ھەسەل

ھەسەل بولسا ھەسەل ھەرىسى ئىشلەپ چىقارغان ھەسەل قەنتىدىن ئىبارەت بۇلۇپ،ھەزىمگە ياردەم بېرىش، قىزىتما قايتۇرۇش، قان بېسىمىنى تۇۋەنلىتىش، تېرىگە جۇلا بېرىش، بەلغەم بوشىتىش قاتارلىق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى ھەسەل
ئەرەبچە نامى ئەسەل
ئىنگلىزچە Honey
تونۇش ھەسەل ھەرىسى ئىشلەپ چىقارغان ھەسەل قەنتىدىن ئىبارەت.
ۋاقتى ئەتىياز پەسلىدىن كۈز پەسلىگىچە
خەنزۇچە ئاتىلىشى 蜂蜜
پارسچە نامى شەھدە، ئەنگىبىن
ئوردۇچە نامى شەھد
تەمى تاتلىق
ئەل ئىچى نامى بال

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھەسەلھەسەل بولسا ھەسەل ھەرىسى ئائىلىسىدىكى ھاشارەت ھەسەل ھەرىسى ئىشلەپ چىقارغان ھەسەل قەنتىدىن ئىبارەت  بۇلۇپ، تاتلىق، ئەتىياز پەسلىدىن كۈز پەسلىگىچە بولغان ۋاقىتلاردا يىغىلىدۇ. ھەرە كۆنىكىدىن يىغىۋېلىنىپ ساقلىنىدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ كۇپلىگەن رايۇنلىرىدا بېقىلىدۇ.شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىدىن يىغىۋالغىلى بولىدۇ. ھەسەل ھەرىسى، زەھەرلىك ھەرە، ئىشچى ھەرە، ئەركەك ھەرە دەپ ئۇچ خىل بولىدۇ. ھەسەل ھەرىسى توپلىشىپ ياشايدىغان ھاشاراتلەردىن ھېسابلىنىدۇ. ھەر بىر ھەرە توپى بىر ئانا ھەرە، نەچچە يۈز ئاتا ھەرە ۋە ئون نەچچە مىڭ ئىشچى ھەرىلەردىن تەركىب تاپقان، ئانا ھەرە مۇشۇ توپ ئىچىدىكى يادرو بولۇپ، بۇ مەخسۇس تۇخۇم ئىشلەيدۇ، ئىشچى ھەرىلەر كۆپىيىش سېستىمىسى يېتىلمىگەن چىشى جىنىسلىق ھەرىلەردىن ئىبارەت بولۇپ، مەخسۇس ھەسەل يىغىش، ھەسەل چىقىرىش، بالا ھەرىنى بېقىش، ئۇگا ياساش، ۋە مۇداپىئە قىلىش، قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ. 

خۇسۇسىيتى

توسالغۇنى ئېچىش ،مىڭە ھۆللىكىنى تارتىش، پەي نېرۋىلارنى قۇۋۋەتلەش، ئىششىق ياندۇرۇش، تىنىچلاندۇرۇش چىرىشكە قارشى تۇرۇش، يۆتەل توختىتش ئىچىنى يۇمشىتىش، ھەزىمگە ياردەم بېرىش، قىزىتما قايتۇرۇش، قان بېسىمىنى تۇۋەنلىتىش، تېرىگە جۇلا بېرىش، بەلغەم بوشىتىش قاتارلىق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

تەبىئىيىتى 

يېڭىسى بىرىنچى دەرىجىدە ئىسسىق ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق. ئازراق تۇرۇپ قالغىنى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

خاس تەسىرى

بۆرەك ۋە باھنى قۇۋۋەتلىگۈچى دورا.

ئەكىس تەسىرى

ئىسسىق مىزاجلاردا باش ئاغرىقى، ئۇسسۇزلۇق پەيدا قىلىدۇ، كونىراپ رەڭگى قارىيىپ ، سولىشىپ، قۇرۇپ ئېچىپ قالغىنى خىلىتلارنى كۆيدۈرۈپ ، مىڭىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ھەر خىل كىسەللىكلەرگە دۇچار قىلىپ يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرىشى مۇمكىن ، شۇڭا ياخشىسىنى ئىشلىتىش كېرەك.

فارماكولوگىيلىك تەسىرى

ھەسەل1. باكتېرىيىگە قارشى تۇرۇش تەسىرى بار.

2. زەھەر قايتۇرۇش تەسىرى بار.

3. ئۇيقۇ ياخشىلاش، ئەقلىي ئىقتىدارىنى كۆتۈرۈش، ھەرىكەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش تەسىرى بار.

 4. يۈرەك مۇسكۇلنى ئوزۇقلاندۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ياخشىلاش تەسىرى بار.

ھەسەل ھەرە خىللىرى،كېلىش مەنبەسى، مۇھىتنىڭ ئوخشاش بولمىغانلىقى سەۋەبلىك، بۇنىڭ خىمىيىۋى قۇرۇلمىسىدىكى پەرق چوڭ بولىدۇ، ئەڭ مۇھىمى خېمىيىۋى تەركىبى مېۋە قەنتى، ئۇزۇم قەنتى، بولۇپ، بۇ ئىككىسىنىڭ تۇتقان مىقدارى70پىرسەنتنى ئىگىلەيدۇ، يەنە ئاز مىقداردا قۇمۇش شېكىرى، ئارپا شىرىسى، دېكىستىرىن،دەرەخ يىلىمى، ئازۇتلۇق بېرىكمىلەر، ئورگانىك كىسلاتا، ئۇچۇچان ماي، پىگمىنت، موم، گۈل چېڭى دانچىسى، ئېچىتقۇ، فىرمىنت خىللىرى، ئانائورگانىك كىسلاتا قاتارلىقلارنى تۇتىدۇ، ھەسەل ئادەتتە ئاز مىقداردا ۋىتامىن A,C,B2,Dخۇلىن، نىكوتىن كىسلاتاسى، پانتوتېنىن كىسلاتا،ۋىتامىنH ، فولىك كىسلاتا قاتارلىقلارنى تۇتىدۇ،يەنە كۇل ماددىسى تەركىبىدە   ماگىنى، كالى، كالتىسى، ناتىرى، سولفۇر فوسئاات قاتارلىق مەدەنلەرمۇ بار، ئورگانىك كىسلاتا تەركىبىدە ئادەتتە لىمۇن كىسلاتاسى، ئالما كىسلاتاسى، كەھرىبا كىسلاتاسى قاتارلىقلار بار، ئەمما مىقدارى ئاز.

ھەسەلدورىلارنىڭ ئۇنىمىنى كۇچەيتىش ۋە دورىلارنى بۇزۇلۇشدىن ساقلاش ئۈچۈن مەجۇنات ۋە ھەب دورىلارغا يېپىشتۇرغۇچى قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ.

ھەسەلنى گۈل يېغى بىلەن قوشۇپ ئىچكۇزۇلسە سوغۇقدىن بولغان يۆتەلگە پايدا قىلىدۇ،ئەرقى بارتەڭ بىلەن ئىچكۈزۈلسە ئۈچەي كىسەللىرىگە پايدا قىلىدۇ،بەدەننى باھنى قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن سۈتكە قوشۇپ ئىچكۈزىلىدۇ.يۈتەل دىمى سىقىلىشلاردا تەنھا ئۆزىنى ياكى مۇناسىپ دورىلارنى قوشۇپ يالانچۇق قىلىنىدۇ.لەقۋا،پالەچكە مائىل ھەسەل تەييارلاپ ئىچكۈزىلىدۇ، ئەنزۇرۇت بىلەن چېپىلسا، جاراھەتلەردىكى يىرىڭ سۇلىرىنى تارتىدۇ، يارا ئورنىدىكى ئىششىق گۆشلەرنى يوقىتىدۇ، نۇشىدىر بىلەن چېپىلسا بەرەس بەھەقنى ساقايتىدۇ، ئەنزۇرۇت ياكى تاش تۇز بىلەن قۇلاققا تېمىتىلسا قۇلاقنىڭ تۈرلۈك كىسەللىرىنى داۋالايدۇ، قۇلاقنىڭ يىرىڭلىرىنى توختىتىدۇ.

ھەسەل قانىتى

ھەسەل قەنتى.

مىقدارى

40 گىرامغىچە

تۈزەتكۈچىسى

ئانار سۇيى، لىمون سۇيى، ئۇترۇج سۇيى، سىركە ، يۇمغاقسۇت.

ئورۇنباسارى

ئۈزۈم قىيامى، قاينىتىلمىغان خوما،

مائۇل ھەسەل، ھەسەل شەربىت.

يۈرەك، ئۆپكە، ئاشقازان، جىگەر كىسەللىكلىرى، پالەچ، لەقۋا ، ئومۇمىي بەدەن ئاجىزلىقى، يۆتەل، باھ ئاجىزلىقى، قۇلۇنجى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

كېلىش مەنبەسى (ئەسەر)

ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=257

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#