كېلىپ چىققان زىيانلار؛ 

(6) قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

2-پارگراف تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىلار ۋە تۆلەم مەجبۇرىيىتى بار ئورگانلار

18-ماددا تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىلار مۇشۇ قانۇننىڭ 6-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇئەييەنلەشتۈرۈلىدۇ.

19-ماددا دۆلەتنىڭ تەھقىقلەش، تەپتىش قىلىش، سوت قىلىش، تۈرمە باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان ئورگانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ خادىملىرى خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەندە، پۇقرالار قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىپ، ئۇلارنى زىيانغا ئۇچراتسا، شۇ ئورگان تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگان بولىدۇ.

جىنايەت پاكىتلىرى يوق ياكى جىنايەت ئۆتكۈزدى دەيدىغان زور گۇماننى ئىسپاتلايدىغان پاكىت يوقلار خاتا توختىتىپ قويۇلغان بولسا، توختىتىپ قويۇش قارارىنى چىقارغان ئورگان تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگان بولىدۇ.

جىيايەت پاكىتلىرى يوق كىشىلەر خاتا قولغا ئېلىنغان بولسا، قولغا ئېلىشنى قارار قىلغان ئورۇن تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگان بولىدۇ. 

قايتا سوت قىلىپ گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم قىلىنسا، ئەسلىدىكى قانۇن كۈچىگە ئىگە ھۆكۈمنى چىقارغان خەلق سوت مەھكىمىسى تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگان بولىدۇ. بىرىنچى سوت گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم قىلسا، بىرىنچى سوتتا ھۆكۈم قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە قولغا ئېلىش قارارىنى چىقارغان ئورگان ئورتاق تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگان بولىدۇ.

3-پارگراف تۆلەم تەرتىپى 

20-ماددا تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگانلاردىن مۇشۇ قانۇننىڭ 15-، 16-ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋالنىڭ بىرى قانۇن بويىچە مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەنلىرى تۆلەم بېرىشى كېرەك. 

تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىلار مۇشۇ قانۇننىڭ 15-، 16-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋالنىڭ بىرى بارلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا، تەلەپنى قوبۇل قىلغۇچى ئورگان ئۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ بەرمىسە، تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىنىڭ ئەرز قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ. 

تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىلار تۆلەم تەلىپىنى ئالدى بىلەن تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگانغا قويۇشى كېرەك.

تۆلەم تەرتىپىگە مۇشۇ قانۇننىڭ 10-، 11-، 12-ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

21-ماددا تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگانلار ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كۈندىن باشلاپ ئىككى ئاي ئىچىدە بۇ قانۇننىڭ تۆتىنچى بابىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن تۆلەم بېرىشى كېرەك. ۋاقىتنى ئۇزارتىۋېتىپ تۆلەم بەرمىسە ياكى تۆلەم سوممىسىغا باشقىچە پىكىردە بولسا، تۆلەم تەلەپ قىلغۇچى ۋاقىت توشقان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ئۇنىڭدىن بىر دەرىجە يۇقىرى ئورگانغا قايتا قاراپ چىقىش ھەققىدە ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ.

تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگان خەلق سوت مەھكىمىسى بولسا، تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىلار يۇقىرىقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئۇنىڭدىن بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تۆلەم ھەيئىتىگە تۆلەم قارارى چىقىرىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

22-ماددا قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان ۋاقىتتىن باشلاپ ئىككى ئاي ئىچىدە قارار چىقىرىشى كېرەك. 

تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىلار قايتا قاراپ چىقىش قارارىغا قايىل بولمىسا، قايتا قاراپ چىقىش قارارىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان تۇرۇشلۇق جايدىكى تەڭ دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تۆلەم ھەيئىتىگە تۆلەم قارارى چىقىرىپ بېرىشنى ئورگان ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ قارار چىقارمىسا، تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىلار ۋاقىت توشقان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان تۇرۇشلۇق جايدىكى تەڭ دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تۆلەم ھەيئىتىگە تۆلەم قارارى چىقىرىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. 

23-ماددا ئوتتۇرا دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىلىرىدە تۆلەم ھەيئىتى تەسىس قىلىنىدۇ ھەمدە ئۇ خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئۈچتىن يەتتىگىچە سوتچىسىدىن تەركىب تاپىدۇ.

تۆلەم ھەيئىتى تۆلەم قارارى چىقىرىشتا ئاز سانلىق كۆپ سانلىققا بويسۇنۇش پرىنسىپىنى يولغا قويىدۇ.

24-ماددا تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگانلار زىياننى تۆلەپ بولغاندىن كېيىن، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرنى سادىر قىلغان خادىملارغا تۆلەم ھەققىنىڭ بىر قىسمىنى ياكى ھەممىسىنى تۆلىتىشى كېرەك:

(1) بۇ قانۇننىڭ 15-ماددىسىنىڭ(4) ، (5) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋال بولسا؛

(2) دېلونى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا، خىيانەت قىلىش، پارا ئېلىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىش، قانۇنغا خىلاپ ھۆكۈم قىلىش ھەرىكەتلىرى كۆرۈلسە؛

ئالدىنقى تارماقنىڭ(1) ، (2) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋالنى سادىر قىلغان مەسئۇلىيىتى بار خادىملارغا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىشى كېرەك؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈش لازىم. 

4-باب تۆلەش شەكلى ۋە ھېسابلاش ئۆلچىمى 

25-ماددا دۆلەت تۆلەمدە تۆلەم پۇلى تۆلەپ بېرىشنى ئاساسىي شەكىل قىلىدۇ.

مال-مۈلۈكنى قايتۇرۇپ بېرىش ياكى ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈپ بېرىش ئىمكانىيىتى بولسا، مال-مۈلۈكنى قايتۇرۇپ بەرسە ياكى ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈپ بەرسە بولىدۇ. 

26-ماددا پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلىنغان بولسا، ھەر كۈنلۈك تۆلەم پۇلى دۆلەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئالدىنقى يىللىق كۈنلۈك ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى ئۆلچىمى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.

27-ماددا پۇقرالارنىڭ سالامەتلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىنغان بولسا، تۆلەم پۇلى تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە ھېسابلىنىدۇ:

(1) جىسمانىي زەخمىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، داۋالاش پۇلى بېرىش، ئىشتىن قېلىپ كېمىيىپ كەتكەن كىرىمىنى تۆلەش كېرەك. كېمىيىپ كەتكەن كىرىمى ئۈچۈن بېرىلىدىغان كۈنلۈك تۆلەم پۇلى دۆلەت ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئالدىنقى يىللىق كۈنلۈك ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى ئۆلچىمى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. ئەڭ يۇقىرى بولغاندا، دۆلەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئالدىنىقى يىلدىكى يىللىق ئوتتۇرىچە ئىش ھەققىنىڭ بەش ھەسسىسى بويىچە بېرىلىدۇ؛

(2) ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي قالغان بولسا، داۋالاش راسخوتى، مېيىپلىك تۆلەم پۇلى بېرىش كېرەك. مېيىپلىك تۆلەم پۇلى ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قېلىش دەرىجىسىگە قاراپ بېكىتىلىدۇ، ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قىسمەن قالغانلارغا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا دۆلەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئالدىنقى يىللىق ئوتتۇرىچە ئىش ھەققىنىڭ ئون ھەسسىسى بويىچە بېرىلىدۇ، ئەمگەك كۈچىدىن پۈتۈنلەي قالغانلارغا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا دۆلەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئالدىنقى يىللىق ئوتتۇرىچە ئىش ھەققىنىڭ 20 ھەسسىسى بويىچە بېرىلىدۇ. ئەمگەك ئىقتىدارىدىن پۈتۈنلەي قالغانلار بېقىۋاتقان ئەمگەك ئىقتىدارى يوق كىشىلەرگىمۇ تۇرمۇش راسخوتى بېرىش كېرەك.

(3) ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، ئۆلۈم تۆلەم پۇلى، دەپنە پۇلى بېرلىدۇ، ئومۇمىي سوممىسى دۆلەت ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئالدىنقى يىللىق ئوتتۇرىچە ئىش ھەققىنىڭ 02 ھەسسىسى بويىچە بېرىلىدۇ. ئۆلگۈچى ھايات ۋاقتىدا بېقىۋاتقان ئەمگەك ئىقتىدارى يوق كىشىلەرگىمۇ تۇرمۇش راسخوتى بېرىش كېرەك. 

ئالدىنقى تارماقنىڭ(2) ، (3) تارماقچىلىرىدا بەلگىلەنگەن تۇرمۇش راسخوت ئۆلچىمى يەرلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ تۇرمۇش قۇتقۇزۇشقا ئائىت بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ. بېقىۋاتقانلار ئىچىدە قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بولسا، تۇرمۇش راسخوتى 18 ياشقىچە بېرىلىدۇ؛ ئۇنىڭدىن باشقا ئەمگەك ئىقتىدارى يوقلارغا تۇرمۇش راسخوتى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە بېرىلىدۇ. 

28-ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىپ، ئۇلارنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ:

(1) مەمۇرىي جەرىمانە قويغان، جەرىمانە قويغان، مال-مۈلكىنى ئېلىۋالغان، مۇسادىرە قىلغان ياكى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ پۇل-مالنى يىغىۋالغان، سېلىق سېلىپ ھەق ئالغان بولسا، مال-مۈلۈكلەرنى قايتۇرۇپ بېرىش كېرەك؛

(2) مال-مۈلۈكنى پېچەتلەنگەن، تۇتۇپ قالغان، توڭلاتقان بولسا، مال-مۈلۈكنى پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش، توڭلىتىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، مال-مۈلۈك بۇزۇلغان ياكى يوقاپ كەتكەن بولسا، بۇ ماددىنىڭ(3) ، (4) تارماقچىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تۆلەپ بېرىش كېرەك؛ 

(3) قايتۇرۇپ بېرىشكە تېگىشلىك مال-مۈلۈك بۇزۇلغاندا ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈپ بېرىش ئىمكانىيىتى بولسا، ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىش، ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈپ بېرىش ئىمكانىيىتى بولمىسا، زىياننىڭ دەرىجىسىگە قاراپ مۇناسىپ تۆلەم پۇلى بېرىش كېرەك؛ 

(4) قايتۇرۇپ بېرىشكە تېگىشلىك مال-مۈلۈك يوقاپ كەتكەن بولسا، مۇناسىپ تۆلەم پۇلى بېرىش كېرەك؛

(5) مال-مۈلۈك «كىم ئارتۇق سودىسى» قىلىپ سېتىۋېتىلگەن بولسا، سېتىۋەتكەن باھا بويىچە پۇل بېرىش كېرەك؛

(6) ئىجازەتنامە، گۇۋاھنامىنى ئىناۋەتسىز قىلغان، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەتنى توختىتىشقا بۇيرۇغان بولسا، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەتنى توختىتىش جەريانىدا بولغان زۆرۈر دائىملىق چىقىمنى تۆلەپ بېرىش كېرەك؛

(7) مال-مۈلۈك ھوقۇقىغا باشقا زىيان يەتكەن بولسا، بىۋاستە زىيان قاتارىدا تۆلەپ بېرىش كېرەك. 

29-ماددا تۆلەم راسخوتى ھەر دەرىجىلىك مالىيىنىڭ خام چوتىغا كىرگۈزۈلىدۇ. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

5-باب باشقا بەلگىلىملەر 

30-ماددا تۆلەم تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگانلار بۇ قانۇننىڭ 3-ماددىسىنىڭ(1) ، (2) تارماقچىسى، 15-ماددىسىنىڭ(1) ، (2) ، (3) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋالنىڭ بىرىنى سادىر قىلغان ھەمدە زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ نام شۆھرەت ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزگەن، دەپ قانۇن بويىچە مۇئەييەنلەشتۈرۈلسە، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشى كەلتۈرگەن تەسىر دائىرە ئىچىدە زىيانغا ئۇچرىغۇچى ئۈچۈن تەسىرنى تۈگىتىش، نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ناماقۇل بولۇش كېرەك.

31-ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرى ھەق تەلەپ دەۋاسى ۋە مەمۇرىي دەۋا جەريانىدا دەۋا ئىشلىرىغا دەخلى قىلغۇچىلارغا مەجبۇرلاش تەدبىرى ۋە ئامان ساقلاش تەدبىرىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا قوللانغان ياكى ھۆكۈم، كېسىم ۋە باشقا كۈچكە ئىگە قانۇن ھۆججەتلىرىنى خاتا ئىجرا قىلىپ زىيان يەتكۈزگەن بولسا، تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىلارنىڭ تۆلەم تەلەپ قىلىش تەرتىپىگە بۇ قانۇننىڭ جىنايى ئىشلار تۆلەم تەرتىپىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

32-ماددا تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىلارنىڭ دۆلەتتىن تۆلەم تەلەپ قىلىش ۋاقىت چېكى ئىككى يىل بولىدۇ، ئۇ دۆلەت ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەن ۋاقىتتىكى ھەرىكىتى قانۇن بويىچە قانۇنغا خىلاپ دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن كۈندىن ئېتىبارەن ھېسابلىنىدۇ، لېكىن قاماپ تۇرۇلغان ۋاقتى ھېسابلانمايدۇ.

تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىلار تۆلەپ تەلەپ قىلىش ۋاقىت چېكىنىڭ ئاخىرقى ئالتە ئېيى ئىچىدە يەڭگىلى بولمايدىغان سەۋەب ياكى باشقا توسالغۇلار بىلەن تەلەپ قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزەلمىگەن بولسا، ۋاقىت چېكى توختىتىلىدۇ. ۋاقىت چېكىنى توختىتىش سەۋەبى تۈگىگەن كۈندىن ئېتىبارەن تۆلەم تەلەپ قىلىش ۋاقىت چېكى ئۇلاپ ھېسابلىنىدۇ.

33-ماددا چەت ئەللىكلەر، چەت ئەل كارخانىلىرى ۋە تەشكىلاتلىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىدىن تۆلەم تەلەپ قىلسا، مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ. 

چەت ئەللىكلەر، چەت ئەل كارخانىلىرى ۋە تەشكىلاتلىرى تەۋە دۆلەتلەر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى، قانۇنىي ئىگىلىرى ۋە باشقا تەشكىلاتلىرىنىڭ شۇ دۆلەتكە قويغان تۆلەم ھوقۇقىنى قوغدىمىسا ياكى چەكلىسە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىمۇ شۇ چەت ئەللىكلەر، چەت ئەل كارخانىلىرى ۋە تەشكىلاتلىرىغا ئوخشاش پرىنسىپىنى قوللىنىدۇ. 

6-باب قوشۇمچە پرىنسىپ

34-ماددا تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىلار دۆلەتتىن تۆلەم تەلەپ قىلسا، تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگانلار، قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگانلار ۋە خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىلاردىن ھەر قانداق نامدا ھەق ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىلارنىڭ ئېرىشكەن تۆلەم پۇلىدىن باج ئېلىنمايدۇ. 

35-ماددا بۇ قانۇن 1995-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#