مەستانى

«مەستانى» سانجاي لېلا بخانسالى (Sanjay Leela Bhansali) رېژىسسورلىق قىلغان بوللىۋود فىلىمى، فىلىمدە رانۋېر سىڭ، دېپىكا پادۇكون ۋە پرىيانكا چوپرارول ئالغان. بۇ فىلىم تارىخىي تۈسكە ئىگە، ئۇرۇش، مۇھەببەت بىر گەۋدىلەشكەن داستان. ئۇ 2016-يىللىق ھىندىستان ئوسكار مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر فىلىم، ئەڭ مۇنەۋۋەر رېژىسسور، ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر باش پېرسۇناژ، ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال باش پېرسۇناژ ... قاتارلىق توققۇز تۈرلۈك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

ئۇيغۇرچە نامى مەستانى
باش رولچى رانۋىر سىڭ ، دېپىكا پادۇكون ، پرىيانكا چوپرا
ئۇزۇنلىقى 158مىنۇت
قويۇلغان ۋاقتى 2015-12-18
imdbكودى tt3735246
خەنزۇچە ئاتىلىشى 帝国双璧
تۈرى مۇھەببەت
ئىشلەنگەن ۋاقتى 2015-يىلى
ئىشلىگەن شىركەت Bhansali Production
ئىشلەنگەن ئورۇن ھىندىستان

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ فىلىمدە قەدىمكى ھىندىستاندىكى مارات ھالدا ئىمپېرىيىسىنىڭ شاقۇر مەزگىلىدە ئۆتكەن باجىراۋ (رانۋىر سىڭ رولدا) بىلەن ئۇنىڭ توقىلى مەستانى (دېپىكا پادۇكون رولدا) ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى سۆزلەنگەن. باجىراۋ جەڭ مەيدانىدا نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك، ھەمدە ھەر قانداق جەڭدە غالىپ كېلىدۇ. مەستانى ئۇنىڭ توقىلى بولۇپ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۇ ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر، ئات مىنىشنى بىلىدىغان، قىلىچ ئىشلىتەلەيدىغان ئۆزگىچە قىز ئىكەن. مەستانىنىڭ گۈزەللىكى ھەم قابىلىيىتى باجىراۋنى ئۆزىگە رام قىلىۋېلىپ، ھەتتا ئايالى كاشىباي (پرىيانكا چوپرا رولدا) نىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىپ قويدى. بۇ ھېكايە ھىندىستاندىكى ماخاراشترادىكى ئەڭ قىزىق مۇھەببەت ھېكايىسى ھېسابلىناتتى. 

باجىراۋ 20 ياش چېغىدىلا پېشۋانى قولىغا ئالدى، كېيىنكى 20 يىلدا قىرىق بىر مەيدان جەڭگە ئاتلىنىپ، ھەر قېتىمدا زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلدى، ئۇ ئەزەلدىن مەغلۇپ بولۇپ باقمىدى.  لېكىن كىشىنى تېخىمۇ قىززىقتۇرىدىغىنى يەنىلا ئۇ ۋە مەستانى ئارىسىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى ئىدى. گەرچە باجىراۋ ۋە مەستانى توغرىسىدىكى ھېكايىلەر  ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ ، بۇ ھېكايىدىكى ئەڭ چوڭ ئورتاقلىق دەل ئۇلارنىڭ بىر-بىرىنى تولىمۇ چوڭقۇر سۆيىدىغانلىقىدۇ، ئۇلار ئۆزىدىنمۇ بەكرەك قارشى تەرەپنى ياخشى كۆرىدۇ . لېكىن ئۇلارنىڭ مۇھەببەت داستانى يەنىلا تىراگېدىيە بىلەن ئاياغلىشىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى زادى نېمە ؟

رانۋىر سىڭ----------- باجراۋ

دېپىكا پادۇكون ---------مەستانى 

پرىيانكا چوپرا----------كاشىباي

 Tanvi Azmi---------- Radhabai

Ayush Tandon---------نانا

باجىراۋ

رانۋىر سىڭ رولدا

20ياش چېغىدىلا پېشۋانى قولىغا ئالغان، كېيىنكى 20 يىلدا قىرىق بىر مەيدان جەڭگە ئاتلىنىپ ، ھەر قېتىمدا زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلگەن ، ئۇ ئەزەلدىن مەغلۇپ بولۇپ باقمىدىغان . مەستانىنى جېنىدىن ئەزىز بىلىدۇ .

 مەستانى 

دېپىكا پادۇكون رولدا

 ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۇ ناخشا - ئۇسسۇلغا ماھىر , ئات مىنىشنى بىلىدىغان ، قىلىچ ئىشلىتەلەيدىغان ئۆزگىچە قىز ئىكەن .ئۇ گەرچە پەقەت باجىراۋنىڭ توقىلى بولسىمۇ لېكىن باجىراۋنىڭ ئەڭ چوڭقۇر مۇھەببىتىگە ئېرىشكەن .

كاشىباي

پرىيانكا چوپرا رولدا

باجىراۋنىڭ ئايالى . ئۇ باجىراۋنى تولىمۇ سۆيىدۇ ، لېكىن باجىراۋنىڭ قەلبىنى مەستانى ئىگىلىۋالىدۇ . باجىراۋنىڭ قەلبىدە ھامان كاشىباينىڭ ئورنى بار لېكىن ئۇ  مەڭگۈ بىردىنبىر سۆيگىنى ھېساب بولمايدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#