شەمشاد
شەمشاد دەرىخى شەمشاد ئائىلىسىگە كىرىدىغان، دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان دەرەخ. ئېگىزلىكى 30 نەچچە مېتىر، كۆكرەك ئېگىزلىكىدىكى غولىنىڭ دىئامېتىرى 3 مېتىر، دەرەخ غولى تۈپتۈز، دەرەخ شەكلى رەتلىك، يوپۇرمىقى يىپسىمان، ياپىلاق، دۈمبە تەرىپىدە ئاق رەڭلىك پاراللېل كەتكەن ئىككى تال ھاۋا تۆشۈكى بەلۋېغى بولىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
شەمشادنىڭ ئۆرۈش سىزىقلىرى رەتلىك ھەم تۈز، تۈزۈلۈشى پۇختا، ماتېرىيال سۈپىتى يۇمشاق، چىرىشكە چىداملىق، قۇرت يېمەيدۇ، قۇرۇلۇش، كۆۋرۈك، ئىستولبا، كېمىسازلىق، ئۆي جاھازلىرى ياساش، ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ ئىشلىتىلىدۇ. ستاتىستىكا قىلىنىشىچە، مەملىكىتىمىز ياغاچ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنىڭ تۆتتىن بىرى شەمشاد ياغىچى ئىكەن. شەمشادنىڭ ئۆسۈشى تېز بولۇپ، ئومۇمەن 10 −20 يىلدا ماتېرىيال بولالايدۇ.
شەمشادنىڭ سورتلىرى بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، تەخمىنەن تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىلغا بۆلۈنىدۇ:
شەمشاد دەرىخى شەمشاد ئائىلىسىگە كىرىدىغان، دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان دەرەخ. ئېگىزلىكى 30 نەچچە مېتىر، كۆكرەك ئېگىزلىكىدىكى غولىنىڭ دىئامېتىرى 3 مېتىر، دەرەخ غولى تۈپتۈز، دەرەخ شەكلى رەتلىك، يوپۇرمىقى يىپسىمان، ياپىلاق، دۈمبە تەرىپىدە ئاق رەڭلىك پاراللېل كەتكەن ئىككى تال ھاۋا تۆشۈكى بەلۋېغى بولىدۇ. ئانىلىق-ئاتىلىقى بىر تۈپتە، ئەتىياز ۋە ياز پەسىللىرىدە چېچەكلەيدۇ، ئاتىلىق شارچە گۈلى سىلىندىرسىمان، ئانىلىق شارچە گۈلى يۇمىلاق، شارچە مېۋىسى تىك سىلىندىر شەكىللىك، ئۇرۇق تەڭگىچىسى يۇمىلاق، ئۇرۇقىنىڭ ئىككى يېنىدا قانىتى بار.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.