ئۇيغۇرلاردا قۇراقچىلىق مەدەنىيىتى

ئۇيغۇرلاردا قۇراقچىلىق مەدەنىيىتى

 قۇراقچىلىق ئۆز نۆۋىتىدە خەلقىمىز ياراتقان تىكىمچىلىك مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى بولۇپ، خەلقىمىزنىڭ تىرىشچانلىق ۋە ئىقتىسادچانلىق روھىنىڭ نامايەندىسىدۇر.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 

خەلقىمىزدە رەخت، تېرە قاتارلىقلاردىن كىيىم–كېچەك پىچقاندا ئېشىپ قالغان ئۇششاق پارچىسى پۇرۇچ، بۇ خىل پۇرۇچلارنى تەييارلىماقچى بولغان لازىمەتلىكنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئېھتىياجى بويىچە كېسىپ ئۇلاپ تىكىپ شەكىلگە كەلتۈرگۈچى قۇراقچى، پۇرۇچلارنى تەييارلىماقچى بولغان لازىمەتلىكنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئېھتىياجى بويىچە كېسىپ ئۇلاپ تىكىپ شەكىلگە كەلتۈرۈش ئىشى قۇراقچىلىق دەپ ئاتىلىدۇ.

 خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى قۇراقچىلىق ئادەتلىرىدە قۇراق قۇراشنىڭ شەكلى كۆپ بولۇپ، كۆپرەك ئۇچرايدىغانلىرى بايراق شەكىللىك قۇراق، چاقماق شەكىللىك قۇراق، كۈچۈك چىشى شەكىللىك قۇراق، غىچ شەكىللىك قۇراق، چەمبەر شەكىللىك قۇراق قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

 خەلقىمىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان قۇراق شەكىللىرىدىن پايدىلىنىپ، تەكىيە، كۆرپە، چاپان، خالتا، تەللە، زەدىۋال، چايپەش، جەندە ۋە يەنجە قاتارلىق تۇرمۇشىمىزدا ئىشلىتىلىدىغان لازىمەتلىكلەرنى پارچە – پۇرات رەخت پۇرۇچلىرىدىن ئېرىنمەي قۇراپ تىكىپ ئىشلەتكەن.

 قۇراق تەكىيە ئىچىگە توزغاق، سامان، قۇش پېيى ۋە رەخت پۇرۇچلىرى قاتارلىق يۇمشاق نەرسىلەر سېلىنىپ تەييارلىنىدىغان تولۇق شەكلىدىكى ياستۇق. ئۇنىڭ كۆركەملىكىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلىدىغان رەخت پۇرۇچلىرى ئوچۇق رەڭلىك رەختلەردىن تاللىنىپ، ئۈچ بۇلۇڭ، تۆت چاسا، چەمبەر، كۈچۈك چىشى قاتارلىق قۇراق تۈرلىرىدىن پايدىلىنىپ، لوڭقا شەكلىدە نەقىش ۋە گۈللەر چىقىرىلىدۇ.

 قۇراق كۆرپە ئادەتتە تېگى ياخشى، توقۇلۇشى زىچ رەخت پۇرۇچلىرىدىن تۆت چاسا، ئۈچ بۇلۇڭ، كۈچۈك چىشى، كىۋادرات، چەمبەر شەكىللىرىدە نەقىشلەر چىقىرىلىپ تىكىلىدۇ.

قۇراق چاپان چاپاننىڭ يەڭ، ياقا، دولا، پەش، يان چاك، ئىزمە، يانچۇقلىرىغا ھەر خىل پۇرۇچتىن قۇراق چىقىرىلىدۇ. قۇراق چاپان كۆپرەك ھاللاردا قۇرامىغا يەتمىگەن قىز – ئوغۇللار ئۈچۈن كۆپرەك تىكىلىدۇ.

 قۇراق خالتا تېگى چىڭ، توقۇلۇشى زىچ بولغان بوز رەخت پۇرۇچلىرىدىن تۆت چاسا ھالەتتە قۇرۇلۇپ تەييارلىنىدۇ.

 تەللە يېزا – قىشلاقلاردىكى ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار ئوقۇش قوراللىرىنى، چوڭلار سەپەرگە ياكى سىرتلارغا چىققاندا نان – توقاچ قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى سېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، ئىچىگە توقۇلۇشى پۇختا يېڭى رەختلەردىن ئەستەر ئېلىنىپ، سىرتى ھەر خىل رەڭدىكى رەخت پۇرۇچلىرىدىن تۆت چاسا، كۈچۈك چىشى، چەمبەر، ئۈچ بۇلۇڭ شەكىللىرىدە قۇرۇلۇپ، گۈل ۋە لوڭقا شەكىللىرىگە كەلتۈرۈلۈپ تەييارلىنىدىغان ئۇنىۋېرسال ئىشلىتىش رولىغا ئىگە تۇرمۇش بۇيۇمىدىن ئىبارەت.

 زەدىۋال ھەر خىل ئوچۇق رەڭلىك رەخت پۇرۇچلىرىدىن كۆركەم نەقىشلەرنى تاللاپ قۇراپ تىكىلىدىغان، كەڭلىكى 1 مېتىر 20 سانتىمېتىر، ئۇزۇنلۇقى ئېھتىياج بويىچە بولىدىغان قۇراق بۇيۇملىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

 چايپەش چايپەش مەخسۇس چاي ساقلاش رولىنى ئۆتەيدىغان تۆشۈك جابدۇقى بولۇپ، ئادەتتە ھەر خىل ئوچۇق رەڭلىك رەختنىڭ پۇرۇچلىرىدىن قۇرۇلۇپ تەييارلانغان قۇراقتىن ئۈچ تەرىپى ئېتىك، بىر تەرىپى ئوچۇق ھالەتتە تىكىلىپ، ئوچۇق تەرىپى خالتا ئېغىزى قىلىنىدۇ، بۇ بوشلۇقتىن پۇختا شوينا يىپ ئۆتكۈزۈلۈپ ھالقا ھالىتىدە چىگىلىپ تەييارلىنىدۇ. چايپەش ئادەتتە پاكىز ئاشلانغان تېرىدىنمۇ تەييارلىنىدۇ.

 جەندە دىۋانە، دەرۋىشلەرنىڭ پارچە رەختلەردىن تىكىلگەن ياكى ياماق سېلىنغان تونىنى كۆرسىتىدۇ.

 يەنجە دىۋانىلەر تىلەپ ئالغان نەرسىلىرىنى سالىدىغان قۇراق خالتىنى كۆرسىتىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#