نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى

نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى

2001–يىلى 12–ئاينىڭ 29–كۈنى 9–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 25–يىغىنىدا ماقۇللاندى .

ئۇيغۇرچە نامى نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国人口与计划生育法

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى(2001–يىلى 12–ئاينىڭ 29–كۈنى 9–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 25–يىغىنىدا ماقۇللاندى) 

1–باب ئومۇنىي پرىسىپ 

1–ماددا بۇ قانۇن نوپۇس بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت، بايلىق، مۇھىتنى ماسلاشتۇرۇپ تەرەققى قىلدۇرۇش، پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇش، پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق–مەنپەئىتىنى قوغداش، ئائىلىنىڭ بەختى، مىللەتنىڭ ھوقۇق–مەنپەئىتىنى قوغداش، ئائىلىنىڭ بەختى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە «ئاساسىي قانۇن» غا ئاساسەن تۈزۈلدى. 

2–ماددا دۆلىتىمىز نوپۇسى كۆپ دۆلەت، پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇش دۆلەتنىڭ تۈپ سىياسىتى. 

دۆلەت ھەر تەرەپلىمە تەدبىرنى قوللىنىپ، نوپۇس سانىنى تىزگىنلەيدۇ، نوپۇس ساپاسىنى ئۆستۈرىدۇ. 

دۆلەت تەشۋىقات–تەربىيە، پەن–تېخنىكا تەرەققىياتى، ھەر تەرەپلىمە مۇلازىمەت، مۇكاپاتلاش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تاينىپ، نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ. 

3–ماددا نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئاياللارنىڭ تەربىيلىنىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى كۆپەيتىش، ئاياللارنىڭ ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇش، ئاياللارنىڭ ئورنىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك. 

4–ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى يولغا قويۇش داۋامىدا مەمۇرىي ئىشلارنى قەتئىي تۈردە قانۇن بويىچە يۈرگۈزىشى، قانۇننى مەدەنىي ئىجرا قىلىشى، پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق–مەنپەئتىگە دەخلى–تەرۇز يەتكۈزمەسلىكى كېرەك. 

پىلانلىق تۇغۇت مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. 

5–ماددا گوۋۇيۈەن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. 

يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. sfdf 

6–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ پىلانلىق تۇغۇت مەمۇرىي تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى ۋە پىلانلىق تۇغۇتقا ئالاقىدار نوپۇس خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت مەمۇرىي تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى ۋە پىلانلىق تۇغۇتقا ئالاقىدار نوپۇس خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى ئۆز مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇتقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.

7–ماددا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى، ۋە پىلانلىق تۇغۇت جەمئىيىتى قاتارلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار ۋە پۇقرالار خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ھەمكارلىشىشى كېرەك.

8–ماددا دۆلەت نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلايدۇ. 

2–باب نوپۇس تەرەققىياتى يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش 

9–ماددا گوۋۇيۈەن نوپۇس تەرەققىياتى يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقىدۇ ھەمدە ئۇنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزىدۇ. 

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ نوپۇس تەرەققىياتى يىرىك پىلانى ۋە بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نوپۇس تەرەققىياتى يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ نوپۇس تەرەققىياتى يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقىدۇ ھەمدە ئۇنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي پىلانىغا كىرگۈزىدۇ. 

10–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى نوپۇس تەرەققىياتى يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇش لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ ھەمدە ئۇنى يولغا قويىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت مەمۇرىي تارمىقى نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇش لايىھىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.

11–ماددا نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇش لايىھىسىدە نوپۇس سانىنى تىزگىنلەش، ئانا–بوۋاقلار ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇش، نوپۇس ساپاسىنى ئۆستۈرۈش تەدبىرلىرى بەلگىلىنىشى كېرەك. 

12–ماددا كەنت ئاھالە كومىتېتى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

ئورگان، ھەربىي قىسىم، ئىجتىمائىي تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار ئۆز ئورنىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. 

13–ماددا پىلانلىق تۇغۇت، مائارىپ، پەن–تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە، خەلق ئىشلىرى، ئاخبارات–نەشرىيات، رادىئو–تېلېۋىزىيە تارماقلىرى نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت تەشۋىقات–تەربىيىسىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

ئاممىۋى تەشۋىقات ۋاستىلىرىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇتقا ئائىت ئىجتىمائىي پاراۋانلىق خاراكتېرلىك تەشۋىقاتنى قانات يايدۇرۇش مەجبۇرىيىتى بار. 

مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا تەربىيلەنگۈچىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كىلىدىغان مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن گىگېنا تەربىيىسى، بالاغەت مەزگىلى تەربىيىسى ياكى جىنسىي ساغلاملىق تەربىيىسىنى پىلانلىق ھالدا قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

14–ماددا ئاقما نوپۇسنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى نوپۇس بار جايدىكى ۋە ھازىر تۇرۇۋاتقان جايدىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئورتاق باشقۇرىدۇ، ھازىر تۇرۇۋاتقان جايى ئاساس قىلىنىدۇ. 

15–ماددا دۆلەت خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىغا ئاساسەن، نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىراجىتىنى ئومۇمىي سېلىنمىسىنى پەيدىنپەي كۆپەيتىدۇ، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنىڭ زۆرۈر خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى نامرات رايونلار، ئاز سانلىق مىللەت راتونلىرىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى نۇقتىلىق يۆلىشى كېرەك. 

دۆلەت ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنى نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە ئىئانە بېرىشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ.

ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى خىراجىتىنى قىسىپ قېلىشى، تۇتۇپ قېلىشى ۋە باشقا ئىشقا ئىشلىتىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

16–ماددا دۆلەت نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت ساھەسىدىكى ئىلمىي تەتقىقات، تاشقى ئالاقە ۋە ھەمكارلىققا ئىلھام بېرىدۇ. 

3–باب تۇغۇتنى تەڭشەش 

17–ماددا پۇقرالارنىڭ تۇغۇش ھوقۇقى بار، قانۇن بويىچە پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇش مەجبۇرىيىتىمۇ بار، ئەر–خوتۇننىڭ پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇشتا ئورتاق مەسئۇلىيىتى بار. 

18–ماددا دۆلەت ھازىرقى تۇغۇت سىياسىتىنى مۇقىملاشتۇرىدۇ، پۇقرالارنى كېچىكىپ توي قىلىشقا، كېچىكىپ پەرزەنت كۆرۈشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ، ئەر–خوتۇننىڭ بىر پەرزەنتلىك بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ؛ قانۇن، نىزاملاردا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلار 2–پەرزەنت كۆرۈشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، كونكرېت چارىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ياكى ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى بەلگىلەيدۇ. 

ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدىمۇ پىلانلىق تۇغۇت يولغا قويۇلىدۇ، كونكرېت چارىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ياكى ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى بەلگىلەيدۇ. 

19–ماددا پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇشتا ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئاساس قىلىنىدۇ. 

دۆلەت شارائىت يارىتىپ، پۇقرالارنىڭ ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش، تۇغۇت چەكلەش تەدبىرلىرىدىن بىخەتەر، ئۈنۈملۈك، مۇۋاپىق كېلىدىغانلىرىنى تاللىۋېلىشنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش، تۇغۇت چەكلەش ئوپىراتسىيىسى قىلىشتا، ئوپېراتسىيە قىلىنغۇچىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ كېرەك. 

20–ماددا تۇغۇت يېشىدىكى ئەر–خوتۇنلار پىلانلىق تۇغۇشتا ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش، تۇغۇت چەكلەش تەدبىرلىرىنى ئاڭلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىملىقى يېتەكچىلىكىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. 

خالىمىغان ھامىلىدارلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ئازايتىش كېرەك. 

21–ماددا پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويغان تۇغۇت يېشىدىكى ئەر–خوتۇنلار دۆلەت بەلگىلىگەن ئاساسىي تۈرلەردىكى پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىملىقىدىن ھەقسىز بەھرىمەن بولىدۇ. 

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن زۆرۈر خىراجەت دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە مالىيە خام چوتىغا كىرگۈزۈلىدۇ ياكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بىلەن كاپالەتلەندۈرىدۇ. 

22–ماددا قىز تۇغقان ئاياللار ۋە تۇغماس ئاياللارنى كەمسىتىش، خورلاش مەنئى قىلىنىدۇ. 

4–باب مۇكاپات ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت

23–ماددا دۆلەت پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويغان ئەر–خوتۇنلارنى بەلگىلىمە بويىچە مۇكاپاتلايدۇ. 

24–ماددا دۆلەت ئاساسىي پېنسىيە سۇغۇرتىسى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، تۇغۇت سۇغۇرتىسى ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق قاتارلىق ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈملىرىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پىلانلىق تۇغۇتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. 

دۆلەت سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ پىلانلىق تۇغۇتقا پايدىلىق سۇغۇرتا تۈرلىرىنى يولغا قويۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ. 

شارائىتى بار جايلار ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش، دېھقانلار ئىختىيار قىلىش پرىنسىپى يېزىلاردا كۆپ خىل شەكىلدىكى ياشانغانلار كاپالىتى چارىلىرىنى يولغا قويسا بولىدۇ.

25–ماددا پۇقرالار كېچىكىپ توي قىلسا، كېچىكىپ پەرزەنتلىك بولسا، مۇكاپات سۈپىتىدە توي دەم ئېلىشى، ئۇزارتىپ بېرىلسە ياكى باشقا پاراۋانلىق تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ. 

26–ماددا ئاياللار ھامىلىدارلىق، تۇغۇت ۋە ئېمىتىش مەزگىللىرىدە، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئالاھىدە ئەمگەك مۇھاپىزىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ ھەمدە ياردەم ۋە تولۇقلىمىغا ئېرىشسە بولىدۇ. 

پىلانلىق تۇغۇت ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرغان پۇقرالار دۆلەت بەلگىلىگەن ئاتپوسكىدىن بەھرىمەن بولىدۇ؛ يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۇلارنى مۇكاپاتلىسا بولىدۇ.

27–ماددا دۆلەت ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئۆمۈر بويى بىرلا پەرزەنتلىك بولغان ئەر–خوتۇنغا «يالغۇز پەرزەنتلىك ئاتا–ئانا شەرەپ گۇۋاھنامىسى» بېرىدۇ.

«يالغۇز پەرزەنىتلىك ئاتا–ئانا شەرەپ گۇۋاھنامىسى» ئالغان ئەر–خوتۇن دۆلەت ۋە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، يالغۇز پەرزەنتلىك ئاتا–ئانا مۇكاپاتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. 

قانۇن، نىزاملار ياكى قائىدىلەردە ئۆمۈر بويى بىرلا پەرزەنتلىك بولغان ئەر–خوتۇن مۇكاپاتلىنىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن تەدبىرلەردىن خىزمەت ئورنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغانلىرىنى شۇ ئورۇن ئىجرا قىلىشى لازىم. 

يالغۇز پەرزەنت تاسادىپىي زەخىملەنگەن، مېيىپ بولغان، ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، ئاتا–ئانىلىرى قايتا پەرزەنتلىك بولمىغان ياكى پەرزەنت بېقىۋالمىغان بولسا، يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى زۆرۈر ياردەم بېرىشى لازىم. 

28–ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزىلاردا پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويغان ئائىلىلەرنىڭ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشىغا مەبلەغ، تېخنىكا، تەربىيىلەش قاتارلىق جەھەتلەردە مەدەت بېرىدۇ، ئېتىبار بېرىدۇ، پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويغان نامرات ئائىلىلەرگە نامراتلارنى يۆلەش قەرز پۇلى تارقىتىش، ئىش تېپىپ بېرىپ قۇتقۇزۇش، نامراتلارنى يۆلەش قەرز پۇلى تارقىتىش، ئىش تېپىپ بېرىپ قۇتقۇزۇش، نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرى ۋە ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش جەھەتلەردە ئالدىن ئېتىبار بېرىدۇ. 

29–ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ۋە چوڭراق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى ياكى خەلق ھۆكۈمىتى مۇشۇ قانۇن ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، مۇشۇ بابتا بەلگىلەنگەن مۇكاپاتلاش تەدبىرلىرىنى كونكرېت يولغا قويۇش چارىسىنى تۈزۈپ چىقسا بولىدۇ.

30–ماددا دۆلەت تويدىن ئىلگىرىكى سالامەتلىكىنى ئاسراش، ھامىلىدارلىق، تۇغۇت مەزگىلىدىكى سالامەتلىكنى ئاسراش تۈزۈملىرىنى ئورنىتىپ، كەمتۈك تۇغۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ياكى ئۇنى ئازايتىپ، بوۋاقلارنىڭ ساغلاملىقىنى ئاشۇرىدۇ.

31–ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، پۇقرالارنىڭ پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى، پۇقرالارنىڭ كۆپىيىش سىستېمىسى ساغلاملىقنى ئاشۇرۇشى لازىم. 

32–ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى سەھىيە بايلىقىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىپ، پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىملىقى ئاپپاراتلىرى ۋە پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىملىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان داۋالاش، سالامەتلىكنى ئاسراش ئاپپاراتلىرىدىن تەركىب تاپقان پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىملىقى تورىنى قۇرۇشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، تېخنىكا مۇلازىملىقى ئەسلىھەلىرى ۋە شارائىتىنى ياخشىلىشى، تېخنىكا مۇلازىملىقى سەۋىيىسىنى ئۆسۈرۈشى لازىم.

33–ماددا پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىملىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان داۋالاش، سالامەتلىكنى ئاسراش ئاپپاراتلىرى ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە، تۇغۇت يېشىدىكىلەر ئارىسىدا نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت ئاساسىي بىلىملىرى ھەققىدە تەشۋىقات-تەربىيە ئېلىپ بېرىشى، توي قىلغان تۇغۇت يېشىدىكىلەر ئارىسىدا نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت ئاساسىي بىلىملىرى ھەققىدە تەشۋىقات–تەربىيە ئېلىپ بېرىشى، توي قىلغان تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللار ئارىسدا ھامىلىدارلىق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشى، سەييارە مۇلازىملىق خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى، پىلانلىق تۇغۇت ۋە كۆپىيىش سيستېمىسى ساغلاملىقى جەھەتتە تۇغۇت ۋە كۆپىيىش سىستېمىسى ساغلاملىقى جەھەتتە مەسلىھەت بېرىشى، يېتەكچىلىك ۋە تېخنىكا مۇلازىملىقى قىلىشى لازىم. 

34–ماددا پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىمەتچىلىرى پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويغان پۇقرالارنىڭ ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىشنىڭ بىخەتەر، ئۈنۈملۈك، مۇۋاپىق تەدبىرلىرىنى تاللىۋېلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى لازىم.

پەرزەنىتلىك بولغان ئەر–خوتۇنلار ئارىسىدا ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك تەدبىرلىرىنى تاللاش تەشەببۇس قىلىنىدۇ. 

دۆلەت پىلانلىق تۇغۇت يېڭى تېخنىكىسى، يېڭى دورا–سايمانلىرىنى تەتقىق قىلىش، ئىشلىتىش ۋە كېڭەيتىشكە ئىلھام بېرىدۇ. 

35–ماددا تېببىي زۆرۈرىيىتى بولسىمۇ، ئۇلتىرا ئاۋاز تېخنىكىسى ۋە باشقا تېخنىكىلىق ۋاستە ئارقىلىق ھامىلىنىڭ جىنسىنى ئېنىقلاش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ؛ تېببىي زۆرۈرىيىتى بولسىمۇ، ھامىلىنى جىنىس تاللاش مەقسىتىدە سۈنئىي ئۇسۇلدا چۈشۈرۈۋېتىش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ. 

6–باب قانۇن جاۋابكارلىقى 

36–ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى قىلغانلارنى پىلانلىق تۇغۇت مەمۇرىي تارمىقى ياكى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى خىزمەت ھوقۇقى بويىچە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى ئون مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولسا، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئالتە ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بولمىسا ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى ئون مىڭ يۈەنگە يەتسە، ئون مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ كەسىپ گۇۋاھنامىسىنى گۇۋاھنامە بەرگەن ئورگان بىكار قىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ 

(1) باشقىلار ئۈچۈن قانۇنسىز ھالدا پىلانلىق تۇغۇت ئوپېراتسىيىسى قىلىش؛ 

(2) تېببىي زۆرۈرىيىتى بولمىسىمۇ، ئۇلترا ئاۋاز تېخنىكىسى ۋە باشقا تېخنىكىلىق ۋاستە ئارقىلىق باشقىلار ئۈچۈن ھامىلىنىڭ جىنسىنى تاللاش مەقسىتىدە سۈنئىي ئۇسۇلدا چۈشۈرۈۋېتىش؛

(3) يالغان تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيىسى قىلىش، يالغان تېببىي بېكىتىش، يالغان پىلانلىق تۇغۇت ئىسپاتى چىقىرىپ بېرش.

37–ماددا پىلانلىق تۇغۇت ئىسپاتىنى ياسىۋالغان، ئۆزگەتىۋالغان، ئېلىپ ساتقانلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى پىلانلىق تۇغۇت مەمۇرىي تارمىقى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 5000 يۈەندىن يۇقىرى بولغانلارغا قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئون ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بولمىغانلارغا ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 5000 يۈەنگە يەتمىگەنلەرگە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۇرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 

ناتوغرا ۋاستە ئارقىلىق پىلانلىق تۇغۇت ئىسپاتى ئېلىۋالغانلارنىڭ پىلانلىق تۇغۇت ئىسپاتىنى پىلانلىق تۇغۇت مەمۇرىي تارمىقى بىكار قىلىدۇ؛ ئىسپات چىقارغان ئورۇننىڭ خاتالىقى بولسا، بىۋاستە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ. 

38–ماددا پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىمەتچىلىرىدىن قائىدىگە خىلاپ مەشغۇلات قىلىپ ياكى قۇتقۇزۇش، دىئاگنوز قويۇشنى كېچىكتۈرۈپ، ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغانلىرى مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە مۇناسىپ قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

39–ماددا دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىدە تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ قانۇنغاخىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ. 

(1) پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ھوقۇق، مال–مۈلۈك ھوقۇقى ۋە باشقا قانۇنىي ھوقۇق–مەنپەئىتىگە دەخلى–تەرۇز يەتكۈزۈش؛ 

(2) خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە–كەلمەس پايدىلىنىش، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىش؛ 

(3) پارا تەلەپ قىلىش، پارا ئېلىش؛

(4) پىلانلىق تۇغۇت خىراجىتىنى ياكى ئىجتىمائىي تەربىيلەش ھەققىنى قىسىپ قېلىش، تۇتۇپ قېلىش، باشقا ئىشقا ئىشلىتىۋېلىش، خىيانەت قىلىش؛

(5) نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت ستاتىستىكا مەلۇماتىنى يالغان مەلۇم قىلىش، يوشۇرۇش، ياسىۋېلىش، ئۆزگەرتىۋېتىش ياكى مەلۇم قىلماسلىق. 

40–ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، پىلانلىق تۇغۇتنى باشقۇرۇشقا ھەمكارلىشىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلارنى ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىدۇ؛ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ. 

41–ماددا بۇ قانۇننىڭ 81–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كەلمىسىمۇ پەرزەنتلىك بولغان پۇقرالار قانۇن بويىچە ئىجتىمائىي تەربىيلەش ھەققى تاپشۇرۇشى لازىم. 

تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئىجتىمائىي تەربىيلەش ھەققى بەلگىلەنگەن مۇددەتتە تولۇق تاپشۇرۇلمىسا، كېچىكتۈرۈلگەن كۈنىدىن باشلاپ دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە كېچىكتۈرگەنلىك پۇلى ئېلىنىدۇ؛ يەنىلا تاپشۇرۇلمىسا، ھەق ئېلىش قارارىنى چىقارغان پىلانلىق تۇغۇت مەمۇرىي تارمىقى قانۇن بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلىدۇ. 

42–ماددا بۇ قانۇننىڭ 41–ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىجتىمائىي تەربىيلەش ھەققى تاپشۇرىدىغانلار دۆلەت خادىمى بولسا، ئۇلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارىمۇ كۆرۈش لازىم؛ باشقا خادىملارغا خىزمەت ئورنى ياكى تەشكىلات ئىنتىزام چارىسىمۇ كۆرۈشى لازىم. 

43–ماددا پىلانلىق تۇغۇت مەمۇرىي تارمىقى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغان، ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلغانلارغا پىلانلىق تۇغۇت مەمۇرىي تارمىقى تەنقىد–تەربىيە بېرىدۇ ھەمدە ئۇنى توسىدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

44–ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار مەمۇرىي ئورگان پىلانلىق تۇغۇتنى باشقۇرۇش جەريانىدا قانۇنىي ھوقۇق–مەنپەئىتىگە دەخلى–تەرۇز تەرۇز يەتكۈزدى، دەپ قارىسا، قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. 

7–باب قوشۇمچە پرىنسىپ 

45–ماددا ئاقما نوپۇسنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى كونكرېت باشقۇرۇش چارىسى، پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىملىقىنى كونكرېت باشقۇرۇش چارىسى ۋە ئىجتىمائىي تەربىيلەش ھەققى ئېلىش باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن تۈزىدۇ. 

46–ماددا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ بۇ قانۇننى كونكرېت ئىجرا قىلىش چارىسىنى مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بۇ قانۇنغا ئاساسەن تۈزىدۇ. 

47–ماددا بۇ قانۇن 2002–يىلى 9–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#