توۋۇرچى يېزىسى

تۇۋۇرچى يېزىسى

تۇۋۇرچى يېزىسى كورلا شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 20 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، يەر بايلىقى مول، تۇپراق شارائىتىغا ماس كېلىدىغان كېۋەز، نەشپۈت قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەت تېرىقچىلىقى ۋە كورلا شەھىرىنىڭ چوڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى.

ئۇيغۇرچە نامى تۇۋۇرچى يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 186.6 كۋادرات كىلومېتىر
تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 28 مىڭ مو
خەنزۇچە ئاتىلىشى 托布力其乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى
تەۋە رايون كورلا شەھىرى
نوپۇسى 5310 ئادەم
پىنيىنچە يېزىلىشى tuō bù lì qí xiāng

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تۇۋۇرچى يېزىسى كورلا شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 20 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، يەر بايلىقى مول، تۇپراق شارائىتىغا ماس كېلىدىغان كېۋەز، نەشپۈت قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەت تېرىقچىلىقى ۋە كورلا شەھىرىنىڭ چوڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى.

پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 186.6 كۋادرات كىلومېتىر، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 28 مىڭ مو، كېۋەز تېرىشنى، نەشپۈت، بۇغداي، قوناق ۋە كالا - قوي بورداش، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىنى ئاساس قىلغان دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق چوڭ يېزىسى.

2003- يىلى يېزا بويىچە كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى 18 مىڭ موغا، نەشپۈت 17 مىڭ موغا يەتكەن، بەش مەمۇرىي كەنت، 16 كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى، 1495 ئائىلە، نوپۇسى 5310 ئادەم، يېزا-ئىگىلىك ئەمگەك كۈچلىرى 2083 ئادەم.

2003-يىلى يېزا بويىچە مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 3524.78 مىڭ يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 3573.2 يۈەن بولغان.

توۋۇرچى يېزىسىدىكى ھەر نۆۋەتلىك يېزىلىق پارتكوم، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىسى مۇستەھكەم ئىتتىپاقلىشىپ، پۈتۈن يېزىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىلىق، بۇنىڭ بىلەن دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلانغان، پۈتۈن يېزا قىياپىتىدە زور ياخشىلىنىش بولغان.

2003 - يىلى يېزا بويىچە مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 3524.78 مىڭ يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرچە كىرىمى 3573.2 يۈەن بولغان، پۈتۈن يېزىدا يېزا ئىقتىسادى تېز تەرەققىي قىلغان، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىشى، تۈرلۈك ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقانلىقىدەك گۈللىنىش مەنزىرىسى بارلىققا كەلگەن. تۇۋۇرچى يېزىسى سودىگەر چاقىرىش ئارقىلىق مەبلەغ جەلپ قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، 10 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان كورلا شەھەرلىك تۇۋۇرچى يېزىسى پاختا پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىنى قۇرغان، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن ئىقتىسادىي تەرەققىيات چوڭ يېزىسى بولغان.

تۇۋۇرچى يېزىسى 1999- يىلى ئاپتونوم ئوبلاستى تەرىپىدىن تۇنجى تۈركۈمدە « ئالتە ياخشى يېزىلىق پارتكوم » دەپ نام بىرىلگەن، ھەمدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا تەرەققىيات يېزىسى، ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئىلغار پارتىيە تەشكىلاتى، ئاپتونوم ئوبلاستىدا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغار كوللېكتىپى، ئاپتونوم ئوبلاستلىق ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپى، ئاپتونوم ئوبلاست مەركەزلەشتۈرۈپ تۈزەش ئىلغار كوللېكتىپى، ئاپتونوم ئوبلاستلىق مەدەنىي يېزا - بازار قاتارلىق 30 نەچچە شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن.

توۋۇرچى يېزىسىدا،توۋۇرچى كەنتى، ئۈستۈنكى ياقاتوغراق كەنتى، تۆۋەنكى ياقاتوغراق كەنتى، يېڭىمەھەللە كەنتى، ئېلى گىرام توپا كارىز كەنتى قاتارلىقلار بار.

5 - قېتىملىق نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتىكى سانلىق مەلۇمات.

ئومۇمى نوپۇسى 5361 ئادەم

ئەرلەر 2788 ئادەم

ئاياللار 2573 ئادەم

ئائىلە سانى 1369

ئائىلە نوپۇسى ئومۇمىي نوپۇسى 5313 ئادەم

0 ياشتىن 14 ياشقىچە 1485 ئادەم

0 ياشتىن  14 ياشقىچە ئەر 760 ئادەم

0 ياشتىن  14 ياشقىچە ئايال 725 ئادەم

15 ياشتىن 64 ياشقىچە  ئومۇمى نوپۇس 3569

15 ياشتىن 64 ياشقىچە ئەرلەر  1848 ئادەم

15 ياشتىن 64 ياشقىچە ئاياللار  1721 ئادەم

65 ياشتىن يۇقىرى ئومۇمىي نۇپۇسى 307 ئادەم

65 ياشتىن يۇقىرى ئەرلەر 180 ئادەم

65 ياشتىن يۇقىرى ئاياللار 127 ئادەم 

يەرلىك نوپۇسى 4886 ئادەم

نەشپۈت شەھىرى توۋۇرچى يېزىسى قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلگەن.

1. ئىناۋەت قۇرۇلۇشى »نى يولغا قويغان، 2006 - يىلى بۇ يېزا 10 مىليون يۈەن قەرز ئېلىشى، 15 مىليون يۈەن يەتكەن، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەبلىغى قىس بولۇش قىيىن مەسىلىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلغان.

2. « پەن - تېخنىكا قۇرۇلۇشى »نى يولغا قويغان، ئەمەلىي تېخنىكا بويىچە تەربىيىلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، شەھەر، يېزا ئىككىنچى  دەرىجىلىك جەمئىي 40 نەپەر يېزا ئىگىلىك مۇتەخەسسىسلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، باقمىچىلىق، باغۋەنلىك، يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى بويىچە تەربىيىلەش ئېلىپ بارغان، كېۋەز، نەشپۈت، كېسەل ھاشارەتلەرنىڭ ئالدىنى ئالغان، 21 مەيدان ئىلمىي باشقۇرۇش نەق مەيدان يىغىنى ئاچقان، قاتناشقان ئادەم سانى جەمئىي 13631 ئادەم ( قېتىم ) بولغان.

3. سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش »نى يولغا قويغان، 50 نەچچە كۆز ماشىنىلاشقان قۇدۇق قېزىلغان، « u » شەكىلگە كەلتۈرۈلگەن تاختا 12 كىلومېتىر سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ ياسالغان، بۇ سۇ بايلىقىنى تېجەيدىغان، ئېتىز - ئېرىق سۇغىرىش سۈرئىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن، ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى تۆۋەنلەتكەن.

4. « يول قۇرۇلۇشى »نى يولغا قويغان، سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ قۇرۇلۇشىغا، كادىرلار، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، مەھەللە يولى ئۈچۈن ئاساس سالدى. 5 ﹒~ 6 كىلومېتىر، 7 كىلومېتىر يەرگە ئوتتۇرا ئايلانما يولى پۈتۈنلەي قاتناش باشلانغان.

توۋۇرچى يېزىسىغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر5. بازا قۇرۇلۇشى »نى يولغا قويغان، 12 قېتىم ئوتتۇرا تىپتىكى مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن، ھەمدە شەھەرلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە ئىدارىسى ئىككى كەنتى 2-چىقىم ۋاسكىتبول جازىسى،  تىكتـاك توپ تاختىسى ۋە ۋاسكېتبول مەيدانى ياساپ بەرگەن، مەدەنىيەت بازىسى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرگەن، دېھقان -چارۋىچىلارنىڭ ئىشتىن سىرتقى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى زور دەرىجىدە بېيىتقان.

6. يۈكىنى يېنىكلىتىش قۇرۇلۇشى» نى يولغا قويغان، 2006-يىلى ئىككى كەنت كەنت ياچېيكا شۇجىسى ۋە كەنت باشلىقلىرى كەنت ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ھالقىسى ئازايتىپ، ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئۈنۈملۈك يۇقىرى كۆتۈردى.

7. «قۇرۇلۇش ھۆددىگە ئېلىش» نى يولغا قويغان، كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە زورايتىش قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، 2006-يىلى 8000 مو يەرنى رەتلەش تۈرىگە ۋە 30 مىڭ مو شورلىشىش تېرىلغۇ يەر تۈزەش تۈرى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئېشىنچە يەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا ھەرقايسى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ تاشقى ھۆددىگەرلىك تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن، پۇل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلغان.

8. مەبلەغ جەلپ قىلىش قۇرۇلۇشى » نى يولغا قويغان، ئامال قىلىپ يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات مۇھىتىنى، چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش، مەبلەغ سېلىپ كارخانا قۇرغان، 2006-يىلى، 10 مىڭ توننا بولغان سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتى تۈرى ، يەنە بىر سۆھبەت جەريانىدا مېۋە - چېۋە يېڭى پېتى ساقلاش تەڭشەلمە ھاۋالىق ئامبار قاتارلىق تۈرلەردە ئىش باشلىغان، بۇ تۈر يولغا قويۇلغاندىن كېيىن دېھقان-چارۋىچىلار ئاممىسىغا زور قولايلىق ياراتقان، يېزا ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرگەن.

9. «چىراي قۇرۇلۇشى» نى يولغا قويغان، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىغا ماسلاشتۇرۇلۇپ، يېزا–كەنتلەرنىڭ قىياپىتىنى ياخشىلاپ، كەنت ئاھالىسىنى سەپەرۋەر قىلغان، ئائىلە، ھويلا ۋە كەنت ئىچىدىكى ئاممىۋى سورۇنلاردا ئەتراپلىق، ئۈزۈل-كېسىل تازىلاش ئېلىپ بېرىپ، بۇلتۇر « ئاپتونوم ئوبلاستلىق سەھىيە ئۈلگە كۆرسىتىش يېزىسى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن، بۇ يىل پائال ئالغا ئىلگىرلەش ئاساسىدا، ش ئۇ ئا ر سەھىيە ئۈلگە كۆرسىتىش يېزىسى، بولغان، كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن بىر ياخشى خىزمەت ۋە تۇرمۇش مۇھىتى ياراتقان.

10. «دېموكراتىيە قۇرۇلۇشى» نى يولغا قويغان، دېموكراتىيە يوللىرىنى كېڭەيتىپ، گەۋدىلەندۈرۈپ، يېزا كەنت ئاھالىسىنىڭ دېموكراتىك باشقۇرۇش، بۇ يېزىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەنت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش، ھەقىقىي ئۆزگەرتىپ، كەنت، گۇرۇپپا كادىرلىرىنىڭ خىزمەت ئىستىلى، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاپ، «دېموكراتىيە كۈنى» پائالىيىتىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرغان.

11. پاكلىق قۇرۇلۇشىنى يولغا قويغان، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى ئامما ئارىسىدا ئىناۋىتى ۋە خىزمەت نەتىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، چىڭ تۇرۇپ، كەنت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش، كەنت ئاھالىلىرى كېڭىشىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەنت ئىشلىر، مالىيەسىنى ئاشكارىلاش نازارەتچىلىك مېخانىزمىنى، نۆل تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەنت دەرىجىلىك كۈتۈۋېلىش خىراجىتى، يەنە كادىرلارنى پاك ھەقىقىيلەقىنى ئىشقا ئاشۇرغان.

12.  «ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشى» نى يولغا قويغان، نامراتلىق پەرقىنى كىچىكلىتىش ئۈچۈن، ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرغان، كۆرۈنەرلىك نەتىجە ھاسىل قىلغان. بۇ يېزىنىڭ نامرات ئائىلىلەرنىڭ سانى ھازىر 2000– يىلىدىكى 44 تىن، 20 گە ئازايغان، نامرات نوپۇس شۇنداقلا 2000 - يىلىدىكى 164 كىشىدىن ھازىر 70 ئادەم ئازايغان.

13. « تەقدىم قىلىش قۇرۇلۇشى » نى يولغا قويغان، كەڭ دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، بۇ يېزا U شەكىللىك سېمونت تاختا بىلەن ھەقسىز تەمىنلەنگەن، پۈتۈن يېزىدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ، كادىرلار « 1 - ماي » بايراملىق دەم ئېلىش ئارام ئېلىش ۋاقتىدا سەپەرۋەر قىلىپ ، ئامما بىلەن بىرلىكتە يېڭىدىن 12 كىلومېتىر سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ، ئېتىز - ئېرىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويغان.

2007 - يىلى، بۇ يېزىنىڭ  خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى يەنىمۇ ئاشۇرۇلۇپ، پۈتۈن يېزىدىكى 12 ئەمەلىي ئىشتا كەڭ دېھقان - چارۋىچىلارغا ۋەدە بەرگەن. 

1). يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپى، دېھقان چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، پۇل قەرز بېرىش مەسىلىسى.

2). ئېتىز - ئېرىق سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش.

3). يېزا - كەنت يولى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش.

4). مەبلەغ سېلىش تۈرى قۇرۇلۇشى.

5). كەنت - بازار يىرىك پىلانىنى چىڭ تۇتۇپ ۋە بەشتە ياخشى ئاھالىلەر ئولتۇراق نۇقتىسى قۇرۇش كېرەك.

6). يېڭى تېخنىكىلارنى ئومۇملاشتۇرۇش ، ئاشۇرۇپ ماھارەت بويىچە تەربىيىلەش سالمىقىنى زورايتىش.

7). مەكتەپ ئۆگىنىش مۇھىتىنى ۋە مائارىپ شارائىتى ياخشىلاش.

8). داۋالاش - ساقلىق ساقلاش شارائىتىنى ياخشىلاش.

9). قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش.

10). مۇقىملىق خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇش.

11). ئۇچۇر يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش.

12). ئورگاندىكى بارلىق كادىرلارغا ، يېزا بويىچە « ئۈچ پېشقەدەم » لەر، مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى، ئىلغار خىزمەتچىلەرگە بىر قېتىم  ھەقسىز بەدەن تەكشۈرتۈش ئېلىپ بېرىش قاتارلىقلار.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#